Parwana يوللانغان ۋاقتى 2012-5-31 18:23:41

گىرمان تىلى ھەققىدە ياردەم

ئەسسالامۇئەلەيكۇم،  ئەزىزلەر.


مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى، گىرمان تىلى ئۆگىنىشكە ئېھتىياج تۇغۇلۇپ قالدى. مەن ئۈرۈمچىدە قەيەردە گىرمان تىلى ئۆتىلىدىغان كۇرس بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن، شۇڭا كۆپچىلىكتىن ياردەم سوراپ بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.   ئاراڭلاردا ئۈرۈمچى شەھرىدە گىرمان تىلى ئۆتىلىدىغان كۇرسلارنى بىلىدىغانلار بولسا، ئادىرىسى،  ئالاقىلىشىش تېلىڧونى ۋە ياكى باشقا ئۇچۇرلانى تەمىنلىگەن بولساڭلار سىلەردىن كۆپ مىنەتدا بولاتتىم.



ھۆرمەت بىلەن: پەرۋانە


باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ تېمىنى مەن مەلۇم بىر ئۇچۇرغا ئېرىشىۋالغىچە بولسىمۇ تەستقلاپ قويشىنى سورايمەن. رەخمەت!


uyghur0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-31 21:54:11

ئەسلام مۇ ئەلەيكۇم سىزمۇ گىرمان تىلى ئۇگەنمەكچى بۇلوپ قاپسىز دە ،مەن مۇ بىر قانچە كۇن ئالدىدا گىرمان تىلى ئۇگنىش تۇغۇرلوق مۇنبەرداشلاردىن ياردەم سۇرغان ياخشى تەكلىپ پىكىرلەرنى بەردى،خالسىڭىز چچ نۇمرىمنى قاچلىۋلىڭ 623502092تىل ئۇگنىش ئۇسۇلى توغۇرلۇق پىكىر لىشەيلى........

qalaziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-6-1 08:04:45

مېنىڭ بىلىمشىمچە ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ گىرمان تىلى ئۆگىتىدىغان كۇرس يوق ، خەنزۇلارنىڭ بارغۇ دەيمەن.

Saralik يوللانغان ۋاقتى 2012-6-1 11:18:40

تۆۋەندىكى ئادرېستىن روسېتتا مەڭگۈ تېشى تىل دەرسلىكلىرىنى ئۆگىنىڭ. نۆلدىن باشلاپ ئوقۇتقۇچىسىز، رەسىمگە قاراپ قايسى تىلنى ئۆگەنسىڭىز شۇ تىل مۇھىتىدا ئۆگىنىسىز، كۆرىسىز، ئاڭلايسىز، سۆزلەيسىز، يازىسىز مانا مۇشۇنداق بەك ئاسان.

\"\"



ئادرېس: http://www.verycd.com/topics/2793461/



دۇنيادىكى كۆپ قوللىنىلىدىغان  ھەممە تىللار دېگۈدەك بار.

Parwana يوللانغان ۋاقتى 2012-6-1 12:36:24

@qalaziyali@ خەنزۇلارنىڭ بولسىمۇ مەيلى، ئەگەر بىلسىڭىز ئالاقىلىشىش ئۇچۇرىنى قالدۇرغان بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى.



@Saralik@ تەڭلىۋىڭىزگە كۆپ رەخمەت. ماڭا كۇرسلاردا ئۆگىنىش بىر ئاز قولايلىق ئىدى.

uyghur0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-1 14:10:31

3- قەۋەتتىكى Saralikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تۆۋەندىكى ئادرېستىن روسېتتا مەڭگۈ تېشى تىل دەرسلىكلىرىنى ئۆگىنىڭ. نۆلدىن باشلاپ ئوقۇتقۇچىسىز، رەسىمگە قاراپ قايسى تىلنى ئۆگەنسىڭىز شۇ تىل مۇھىتىدا ئۆگىنىسىز، كۆرىسىز، ئاڭلايسىز، سۆزلەيسىز، يازىسىز مانا مۇشۇنداق بەك ئاسان.

\"\"



ئادرېس: http://www.verycd.com/topics/2793461/



دۇنيادىكى كۆپ قوللىنىلىدىغان  ھەممە تىللار دېگۈدەك بار.



بۇدىتال بەك ياخشى مەن شۇنى ئىشلىتۋاتىمەن.....

qalaziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-6-1 15:22:37

4- قەۋەتتىكى parwanaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@qalaziyali@ خەنزۇلارنىڭ بولسىمۇ مەيلى، ئەگەر بىلسىڭىز ئالاقىلىشىش ئۇچۇرىنى قالدۇرغان بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى.



@Saralik@ تەڭلىۋىڭىزگە كۆپ رەخمەت. ماڭا كۇرسلاردا ئۆگىنىش بىر ئاز قولايلىق ئىدى.



خەنزۇلارنىڭ قانداق كۇرسلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن ... بەيدۇلاپ بېقىڭە ...

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2012-6-2 09:40:52

مەن دەپ بولغىچە  روسىتتا ئابىدىسى دېتالىنى تەۋسىيە قىلىپ بولۇپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئەسقىتىپ قالار دەپ 100دىن ئارتۇق گىرمان تىلى ئۆگىنىش توربەتلىرىنى سىزگە قالدۇردۇم.

http://chewendazlar.com/?p=109

charwichi يوللانغان ۋاقتى 2012-6-5 15:08:34

مەندە گېرمان تىلى ئۈگىنىشكە ئائىت كىتاپ(pdf ۋە باشقا فورماتلاردا)،ئاۋاز ھۆججىتى(mp3)تىمۇ  كۆپ. نەچچە يىلدىن بېرى گېرمان تىلى ۋە باشقا تىللارنى ئۈگىنىش خىيالى بىلەن توردىن ماتېرياللارنى توننىلاپ چۈشۈرۈپ قويغان.

(خەنزۇ تىلى بىلەن چۈشەندۈرۈپ يېزىلغانلىرى بەك ئاز، ئېنگلىز تىلىدا يېزىلغانلىرى كۆپرەك).

ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز كۆچمە دېسكا ئېلىۋېلىپ مېنى ئىزدەڭ، بىر دەمدىلا نەچچە يۈز گېگابايىت بايلىققا ئىگە بولىسىز.

Parwana يوللانغان ۋاقتى 2012-6-9 03:23:57

@charwichi@ سىزگە كۆپ رەھمەت.



مەن تىل ئۆگىنىش جەريانىدا ھېس قىلغان بىر ئىش دەسلەپتە ئوتتەك قىزىپ، ياخشى ماتېرىيالغا ئېرىشىش ئۈچۈن توردىن كۆپلەپ ماتېرىيال ئىزدەپ، خېلى كۆپ ۋاقىتنى ماتېرىيال ئىزدەش بىلەن ۋە ئىزدىگەن ماتىرىيالنىڭ قايسىسىنى ئۆگىنىشىنى بىلەلمەي ئۆتكۈزىۋىتىدىكەنمەن. مەن ھازىر Goethe-Instituten تۈزگەن Alles Gute (خەنزۇچە نامى 德语视听基础教程) دىن باشلىدىم. خۇدا بۇيرىسا مۇشۇنى بىر باشتىن ئۈگىنىپ ئاخىرىغا چىقىش نىيىتىم بار.



ئۆگىنىش ئۇسۇلى جەھەتتە، ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش جەريانىدا effortless english تەۋسىيە قىلغان ئۆگىنىش ئۇسۇلى بويىچە بىر مەزگىل ئۈگىنىپ باقتىم. كېيىن كورىيىلىك 郑赞荣  ئىنگلىز تىلى ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن (توغرىسىنى ئېيتقاندا ھەرقانداق  تىل ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن)  يازغان « ئىنگلىز تىلىنى ھەرگىز ئۆگەنمەڭ» (خەنزۇچە نامى: 千万别学英语 ، ئېنگىلىزچە ئسىمى: Absolutely DO NOT Study English!) دېگەن كىتاپتا تەۋسىيە قىلىنغان ئۇسۇل بويىچە ئۆگىنىپ باقتىم.  ئىزدىنىش جەريانىدا باشقا ئۇسۇللارنىمۇ كۆرۈپ باقتىم.  ئاخىرىدا يەكۈنلەپ چىققىنىم تىل ئۈگىنىشتە ئەڭ مۇھىمى توغرا نىشان تىكلەش بىلەن بىرگە ئىزچىللىق بەك مۇھىم ئىكەن.  يۇقىرىدا  مەن تىلغا ئالغان ئۇسۇللارنىڭ ئىككىلىسىنىڭ جەۋھىرى ئىزچىللىق. ئەگەر بىرى كۆرسىتىلگەن ئۇسۇللار بويىچە ئىزچىل داۋاملشتۇرسا، بىر يىلدىن ئىككى يىلغا قەدەر بىر تىلنى ناھايىتى ياخشى ئۈگىنىپ بولغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

qalaziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-6-9 11:40:54

بۈگۈن yy نىڭ بىلىك ئۆگىنىش كۇلۇبىدا (قانال نومۇرى 202262 )دا گىرمان تىلىدىن 0 دىن باشلاپ ھەقسىز دەرىس سۆزلەيدىكەن ... كەچ سائەت يەتتىدە، قىززىققۇچىلار كىرىپ ئاڭلاڭلار، ئادەم جىقراق بولسا پاراڭلىشىپ ياخشى ئۆگىنەلەيمىز ...
بەت: [1]
: گىرمان تىلى ھەققىدە ياردەم