pulsar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-31 11:54:02

يېڭى كىتاب[كۆچۈرۈلمە]

«پەرزەنت تەربىيەلەش دەستۇرى»


پەرزەنت ئاتا -
ئانىنىڭ قولىدىكى ئامانەتتۇر، ئۇنىڭ دىلى بولسا نەپس گۆھەرگە
ئوخشايدۇكى، گۆھەرگە ھەر خىل نەقىشلەرنى ئويۇش مۇمكىن
بولغىنىدەك، پەرزەنت دىلىغىمۇ
تۈرلۈك پىكىر نەقىشلىرىنى ئويۇشقا بولىدۇ. بۇ دۇنيادا پەرزەنت سۆيگۈسىدىنمۇ ئۇلۇغ سۆيگۈ بولمىسا كېرەك، بۇ سۆيگۈنى ئىپادىلەشنىڭ ئەڭ ياخشى
چارىسى، ئەزىز
پەرزەنتلىرىمىزنى
ياراملىق قىلىپ تەربىيلەپ چىقىشتۇر
.

    پەرزەنت
ھەر بىر
ئاتا - ئانىنىڭ ئۈزۈلمەس
ئۈمىدى، كۆڭۈل قۇۋانچى، نىجاد يۇلتۇزى ۋە ئۆمۈرىنىڭ
داۋامچىسى، پەرزەنتلەرنى ئەتراپلىق، ئىلىملىك، ساپالىق،
كەلگۈسىگە ياراملىق قىلىپ
يېتىشتۈرۈش ھەر
بىر ئاتا - ئانىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى
!

    پەرزەنت
ئائىلىنىڭ
شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ ۋە
ۋەتەننىڭ ئۈمىدى. پەرزەنت تەربىيەسى ھەر بىر ئائىلىنىڭ
بەختى ۋە خۇشاللىقىغا، ئاخىرى ۋەتەن، مىللەتنىڭ تەقدىرىگە
مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر ئاتا
- ئانىلارنىڭ
پەرزەنت تەربىيەلەش ئۇسۇلى نامۇۋاپىق بولۇپ، پەرزەنتلىرىگە ياخشى
ئۈلگە بولالمىسا، بۇ تەربىيە تامامەن مەغلۇب بولىدۇ.

    ۋەلى
كەرىم
كۆكئالىپنىڭ «پەرزەنت
تەربىيەلەش دەستۇرى» ناملىق بۇ يىرىك كىتابى پەرزەنتلەرنى
ئەنئەنىۋى ئەخلاقتا چىڭ تۇرۇپ، ئەدەپ - ئەخلاقلىق، شەرمى -
ھايالىق تەربىيلەپ
چىقىشنى مەقسەت
قىلىپ يېزىلغان پەرزەنت تەربىيەلەش قوللانمىسى. بۇ كىتاب ئاتا
- ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەشتىكى قابىل ياردەمچىسى بولۇپ
قالغۇسى
!



مەنبەسى: باغداش تورى


بەت: [1]
: يېڭى كىتاب[كۆچۈرۈلمە]