كۆچمە ئۈسكۈنىلەردىكى بىر قىسىم ئاتالغۇلار قېلىپلاشتۇرۇلدى
كۆچمە ئۈسكۈنىلەردىكى بىر قىسىم ئاتالغۇلار قېلىپلاشتۇرۇلدى
بىلكان شىركىتىنىڭ تەشەببۇسى ۋە ھاۋالىسى، تىل يېزىق كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 2012-يىلى 5- ئاينىڭ 25- كۈنى ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىنغا مۇشۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىس، تىلشۇناسلار ۋە بىلكان شىركىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار قاتناشتى. كۆچمە ئۈسكۈنىلەردىكى بىر قىسىم ئاتالغۇلار قېلىپلاشتۇرۇلدى.
يىغىندا ئەپ(App,应用)، ئەپچە(Widget,部件)،سېزىمچان ئىكران(Touch screen,触摸屏)، ئۈن خەت(Voice mail,语音信箱)، سىن خەت(Video mail,视频邮件)، قونداق(底座Dock,)، ئىم(Password,密码)، سازلاش(Debugging,调试)، پۈتۈك(Document,调试)، ئەپ تارتمىسى(Apps drawer,应用程序的抽屉)، شەخسىيەت(Privacy,隐私权) ... قاتارلىق 60 تىن ئارتۇق ئاتالغۇ كۆرۈپ چىقىپ بىكىتىلدى.
---
قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇلارنىڭ تۇلۇق تىزىملىكى ئايرىم يوللىنىدۇ. مېنىڭچە تېمىدا دېيىلگەن ئاتالغۇلار شۇنداق مۇۋاپىق بوپتۇ.

مېنىڭچە بەزى تەرجىمىلەرنى تورداشلار توردا بىلەت تاشلاش شەكلى ئارقىلىق بىكىتسەكمىكىن دەيمەن. مەسىلەن تىلىفونلاردا رەسىم تارتىش ئاپاراتىنى ھەر قايسى تەرجىمانلار ‹ كامىرا ›، ‹ ئاپپارات › ، ‹ سىنكۆز › دىگەندەك ناملار بىلەن ئاتىدى. شەخسەن مەن ‹ سىنكۆز › دىگەننى بەك ياقتۇردۇم. ئىشقىلىپ كۆرۈنمە چاستوتا دەپ دەپسالمىغىنىڭلارياخشى بوپتۇ. Password نى مەخپىي نومۇر دەيدىغانغۇ؟ ئىم دېگەننى تۇنجى قېتىم ئاڭلاپتىمەن.
ئىم دېگىنى بېكىتىلگىنىمۇ ياكى ئەمدى بېكىتمەكچى بولغانمۇ ياكى نېمۇ؟ تىل يېزىق كومىتىدىكىلەر بىكار بولۇپ قالغان ئوخشىمامدۇ
5- قەۋەتتىكى Buduxkakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
Password نى مەخپىي نومۇر دەيدىغانغۇ؟ ئىم دېگەننى تۇنجى قېتىم ئاڭلاپتىمەن.
ئىم دېگىنى بېكىتىلگىنىمۇ ياكى ئەمدى بېكىتمەكچى بولغانمۇ ياكى نېمۇ؟
«ئىم» دېگەن سۆزنى قەدىمقى ئەجداتلىرىمىزمۇ ئاساسەن شۇ «مەخپىي نومۇر»، «مەخپىي بەلگە» دېگەندەك مەنىدە قوللانغان ئىكەن. بۇ سۆز «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىمۇ چۈشەندۈرۈلگەن. مەنچە بۇ سۆزنىڭ ئىشلىتىلگىنى تولىمۇ ياخشى بولۇپتۇ. مەخپىي نومۇر دېگىنى تەرجىمە سۆز. پارول دېگەننىمۇ ئوقۇمۇشلۇقلار، كومپىيوتېر ئىشلىتىدىغانلار بىلگىنى بىلەن، ئاۋام خەلق ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ. ئىم دىگەندىن كۆرە پارول دىگەن بولسا قۇلايلىقراق بۇلاتتى....
بەت:
[1]