uyokush يوللانغان ۋاقتى 2012-5-31 03:55:42

چەتئەل ۋە چەتئەلگە قىزىقىش ھېكايەم

چەتئەلدە ئوقۇش كۆپىنچە ياشلىرىمىزنىڭ ئورتاق
قىزىقىشىغا ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە دۆلەت ئاتلاپ،ماكان ئاتلاپ ياقا يۇرتلاردا ئوقۇش
،ياقا يۇرتلاردىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا بىلىم ئېلىش،ئۆرلەپ ئوقۇش بىرخىل ‹‹مودا››ئېقىمغا
ئايلانماقتا،شەخسەن مەنمۇ شۇ چەتئەلدە ئوقۇش ئارزۇيۇمنى قاندۇرۇش،ياقا يۇرتلارنى كۆرۈپ
بېقىش،مۇھىت ئالماشتۇرۇش ئىستىكىدە مالايسىياغا قەدەم ئالدىم،بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن
ئۆز ۋەتىنىدىن ،ئاتا-ئانىدىن،دوست بۇرادەر،ئۇرۇق تۇققاندىن ئايرىلىشنىڭ قانچىلىك ئازاب
ئىكەنلىكىنى تامامەن چۈشۈنۈپ يەتتىم،ئىلگىرى يۇرتۇم،مەھەللەم،ئۆيۈم دېگەن بولسام ئەمدىلىكتە
دۆلىتىم،ۋەتىنىم دېيىشكە كۆنۈپ كەتتىم،ئىلگىرى چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن
پاراڭلاشقاندا سۆھبەتتە بولغاندا ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ۋەتەنگە قايتىمەن،ۋەتىنىمنى سېغىندىم...دېگەن
گەپ-سۆزلىرىنى ئاددىي ھېسلاردا كاللامدىن ئۆتكۈزەتتىم،ئەمدىلىكتە بولسا ‹‹ۋەتەن
›› دېگەن بۇ سۆزنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى
تامامەن ھېس قىلىپ يەتتىم.


ئەلۋەتتە ۋەتەندىن ئايرىلىپ باقمىغان كىشى ۋەتەننىڭ
مېھرىنى،ئىللىقلىقىنى تولۇق ھېس قىلالمايدۇ دەپ ئويلايمەن .


ۋەتەندىن ئايرىلىپ بۇ يەرگە كەلگۈچە كۆپ ئاۋارىچىلىقلارغا
ئۇچرىدىم،كۆپ ئىشلارنى كۆردۈم ھەم ۋەتەندىن ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن
كەچۈردۈم... شۇ سەۋەب تۈپەيلى بېشىمدىن ئۆتكەن تەجرىبىلەرنى ھەمدە ساۋاقلارنى بۇ يەرگە
قالدۇرسام بۇندىن كېيىنكىلەرگە ئاز تولا پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس


ئەمدى گەپنى ئەڭ باشتىن باشلاي


2011-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ مالايسىيادا 6يىل ئوقۇپ
ۋەتەنگە قايتقان بىرەيلەن بىلەن بىر سودا سەۋەبى بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ دوستبولۇپ يېقىن ئۆتتۇق. بارا بارا چەتئەلدە ئوقۇش ئىستىكىم
ھەسسىلەپ كۈچىيىشكە باشلىدى،ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقان ۋاقتىمدا كۆپىنچە ۋاقتلاردا چەتئەلنىڭ
پارىڭى بولاتتى.ئۇمۇ ھەم بېشىدىن ئۆتكەن ئىسسىق سوغۇقلارنى ماڭا ئېيتقان بولدى،شۇنىڭ
بىلەن ئۇنىڭغا ماڭا مالايسىيادىن چاقىرىق ئەكەلدۈرۈپ بېرىشكە بۇ ئىشلاردا ياردەم قىلىشىنى
ئۆتۈندۈم، شۇنداق قىلىپ 4-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا مالايسىيادىكى بىر ئالىي مەكتەپنىڭ قوبۇل
قىلغانلىق چاقىرىقىنى قولۇمغا ئالدىم ھەمدە پاسپورت بېجىرىش يولىغا ئاتلاندىم.


پاسپورت: خەلقئارالىق كىملىك بولۇپ
بۇ بولمىسا ۋەتەن چىگرىسىدىن ئاتلاش مۆمكىن ئەمەس


پاسپورت بېجىرىش ئۇسۇلى: چەتئەلدىكى مەلۇم بىر
مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئېلىش(چاقىرىق ھەقىقى بولۇش كېرەك)


چاقىرىقنى خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلدۇرۇش(مۇناسىۋەتلىك公证处لار بېجىرىدۇ)


چاقىرىقنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە تەرجىمە نۇسخىسىنى
ئېلىپ ج خ ئىدارىسىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئەترىتىگە تاپشۇرۇش ھەمدە پاسپورت ئىلتىماس
قىلىش جەدۋىلىنى ئىلتىماس قىلىش


جەدۋەلنى تەپسىلىي،ھەقىقى تولدۇرۇش


مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ سىياسىي جىنايىتى يوق،قانۇنسىز
ئىشلارغا ئارلاشمىغان...قاتارلىق ئىسپاتلىرىنى ئېلىش(بۇنى ج خ ئىدارىسىنىڭ كۆرسىتىپ
بېرىدۇ)


جەدۋەل ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك(ج خ ئىدارىسى تەلەپ
قىلغان) ماتېرىياللارنى تولۇق قىلغاندىن كېيىن ج خ ئىدارىسى دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئەترىتىگە
تاپشۇرۇش


ئادەتتە نورمال ئەھۋالدا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن
20 كۈن ئەتراپىدا پاسپورتىڭىز چىقىپ بولىدۇ


شۇنداق قىلىپ چەتئەلدە ئوقۇغاندا دۆلىتىمىزنىڭ
مەنپەئەتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىشلارغا قەتئىي ئارلاشمايدىغانلىقىمنى ج خ ئىدارىسىدىكى
مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا بىلدۈرۈپ پاسپورتىمنى قولۇمغا ئالدىم.


دوستۇمنىڭ ئەسكەرتىشى ھەمدە يول كۆرسىتىشى بىلەن
پاسپورتىمنى ئىچكىرىدىكى بىر شىركەتكە ئەۋەتىپ ساياھەت ۋىزىسى چاپلىتىۋالدىم(بىر ھەپتىدە
ئىشلارنى پۈتتۈرۈپ پاسپورتنى قولۇمغا قايتۇرۇپ بەردى)


پاسپورتنى قولۇمغا ئېلىپلا چەتئەلگە مېڭىشقا مادارىم
يەتمەيتتى(ئىقتىساد مەسىلىسى)شۇنىڭ بىلەن قاتتىق تىرىشىپ ئىشلىدىم،شۇنداق قىلىپ
11-ئايلارغا كەلگەندە مېڭىشقا تەمشەلدىم.ئۆيدىكىلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش،ئۇرۇق تۇغقانلار
بىلەن پاراڭلىشىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن 12-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈرۈمچىدىن گۇاڭجۇغا ماڭىدىغان
پويىز بېلىتىنى ئېلىپ ۋەتەن ئىچىدە ئۆزۋەتىنىم بىلەن خوشلاشتىم.بۇ سەپەر تولىمۇ ئۇزۇن
بىر سەپەر ئىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە چاغان مەزگىلى بولغاچقا ئىچكىرىگە ماڭغان يولۇچىلار چۈمۈلىدەك
كۆپ ئىدى... بۇ ئۇزۇن سەپەرمۇ ئاياغلاشتى،ئالدىمدە ئۆمرۈمدىكى ئەڭ چوڭ بىر سەپەر مېنى
كۈتۈپ تۇرماقتا ئىدى.شۇنىڭ بىلەن گۇاڭجۇ دېگەن بۇ چوڭ،تەرەققى قىلغان شەھەرگە كېلىپ
كۆزۈمنى ئاچتىم28-چىسلا كەچنىڭ بېلىتىنى ئالغاچقا(مالايسىياغا) گۇاڭجۇ دا بىر قانچە
كۈن تۇرۇشۇم كېرەك ئىدى،ئۆمرۈمدە ئىچكىرىگە تۇنجى كېلىشىم بولغاچقا ئاجايىپ ھېس تۇيغۇلار
بېشىمنى قايمۇقتۇراتتى، چىقىپ بازار ئايلاندىم،ئېلىشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ
تولۇق قىلىۋالدىم،ياتاقتا ئولتۇرىۋېتىپ بىر مۇنبەردىن گۇاڭجۇنىڭ شياۋبېي دېگەن يول
ئەتراپىدا ئۇيغۇر كاۋاپچى ئۇستاملارنىڭ دۇكىنىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ ئۇ كوچىغا قەدەم
ئالدىم،كەچلىكى بۇ كوچىنىڭ ھەممە يېرى ئاساسەن چەتئەللىكلەر بىلەن تولۇپ كېتەتتى، ئۇلارغا
ھەيران بولغاچ بۇ كوچىدا 10دىن كۆپرەك ئۇيغۇر كاۋاپچىنىڭ بارلىقىنى كۆردۈم،ئۇلار
100 مېتىردا بىر دېگۈدەك تونۇر كاۋىپى پۇشۇرىدىغان ھارۋىسىدا كاۋاپچىلىق قىلىۋاتاتتى،ئارىسىدىن
كۆڭلۈم تارتقان بىر ئادەمنىڭ قېشىغا بېرىپ كۆرۈشتۈم ھەمدە ئەھۋاللاشتىم،ھەمدە كاۋىپىدىن
4زىق يىدىم كاۋاپنىڭ بۇنچە قىممەتلىكىنى بىلگەن بولسا ھەرگىز يېمەسكەنمەن بىر زىقىنى
15يۈەندىن يەپتىمەن،نېمانچە قىممەت دەپ سورىسام ‹‹ئۇكا بىزگىمۇ ئامال يوق،ئەرزان ساتساق
بىز جېنىمىزنى قانداق باقىمىز؟بۇ دېگەن كىشى يۇرتى تۇرسا،كىشىنىڭ يۇرتىدا جان باقماقنىڭ
قانچىلىك تەسلىكىنى شۇ تۇرمۇشنى كۆرگەندە چۈشىنىسەن
››دېدى، بۇ گەپنى ئويلاپ ياتاققا قايتتىم، ئىچىمنى بىر خىل جىددىلىشىش كەيپىياتى
ئىگىلىۋالغان ئىدى،ياتاققا قايتىپ كەتتىم،ئەتىسى كۈندۈزى بىر كۈن سىرتقا چىقماي تور
ئالدىدا ئولتۇردۇم،كەچ بولغاندا ئىچىم پۇشۇپ سىرتلارنى چۆگلەش ئىستىكىدە يول ئالدىم،سىرتقا
چىقىپ بىرىنجى بولۇپ كۆرگىنىم 30ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى بىر ئايال بىلەن 25ياش ئەتراپىدىكى
بىر يىگىتنىڭ يول بويىدىكى رىشاتكىدە قىلىقسىز قىلىقلارنى قىلىپ پاراڭلىشىشى بولدى...
ئۆتۈپ كەتتىم،يولدا كېتىۋاتسام بىر قارا تەنلىك چەتئەللىك قىز ماڭا Hi دەپ سالام قىلدى،يولغا
چىقىشتىن بۇرۇن 2 يېرىم ئايچە كەچلىكى كۇرستا ئوقۇغاچقا ئۆزۈمنى سىناپ باقاي دەپ ئۇنىڭغا
جىددىيلەشكەن ھالەتتە سالام قايتۇردۇم،گەپلىرىم تازا قولاشماي قېلىۋاتاتتى،ئۇ مەندىن
ئىسمىڭ نېمە؟ يۇرتۇڭ نەدىن دېگەندەك سۇئاللارنى سورىدى،ئالدىرىماي جاۋاب بەردىم،ھەمدە
شىنجاڭنىڭ ئورنىنى ۋە باشقىلارنى چۈشەندۈردۈم،جىددىيچىلىكتە ئۇنىڭدىن سوراشنى ئۇنتۇپتىمەن،ئارلىقتا
ئۇ مېنىڭ تېلفۇن نومۇرۇمنى كىرگۈزىۋېلىپ كېيىن يەنە كۆرۈشەرمىز دەپ خوشلاشتى،مەنمۇ
يولۇمغا راۋان بولدۇم...بىرەر سائەتتە چۆگلىگەنمە ئاندىن سەل چارچاپ قايتىپ كەتتىم،يۇيۇنۇپ
بولۇپ ئەمدى تېلىۋېزورنى ئچىپ تۇرسام تېلفۇنۇم سايرىدى،ئالسام بايىقى قىز ئىكەن، تېلفۇنۇمنىڭ
ئاۋازى ياخشى بولمىغاچقىمۇ ياكى تىلنى ياخشى بىلمىگەچكىمۇ ئۇنىڭ گەپلىرىنى قەتئىي چۈشىنەلمىدىم.ئۇچۇر
يازىدىغانلىقىمنى ئۇقتۇرۇپ تېلفۇننى قويدۇم ھەمدە نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپ ئۇچۇر
يازدىم،بىردەمدىلا ئۇنىڭدىن ئۇچۇر كەلدى قاراپ ياقامنى چىشلىغىلى تاسلا قالدىم،بىر
كېچە 250 يۈەن دەپ خەت كەلگەن ئىدى........... بۇنىڭغا نېمە دەي ئەمدى،تولىمۇ بىئارام
بولدۇم،بايادىن بېرى پاراڭلاشقان ئادىمىمنىڭ بىر ‹‹جىنايەتچى
›› ئىكەنلىكىنى بىلىپ تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم،مۇشۇلارنى
ئويلاپ تۇرسام يەنە ئۇچۇر كەلدى،
‹‹ياتىغىڭنىڭ ئورنىنى دەپ بەر،مەن باراي››... تېلفۇنۇمنى ئەتىگەن سەھەرسائەت
6دە توۋلايدىغان قىلىپ قويۇپ ئېتىۋېتىپ ئۇخلىدىم،كاللامدا تۈگىمەس خىياللار ، ئۇنىڭ
ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ بۇ يەردە بۇنداق قىلىپ يۈرۈشى،كاۋاپچى ئادەمنىڭ ماڭا دېگەن گېپى...
ھەممىسى مېنى قاتتىق ئويلاندۇرۇشقا باشلىدى،ئىشقىلىپ تاڭ كېچە بولغۇچە خىياللار بىلەن
بولدۇم...گۇاڭجۇدا ھېس قىلغانلىرىم ئاساسلىقى مۇشۇنچىلىك(كېيىن ئاڭلىسام گۇاڭجۇدا ئۇنداق
ئىش قىلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ ئىكەن)


ئەمدىكى مەنزىل گۇاڭجۇ ئاق بۇلۇت ئايرىپورتى ئىدى،چۈشتىن
كېيىن سائەت 6لەر ئەتراپىدا يەرئاستى مېتروغا ئولتۇرۇپ ئايرىپورتقا قاراپ يول ئالدىم(بۇمۇ
ھاياتىمدىكى تۇنجى مېتروغا ئولتۇرۇشۇم بولغاچ بېلەت ئالىدىغان ئورۇننى تاپالماي،بېلەت
ئالالماي كۆپ ئاۋارىچىلىق تارتتىم، ئاخىرىدا بىر 55 ياشلاپ ئۆپچۆرىسىدىكى خەنزۇ بوۋاي
يول كۆرسىتىپ بېلەت ئېلىپ بەردى) ئايرىپورتقا كەلدىم،ئايرىپورت ھەقىقەتەنمۇ چوڭ ئىدى،كىرىپ
يۈك تاق ساقلاش ئورنىغا يۈك تاقلىرىمنى 3 سائەت ساقلاپ بېرىشكە تاپشۇرىۋېتىپ ئايرىپورت
ئىچى ۋە تېشىنى چۆگلەپ يۈردۈم سائەت 10لار ئەتراپىدا كۇئالالامپۇرغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان
بېلىتىنى ئالماشتۇرۇش ھەمدە تەكشۈرۈش باشلاندى،بېلەتنى ئىچكىرىدىكى بىر خەنزۇ ئايال
ئېلىپ بەرگەن بولغاچقا يۈك تاق ئېغىرلىقىنى 30جىڭ دېسە مەن 30 كىلوگىرام دەپ ئاڭلىۋېلىپ
ئىككى چامدان سۆرەپ كەپتىمەن،دۈمبەمگە ئاتىۋالغان ئوقۇغۇچىلار سومكامدا تەخمىنەن
8-10 كىلوگىرامغىچە نەرسە بار ئىدى،بېلەت تەكشۈرگەندە 15كىلوگىرام يۈك تاق ئېشىپ كېتىپ
ھەر بىر كىلوسىغا 98يۈەندىن پۇل تاپشۇرىدىغانلىقىمنى ئېيتتى،بۇنداقتا 1500 يۈەن ئەتراپىدا
پۇل تاپشۇرۇشۇمغا توغرا كېلەتتى،شۇنىڭ بىلەن ئىچىدىكى مۇھىم ئەمەس دەپ قارىغان نەرسىلەرنى
ۋە يېمەكلىكلەرنى ئېلىۋېتىشكە مەجبۇر بولدۇم، كىچىك چامداندىكى نەرسىلىرىمنى چوڭ چامدانغا
چىڭداپ سالدىم،ئەپسۇس 9كىلوگىرام يەنە ئارتۇق چىقتى،1000 يۈەننى بېرەي دېسەم تېخى بەرمەي
دېسەم تېخى چىدىماسلىق قىلىپ بېلەت ساتقان ئايالغا تېلفۇن قىلىپ سوقۇشتۇم،ئاخرىدا ئۇ
مۇشۇ ئايرىدىرومدىكى بىر خىزمەتدىشىنى مەن بىلەن كۆرۈشۈشكە بۇيرىدى،ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم،ئارلىقتا
مالايسىيادىكى بىر تونۇشۇم تېلفۇن قىلىپ نەق پۇللارنىڭ ھەممىنى ئېلىۋېلىشىمنى مالايسىيا
چىگرىسىدا خىزمەتچى خادىملارنىڭ يېنىمدا پۇل بار يوقلىقىنى سورايدىغانلىقىنى ئېيتتى،ئايروپىلان
ئۇچىدىغانغا يېرىم سائەت ۋاقت قالغان ئىدى،ئەمدى قانداق قىلىمەن؟ تۇيۇقسىزلا بۇنچىۋالا
ئاۋارىچىلىقنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم.چامداننى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ
بىر ئامال قىلىشىنى ئېيتىپ ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىغا قاراپ يۈگۈردۈم،8كىلوگرام
كېلىدىغان سومكىنى ئېسىپ يۈگۈرۈش ماڭا تولىمۇ ئېغىر كەلدى،پۇللار ئاران 2000 دىن چىقاتتى،ئۇنىڭ
ئۈستىگە ھەر بىر قېتىم پۇل چىقىشى ئۈچۈن مىنۇتلارچە ۋاقت كېتەتتى،شۇنداق قىلىپ 20مىڭ
يۈەن چىقىپ بولۇپ پۇل ئالغىلى بولماس بولۇپ قالدى،ئەمەلىيەتتە بىر 24 سائەت ئىچىدە
ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن ئەڭ كۆپ بولغاندا 20،000يۈەن ئالغىلى بولىدىكەن.ئامال
يوق شۇ پۇلنى سومكىغا سېلىپ يۈك تاق تاپشۇرۇ ئېغىزىغا كەلدىم،بايىقى خىزمەتچى بىر يولۇچى
بىلەن پاراڭلىشىش ئارقىلىق چامداننى ئۇنىڭ نامىدا تاپشۇرۇشقا ماقۇل كەلتۈرۈپتۇ،بىر
كىشىلىك يۈك تاق پۇلى ئۈچۈن 90يۈەن تاپشۇردۇم،مېنىڭ ئايرودىرومغا تۇنجى كىرىشىم بولغاچ
ئۇ كىشى ماڭا ياردەمدە بولۇپ تەكشۈرۈش ئۆتكەللىرىدىن ئۆتتۇق.شۇنداق قىلىپ ئايروپىلانغا
ئاران ئۈلگۈردۇق،ئۇنىڭ ئورنى ئالدى تەرەپتە ئىكەن مېنىڭ ئايروپىلاننىڭ كەينى تەرىپىدە،ئايروپىلانغا
چىقىپ بولۇپ ئۇنىڭغا 100يۈەن پۇل تەڭلىدىم،ئۇ قەتئىي رەت قىلدى،يانچۇقىغا سېلىپ قويساممۇ
ئۇنىماي قايتۇرۇپ بەردى...شۇنداق قىلىپ ئىشلار تۈگەپ ئۇف دەپ ئورنۇمدا ئولتۇردۇم،ئايروپىلان
قوزغالدى،مەن بۇلۇتلار ئارىسىغا كىرىپ كەتتىم،دەرىزىدىن پەسكە تويماي قارىدىم،بارغانسىرى
كۆرەلمەي قېلىۋاتاتتىم.ئارقىدىن ئايروپىلان خادىملارنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئارقىلىق 5 سائەتكە
يېقىن ئۇچىدىغانلىقىمىزنى بىلدىم،بىرەر سائەتتەك خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ ئۇيقۇم كەلدى،ئۇخلاشنى
لايىق تاپتىم،يېنىمدىكى ئىككى ئورۇندا ئادەم بولمىغاچ كەڭ تاشا بەھوزۇر يېتىپ ئۇخلىدىم،بىر
چاغ بولغاندا ئايروپىلاننىڭ قاتتىق سىلكىنىشىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم،كۆزۈمنى ئاچسام
بىلىم ۋە مەيدەم تەرەپتىن بىخەتەرلىك تاسمىسىنىڭ تاقالغانلىقىنى بىلدىم(ئۇخلاۋاتقان
ۋاقتىمدا ئايروپىلان خادىمى تاقاپ قويغان ئىكەن).بىرىنى يېشىۋېتىپ دەرىزىدىن پەسكە
قارىدىم يەنىلا ئوخشاش قاراڭغۇلۇق يەنە تۈگىمەس خىياللارغا پېتىپ كېتىپتىمەن،بىر ۋاقت
بولغاندا خادىملار 30 مىنۇتتىن كېيىن قونىدىغانلىقىمىزنى ئۇقتۇردى توختىماستىن مالايسىيانى
كۆرۈشكە تەمشىلەتتىم،بارا بارا پەستىن يۇلتۇزدەك چاقناۋاتقان چىراقلار،ئېگىز بىنالار،ئارقىدىن
يوللار ۋە يوللاردا مېڭىۋاتقان ماشىنىلار كۆرۈنۈشكە باشلىدى،ئارقىدىن قوندۇق.مەن خىيالىمدا
گۇاڭجۇ دىكىدەك مەخسۇس يولۇچى توشۇش ماشىنىلىرى ئايروپىلان ئالدىغا كېلىپ شۇنىڭغا ئولتۇرۇپ
چىقىش ئېغىزىغا بارىدىغان ئوخشايمىز دەپ ئويلاپتىمەن نەدىمۇ ئۇنداق ئىش بولسۇن،سومكىنى
ئېسىپ باشقىلارغا ئەگىشىپ 300 مېتىرچە ماڭدىم،ئالدىمدا ئادەتتىكىدەك بىر كۈتىۋېلىش
زالى بار ئىكەن،مەن دەسلەپ ئۇنى كۈتىۋېلىش زالى ئەمەس ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن،ئادەتتىكىدەكلا
گۇاڭجۇ دىكىدەك ئۇنچىۋالا ھەيۋەتمۇ ئەمەس،ئارقىدىنلا يۈز ۋە قول تېرىلىرىم نەملىشىپ
بىئارام قىلىشقا باشلىدى ھاۋا ناھايىتىمۇ دىمىق ئىدى.باشقىلارغا ئەگىشىپ ئىچىگە كىردىم
بىر قاتار تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن بىرى مېنى بىر ئىشخانىغا كىرىشكە بۇيرىدى،كىرسەم بىردانە
ئۈستەل ۋە ئۈستەل ئالدىدا فورما كىيگەن بىركىشى بار ئىدى.ئۇ سومكامنى ئېچىشقا بۇيرىدى،ئېچىپ
ئالدىراپلا پۇللارنى كۆرسەتتىم،ئۇ قولىغا بىر ھېسابلىغۇچنى ئېلىپ بىر نەرسىلەرنى ھېسابلاپ
كۆرۈپ چىقسام بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى،چىقتىم يولۇچىلار ئارىسىدا پەقەت مەنلا قېلىپ
قالغاندەك ھېس قىلدىم،يۈك تاق ئېلىش ئورنىدىمۇ پەقەت مېنىڭلا چامدىنىم بار ئىدى.چامدىنىمنىڭ
سرتلىرى ئاز تولا يىرتىلىپ كەتكەن ئىدى،ئېنگىلىزچە سەۋىيەم ئانچە ياخشى بولمىغاچ ئارتۇق
گەپ قىلىشنى لايق تاپماي ئېلىپ ماڭدىم... ئەڭ ئاخىرقى ئېغىزدىن ئايلىنىپ چىقىپ مېنى
ساقلاۋاتقان دوستۇمنى كۆردۈم،بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشتىم ئۇ يەنە ئىككى دوستىنى
ئېلىۋالغان ئىكەن(بىرى ئۇيغۇر يەنە بىرى ئەرەب) ئۇلار بىلەنمۇ كۆرۈشتۈم،ئارقىدىن ئۇلار
ئەكەلگەن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ يولغا چىقتۇق،ئۇلار بىلەن ئۇزۇن ئۇزۇن پاراڭلاشتىم،پاراڭ
ئارىلاپ ئارىلاپ ئۈزۈلگەندە سىرتلارغا كۆزۈم يۈگىرەيتتى،ئەتراپ ئوخشاشلا ياپيېشىلچىلىق
بىلەن تولغان،نە ئېگىز بىنالار،ئىمارەتلەر كۆرۈنمەيتتى.بىرەر سائەتتەك مېڭىپ ماشىنا
بىر مەھەللىگە كېلىپ توختىدى،ھەمدە مۇشۇ يەردە تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆيىگە باشلىدى،ئۆي
ئىككى قەۋەتلىك بولۇپ چەتئەلنىڭ كىنولىرىدا كۆرگەن داچىلاردەك ئىدى.ئۆيدىن چىقساقلا
يېشىلچىلىق ...چارچاپ كەتكىنىمدىنمىكىن دوستۇم كۆرسەتكەن بىر ھۇجرىغا كىرىپ ياتتىم،ھاياجاندىن
مالايسىيانىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش ئىستىكى ئۇخلاشقا يول قويمىدى،بىرەر سائەتتەك
ئولتۇرىۋەتكەندىن كېيىن ئورنۇمدىن قوپۇپ ئۆيدىن چىقتىم،ھەمدە يولنى بايلاپ ماڭدىم،5
مىنۇتتەك مېڭىپ چوڭ يولغا چىقتىم،يول ئەتراپىمۇ ئوخشاشلا ھېچقانداق پەرق يوق ئىدى...


شۇنداق قىلىپ 20-30 مىنۇتتەك ئۇ يەر بۇيەرلەرنى
بىرەر قۇر ئايلىنىۋېتىپ ئۆيگە قايتتىم،ھەممە ئۆي ئاساسەن ئوخشاش بولغاچقا قايسى ئۆي
ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قالدىم، بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن بىر ئۆينى ئوخشاشراق كۆردۈم
ھەمدە ئىشىك ئالدىغا باردىم،قارىسام ئۆي ئىچىدە ئىككى ئايال (ھىجابلانغان) ئولتۇرۇپتۇ.توغرا
ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ كىرمەي قايتىپ چىقتىم،ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چىقىۋالغىنىمغا تولىمۇ
پۇشمان قىلدىم. ئۇياققا مېڭىپ بۇياققا مېڭىپ يۈرۈپ يەنە بىردەم كۆزەتتىم،مېنى ئالغىلى
چىققاندا بارغان ھېلىقى ئەرەب بالىنى كۆردۈم ئىچىمدا خوشال بولۇپ ئۆيگە كىردىم،ئۇ مېنى
كۆرۈپلا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ سالام قىلدى،ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دەپ جاۋاب قايتۇردۇم،ئۇخلىماپسەنغۇ؟چارچىمىدىڭمۇ
دەپ سورىدى،مەن ئۇخلىيالمىدىم،سىرتلارنى كۆرۈپ باقاي دەپ سرتلارنى كۆرۈپ كىردىم دەپ
كېكەچلەپ جاۋاب قايتۇردۇم،ئارقىدىن ئۇ ماڭا بىر ئىستاكان قەھۋە تەييارلارپ بەردى.رەھمەت
بىلدۈرۈپ قولىدىن ئالدىم،يەنە ئاز تولا پاراڭلاشتۇق...شۇنداق قىلىپ مالايسىيادىكى تۇرمۇشلىرىم
باشلىنىپ كەتتى.


دوستلىرىم بىلەن بىرگە مەكتەپكە تىزىملىتىپ ئوقۇش
ئىىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم،بارا بارا مالايسىيانى ۋە بۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنى
چۈشىنىشكە باشلىدىم،ۋەتەن مېھرى يەنىمۇ بەك بىلىنىشكە باشلىدى،يالغۇز قالغان ۋاقتلىرىمدا
كۆپىنچە كۈنلىرىمنى ئولتۇراق رايوندىكى باغچىغا چىقىپ خىيال سۈرۈش ۋە سېغىنىش بىلەن
ئۆتكۈزدۈم،يالغۇزچىلىق ئېغىر كېلىپ بىر قانچە قېتىم يىغلاپمۇ سالدىم. بۇكەيپىياتنى
ۋەتەندىن ئايرىلغانلارلا تولۇق چۈشىنەلەيدۇ. مۇھىت ئوخشىمايدۇ، كىشىلەر ئوخشىمايدۇ،تىل
ئوخشىمايدۇ،تاماق ئوخشىمايدۇ...ھەممە ئوخشىمايدۇ،خۇددىي ئاسماندىن چۈشۈپ قالغاندەكلا
ھەممە ماڭا ناتونۇش ئىدى.بارا بارا يالغۇزچىلىققىمۇ كۆنۈپ قالدىم،سېغىنغان ۋاقتىمدا
كۆپىنچە ئۆزۈمنى كىتاب كۆرۈشكە زورلىدىم،ئارىدىن بىر ئاي ئۆتتى،تۇرمۇشۇم رېتىمغا چۈشۈپ
قالغاندەك ھېس قىلدىم،ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇيقۇمنى ئېچىش ئۈچۈن ئاچچىق چاي ئىچىشنى ئادەت
قىلدىم،ئارقىدىن مەھەللە ئالدىغا چىقىپ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە يول ئالاتتىم،بۇ
يەرنىڭ ئاپتوبۇسلىرى ئۈرۈمچىدىكى 911-يول،915-يول ئاپتوبۇسلىرىغا ئوخشاش ناچار ئىدى،ئاپتوبۇس
نەدىمۇ ئۇنداق 5 مىنۇتتا بىر كېلىدىغان ئىش بار دەيسىز،تېز بولسا يېرىم سائەت ئاستا
بولسا بىر سائەت ئەتراپىدا بىر قېتىم كېلەتتى،يوللاردا تېز سۈرئەتتە ماشىنىلارنى يانداپ
كېلىۋاتقان ئىككى چاقلىق موتوسېكىلىتلار دائىم ئۇچراپ تۇراتتى،سەللا دىققەت قىلمىسىڭىز
موتوسېكىلىتلارغا سوقۇلۇپ كېتىش ئېھتىماللىقىڭىز بار .


35مىنۇتچە ئاپتوبۇستا ماڭغاندىن كېيىن مەكتەپ
ئالدىغا كېلەتتىم،ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ 100 مېتىرچە مېڭىپ مەكتەپكە كېلەتتىم،تىل تەربىيىلەش
مەكتىپى بولغاچ ئانچە چوڭ دېگىلىمۇ بولمايتتى،بىر بېشىدىن يۈگۈرسىڭىز بىردەمدە يەنە
بىر بېشىغا بېرىپ ئۈسۈپ توختاپ قالاتتىڭىز.سىنپتىمۇ 7بالا بىللە ئوقۇيتۇق،ئوقۇتقۇچىمىز
پاكىستانلىق ئىدى، دەرس ئوقۇش ۋاقتىدا ئەرزان ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولاتتى،ھەمدە دەرستىن
چۈشۈپلا سىنىپ يېنىدىكى مەخسۇس ناماز ئوقۇش ئۈچۈن تەييار قىلىپ قويغان ئۆيگە قىرىپ
ناماز ئوقۇيدىغانلار ۋاقتىدا ئوقۇۋالسا بولاتتى.


چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىم 1 سائەت،دەسلەپ ئىككى
ھەپتىدەك دەرستىن چۈشۈپلا قورساقنى تويغۇزۇش ئۈچۈن مەكتەپ يېنىدىكى ھىندىلارنىڭ ھالال
دەپ خەت بار ئاشخانىسىدا تاماق يەيتىم،بۇ يەردە گۈرۈچ ۋە توخۇ گۆشى،كالا گۆشى ئەڭ ئاساسلىق
يېمەكلىك بولۇپ ھېسابلىناتتى،ئۇسۇزلۇققا مۇز قوشۇلغان لېمون چېيىنى ئەڭ ئاساسلىق قىلدىم.شۇ
چاغدىلا لەغمەنلەر،نارىن-چۆپلەر،پولو،ئۆپكە-ھېسىپ...قاتارلىق مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان
تائاملارنىڭ قەدرىنى بىلدىم.ئىككى ھەپتە بۇلارنىڭ گۈرۈچ ۋە توخۇ گۆشىنى يەۋېرىپ كېيىن
كۆرسەم ھۆ قىلغۇدەك ھالەتكە بېرىپ قالدىم،توخۇ گۆشىنىڭ تېشىدىن قارىسىڭىز ۋەتەندىكى
تونۇر كاۋاپلىرىنىڭ سىرتقى قىسمىغا ئوخشايتى،لېكىن يېسىڭىز ھېچقانداق تەمى يوق... بۇ
تاماقلاردىنمۇ چىقىپ كەتتىم،چۈشلۈكى تاماق يېمەيدىغان ھالەتكە كېلىپ قالدىم.


بىر سائەت ۋاقتنى يەنە خىيال سۈرۈش بىلەن توشقۇزىۋېتىدىغان
بولۇپ قالدىم.


چۈشتىن كېيىنلىك دەرس 2سائەتلا ئىدى.دەرستىن يېنىپ
يەنە ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئۆيگە قايتاتتىم،قورساق ئاچ بولغاچ تاماق ئېتىپ قورساقنى
توقلايتتىم.


تاپشۇرۇقلارنى ۋە يادىلاشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنى
قورو ئىچىدىكى باغچىغا چىقىپ ئىشلەيتتىم،ئۆيدە ئولتۇرۇپ قالسام تاپشۇرۇق قېلىپ ئىختىيارىسىز
كومپىيوتېرىم ئالدىغا كېلىپ دوستلىرىم بىلەن پاراڭلىشىشقا چۈشۈپ كېتەتتىم.


قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن تورغا
چىقىپ ئۇنىڭ بۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ كۈننى كەچ قىلىپ ئۇيقۇغا كېتەتتىم....


=======================================


ۋاقت قىس بولغاچ ھەمدە مەزمۇن بىر قەدەر كۆپ بولغاچ
بىرلا ۋاقتتا ھەممىنى يېزىپ بولالمىدىم ،داۋامى تېما ئاستىغا ئىكاس شەكلىدە ياكى يېڭى
تېما قىلىپ يوللىنىدۇ،كۆپچىلىكنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئارىمىزدا چەتئەلدە ئوقۇشنى ئويلاۋاتقان دوستلار
ئاز ئەمەس،چەتئەلدە ئوقۇش ھەققىدە توردىن جاۋاب تاپالمىغانلار ئېلخەت ئادىرسىمغا خەت
يازسا قولۇمدىن كېلىشىچە جاۋاب بېرىشكە قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىشكە،يول كۆرسىتىشكە
ھەقسىز ياردەمدە بولىمەن.(ۋاقتىمنىڭ يېتىشىچە)


ئېلخەت ئادىرسىم:AlkamAnwar@yahoo.com



Yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-31 10:14:32

...........................

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2012-5-31 10:38:30

داۋامىنى ساقلايمەن ، مەن مۇشۇنداق يازمىلارنى ئوقۇشقا بەك ئامراق . مىنىڭ ئارزۇيۇمنىڭ ئىچىدە بىر ئارزۇ چەتئەلگە چىقىپ ساپ ھاۋادىن نەپەس ئىلىپ ئاۋازىم پۈتۈپ قالغىچە ۋاقىراش


( تەيۋەن ۋە بارلىق ئاراللارجوڭگۇنىڭدەپ\"\" ). بۇ خىل ھىسياتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھازىرچە ئويلىيالمايمەن .



بۇ تىمىنى تاپالمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن ، ئىنكاسلارنىمۇ تولۇق ئوقۇپ چىقىڭ .


بۇيەرنى چېكىڭ

Algha يوللانغان ۋاقتى 2012-5-31 10:44:52

1- قەۋەتتىكى Yarkin92نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

...........................



ۋۇججۇن، بەك جىق گەپ قىلىۋېتىپسىزيا...

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2012-5-31 10:53:40

تەشەككۈر

بولسا مۇشۇنداق تەجرىبلىرىڭىز يەنە يوللاپ تۇرارسىز~

destiny يوللانغان ۋاقتى 2012-5-31 10:56:30

گۇاڭجودا تەكشۇرمەيلە ئۆتكۇزۋەتتىما .

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-5-31 10:59:26

ياخشى تېمىكەن، داۋامىنى مۇشۇ يەرگە ئىنكاس شەكىلدىلا يوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇنىڭدا بىرلا ئوقۇپ تۈگىتىشكە ئاسان بولىدۇ.

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-5-31 16:11:36

2- قەۋەتتىكى tirkaxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

داۋامىنى ساقلايمەن ، مەن مۇشۇنداق يازمىلارنى ئوقۇشقا بەك ئامراق . مىنىڭ ئارزۇيۇمنىڭ ئىچىدە بىر ئارزۇ چەتئەلگە چىقىپ ساپ ھاۋادىن نەپەس ئىلىپ ئاۋازىم پۈتۈپ قالغىچە ۋاقىراش


( تەيۋەن ۋە بارلىق ئاراللارجوڭگۇنىڭدەپ\"\" ). بۇ خىل ھىسياتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھازىرچە ئويلىيالمايمەن .



بۇ تىمىنى تاپالمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن ، ئىنكاسلارنىمۇ تولۇق ئوقۇپ چىقىڭ .


بۇيەرنى چېكىڭ



ۋاقتى كەلگەندە ئۇنداق ۋارقىراش سىزگە ھەرگىز خوشياقمايدۇ، خاتىرجەم بولۇڭ، چەتئەلدە خەنلەر سىزنى كۆرۈپ قالسا باغرىغا باسقۇدەك بولۇپ كېتىدۇ.


مەن چەتئەلدە تۆت يىل تۇرۇپ، شۇ يەرنىڭ پۇقرالىقىغا ئۆتۈش ئالدىدا تۇرغان كىشىلەرنىڭ يۈرەكزادىلىكىگە قاراپ، ياقامنى چىشلىۋەتكەن، 15 كۈن تۇرۇپ، يېنىپ كەلگۈچە تۆت كۆزۈم سەككىز بولۇپ كەتتى، ئۆيگە كىرىپ ئانامنى قۇچاقلاپ ئىككى مىنۇت گەپ قىلماي تۇردۇم...


شۇڭا جىق ئويلاپ كەتمەڭ.




bandit12 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-31 19:24:09

ياخشى تېما ، داۋامىغا تەشنامىز.
بەت: [1]
: چەتئەل ۋە چەتئەلگە قىزىقىش ھېكايەم