سىلتىسىي تۆمۈر بەت
silicon steel sheets
مەلۇم مىقداردا (%0.5~%4.5) سىلتىسىي ئارىلاشتۇرۇلغان سىلتىسىي- تۆمۈر قېتىشمىسى (Si-Fe) دىن ياسالغان سىلتىسىي تۆمۈر بېتى (ياپراقچىسى) بولسا، ترانسفورماتور، ئېلېكتىر ماتورلارنىڭ سىم ئورامى ئىچىگە ئېلىندىغان تۆمۈر ئۆزەك ماتېرىيالىدىن ئىبارەت، ئۇ مۇۋاپىق قارشىلىق، ماگىنىتنى ياخشى ئۆتكۈزۈشچانلىق قاتارلىق سانائەت ئىشلەپچىقىرىش شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.
تۈۋەندىكىسى، بېسىم ئۆزگەرتكۈچنىڭ تۆمۈر ئۆزىكىنى كېسىش جەريانىكەن، بىر سىن تۈگىسە ئۇلاپ چىقىدىغان سىندا كېيىنكى باسقۇچى باركەن:
سىلتسىي تۆمۈر ياپراقچىسى دېسە سەل قاملىشىدىغاندەك قىلىدۇ. بەت دېسە سىلتسىي تۆمۈر بەتتىن ياسالغان كىتاب بارلىققا كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ كىرىپتىمەن. قانداق قىلغاندا ئۆز- ئارا ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا ئىسىم ئىشلىتىش قولايلىق ۋە ئادەت بولىدۇ، دەپ بۇغۇمى ئاز سۆزلەرگە مايىل بولۇپ يۈرۈپتىمەن. مەن كىچىمدە بۇنەرسىنى چۇۋۇپ ئويناشقا ئامراق ئىدىم.
3- قەۋەتتىكى faithنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن كىچىمدە بۇنەرسىنى چۇۋۇپ ئويناشقا ئامراق ئىدىم.
مەنمۇ دائىم چۇۋۇيتۇم، بىراق چۇۋۇپ بۇلۇپ ئىشلىتىدىغان جاي تاپالماي بىر تالدىن ـ بىر تالدىن يۈتۈپ كىتەتتى ...

بەت:
[1]