zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 18:26:33

قۇربان بۇلغان مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى تىزىملىكى [كۆچۈرۈلمە]

سابىت بەگزات

سابىت بەگزات1918-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى 26يېشىدا مىللى ئىنقىلابىي ئارمىيەگە قاتنىشىپ،باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ،غەيرەت-شىجائەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىزۋوت كوماندىرلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن.ئۇ 1945-يىلى سىنتەبىردىكى مەشھۇر جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

   ياقۇپ ھەسەن

مەرھۇم ياقۇپ ھەسەن 1926-يىلى غۇلجا شەھەر ئۈچدەرۋازا مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى ئەمدىلا 18ياشقا كىرگەن ياقۇپ زەربىدارلىق بىلەن ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ،ئازادلىق كۈرىشىگە ئاتلانغان.شىددەتلىك جەڭلەر داۋامىدا باتۇرلۇق كۆرسەتكەن. ئۇ 1944-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ھەرەمبەغدىكى كەسكىن ئېلىشىشتا ئېغىر يارىلىنىپ،قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي،دوختۇرخانىدا قۇربان بولغان.

   مۇخپۇل روزى

مۇخپۇل روزىمۇ1926-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ،جەڭلەردە پىداكارلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىزۋوت كوماندىرى بولغان.1945-يىلى جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش جېڭىدە ئالاھىدە جانپىدالىق كۆرسىتىپ،قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان،شۇ چاغدا تېخى19 ياشقىمۇ كىرمىگەن ئىدى.

   ئەكبەر ئىبراھىم

مەرھۇم ئەكبەر ئىبراھىم 1929-يىلى چاپچال جاغىستايدا تۇغۇلغان.1944-يىلى 15يېشىدىلا كىچىكلىكىگە باقماي ئىنقىلابىي قوشۇنغا قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.مەرھۇم 1944-يىلى كۈزدىكى ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.

   ئىمىنجان مەخسۈت

ئىمىنجان مەخسۈت 1920-يىلى قەشقەر كونىشەھەردە دۇنياغا كەلگەن. گۆدەك چېغىدىلا ئاتا-ئانىسى بىلەن غۇلجىغا چىقىپ،قارادۆڭ مەھەللىسىدە ئولتۇراقلاشقان.1945-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،شۇ يىلى سىنتەبىردىكى شىخونى ئازاد قلىش جېڭىگە قاتنىشىپ،باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ،قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

   مۇ دېباۋ (خۇيزۇ)

  مۇ دېباۋ 1915-يىلى سۈيدۈڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى قولىغا قورال ئېلىپ،ئىنقىلاپقا قاتناشقان.شۇ يىلى11-ئايدىكى ھەرەمباغ سوقۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.

   مامۇت ئېلىيۇپ

مامۇت ئېلىيۇپ1920-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ،جەڭلەردە قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن.1945-يىلى كۈزدە ماناس دەرياسى بويىدىكى جەڭدە باتۇرلارچە قۇربان بولغان.

   مۇھەممەتجان

مەرھۇم مۇھەممەتجان 1918-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،كۆپ جەڭلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن مۇھەممەتجان 1945-يىلىدىكى شىخو ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

   مۇھەممەت ئەلى

مەرھۇم مۇھەممەت ئەلى 1927-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ ئالاقىچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.شىددەتلىك جەڭلەردە يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوقتىن قورقماي ئالاقىچىلىق قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەن.ھەرەمباغ سوقۇشىدا ئۆزىنىڭ ياش غۇنچىدەك ھاياتىنى خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن تەقدىم قىلغان.

   شىريازدان خالىق

شىريازدان خالىق 1908-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسىتىپ تەقدىرلەنگەن.غۇلجا ھەرەمباغ سوقۇشىدا قۇربان بولغان.

   توختاخۇن قادىر

مەرھۇم 1926-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى 11-ئايدا مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.1945-يىلى سىنتەبىردىكى شىخو ئۇرۇشىدا 19يېشىدا قۇربان بولغان.

   ھاجى ئەيسا

مەرھۇم 1901-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى ئىنقىلابقا قاتناشقان،ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان


  خۇداۋەردى

مەرھۇم خۇداۋەردى1924-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى دىكابىردا مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،خەلق ئازادلىقى ئۈچۈن جەڭلەردە پىداكارانە خىزمەت كۆرسىتىپ،1945-يىلى سۈيدۈڭدە باتۇرلارچە قۇربان بولغان.

   مۇھەممەت ئىمىن

مەرھۇم مۇھەممەت ئىمىن 1917-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى نويابىردا مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.1945-يىلىدىكى شىخو چوڭ سوقۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

   مۇتەللىپ

مەرھۇم مۇتەللىپ 1928-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى نويابىردا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەلىپى بىلەن ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،شۇ يىلى دېكابىردا 16يېشىدا ھەرەمباغ سوقۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

   ھۆسەيىن(خۇيزۇ)

مەرھۇم ھۆسەيىن 1924-يىلى 5-دېكابىردا غۇلجا شەھەر ئالتۇنلۇق مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى نويابىردا مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسىتىپ،ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان.1945-يىلى شىخو ۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

   مۇختار خېلىل

مەرھۇم مۇختەر خېلىل 1912-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.1945-يىلى غۇلجا ھەرەمباغ سوقۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

   نىيازوپ

مەرھۇم نىيازوپ 1924-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،نۇرغۇنلىغان غەلىبىلىك جەڭلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن.1948-يىلى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

   ئىبراھىم

مەرھۇم ئىبراھىم 1925-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،ئىقىلابىيتەشۋىقات ئىشلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن ئېلىپ بارغان .يىل ئاخىرى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

داۋامى بار


مەنبە: غۇلجا شەھەرلىك ئىنقىلابىي كومىتىت خەلق ئىشلار ئىدارىسى 1981-يىلى تۈزگەن "ئىنقىلابىي قۇربانلار ئەسلىمىسى"ناملىق كىتابچىدىن يوللاندى.

http://bbs.kangsay.com/read.php?tid-19917.html

totem يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 19:10:20

شېھىد بولغان ئەزىمەتلەر. \"\"

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 19:13:13

كۆپ  قىسمى ياشلا  باللاكەن .............ۋەتەن  ئۈچۈن  قان  تۆككەنلەر ئەبىدىي  ياشىسۇن !

eldos يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 22:52:09

شېھىتلەرنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن .

ئۇلارنى مەڭگۈ ياد ئېتىپ تۇرىمىز . ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئوقۇپ ، ئىلى دولقۇنلىرى ، ئانا يۇرت رومانلىرىدا تەسۋىرلەنگەن ئۇرۇشلار خىيالىمدىن كەچتى .

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 23:31:13

ئاشۇ كىشىلەر «موسكىۋا خياللىرى»، «ئاقساراي خىياللىرى»، «گىتلىر قوشۇنىدىكى ئۇيغۇر ئەسكەرلەر»
قاتارلىق ئەسەرلەردە تىلغا ئېلىنغان كىشىلەرگە قارىغاندا كۆپ بەختلىك ئىكەن، ئۇلار
ئۆز تۇپرىقىدا ئۆزىنىڭ ۋەتىنى، مىللىتى ئۈچۈن جەڭ قىلىپ شىھىتلەردىن بولۇپتۇ، ئەمما ئاۋۇ ئەسەردە
تىلغا ئېلىنغان كىشىلەر بولسا، يات ئەللەردە ۋەتەنسىز ھالەتتە، ئۆزىنىڭ كىم ئۈچۈن ئۇرىشىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلىپ
بولالماي، نۇرغۇن قۇربانلارنى بەرگەن ئىكەن\"\".

moyunchur يوللانغان ۋاقتى 2012-5-31 00:25:29

سىلەرنى مەڭگۈ ئەسلەيمىز !!!! ياتقان جايىڭلار جەننەتتە بولسۇن،.،.،.،.

Aqilghin يوللانغان ۋاقتى 2012-5-31 02:00:06

شېھىدلەر ئۆلمەس!

              سىلەر قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات!  

eskandar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-31 02:46:48

سۈيىمەن سىنى ئويغۇر....

maguro يوللانغان ۋاقتى 2012-5-31 05:19:15

ۋەتەن ئۈچۈن ئىپلاس دۇشمەنگە قارشى جەڭ قىلىپ ، شىھىت بولغان ئەزمەتلەر، سىلەر بەخىتلك، .ئۈلىمىڭلار شەرەپلىكتۇر!!

ياتقان يىرىڭلار جەننەت بولسۇن ، شىھىتلەر !

كاللامغا مۇشۇنىڭدىن باشقا گەپ كەلمىدى.

تىما يوللىغىچىنىڭ ئەجىرىگە كۆپ رەھمەت !!!

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-5-31 08:07:20

4- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاشۇ كىشىلەر «موسكىۋا خياللىرى»، «ئاقساراي خىياللىرى»، «گىتلىر قوشۇنىدىكى ئۇيغۇر ئەسكەرلەر»
قاتارلىق ئەسەرلەردە تىلغا ئېلىنغان كىشىلەرگە قارىغاندا كۆپ بەختلىك ئىكەن، ئۇلار
ئۆز تۇپرىقىدا ئۆزىنىڭ ۋەتىنى، مىللىتى ئۈچۈن جەڭ قىلىپ شىھىتلەردىن بولۇپتۇ، ئەمما ئاۋۇ ئەسەردە
تىلغا ئېلىنغان كىشىلەر بولسا، يات ئەللەردە ۋەتەنسىز ھالەتتە، ئۆزىنىڭ كىم ئۈچۈن ئۇرىشىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلىپ
بولالماي، نۇرغۇن قۇربانلارنى بەرگەن ئىكەن\"\".




موسكىۋا خىياللىرىدا تىلغا ئېلىنغان قەھىرمانلارمۇ ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغان. يەتتە سۇ ۋادىسىمۇ ئاشۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى. خېلى كۆپ ئۇيغۇرلار سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ ۋەتەن قەھىرمانى شەرىپىگە ئېرىشكەن، بەزى كوچىلارغا شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نامى بېرىلگەن.


ئاق ساراي خىياللىرى، ھىتلېر قوشۇندىكى ئۇيغۇر ئەسكەرلەر ۋە يوقاردا تىلغا ئېلىنغان قەھىرمانلارنىڭ كىم ئۈچۈن، نېمە ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغانلىقى شۇلارنىڭ ئۆزىگە ئېنىق. ھەممىسىنىڭ نىشانى بىر ئىدى. ئۇلار مۇشۇ زىمىننىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن جان بەرگەن. ئەمما ئاخىردا ئېرىشكەن نەتىجە ھەممىسنىڭ ئوخشاش.

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2012-5-31 09:22:47

\"\"

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-5-31 10:01:32

ۋەتەننىڭ ھەممە يېرىنى سۆيىمەن لىكىن يېقىنقى زامان تارىخمىزدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ كۆپ قۇربان بولغان ئەزىمەتلەرنى يېتىشتۇرگەن ئىلى ۋە قۇمۇلنى ئاجايىپ ئەزىز بىلىمەن ،تۇرپاننىمۇ ھەم. تېخى قۇمۇلغا بېرىپمۇ باقمىدىم .اللە خالىسا كۈزدە تۇرپان، قۇمۇل ،غۇلجىنى بىر ئايلىنىپ كېلىشنى ئويلاۋاتىمەن .

Yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-31 10:04:02

قايسى كىنودىكى رەسىم ئاۋۇ؟  @tumaq

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-5-31 13:03:50

最后的城堡 دىگەن كىنونى بىر كۈرۈپ بېقىڭلار.

yadikar920 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-31 20:17:14

بىزنىڭ خەلقىمىز نىمە دىگەن باتۇر مىللەت ھە   

سىلەرنى خەلقىمىز مەڭگۈ  ئەسلەپ تۇرىدۇ

.ئ ياتقان يېرىڭلار جەننەتتە بۇلسۇن  سىلەرگە ئاپىرىن

zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-31 21:31:18

داۋامى---(باشقۇرغۇچىلار داۋامىنى باش قىسمىغا قۇشۇپ قۇيۇڭلار)



  تۇرسۇن توختى

تۇرسۇن توختى 1925-يىلى غۇلجا شەھەر قارادۆڭ مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.19يېشىدا ئىنقىلابقا قاتناشقان.1944-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېلىپ بېرىلغان گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى قاتتىق ئېلىشىش بولغان لەڭشاڭ ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

   ئابدۇرېھىم موللاخۇن

مەرھۇم ئابدۇرېھىم موللاخۇن1929-يىلى غۇلجا شەھەر قارادۆڭ مەھەللىسىدە تۇغۇلۇپ،1946-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتناشقان.نۇرغۇن شىددەتلىك جەڭلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ،1949-يىلى 9-ئايدا شىخودا باندىتلارنى تازىلاش جېڭىدە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

   روزىيۇپ ئابدۇراخمان

مەرھۇم روزىيۇپ ئابدۇراخمان 1920-يىلى غۇلجا شەھەر سۇدەرۋازا مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى 12-ئايدا مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،نۇرغۇن جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.1945-يىلى جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.

   شاكىرجان زاھىر

مەرھۇم شاكىرجان زاھىر 1928-يىلى غۇلجا شەھەر ئايدۆڭ مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1949-يىلى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،1953-يىلى11-ئايدا ئالتايدا باندىت تازىلاش سوقۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

   ھەمرا غۇلام

مەرھۇم ھەمرا غۇلام 1895-يىلى غۇلجا شەھرىنىڭ ناغرىچى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،يىل ئاخىرىدا غۇلجا ئايرۇدۇرۇمىدا بولغان سوقۇشتا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.

   ھۈسەنجان ھېبىبۇللا

مەرھۇم ھۈسەنجان ھېبىبۇللا1915-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

   تۇرسۇن تاجى

مەرھۇم تۇرسۇن تاجى1930-يىلى موڭغۇلكۇرەدە تۇغۇلغان.1948-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،روتا كوماندىرىنىڭ مۇھاپىزەتچىسى بولغان.1950-يىلى تاشقورغان ناھىيىسىنىڭ چېگرىسىدىن گومىنداڭ قالدۇق كۈچلىرى تۇتۇپ كەتكەن.

   غوپۇر ۋىلەم

مەرھۇم غوپۇر ۋىلەم 1914-يىلى غۇلجا شەھەر دۆڭمەھەللىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،غۇلجا لەڭشاڭ سوقۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

   ئىمىن مۇھەممەت

مەرھۇم ئىمىن مۇھەممەت1919-يىلى قەشقەردە تۇغۇلۇپ،كىچىگىدىلا ئىلىغا چىقىپ،غۇلجا شەھرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە ئولتۇراقلاشقان.1944-يىلى نۇيابىردا مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،شۇ يىل ئاخىرىدىكى غۇلجا ئايدۇرۇمىدىكى جەڭدە باتۇرلارچە قۇربان بولغان.

   داۋۇت كېرىم

مەرھۇم داۋۇت كېرىم1924-يىلى غۇلجا شەھرىنىڭ قارادۆڭ مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتناشقان.1945-يىلى يىل بېشىدىكى لەڭشاڭ سوقۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.

   بەختى

مەرھۇم بەختى 1925-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،نۇرغۇن جەڭلەردە پىداكارلىق كۆرسەتكەن. 1945-يىلى كۈزدە مەشھۇر شىخو ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

   قاۋۇل مۆمىن

مەرھۇم قاۋۇل مۆمىن1930-يىلى غۇلجا شەھەر دۆڭمەھەللىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى5-ئايدا گومىنداڭغا ئەسكەرلىككە تۇتۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا گومىنداڭنىڭ چاڭگىلىدىن قېچىپ قۇتۇلۇپ،مىللى ئىنقىلابقا پىدائى بولۇپ قاتنىشىپ،كۆپ باتۇرلۇق كۆرسەتكەن ۋە ئودلىنىيە كوماندىرى بولغان.1945-يىلى ئاقسۇ كونىشەھەردىكى جەڭدە قەھرىمانلارچە قۇېبان بولغان.

   ئابدۇكېرىم

مەرھۇم ئابدۇكېرىم1914-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،شۇ يىلى 12-ئايدا غۇلجا ھەرەمباغ سوقۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.

   ئىسمايىل

مەرھۇم ئىسمايىل1921-يىلى غۇلجا شەھەر ھاجىبولۇس مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،نۇرغۇنلىغان جەڭلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ،خىزمەت كۆرسەتكەن.ئازادلىقتىن كېيىنمۇ كۆپلىگەن پايدىلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.1955-يىلى بۆرىتالادا بىر مەجلىستىن قايتىپ چىقىشىغا غايىپتىن تەككەن ئوق بىلەن قۇربان بولغان.

   مۇخپۇللام

مەرھۇم مۇخپۇللام1921-يىلى غۇلجا شەھرىنىڭ ئالتەشۇئار مەھەللىسىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ،1944-يىلى مىللى ئىنقىلاب سېپىگە قاتناشقان.نۇرغۇن جەڭلەرگە قاتنىشىپ باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.1945-يىلى سىنتەبىردىكى شىخو ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

   ئىلياس

مەرھۇم ئىلياس1928-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،نۇرغۇن جەڭلەردە خىزمەت كۆرسەتكەن.ئىزۋوت كوماندىرى بولغان.1945-يىلىدىكى شىخو ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

   ھوشۇر مامۇت ھاجى

مەرھۇم ھوشۇر مامۇت ھاجى 1919-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتناشقان.شۇ يىلى يىل ئاخىرىدىكى ھەرەمباغ سوقۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.

   تۇرسۇن مۇسا

مەرھۇم تۇرسۇن مۇسا1925-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتناشقان.نۇرغۇنلىغان شىددەتلىك جەڭلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ،پىداكارلىق كۆرسەتكەن.1953-يىلى قۇمۇلنىڭ شىۋىرغان تېغىدا باندىت تازىلاش جەريانىدا قۇربان بولغان.

   مەھەممەت رازىق

مەرھۇم مەھەممەت رازىق1926-يىلى جىڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،نۇرغۇن خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن.1945-يىلىدىكى جىڭ ناھىيەسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

     خۇدابەردى جامال

مەرھۇم خۇدابەردى جامال1919-يىلى غۇلجا شەھرىنىڭ تۆپچى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،بىر ئايدىن كېيىن ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان.

   مامۇت ھېلىم

مەرھۇم مامۇت ھېلىم غۇلجا شەھىرىنىڭ تۆپچى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى 11-ئايدا مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،شۇ يىلى غۇلجا شەھەر ئاچالدا بولغان جەڭدە قۇربان بولغان.

   سامساق ئەخمەت

مەرھۇم سامساق ئەخمەت غۇلجا شەھرىنىڭ تۆپچى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ،1945-يىلى 2-ئايدا مىللى ئىنىقىلابقا قاتنىشىپ،1946-يىلى مىللى ئارمىيە قارمىقىدا ئاقسۇغا چۈشۈپ،ئاقسۇدىكى جەڭدە باتۇرلارچە قۇربان بولغان.

   ئىسھاقجان

مەرھۇم ئىسھاقجان غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان بولۇپ،1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتناشقان. 1945-يىلى 1-ئايدا گومىنداڭ جااللاتلىرى تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشۈپ ۋەھشىلەرچە چاناپ ئۆلتۈرۈلگەن.

   ئابدۇرېھىم ئىبراھىم

مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئىبراھىم1919-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان.1945-يىلى مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ،سىنتەبىردىكى شىخو ئۇرۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.

   ساۋۇرجان مەرۇپ

مەرھۇم ساۋۇرجان مەرۇپ1926-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىلى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،شۇ يىلى دىكابىردىكى غۇلجا ھەرەمباغ سوقۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

   ئابلىمىت

مەرھۇم ئابلىمىت1919-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا ئىنقىلابقا قاتنىشىپ.1945-يىلى بۆرىتالا ئارشاڭ ئۇرۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.

   ياسىن ئەخمەت

مەرھۇم ياسىن ئەخمەت1919-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،1945-يىلىدىكى غۇلجا لەڭشاڭ ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

   تۇرسۇن

مەرھۇم تۇرسۇن1918-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.1945-يىلى جىڭ ناھىيىسىنىڭ باجاخۇ رايونىدا دۈشمەن ئايرۇپىلانىنىڭ بومباردىمانىدا قۇربان بولغان.

   رەجەپ

مەرھۇم رەجەپ1907-يىلى3-ئايدا غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،ئىزۋوت كوماندىرى،روتا كوماندىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن.1945-يىلى غۇلجا لەڭشاڭ ئۇرۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.

   ئىبراھىمجان

مەرھۇم ئىبراھىمجان1919-يىلى قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،شۇ يىلى 12-ئايدا غۇلجا ھەرەمباغ سوقۇشىدا قۇربان بولغان

http://bbs.kangsay.com/read.php?tid-20022.html

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2012-5-31 22:25:28

اللە ئادىل! ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر...

شېھىتلەرنىڭ ياتقان يېرى فىردەۋىستە بولسۇن ئامىين!

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-1 10:14:37

\"\"

MVXVK يوللانغان ۋاقتى 2012-6-1 16:53:49

ھۆرمەت سالىمىدىن بىرنى يوللىدىم

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2012-6-2 01:36:16

قۇرلارنى ئوقۇۋىتىپ بىر خىل سىمالار كۆرىنىپ كەتتى كۆزلىرىمگە... چوڭ دادامنىڭ ئىيتىپ بىرىشىچە شۇنداق قاتتىق جەڭلەر بوپتىكەن، بەزىدە ئاكۇپلاردا ئۇزاققا سوزۇلغان تىركىشىشلەر بولۇپ كىتەتتىكەن، دۈشمەننىڭ ئاكۇپلىرىمۇ شۇنداق يىقىن ئارلىقتا بولغاندا، بەزىدە بىر تال چۆپنى چىقارسىڭىزمۇ بىر پاي ئوق كىلىپ يۇلۇپ كىتەتتىكەن...



ئار-نومۇسى ئۈچۈن ئىسسىق قىنىنى بەرگەن شۇ قەھىرمانلىرىمىزنى سىغىنىمەن، ئاللاھتىن ئۇلارنىڭ ياتقان يىرىنىڭ جەننەت بولۇشىنى تېلەيمەن!
بەت: [1] 2
: قۇربان بۇلغان مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى تىزىملىكى [كۆچۈرۈلمە]