bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 16:21:52

«بەيتۇللاھ» مانا بۇ يەردە

بۈگۈن مېجەزىم يوق ئۆيدە يېتىپ قالغان، شۇنداقتىمۇ ئېغىر بەدىنىمنى يەڭگىل قىلىپ مۇنبەرگە نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئويلىغانلىرىمنى جۆيلۈگۈم كەلدى. نەچچە ئايىڭ ئالدىدا بىر توردىشىمىز «ھازىرقى ھاجىملار ھەجگە بېرىپ كەلگۈچە، شۇ يەرگە ئىشلەتكەن خىراجەتنى ئاغرىپ قېلىپ داۋالىنالمىغان ئاجىزلارغا ياردەم قىلغان بولسا ياخشى بولاتتى» دەپ بىر تېما يوللىغاندەك يادىمدا بار. ئۇنىڭدىن كىيىن باشقىلارنىڭ ئىمانىغا تون پىچىش مودا بولدى، بۇ ئىش تور بىلەنلا قالماي ئەمەلى تۇرمۇشىمىزغىمۇ يېتىپ كەپتۇ.

ئىزدىنىشتىكى تورداشلار بىرلىكتە ئۈرۈمچى كوچىسىدا يېتىپ قالغان ئايالنى يوقلاپ كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسى بىر تونۇشۇم كەپ قالدى، ئۇ تونۇشۇمنىڭ كۆڭلى ياخشى، قول ئىلكىدىمۇ بار ئىدى، ئەمما بىر ئاجىز يېرى ئۆزى ھۆرمەت قىلىدىغان بىر قارىمنىڭ ئاغزىدىن چىققان گەپنى شۇ پېتى ئىجرا قىلاتتى، بۇ كۈنىمۇ ئىككەيلەننىڭ ئارسىدا مۇنداق بىر سۆھبەت بولۇپ ئۆتتى:

ئۇ: پاسپورىت بىجىرىپ ھەج قىلىپ كېلەي دىگەن، ماترىياللىرىنى نەخلەپ بەرگەن بولسىلا.

مەن: ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە بۇ بىر مۈشكۈل ئىش، بۇ ئىشنى بىجىرىش ئۈچۈن ئادەم دىتىگە ياقمايدىغان خاتا يول (ئارقا ئىشىك)دا مېڭىپ قالىدىغان گەپ، سىلى جاپا تارتقۇچە شۇ يولغا ئىشلىتىدىغان پۇلنى ئىقتىسادى قىيىنچىلىق تۈپەيلى داۋالىنالمايۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن سەرىپ قىلغان بولسىلا ياخشى بولاتتى.

ئۇ: ئادەم قادىر بولالىغان تۇرۇقلۇق ھەجگە بارمىسا بولمايدۇ.

مەن: ھەجگە بېرىشنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق شەرتى بار، 30مىڭ يۈەن پۇل تاپقانغىلا شەرىت ئادا بولىدىغان ئىش يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ھەدىستىن كۆرسەم ‹ئىنسان ئاخىرەتكە بارغاندا ئاللاھ ئىنساندىن سورايدىكەن: ئەي ئىنسان، مەن ئاغرىپ قالغاندا سەن مېنى يوقلىمىدىڭ، بەندە ئاللاھتىن سورايدىكەن: ئەي ئاللاھ، سەن ھەممىگە قادىردۇرسەن، سەن قانداقسىگە ئاغرىپ يېتىپ قالسەن؟، ئاللاھتائالا دەيدىكەن: پالانى ۋاقىتتا پالانى كارۋاتتا ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان بەندەم دەل مەن شۇ ئىدىم، سەن مېنى يوقلىمىدىڭ› (مەن بۇ ھەدىسنى ‹ياخشىلارنىڭ باغچىسى› دىگەن كىتابتىن كۆرگەن، مېجەزىم يوق بولۇش ھەم ئۇ كىتابنىڭ ئېلىكتىرونلۇق نۇسخىسى ئۆيۈمدىكى كومپىيوتېردا يوق بولۇش سەۋەپلىك تولۇق يوللىيالمىدىم، بۇ ھەدىسنى كۆرگەن تورداشلار يوللاپ قويسا)، ئادەتتە پۇل-مال ياردەم قىلمايمۇ كېسەلنى يوقلاپ كۆڭلىگە تەسەللى بەرگەنلىكنىڭ ساۋابى ئاللاھنى يوقلىغانلىق بىلەن باراۋەر بولىدىكەن، شۇ ئاجىزغا داۋالىنىش جەھەتتە بېرىلگەن ئىقتىسادى ياردەمنىڭ ساۋابىنى ئاللاھ ئىگەم بىر ئۆزى بىلىدۇ، تۈنۈگۈن تورداشلىرىم ئۈرۈمچى كوچىسىدا يېتىپ قالغان بىر ئايالنى يۆلەپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىپ، ئەتىسى يوقلاپ بېرىپ داۋالىنىش جەھەتتە ئاز بولسىمۇ ياردەم قىپتۇ، سىلىمۇ شۇنداق يەرلەرگە ياردەم قىلغان بولسىلا ياخشى بولاتتى.

ئۇ: ئۇ ئايال مۇسۇلمانمىكەن؟ ياردەم قىلىدىغان كىشىنىڭ مۇسۇلمان ياكى ئەمەسلىكىگە قارايمىز. مۇسۇلمان بولسا ياردەم قىلساق بولىدۇ. ***قارىم شۇنداق دىگەن.

مەن: ئىنسانغا باشقىلارنىڭ ئىمانىغا ھۆكۈم قىلىدىغان ھوقۇقنى كىم بېرىپتىكەن؟ سىلىچە ئۇ ئايالنىڭ مۇسۇلمان ياكى ئەمەسلىكىگە كىم گۇۋاھ بېرەر؟ ئۇ قارىمچە بولغاندا بىز شۇ ئايالنىڭ ئىمانىغا نىسبەتەن ئىشەنچىلىك بىر ئۇچۇرغا ئېرىشكۈچە ئۇنىڭ بېشىدا قاراپ تۇرىمىزمۇ؟ ئەگەر ئۇ يېتىپ قالغۇچى سىلىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولۇپ قالسىچۇ؟

ئۇ: ئىشقىلىپ ***قارىم شۇنداق دىگەن، ئادەم قۇدرىتى يېتىپ تۇرۇپ ئۆمرىدە بىر قېتىم ھەجگە بارمىسا بولمايدۇ.

مەن: مەن بارمايمەن، ئاللاھ بەرگەن ئىقتىسادنى توغرا يولىغا ئىشلەتمىسەك كىيىن ھىسابىنى بېرەلمەي قالىمىز، ئاللاھ نىمە ئۈچۈن بەندىنى بەندىگە ھاجەتمەن قىلىپ قويدى؟ چۈنكى قول ئىلكىدە بار بەندىسىگە بېرىپ ئاجىز بەندىسىنىمۇ ئۇنىڭغا يانداشتۇرۇپ ئاۋۇ باي بەندىسىنى سىنىدى، ھازىر ھەج قىلىش بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە ھاجىم دىگەن ئاتاقنى ئېلىش ئۈچۈن زىبىيو ئېلىشقا باردىغان يول بوپ قالدى، مەن ئۆزۈمنىڭ قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە ئاجىزلارنى يوقلاۋېرەي، مېنىڭ ھاجىم دىگەن ئاتاقنى ئالغۇممۇ يوق.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەندىن رەنجىگەندەك قىلىپ كېتىپ قالدى، بىراق ئۇنىڭ «مۇسۇلمان بولسا ياردەم قىلىمىز» دىگەن گېپى يادىمدىن كەتمىدى، شىنجاڭ كوچىسىدا كېسەل سەۋەبىدىن ئاغرىپ يېتىپ قالغان بىر ئۇيغۇر ئايالنى ئىمانىغا ھۆكۈم قىلغاندىن كىيىن مۇسۇلمان بولسا يۆلەپ قويساق بولارمۇ ياكى ئىمانىغا پەتىۋا تاپالمىساق يېنىدىن كارىمىز بولماي كېتىپ قالساق بولارمۇ؟

بۇ يىل باللار بايرىمى يېتىپ كېلەي دىدى، سىڭلىم ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا باللار بايرىمىلىق پائالىيەت ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلىرىغا بىرەر ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيىتقان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۆيدىكىلەر مەسلىھەتلىشىپ ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا (يەسلى ئوقۇغۇچىلىرى، ھەممىسى 5-6ياشلىق ئوماق باللار) دەپتە-قەلەم ئېلىپ بېرىشنى، يەنە قەغەز گۈل ياساپ بېرىشنى مەسلىھەتلەشتۇق. تۈنۈگۈن مىسرانىم تورىدىن قەشقەردىكى بىر كىچىك قىزنىڭ ئاغرىپ يېتىپ قالغانلىقىنى، ئىقتىسادى جەھەتتە قىينىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆيدىكىلەرگە بۇ گەپنى دىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ قىزنىمۇ يوقلاپ كېلىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قەشقەردىن دەپتەر-قەلەم ئېلىپ كېلىشنى دىدى ۋە مېجەزىم يوق بولغاچقا ئىنىمنى ئەۋەتتى، ئۇ بايا تېلىفۇن قىىلپ ئۇ قىزنى يوقلاپ كەلگەنلىكىنى ئېيىتتى، ئاللاھقا شۈكرى دىدىم، ھەر نىمە بولسا ھاياتلىقىمىزدا شۇ نارسىدىگە ياردەم قىلىشقا نىسىپ قىپتۇ، كۆڭلۈمدە شۇنداق بىر خىل خۇشاللىق تۇيغۇسى بار، ئويلاپ باقسام ئاللاھ نىسىپ قىلسا بۇ يىل ھاياتىمدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك «باللار بايرىمى» نى ئۆتكۈزۈگۈدەكمەن، ئىنىمنىڭ گەپلىرى قىززىق: «نىسىپ بولسا شۇ يېزىدىكى كىچىك باللارغا دەپتەر قەلەم تارقىتىپ بەرسەم چىھرىدە خۇشاللىق ئەكىس ئەتسە، شۇ دەپتەرلەرگە چىرايلىق خەتلەرنى يېزىپ ئۈگۈنۈش قىلسا، يەنە تېخى ئۇلارنىڭ بايراملىق پائالىيەتلىرىنى رەسىمگە تارتىپ چىقىرىپ بەرسەم»، ئىشقىلىپ ئىچىمدە بىر خىل خۇشلۇق بار، ھەر نىمە بولسا ئاغرىق ئازابىدا ياتقان بىر قىزنىڭ بايرىمىنى ئاز بولسىمۇ ئۆز كۆڭلىمىزنى ئىپادىلەپ تەبرىكلەپ كەلدۇق.

تېمامنى خۇلاسىلەي: مەن دۇكىنىمدا ئىش قىلغاچ تالاي كىشىلەرنىڭ ھەج قىلىش ئۈچۈن ئارقا ئىشىك قىلغىلى گېپىنى ئىپادىلىيەلمەي يېزىپ ئەكەلگەن خەتلىرىنى ئىرادەمگە خىلاپ ھالدا تەرجىمە قىلىپ بەردىم، ئۇنىمسام ئۇلارنىڭ چىرايىدىكى يېلىنىش ئالامەتلىرى ئەكىس ئەتسىلا يەنە ئاچچىقىمدا دىگىنىدەك قىلىپ بەردىم، بەزىلىرىگە دىدىم:

بۇنداق جاپا تارتىپ ئىرادەڭلارغا خىلاپ ئىش قىلىپ ھەج قىلىپ نىمە كەپتۇ؟ قاراڭلار، ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىشقا، يول ياساشقا، كۆۋرۈك سېلىشقا، ئاجىزلارغا ياردەم قىلىشقا باشقىلارغا يېلىنىش كەتمەيدۇ، ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ئىش قىلىمەن دىسەڭلار يول ئوچۇق، گەپ سىلەرنىڭ بۇ سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان ياكى ئۆتەلمەيدىغانلىقىڭلاردا.

تۆۋەندە مەن مىسرانىم تورىغا يوللانغان مۇراجىئەتنامىنىڭ ئادرىسىنى يوللاپ قوياي، تورداشلار، قۇربىتىڭلار يەتسە ئۇ كىچىك نارسىدىنىڭ بايرىمىنى ئازغىنە كۆڭلۈڭلار بولسىمۇ تەبرىكلەپ قويۇڭلار، پەقەت بولمىسا ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ شىپا تېپىشى ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلىڭلار. «بەيتۇللاھ» مانا بۇ يەردە

http://bbs.misranim.com/thread-79449-1-1.html

مەنبە:باپكار خاتىرلىرى

sabi1130 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 17:55:50

ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز ئەلادىن بىرى كەتتى... مىنىڭمۇ كاللامدىن ئۆتمەيتى تېخى ئۈرۈمچىدىكى ئىسلامىي مەكتەپلەرگە كىرىش ئۈچۈنمۇ خېلى ئارقا ئىشىكلەردىن ئۆتۇپ ئاندىن كىردىكەن نىمە بۇپ كەتتى بۇ جەمىيەت ئاللاھ ئۆزىڭىزگە ئامانەت

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 18:18:39

بەندە ئاللاھتىن سورايدىكەن: ئەي ئاللاھ، سەن ھەممىگە قادىردۇرسەن، سەن قانداقسىگە ئاغرىپ يېتىپ قالسەن؟ ئاللاھتائالا دەيدىكەن: پالانى ۋاقىتتا پالانى كارىۋاتتا ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان بەندەم دەل مەن شۇ ئىدىم، سەن مېنى يوقلىمىدىڭ›

مۇشۇ سۆزلەر تەسىر قىپ قالدى، رەھمەت سىزگە.

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 18:40:52

توغرا ساۋاب ئشلار ئەتراپىمىزدا ، ئاللاھ يولىدا خەيرى - ئىھسان قىلساق ھەرەمگە بەش - ئالتە قىتىم بىرىپ كەلگەن ئاتالمىش بەزى بىر ‹‹ ھاجىم ›› لاردىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا ئىگە بولىمىز .

بۇ تىمىنى تاپالمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن ، ئىنكاسلارنىمۇ تولۇق ئوقۇپ چىقىڭ .

بۇيەرنى چېكىڭ

totem يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 19:03:28

رەمەتلىك زوردۇن سابىر ئاكىمىزنىڭ«ھاجىم تۇغرىسىدىكى ئېغۋالار»دىگەن كاتتا بىر ھېكايىسى بۇلىدىغان.

almas333 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 19:05:41

مىڭ يىللار مابەينىدە ئەجدادلىرىمىز سەپەر قىينچىلىقىغا قارىماي ھەج قىلىپ كەلگەن،شۇ ۋاقىتلاردىمۇ ئەتراپىدا قىيىنچىلىق تارتىۋاتقانلار شۇنداق كۆپ ئىدى.ئەجىبا ئەجدادلىرىمىز شۇنداق دۆتمىدۇ؟سىز ئوتتۇرىغا قويغان مۇشۇنچىلىك ئىشنىمۇ چۈشەنمەيدىغان؟

ھەج قىلىش بىلەن ئاجىزلارغا ياردەم قىلىش ئىككىسى ئىككى مەسىلە.ئاجىزلارغا ياردەم قىلىش بولسا ئەخلاق ۋە ۋىجدان مەسىلىسى. مەيلى دىنغا ئېتقاد قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن نورمال ئىنسان بولىدىكەن بۇلارنىڭ ئاجىزلارغا ياردەم قىلىش بۇرچى بولىدۇ.بۇ ھەقتە دۇنيادىكى 6مىليارتتىن كۆپ ئىنساننىڭ قارىشى بىردەك.

ھەج قىلىش بولسا يالغۇز ئاللاغا ئىبادەت قىلىشلا بولماستىن، بەلكى پۇتۈن دۇنيادىكى قۇربى يەتكەن مۇسۇلمانلار بىرگە يىغىلىپ، ئۆز-ئارا تونۇشىدۇ،پىكىر ئالماشتۇرىدۇ،ئۆز-ئارا ئۆگىنىدۇ،بىرلىكتە تەنتەنىلىك مۇراسىمغا قاتنىشىپ ،ئىپتىخارلىق ھىسىياتنى ئۇرغۇتىدۇ. ئەينى ۋاقىتلاردىمۇ نۇرغۇن ئالىملىرىمىز ھەج قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ،نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ كېلىپ ،بىزگە يەتكۈزگەن. بىر كىشى ھەرقانچە ئەقىللىق بولسىمۇ،ھەممە نەرسىنى بىلىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس،پەقەت ئۆز-ئارا ئۇچرىشىىش،پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئاندىن ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرگىلى بولىدۇ.

يۇقارقى قاراش مەلۇم كۈچلەرنىڭ مەنپەئەتىگە تولىمۇ ئۇيغۇن بولغاچقا ،مەلۇم ساددا قېرىنداشلىرىمىز شۇلارنىڭ دېپىغا بىلىپ-بىلمەي ئۇسۇل ئويناپ قېلىۋاتىدۇ.

قارىغاندا پۇتبول مەيدانىكى 40مىڭ كىشىلىك ھىسىياتىنڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدىغانلار كۆپ ئوخشايدۇ. شۇلارمۇ 30-40سومدىن بېلەت ئېلىپ مۇسابىقە كۆرگەن پۇلنى ئاجىز-يىتىملارغا ياردەم قىلسا ساۋابىىنڭ چوڭ بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 19:29:33

5- قەۋەتتىكى almas333نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن كۆرگەن ئىشلارنى سىز كۆرمىگەندىكىن بۇنداق سۆزلىشىڭىز تەبىئى.

چاغان مەزگىلىدە پۇقرالار ئىچىدىن قانداقلارنىڭ ئەڭ ئالدىراش بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلسىڭىز ھەرگىز بۇنداق دىمەيتىڭىز.

Hakhkhani يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 19:33:23

تالاي كىشىلەرنىڭ ھەج قىلىش ئۈچۈن ئارقا ئىشىك قىلغىلى گېپىنى ئىپادىلىيەلمەي يېزىپ ئەكەلگەن خەتلىرىنى ئىرادەمگە خىلاپ ھالدا تەرجىمە قىلىپ بەردىم، ئۇنىمسام ئۇلارنىڭ چىرايىدىكى يېلىنىش ئالامەتلىرى ئەكىس ئەتسىلا يەنە ئاچچىقىمدا دىگىنىدەك قىلىپ بەردىم، بەزىلىرىگە دىدىم:

بۇنداق جاپا تارتىپ ئىرادەڭلارغا خىلاپ ئىش قىلىپ ھەج قىلىپ نىمە كەپتۇ؟ قاراڭلار، ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىشقا، يول ياساشقا، كۆۋرۈك سېلىشقا، ئاجىزلارغا ياردەم قىلىشقا باشقىلارغا يېلىنىش كەتمەيدۇ، ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ئىش قىلىمەن دىسەڭلار يول ئوچۇق، گەپ سىلەرنىڭ بۇ سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان ياكى ئۆتەلمەيدىغانلىقىڭلاردا.

-----------------

مېنىڭ بىلىشىمچە، بەزى ئەرەپلەر(ۋاھابىلار) ئۆزلىرىنىڭ ۋاھابى ئېديىسىنى باشقا مىللەتلەرگە تەشۋېق قىلىش ئۈچۈن، ئەرەپ مەدەنىيىتىنى باشىقىلارغا تەشۋېق قىلىش ئۈچۈن ھەج قىلغۇچىلارغا پۇل بېرەرمىش. بەزى كىشىلەر ئىمانى ئۈچۈن ئەمەس، پۇل ئۈچۈن ھەج تاۋاب قىلغىلى قايتا-قايتا بارارمىش. بۇ گەپ راسمۇ-يالغان، تورداشلار ئايرىپ بەرگەن بولسا، يەنە ئۆسەك گەپلەرگە قايمۇقۇپ يۈرمەي.

elwida يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 19:34:36

تىمىنىڭ تىمىسىدىكى لاۋزىلىقنى دىمەيلا قۇياي !

hezine يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 19:34:51

مەن ئويلايمەن ئۇرۇق-تۇغقان، قوشنىلىرى كۈلپەت تارتىۋاتسا، كارى يوق ھەج قىلىدىغان ئىشنى تەقۋا ئاتالغان كىشى ئالدىراپ قىلمايدۇ. تېمىڭىزدا مىسال ئالغان كىشىلەرگە كەم بولىۋاتقىنى ئىلىم. يەنى ياخشى ئەمەللەرنىڭمۇ ئىبادەتكە ئوخشاش مۇھىملىقىنى بىلدۈرگىدەك ئىلىم.

     لېكىن بۇ يەردە ئاسانلا تالاش-تارتىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نۇقتا «ھەج قىلغۇچە باشقا ياخشى ئىش قىلسىچۇ» دېگەن جۈملە. ئىسلامنىڭ ئاساسلىرىدىن بولغان بەش پەرھىزنىڭ بىرى، قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە پەزىلەت ۋە ساۋابلىرى قايتا-قايتا تەكىتلەنگەن «ھەج»  بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە قانداق بولۇپ بۇنداق تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈپ قالدى ؟!  قايسىدۇر بىر ئۆلىما(ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن) زامانىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنى ئەھۋالىنى سۈپەتلەپ «ھازىرقى مۇسۇلمانلاردىكى ئەڭ چوڭ كىرزىس ئىبادەتكە ئەھمىيەت بېرىپ ئەخلاققا ئەھمىيەت بەرمەسلىك ۋە ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىپ ئىبادەتكە ئەھمىيەت بەرمەسلىكتۇر» دەپ ئېيتقان.  ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق يۇقىرىقى سۆزنىڭ نەقەدەر توغرىلىقىنى ھېس قىلىمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇسۇلمان، لېكىن يۇقىرىقى ئىككى خىل سۈپەتتىكى كىشىلەر ئەڭ كۆپ قىسىمنى تەشكىل قىلىدۇ. كىشىنى ئەيمىندۈرىدىغان،ھۆرمىتىنى قوزغايدىغان،مۆئمىن ئاتىلىشقا لايىق كىشىلەر يەنىلا ئاز.

    بىرسى نامازنى،روزىنى قويماي ئادا قىلىدۇ، قولىدىن تەسۋىي چۈشمەيدۇ، ساقىلى شۇنداق ياراشقان. ئەمما يالغانچىلىق ،تاماخورلۇق، كىشىنىڭ ھەققىنى يېيىشتىن قورقماسلىقتەك خېلى-خېلى ئىللەتلەر تېپىلىدۇ. ئاز بولمىغان كىشىلەر مۇسۇلماننىڭ ئوبرازىنى شۇلاردىن ئېلىپ، ئىسلامغا دۆڭگەيدۇ؛   يەنە بىرسى ناماز،روزىدىن يىراق، لېكىن ھېلىقى دەسمايە سۆز ئېغىزىدىن چۈشمەيدۇ :«دىلدا بىلسە بولدى!!!!» . چۈنكى ئۇنداقلار ئۆزىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىگە ئىشىنىدۇ، «ناماز،روزىنى ئادا قىلمىساممۇ ،يالغانچى نامازخاندىن ئارتۇقمەن» دەپ ئۆزىگە تەسەللىي بېرىدۇ. بەزىلىرى ھەتتا نامازنى ئىنكار قىلىپ ئىمانىدىن ئايرىلغىنىنىمۇ بىلمەي يۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەر ئىككى خىلدىكىسى لاياقەتسىز مۇسۇلمانلاردۇر.

    شۇنىڭ بىلەن ھەج قىلىشقا ئوخشاش مەسىلىلەر چىقسا تالاش باشلىنىدۇ. بىرسى جەمىيەتتىكى مۇسۇلمانلىق بۇرچىنى ئويلاشماي، ھەجدىن بۇرۇنقى شەرتلىرىنى ئادا قىلماي ھەج قىلىمەن دەيدۇ. يەنە بىرسىنىڭ نەزىرىدە ھەج قىلىش دېگەن «مەككىگە بېرىپ كېلىش»تەك ئاددىيلا بىر ئىش، پۇل ئىسراپ قىلغانلىق.   تالاشنىڭ ئاخىرى چىقمايدۇ.

    مەنچە ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەر بولسا ،ياردەم بېرەلەيدىغان،«ھەج قىلىشقا قۇربى يېتىدىغان» كىشىلەرگە مەجبۇرىيىتىنى بىلدۈرۈپ قويايلى. ھەج قىلىشقا تەييارلىقى پۈتكەن كىشى بولسا پەرھىزىنى ئادا قىلغىلى قويايلى. ھەممە ئىش ئۆز يولىدا بولسۇن.

almas333 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 19:37:35

ماددى گادايلىقتىن مەنىۋى گادايلىق يامان. ھەجگە بېرىشىنىڭ تەسلىشىپ كېتىشنىڭ سەۋەبىنى مەندىن ياخشى چۈشىنىسىزغۇ دەيمەن؟!

almas333 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 19:50:29

7- قەۋەتتىكى Hakhkhaniنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

-----------------

مېنىڭ بىلىشىمچە، بەزى ئەرەپلەر(ۋاھابىلار) ئۆزلىرىنىڭ ۋاھابى ئېديىسىنى باشقا مىللەتلەرگە تەشۋېق قىلىش ئۈچۈن، ئەرەپ مەدەنىيىتىنى باشىقىلارغا تەشۋېق قىلىش ئۈچۈن ھەج قىلغۇچىلارغا پۇل بېرەرمىش. بەزى كىشىلەر ئىمانى ئۈچۈن ئەمەس، پۇل ئۈچۈن ھەج تاۋاب قىلغىلى قايتا-قايتا بارارمىش. بۇ گەپ راسمۇ-يالغان، تورداشلار ئايرىپ بەرگەن بولسا، يەنە ئۆسەك گەپلەرگە قايمۇقۇپ يۈرمەي.

=================================================

ئالدى بىلەن ماۋۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالايلى؟

ئالدىنقى تېمىدا دەككە يەپ چىقىپ كەتكەن\" ساختا ناسارا\" تورداش سىزمۇ ئەمەس؟ئالدى بىلەن تەنتەنىلىك ھالدا بىر جاكالىۋېتىڭە!سىز مۇسۇلمانمۇ ئەمەس؟ ئاندىن سۇئالىڭىزغا جاۋاپ بېرەيلى!

almas333 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 20:17:03

تېما يېزىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ،«ساختا ناسارا»لارمۇ ئىنكاس يىزىپ ئۈلگۈرۇپتۇ. ماۋۇHakhkhani دىگەن تورداش ئۆزىنىڭ ناسارا ئىكەنلىگىنى ئېنىق جاكارلىغان. ئىشەنمىسەڭلار قاراپ بېقىڭلار! «ئىككى مىڭ يىللىق دۇنيا تارىخنى قايتا يېزىشقا توغرا كېلىدۇ » دىگەن تېمىدا 7-8 بەتتىكى ئىنكاسلىرىدا ماۋۇHakhkhani دىگەن تورداش ئۆزىنىڭ ناسارا ئىكەنلىگىنى ئاشكارا جاكارلىغان.

ئەمدى بۇ مەسىلىدە ئۆلىما ئەجدادلرىمىز بىلەن بىر سەپتە تۇرامسىلەر ياكى ناسارالار بىلەنمۇ؟ ئۆزەڭلار قارار قىلىڭلار!

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 20:58:50

ئۇ ھەققانى دىگەن ئازغۇن باشقا نام بىلەن كىرىپ ئىنكاس يىزىشنى ئۇنتۇپ قاپتۇ .

sevinch يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 21:04:06

جىق گەپلەرنى قىلماقچىتىم،خەزىنە دەپ بوپتۇ.

سوئال: ھەج ئىبادىتىنىڭ پايدىلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

ئاللاھ تائالا ئىنسانلار ئارىسىدا كىمنىڭ بۇيرۇلغان ئەمەللەرنى گۈزەل توغرا ئۇسلۇبتا قىلىدىغانلىقىنى سىناش ئۈچۈن ھىكمەت بىلەن تۈرلۈك ئىبادەتلەرنى يولغا قويدى، ئىنسانلارنىڭ مەقسەت - مۇددىئالىرى ھەر خىل بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئىبادەتلەرنى قوبۇل قىلىشى ۋە ئادا قىلىشى ھەرخىل بولدى، بەزەن ئىبادەتلەرنى تېزلىكتە ئادا قىلسا، بەزەن ئىبادەتلەرگە سەل قارىدى، ھەقىقى مۆمىن خاھىشىغا مۇۋاپىق كەلمىسىمۇ ھەممە ئىشتا ئاللاھغا بويسۇنىدۇ.

ئىبادەتلەرنىڭ تۈرلۈك بولىشى بىلەن ئىسلام پرنسىپلىرىمۇ تۈرلۈك بولىدۇ، بەزەن ئىبادەتلەر نامازغا ئوخشاش بەدەنى بولۇپ بۇ جىسىمنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئەمەلىي ھەركەت قىلىش بىلەن بولىدۇ، بەزىلىرى رامىزان روزىسىغا ئوخشاش بەدەنى بولسىمۇ ئۇ كۆڭۈل خاھىشى ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەردىن ئۆزىنى چەكلەش بىلەن بولىدۇ، بەزىلىرى زاكاتقا ئوخشاش مالغىلا خاس بولىدۇ يەنە بەزىلرى ھەجگە ئوخشاش بەدەنى ھەم مالى بولىدۇ.

ھەج ئىبادىتى جىسمى ۋە مالىيە جەھەتتىكى مۇشەققەتلىك بىرلەشكەن ئىبادەت بولغاچقا، باشقا ئىبادەتلەرگە نىسبەتەن كۆپرەك جاپا چىكىش ۋە سەپەر قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ، مۇسۇلمان ھاياتىدا بىرقېتىم قىلىشقا بۇيرۇلغان، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەج قىلىشقا ماددى ۋە مەنىۋى، جىسمانى تەرەپتىن قادىر بولۇش شەرت قىلىنغاندۇر. شەرىئەتتىكى ئومۇمى ئىبادەتلەردە ئادا قىلىشقا قادىر بولۇش شەرت قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ شەرت ھەج ئىبادىتىدە ناھايتى مۇھىمدۇر، ھەج قىلىشنىڭ ئىنسانغا ئەكىلىدىغان پايدىلىرىنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلايمىز:

1- ھەج قىلىش ئىسلامنىڭ مۇھىم پرىنسىپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەج ئىبادىتىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئىبادەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

2- ھەج قىلىش ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئاللاھ تائالا قۇرئاندا ھەجنى جىھاد ئايەتلىرىگە ئۇلاشتۇرۇپ بايان قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە: «ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاياللارمۇ جىھاد قىلامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ھە-ئە، ئاياللارمۇ جىھاد قىلىدۇ، لېكىن ئۇ ئۇرۇش قىلىنمايدىغان جىھاد يەنى ھەج - ئۆمرە قىلىش دەپ جاۋاپ بەرگەن».

3- ھەجنى شەرىئەت كۆرسەتمىسى بويۇنچە قىلغان كىشىگە كاتتا ئەجىر بېرىلىدىغانلىقىدۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە: «توغرا قىلىنغان ھەجنىڭ مۇكاپىتى جەننەت بولىدۇ» دېيىلگەن. يەنە بىر ھەدىستە: «كىمىكى ھەج پائالىيەتلىرى جەريانىدا گۇناھ ئىشلىمەستىن ۋە يامان سۆز قىلماستىن ھەج قىلىدىكەن، ئۇ خۇددى ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈندىكىكە ئوخشاش بولۇپ قايتىدۇ». ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەج - ئۆمرە قىلغۇچىلار ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى، ئۇلار دۇئا قىلسا ئىجابەت قىلىنىدۇ، ئىستىغپار تەلەپ قىلسا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ» ( نەسائىي ۋە ئىبنى ماجە دىن).

4- ھەجدە تەلبىيە ئېيتىش، كەبىنى تاۋاپ قىلىش، ساپا- مەرۋە ئارىسىدا مېڭىش، ئەرەپاتتا تۇرۇش، مۇزدەلىپىدە قونۇش، شەيتانلارغا تاش ئېتىش قاتارلىق پائالىيەتلەردە ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىش، كاتتىلاش ۋە دىنى شۇئارلارنى ئاشكارا قىلىش قاتارلىق ئىشلار ھاسىل بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «ھەقىقەتەن كەبىنى تاۋاپ قىلىش، ساپا-مەرۋە ئارىسىدا مېڭىش، شەيتانلارغا تاش ئېتىش قاتارلىق ئىشلار ئاللاھنىڭ زىكرىنى نامايەندە قىلىش ئۈچۈن ئىجرا قىلىنىدۇ».

5- ھەج جەريانىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلار ئۇچرىشىپ، دوستلۇق ئورنىتىپ، ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر- بىرىگە نەسىھەت قىلىپ ياخشىلىققا يېتەكلەيدۇ.

6- مۇسۇلمانلار بىرلا ۋاقىت، بىرلا ئورۇندا بىرخىل شەكىلدە ئوخشاش كىيىنىپ ئاللاھغا باش ئىگىپ تۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئىنسانىيەتنىڭ باپ-باراۋەرلىكىنى ئاشكارا قىلىدۇ.

7- ھەج مەزگىلى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۆز- ئارا دىنى ۋە دۇنياۋى مەنپەئەت ئالماشتۇرۇش دەۋرى بولۇپ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەر ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان (دىنى ۋە دۇنياۋى) مەنپەئەتلەرنى كۆرسۇن»، بۇ دىنى ۋە دۇنياۋى ئومۇمى مەنپەئەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

8- ھەجدە پەرز قىلىنغان ۋە ئىختىيارى قىلىنغان قۇربانلىق بىلەن ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى كاتتىلاش، تائام قىلىپ يېيىش، پېقىر - مىسكىنلەرگە سەدىقە قىلىش. باشقىلارغا ھەدىيە قىلىشتىن ئىبارەت كۆپ مەنپەئەتلەر ھاسىل بولىدۇ. ھەج، خالىس نىيەت بىلەن ھەج قىلغۇچىنى گۇناھ-مەسىيەتتىن پاكىزلىغىنىدەك، يوقسۇللۇق ۋە پېقىرلىقتىنمۇ تازىلايدۇ. ھەجنىڭ پايدىلىرى ۋە ھېكمىتى ئىنتايىن كۆپتۇر.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار توپلىمى(24239).

Yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 21:37:19

7- قەۋەتتىكى Hakhkhaniنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تالاي كىشىلەرنىڭ ھەج قىلىش ئۈچۈن ئارقا ئىشىك قىلغىلى گېپىنى ئىپادىلىيەلمەي يېزىپ ئەكەلگەن خەتلىرىنى ئىرادەمگە خىلاپ ھالدا تەرجىمە قىلىپ بەردىم، ئۇنىمسام ئۇلارنىڭ چىرايىدىكى يېلىنىش ئالامەتلىرى ئەكىس ئەتسىلا يەنە ئاچچىقىمدا دىگىنىدەك قىلىپ بەردىم، بەزىلىرىگە دىدىم:

بۇنداق جاپا تارتىپ ئىرادەڭلارغا خىلاپ ئىش قىلىپ ھەج قىلىپ نىمە كەپتۇ؟ قاراڭلار، ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىشقا، يول ياساشقا، كۆۋرۈك سېلىشقا، ئاجىزلارغا ياردەم قىلىشقا باشقىلارغا يېلىنىش كەتمەيدۇ، ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ئىش قىلىمەن دىسەڭلار يول ئوچۇق، گەپ سىلەرنىڭ بۇ سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان ياكى ئۆتەلمەيدىغانلىقىڭلاردا.

-----------------

مېنىڭ بىلىشىمچە، بەزى ئەرەپلەر(ۋاھابىلار) ئۆزلىرىنىڭ ۋاھابى ئېديىسىنى باشقا مىللەتلەرگە تەشۋېق قىلىش ئۈچۈن، ئەرەپ مەدەنىيىتىنى باشىقىلارغا تەشۋېق قىلىش ئۈچۈن ھەج قىلغۇچىلارغا پۇل بېرەرمىش. بەزى كىشىلەر ئىمانى ئۈچۈن ئەمەس، پۇل ئۈچۈن ھەج تاۋاب قىلغىلى قايتا-قايتا بارارمىش. بۇ گەپ راسمۇ-يالغان، تورداشلار ئايرىپ بەرگەن بولسا، يەنە ئۆسەك گەپلەرگە قايمۇقۇپ يۈرمەي.

========

100% يالغان گەپ...

بەش مولارنىڭ تاپقان گېپى...

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 21:50:03

يوقىلە ماڭ!

تەپرىقىچىلىك قىلىغان چوشقىلارنى ۋاختىدا بىر  تەرەپ قىلساقكەن.

erturk يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 21:54:58

بىرسى قوپۇپ بىر بۇددىستلار دۆلىتىنى «جەننەت بۇ يەردە» دېسە، بىرسى قوپۇپ، «بەيتۇللاھ بۇ يەردە» دەپ ھاياجان بىلەن مۇبالىغە قىلىۋاتقان...  ھە بۇ دېگەن ئەدەبىي سۆز ئويۇنى دەپ چۈشىنىپ تۇرايلى ھازىرچە. ئىنكاستىكى مەقسەت بۇ ئەمەس.  

بۇ ھەج ئىشى ھازىر بەسلىشىش بىلەن رەڭلىنىۋاتقان، پارىخورلارنى سەمرىتىۋاتقان، پاك ياشاپ كەلگەنلەرنى دەسلىۋىدىلا ھارام بىلەن بۇلغاۋاتقان، ھېچ ئىلاجى يوق ئارمان بىلەن قالغان قېرىلارنى زار-زار يىغلىىتىۋاتقان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. ھۆكۈمەتمۇ ھەر يىلى 3000 دىن كۆپ سان بېرىۋاتىدۇ، ئەمما بارىدىغان ئادەم يىلدىن يىلغا كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە شەرتى توشىدىغان، توشمايدىغانلىرىمۇ بار، كىشىلەر ھازىر دىنىي شەرتلەرنى ئانچە ھېسابقا ئالمايدىغان، ھۆكۈمەتنىڭ شەرتلىرىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ھېچنېمىگە قارىماي تىرىشىدىغان ۋەزىيەتكە قەدەم قويدى. مەيلى قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاپ ھەج قىلغان بولسۇن، ئاللاھ ئاۋۋال شۇ كىشىنىڭ قەلبىگە قارايدۇ دەپ چۈشىنىش كېرەك، پارا بېرىپ ھەج قىلسا ھەجى قوبۇل بولمايدۇ دېسەك، تەڭدى تولا ھاجىلرىمىزنىڭ ھەجى ئىناۋەتكە ئۆتمىگەن بولىدۇ، ئۇلارنىڭ قانچىلىك بەدەللەرنى تۆلىگەنلىكىنى، قانچىلىك ۋىجدان ئازابى تارتقانلىقىنى كىم بىلىدۇ؟ بىچارىلەر ھەرەم دەپ بۇقۇلداپ يىغلايدۇ، كۆڭلىدە ھەر قانچە گۇناھ قىلساقمۇ ئەرافات تېغىغا چېغىپ بىر دۇئا قىلساق ئاللاھ كەچۈرىدۇ دەپ ئويلايدۇ، ئاسان ئەمەس، ھېچكىمگە ئاسان ئەمەس!  ھەجدىن بۇرۇن كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلغان كىشىلەر ھاجى بولغاندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشىلىق قىلىدىغان بولىدۇ. مەقبۇل بولغان ھەجنىڭ ئالامىتى شۇكى، بۇ ھەج شۇ كىشىنىڭ ھاياتىدا زور بۇرۇلۇش ياسايدۇ، ئىلگىرىكى گۇناھىغا قايتمايدىغان بولىدۇ، مىسكىنلەرگە بۇرۇنقىدىن كۆپ ياردەم بېرىشكە ئالدىرايدۇ.

نام-ئاتاق، ئابرۇي ئۈچۈن ھەج قىلىپ، ھەرەمگە بېرىپ ياتاقتىن چىقماي ئۇخلاپ، ئىبادەتلەرگە تولۇق قاتناشماي، قاتناشسىمۇ مۈگدەپ، ئەسنەپ، چىۋىن قورۇپ يېنىپ كەلگەنلەرنىڭ ئىمانى ھەتتا سۇسلىشىپ كېتىدۇ، كۆڭلىدە ھەرەممۇ تايىنلىقكەن دەيدۇ(نەئۇزۇبىللا)، ھاجىلىق شەرىپىنى بۇلغاۋاتقانلار ئاساسەن مۇشۇنداق ئادەملەر، خەق چىقىدىكەن، قانداقراق يەردۇر دەپ چىقىپ، ساياھەت قىلغاندەك چۆگىلەپ،  مال سېتىۋېلىپ يېنىپ كىرىدىغانلارمۇ بار تېخى. شۇڭا بۇ بىر قىسىم ئادەملەرگە قاراپلا ھاجىملار بىلەن سەنئەتچىلەرنىڭ ئىناۋىتى قالمىدى، دەپ ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىگىلى بولمايدۇ. خەير-ساخاۋەتنى ھەج تاۋابنىڭ ئورنىغا قويغىلى بولمايدۇ. مۇقەددەس بەيتۇللاھنى ھەر قانداق بىر يەرگە، قانداقتۇر تەڭرىتاغ، ھېيتگاھ... لار بىلەن تەڭ كۆرگىلى بولمايدۇ. ئاللاھ قەيەرنى ئەزىزلىگەن، قەيەرنى مۇقەددەس جاي بولۇشقا تاللىغان ئىكەن، ھەر قانداق مۇسۇلماننىڭ ئۇ يەرنى قەدىرلەش مەجبۇرىيىتى بار، زېمىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بولغان بىلەن، بەيتۇللاھ پۈتۈن  دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ. شۇڭا سەئۇدى پادىشاھىمۇ ئۆزىنى «ئىككى ھەرەمنىڭ خىزمەتكارى» دەپ ئاتايدۇ.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 22:20:39

9- قەۋەتتىكى hezineنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

     مەن ئويلايمەن ئۇرۇق-تۇغقان، قوشنىلىرى كۈلپەت تارتىۋاتسا، كارى يوق ھەج قىلىدىغان ئىشنى تەقۋا ئاتالغان كىشى ئالدىراپ قىلمايدۇ. تېمىڭىزدا مىسال ئالغان كىشىلەرگە كەم بولىۋاتقىنى ئىلىم. يەنى ياخشى ئەمەللەرنىڭمۇ ئىبادەتكە ئوخشاش مۇھىملىقىنى بىلدۈرگىدەك ئىلىم.

لېكىن بۇ يەردە ئاسانلا تالاش-تارتىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نۇقتا «ھەج قىلغۇچە باشقا ياخشى ئىش قىلسىچۇ» دېگەن جۈملە. ئىسلامنىڭ ئاساسلىرىدىن بولغان بەش پەرھىزنىڭ بىرى، قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە پەزىلەت ۋە ساۋابلىرى قايتا-قايتا تەكىتلەنگەن «ھەج»  بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە قانداق بولۇپ بۇنداق تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈپ قالدى ؟!  قايسىدۇر بىر ئۆلىما(ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن) زامانىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنى ئەھۋالىنى سۈپەتلەپ «ھازىرقى مۇسۇلمانلاردىكى ئەڭ چوڭ كىرزىس ئىبادەتكە ئەھمىيەت بېرىپ ئەخلاققا ئەھمىيەت بەرمەسلىك ۋە ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىپ ئىبادەتكە ئەھمىيەت بەرمەسلىكتۇر» دەپ ئېيتقان.  ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق يۇقىرىقى سۆزنىڭ نەقەدەر توغرىلىقىنى ھېس قىلىمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇسۇلمان، لېكىن يۇقىرىقى ئىككى خىل سۈپەتتىكى كىشىلەر ئەڭ كۆپ قىسىمنى تەشكىل قىلىدۇ. كىشىنى ئەيمىندۈرىدىغان،ھۆرمىتىنى قوزغايدىغان،مۆئمىن ئاتىلىشقا لايىق كىشىلەر يەنىلا ئاز.

بىرسى نامازنى،روزىنى قويماي ئادا قىلىدۇ، قولىدىن تەسۋىي چۈشمەيدۇ، ساقىلى شۇنداق ياراشقان. ئەمما يالغانچىلىق ،تاماخورلۇق، كىشىنىڭ ھەققىنى يېيىشتىن قورقماسلىقتەك خېلى-خېلى ئىللەتلەر تېپىلىدۇ. ئاز بولمىغان كىشىلەر مۇسۇلماننىڭ ئوبرازىنى شۇلاردىن ئېلىپ، ئىسلامغا دۆڭگەيدۇ؛   يەنە بىرسى ناماز،روزىدىن يىراق، لېكىن ھېلىقى دەسمايە سۆز ئېغىزىدىن چۈشمەيدۇ :«دىلدا بىلسە بولدى!!!!» . چۈنكى ئۇنداقلار ئۆزىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىگە ئىشىنىدۇ، «ناماز،روزىنى ئادا قىلمىساممۇ ،يالغانچى نامازخاندىن ئارتۇقمەن» دەپ ئۆزىگە تەسەللىي بېرىدۇ. بەزىلىرى ھەتتا نامازنى ئىنكار قىلىپ ئىمانىدىن ئايرىلغىنىنىمۇ بىلمەي يۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەر ئىككى خىلدىكىسى لاياقەتسىز مۇسۇلمانلاردۇر.

شۇنىڭ بىلەن ھەج قىلىشقا ئوخشاش مەسىلىلەر چىقسا تالاش باشلىنىدۇ. بىرسى جەمىيەتتىكى مۇسۇلمانلىق بۇرچىنى ئويلاشماي، ھەجدىن بۇرۇنقى شەرتلىرىنى ئادا قىلماي ھەج قىلىمەن دەيدۇ. يەنە بىرسىنىڭ نەزىرىدە ھەج قىلىش دېگەن «مەككىگە بېرىپ كېلىش»تەك ئاددىيلا بىر ئىش، پۇل ئىسراپ قىلغانلىق.   تالاشنىڭ ئاخىرى چىقمايدۇ.

مەنچە ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەر بولسا ،ياردەم بېرەلەيدىغان،«ھەج قىلىشقا قۇربى يېتىدىغان» كىشىلەرگە مەجبۇرىيىتىنى بىلدۈرۈپ قويايلى. ھەج قىلىشقا تەييارلىقى پۈتكەن كىشى بولسا پەرھىزىنى ئادا قىلغىلى قويايلى. ھەممە ئىش ئۆز يولىدا بولسۇن.

17- قەۋەتتىكى erturkنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىرسى قوپۇپ بىر بۇددىستلار دۆلىتىنى «جەننەت بۇ يەردە» دېسە، بىرسى قوپۇپ، «بەيتۇللاھ بۇ يەردە» دەپ ھاياجان بىلەن مۇبالىغە قىلىۋاتقان...  ھە بۇ دېگەن ئەدەبىي سۆز ئويۇنى دەپ چۈشىنىپ تۇرايلى ھازىرچە. ئىنكاستىكى مەقسەت بۇ ئەمەس.  

بۇ ھەج ئىشى ھازىر بەسلىشىش بىلەن رەڭلىنىۋاتقان، پارىخورلارنى سەمرىتىۋاتقان، پاك ياشاپ كەلگەنلەرنى دەسلىۋىدىلا ھارام بىلەن بۇلغاۋاتقان، ھېچ ئىلاجى يوق ئارمان بىلەن قالغان قېرىلارنى زار-زار يىغلىىتىۋاتقان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. ھۆكۈمەتمۇ ھەر يىلى 3000 دىن كۆپ سان بېرىۋاتىدۇ، ئەمما بارىدىغان ئادەم يىلدىن يىلغا كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە شەرتى توشىدىغان، توشمايدىغانلىرىمۇ بار، كىشىلەر ھازىر دىنىي شەرتلەرنى ئانچە ھېسابقا ئالمايدىغان، ھۆكۈمەتنىڭ شەرتلىرىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ھېچنېمىگە قارىماي تىرىشىدىغان ۋەزىيەتكە قەدەم قويدى. مەيلى قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاپ ھەج قىلغان بولسۇن، ئاللاھ ئاۋۋال شۇ كىشىنىڭ قەلبىگە قارايدۇ دەپ چۈشىنىش كېرەك، پارا بېرىپ ھەج قىلسا ھەجى قوبۇل بولمايدۇ دېسەك، تەڭدى تولا ھاجىلرىمىزنىڭ ھەجى ئىناۋەتكە ئۆتمىگەن بولىدۇ، ئۇلارنىڭ قانچىلىك بەدەللەرنى تۆلىگەنلىكىنى، قانچىلىك ۋىجدان ئازابى تارتقانلىقىنى كىم بىلىدۇ؟ بىچارىلەر ھەرەم دەپ بۇقۇلداپ يىغلايدۇ، كۆڭلىدە ھەر قانچە گۇناھ قىلساقمۇ ئەرافات تېغىغا چېغىپ بىر دۇئا قىلساق ئاللاھ كەچۈرىدۇ دەپ ئويلايدۇ، ئاسان ئەمەس، ھېچكىمگە ئاسان ئەمەس!  ھەجدىن بۇرۇن كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلغان كىشىلەر ھاجى بولغاندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشىلىق قىلىدىغان بولىدۇ. مەقبۇل بولغان ھەجنىڭ ئالامىتى شۇكى، بۇ ھەج شۇ كىشىنىڭ ھاياتىدا زور بۇرۇلۇش ياسايدۇ، ئىلگىرىكى گۇناھىغا قايتمايدىغان بولىدۇ، مىسكىنلەرگە بۇرۇنقىدىن كۆپ ياردەم بېرىشكە ئالدىرايدۇ.

نام-ئاتاق، ئابرۇي ئۈچۈن ھەج قىلىپ، ھەرەمگە بېرىپ ياتاقتىن چىقماي ئۇخلاپ، ئىبادەتلەرگە تولۇق قاتناشماي، قاتناشسىمۇ مۈگدەپ، ئەسنەپ، چىۋىن قورۇپ يېنىپ كەلگەنلەرنىڭ ئىمانى ھەتتا سۇسلىشىپ كېتىدۇ، كۆڭلىدە ھەرەممۇ تايىنلىقكەن دەيدۇ(نەئۇزۇبىللا)، ھاجىلىق شەرىپىنى بۇلغاۋاتقانلار ئاساسەن مۇشۇنداق ئادەملەر، خەق چىقىدىكەن، قانداقراق يەردۇر دەپ چىقىپ، ساياھەت قىلغاندەك چۆگىلەپ،  مال سېتىۋېلىپ يېنىپ كىرىدىغانلارمۇ بار تېخى. شۇڭا بۇ بىر قىسىم ئادەملەرگە قاراپلا ھاجىملار بىلەن سەنئەتچىلەرنىڭ ئىناۋىتى قالمىدى، دەپ ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىگىلى بولمايدۇ. خەير-ساخاۋەتنى ھەج تاۋابنىڭ ئورنىغا قويغىلى بولمايدۇ. مۇقەددەس بەيتۇللاھنى ھەر قانداق بىر يەرگە، قانداقتۇر تەڭرىتاغ، ھېيتگاھ... لار بىلەن تەڭ كۆرگىلى بولمايدۇ. ئاللاھ قەيەرنى ئەزىزلىگەن، قەيەرنى مۇقەددەس جاي بولۇشقا تاللىغان ئىكەن، ھەر قانداق مۇسۇلماننىڭ ئۇ يەرنى قەدىرلەش مەجبۇرىيىتى بار، زېمىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بولغان بىلەن، بەيتۇللاھ پۈتۈن  دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ. شۇڭا سەئۇدى پادىشاھىمۇ ئۆزىنى «ئىككى ھەرەمنىڭ خىزمەتكارى» دەپ ئاتايدۇ.  

باشقا گەپكە ھاجەت قالماپتىغۇ، يۇقۇرىدىكى 2 ئىنكاسنى قايتا -قايتا ئوقۇۋەتتىم.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 22:33:04

ئىزدىنىشنىڭ مۇشۇ يەرلىرىگە كۆيىمەن!

بىدار قۇتلانغا ئەگەشتىم.
بەت: [1] 2 3
: «بەيتۇللاھ» مانا بۇ يەردە