abdulla74 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-29 17:04:26

خەنزۇلارنىڭ ئەل ئىچى رېتسىپىدىن 53 پارچە[تەرجىمە]

توردا خەنزۇچىسىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ، بىكار ۋاقىتلىرىمدا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقتىم، بۇ رېتسىپلارنىڭ زادى قانچىلىك ئۈنۈمى بارلىقىنى ئۇقمايمەن، بەزىلىرى بەكلا مۇبالىغىلەشتۈرۈۋېتىلگەندەك. يەنە بەزى رېتسىپلارغا دىنىمىزدا چەكلىنىدىغان ياكى مىللىتىمىزدە ئىستېمال قىلىنمايدىغان خۇرۇچلار ئىشلىتىلىپتۇ. ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.



1.               
ھاراق تاشلاش: ئازراق
تېتىتقۇنى سۇدا ئېرىتىپ، ئۇنىڭغا ئىككى سەر ئۆرۈك مېغىزىنى چىلاپ ساقلاپ، ھاراققا
ئىككى تېمىم تېمىتىۋەتكەندىن كېيىن ئىچسە، ھاراق تاشلىغىلى بولىدۇ.





2.               
تاماكا
تاشلاش: سىپارى (binlang槟榔)نى تېشىپ، ئىچىگە ئازراق نىكوتىن سېلىپ،
ئۈستىگە سۇ قۇيۇپ ئىككى كۈندىن كېيىن ئېلىپ سايىدە قۇرۇتىمىز. تاماكا خۇمارى
تۇتقاندا ئۇنى پۇرىسا بولىدۇ (ئەمەلىيەتتە، ھاراق-تاماكىنىڭ زىيىنىنى ھەقىقىي
تونۇپ يەتكەن كىشىگە يۇقىرىقى چارىلەرنىڭ ھاجىتى يوق).





3.                  
مەستلىكتىن
يېشىش: ئاچچىقسۇ، ئاق شېكەر، چايدىن 100 گىرامدىن ئارىلاشتۇرۇپ، مەستلەشكەن
(پەسلەشكەن) كىشىگە ئىچۈرۈۋەتسە، مەستلىكتىن يېشىلىدۇ (لېكىن، ھاراقتىن بۇلغانغان
روھىنى پاكلاش ئۇنچە ئاسان ئەمەس).





4.                  
چىشنى
ئاقارتىش: چىش پاستىسىغا ئازراق سودا قوشۇپ چىش چوتكىلىسا، ئۈچ قېتىمدىلا چىش
ئاقىرىدۇ، چىش دېغى چۈشۈپ كېتىدۇ.





5.                  
ئېغىز
پۇرىقىنى يوقىتىش: كۈندە ئۈچ قېتىمدىن چاي چايناپ بەرسە، ئېغىزنى خۇشپۇراق قىلىدۇ،
ئۈچ كۈندىن كېيىن ئېغىز پۇرىماس بولىدۇ.





6.                  
ئۈنى
پۈتۈپ قالغاندا: ئاتسېتىن (ئاچچىقسۇ جەۋھىرى)دىن 50 گىرام، ئاق شېكەردىن 50
گىرامنى 250 گىرام سوغۇق سۇغا سېلىپ چالغىتىپ، ئالدىرىماي ئىچىپ بەرسە، بىر
كۈندىلا ساقىيىپ كەتكەي. ئەھۋالى ئېغىرلار ئاخشىمى ئىككى قېتىم كۆپ ئىچسە بولىدۇ.





7.                  
چوڭ
تەرەت قېتىۋالسا: بارماقچىلىك چوڭلۇقتىكى سۇڭپىيازدىن بىر بوغۇم كېسىپ، كۈنجۈت
مېيىغا مىلەپ، مەقەتكە كىرگۈزۈپ، مەقەت ئىچىنى مايلاپ بەرسە بولىدۇ. ئۇزۇن يىللىق
كېسەللىك ئالامىتى بارلار كۈنجۈت مېيى ئورنىغا ئاچچىسۇ جەۋھىرى ئىشلەتكەي.





8.                  
تەڭگە
تەمرەتكە (جاھىل تەمرەتكە): يېرىم جىڭ گۈرۈچ ئاچچىقسۈيىگە پوستى سويۇۋېتىلگەن
قارىغاي ئۇرۇقىدىن بىر سەرنى چىلاپ ئىككى كۈن قويغاندىن كېيىن، كۈندە ئۈچ چېتىمدىن
يەرلىك ئورۇنغا سۈرتۈپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ. ئاپېلسىن پوستى تالقىنىدىن بىر قوشۇققا
كۈنجۈت مېيىدىن يېرىم قوشۇق قوشۇپ، مەلھەم قىلىپ سۈرۈپ بەرسىمۇ بولىدۇ.





9.               
چىش
ئاغرىقى: ياڭاق مېغىزىنى ئوتتا قىزىتىپ، ئاغرىغان چىشتا چىشلەپ بەرسە، بىر قانچە
قېتىم چىشلىگەندىن كېيىن چىش ئاغرىقىدىن مەڭگۈ قۇتۇلىدۇ.





10.              
بۇرۇن
قانىسا: بۇرۇندىن قان كۆپ ئېقىپ كەتسە، بىمارنى ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ، بۇرۇننىڭ قان
ئاققان تۆشۈكىگە قارشى تەرەپتىكى قولىنى (بۇرۇننىڭ ئوت تۆشۈكىدىن قان ئاققان بولسا
سول قولنى دېگەندەك...) ئېگىز كۆتۈرۈپ بەرسە، قان توختايدۇ.





11.              
گالغا
بېلىق قىلتىرىقى تۈرۈۋالغاندا: گالنى كونا ئاچچىقسۇدا چايقاپ، ئاز-ئازدىن
ئىچىۋەتسە، بىر قانچە قېتىمدىن كېيىن قىلتىرىق ئۆتۈپ كېتىدۇ.





12.              
پۇت
پۇرىغاندا: بىر جىڭ گۈرۈچ ئاچچىقسۈيىنى داسقا تۆكۈپ، پۇتنى كۈندە ئىككى قېتىمدىن،
ھەر قېتىمدا بىر سائەت ئەتراپىدا چىلاپ ياكى يۇيۇپ بەرسە، يەڭگىلرەك بولغانلار تۆت
كۈندە سەللىمازا ساقىيىپ كېتىدۇ.





13.              
كېسەلدىن
ساقايغاندىن كېيىنكى قۇلاق ئېغىرلاش، قۇلاق غوڭۇلداش: مۈشۈككە سامساق پۇراتساق،
سىيىدۇ، ئۇنىڭ سۈيدۈكىنى بىمارنىڭ قۇلىقىغا ھەر قېتىمدا ئىككى تېمىمدىن ئۈچ قېتىم
تېمىتىپ بەرسەك كېسەلدىن ساقايغاندىن كېيىن پەيدا بولغان قۇلاق ئېغىرلاشقا شىپا
بولىدۇ. قۇلاق غوڭۇلدىسا، يىلان تېرىسىنى ئوتقا قاقلاپ قۇرۇتۇپ تالقان قىلىپ، ئۈچ
قېتىم قۇلاققا پۈۋلەپ كىرگۈزسەك، قۇلاق غوڭۇلداش توختايدۇ.





14.              
دىيابىت
(قەن سىيىش كېسىلى)نى كونترول قىلىش: يېڭى قوناق دېنىدىن بىر جىڭنى مۇۋاپىق
مىقداردىكى سۇدا تاكى قوناق ئېچىلغۇچە قاينىتىپ، تۆت قىتىمغا بۆلۈپ ھەر قېتىمدا
بىر قاچىدىن ئىچكەندە دىيابىتنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ (لېكىن، كېسەلنى يىلتىزدىن
ساقايتالمايدۇ)، قاندىكى شېكەر مىقدارى تۆۋەنلەيدۇ.





15.              
خورەك
تارتىش، ئۇخلاۋېتىپ چىش غۇچۇرلىتىش: ئاپېلسىن پوستىدىن بىر پارچىنى ئېغىزدا 15
مىنۇت ساقلاپ تاشلىۋېتىشنى 3~5 قېتىم داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ.





16.              
پۇت
تەرلەش، پۇراش: زەمچىنى يانچىپ، پۇت ئالقىنىغا سۇۋاپ 10 مىنۇت قويىمىز. 3-4
قېتىمدىن كېيىن پۇت تەرلەش، پۇراش توختايدۇ.





17.              
تۇتقاقلىق:
بىر تال سازاڭ بىلەن يېرىم سەر زەمچىنى قاچىغا سېلىپ، ئۈستىگە قايناقسۇ قۇيۇپ
دەملەپ، ھەر سەھەردە ئاچ قورساققا بىر قاچىدىن ئىچىشنى ئون كۈن داۋاملاشتۇرسا
بولىدۇ.





18.              
ئېغىز
بوشلۇقى ياللۇغى: ئەتىگەن-كەچتە بىر تالدىن نەشپۈتنى ئالدىرىماي يەپ بەرسە بولىدۇ.





19.              
تاجىسىمان
يۈرەك كېسىلى: 50 گىرام سېرىق پۇرچاقنى تۇزى تەڭشەلگەن سۇدا پىشۇرۇپ، 3-4 كۈن يەپ
بەرسە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.





20.              
باشنىڭ
يېرىمى ئاغرىش: ھەر ئاخشىمى ئاق تۇرۇپ پوستىنى ئىككى چېكىگە 20 مىنۇت چاپلاپ ئېلىۋەتسە
بولىدۇ.





21.              
گېموروي:
ئۈچ سەر ئۇرېيەنى داستا قايناقسۇدا ئېرىتىپ، لۆڭگىنى چىلاپ ئالغاندىن كېيىن سىقىپ
قۇرۇتۇپ، ئورۇندۇققا قويۇپ ئۈستىدە ئولتۇرۇشنى ھەر قېتىمدا 10 مىنۇت، بىر كۈندە
ئۈچ قېتىمدىن يەتتە كۈن داۋاملاشتۇرسا ئىچكى، تاشقى گېموروي، تەرىتىدىن قان كېلىش،
سوڭى چىقىپ قىلىشقا شىپا بولىدۇ.





22.              
سۈت
كەلتۈرۈش: پىششىق قورۇلغان كۈنجۈتكە ئازراق تۇز قوشۇپ، تۇغۇتقا ئون كۈن قالغاندىن
باشلاپ ئۈچ ۋاخ تاماققا قوشۇپ يەپ بەرسە، سۈتى كۆپىيىدۇ.





23.              
ئۇيقۇسىزلىق:
ئۇخلاشتىن ئاۋۋال ئۇششاق توغرالغان سۇڭپىيازنى تەخسىگە سېلىپ، ياستۇق بېشىغا قويۇپ
قويسا، بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشىلىنىدۇ.





24.              
يۈرەك
كېسىلى: ئەتىگەن ۋە كەچتە 50 گىرامدىن ئاناناس يېيىشنى 5~7 كۈن داۋاملاشتۇرسا
ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ، تەخمىنەن ئىككى يىلغىچە كېسەل قايتا قوزغالمايدۇ. كېسەل قايتا
قوزغالغاندا يۇقىرىقى ئۇسۇلنى يەنە قوللانسا بولىدۇ. كېسىلى ئېغىرلار ئىككى كۇرس
داۋاملاشتۇرسا كېسەللىكنى كونترول قىلالايدۇ.





25.              
كۆرۈش
قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كەتسە: ئاپتاپتا قۇرۇتۇلغان ئۆرۈك پوستىدىن كىچىك ياستۇق ياساپ
ئىشلەتسە كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاشىدۇ. بۇ ئۇسۇل شامالدا كۆزى ياشاڭغۇرايدىغانلارغىمۇ
مەنپەئەت قىلىدۇ.





26.              
پۇت-قول
يېرىلىپ كەتسە: دورىلىق رېماتىزم مەلھىمىنى يەرلىك ئورۇنغا بىر كۈن چاپلاپ
ئېلىۋەتسە بولىدۇ.





27.              
تېرە
ياللۇغى: ئاغىچە يۇغۇچنىڭ يوپۇرمىقىنى ئۇۋۇلاپ ئېزىپ، ياللۇغلانغان تېرە قىزىرىپ
چىققۇچە سۈركەيمىز، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىمدىن، ئۈچ ھەپتە داۋاملاشۇرساقلا بولىدۇ،
ئەھۋالى ئېغىرراقلار ئۇدا ئالتە ھەپتە قىلىدۇ.





28.              
بۇرۇن
ياللۇغى: ئازراق پاختىنى كاللەكلەپ كۈنجۈت مېيىغا مىلەپ ئېلىپ، بۇرۇن ئىچىدە 15
مىنۇت قويۇشنى كۈندە ئۈچ قېتىم، 2-3 كۈن داۋاملاشتۇرىمىز، ئەھۋالى ئېغىرلار كۈندە
بەش قېتىم قىلسا بولىدۇ.





29.              
يۇقىرى
قان بېسىمى: يېڭى لامىنارىيە (دېڭىز تاسمىسى ياكى خەيدەي)دىن ئىككى سەرنى
قاينىتىپ، ھەر سەھەردە ئاچ قورساققا ئىچىپ بېرىشنى ئون كۈن داۋاملاشتۇرسا، قان
بېسىمنى نورماللاشتۇرىدۇ.





30.              
بۆرەك
ئاجىزلىق: يېڭى تاسمىپۇرچاق (جاڭدۇ)دىن 100 گىرامنى يۇمشاق پىشۇرۇپ، ئازراق
تۇزلاپ، ھەر ۋاخ تاماقنىڭ ئالدىدا يەپ بەرسە 3~5 كۈن ئىچىدە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.
دائىم يەپ بەرسە تېخى ياخشى.





31.            
يۈزدىكى
سەپكۈننى يوقىتىش: ئۆرۈك مېغىزىنى سۇدا چىلاپ پوستىنى ئاقلاپ، ئۇنى ئېزىپ مەلھەم
قىلغاندىن كېيىن، بىر تۇخۇمنىڭ ئېقىنى قوشۇپ، ھەر كۈنى ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا يۈزگە
چېپىپ، ئەتىسى ئەتىگىنى يۇيۇۋېتىشنى تاكى سەپكۈن يوقىغۇچە داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ.





32.              
ئاشقازان
ئاغرىش: قىزىل تۇخۇمدىن 20نىڭ شاكىلىنى كاھىش ئۈستىدە قويۇپ ئوتتا قىزىتىپ، يۇمشاق
ئۇۋاپ، ھەر كۈنى تاماقتىن بۇرۇن شېكەر سۈيى بىلەن بىر قوشۇقتىن ئىچىۋېتىمىز، بىر
كۈندە ئىككى قېتىمدىن ئىچىپ تۈگىتىمىز. بۇ ئۇسۇل يەنە كالتسىي تولۇقلاش ۋە
كۆمۈرچەك ئاغرىقىنى داۋالاشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.





33.              
يىقىلىپ
چۈشۈپ سىڭىرلار زەخىملەنسە: كۈدىنى يانچىپ، كىچىك ئوغۇل بالىنىڭ سۈيدۈكىدىن ئازراق
قوشۇپ، زەخىملەنگەن ئورۇنغا چاپلاپ بىر قانچە سائەت قويسا ئىششىق يانىدۇ، ئۈچ
كۈندىن كېيىن تولۇق ساقىيىپ كېتىدۇ.





34.              
ئورۇقلاش:
ۋۇلۇڭ چېيىنى بىر ھەپتە ئىچىپ بەرسە كۆرۈنەرلىك ئورۇقلايدۇ.





35.              
ئۇزۇن
ئۆمۈر كۆرۈش: كۆپ ھەرىكەت قىلىش، خۇشخۇي يۈرۈش، شېكەر سۈيىدە چىلىغان سامساق
(تەييارلاش ئۇسۇلىنى بەيدۇدىن ئىزدەڭ)نى دائىم يەپ بېرىش. شېكەر سۈيىدە چىلىغان
سامساقنىڭ يەنە بەدەندىكى تۈرلۈك زىيانلىق مىكروبلارنى يوقىتىش رولى بار.





36.              
ھەيز
قالايمىقان كېلىش: ئىككى سەر رەيھان ئۇرۇقىنى دەملەپ چاي قىلىپ ئىچىپ بەرسە
بولىدۇ.





37.              
ۋاقىتسىز
چاچ ئاقىرىش: 500 گىرام قۇرۇق سەدەپ (يەلپۈگۈچسىمان قۇلۇلە قېپى)نى سۇدا قاينىتىپ،
بىرەر ھەپتىگىچە كۈندە بىر قېتىمدىن چېچىنى يۇيۇپ بەرسە قارا، توم چاچ ئۈنۈپ
چىقىدۇ، ئاق چاچ زىيادە كۆپ بولسا كۆپرەك يۇسا بولىدۇ.





38.              
تېرىنى
يۇمرانلاشتۇرۇش: ھەر ئاخشىمى بىر تۇخۇمنىڭ ئېقىنى يۈزگە سۈرۈپ، بىر سائەتتىن كېيىن
سۈزۈك سۇدا يۇيۇۋېتىشنى داۋاملاشتۇرسا، يۈز تېرىسى بارغانسېرى يۇمرانلىشىدۇ.





39.              
مۈرە
ئەتراپى ياللۇغى، بەل، پۇت ئاغرىقى، ئولتۇرغۇچ سۆڭەك ئاغرىش، بېلى چىم بولۇش:
يەتتە دانە كەتمەنقوڭغۇزنى ئوتقا قاقلاپ كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىپ، ئۇنى ئىككى سەر سېرىق
ھاراق بىلەن بىللە شېشىگە سېلىپ بىر ھەپتە ساقلايمىز. ئاندىن ھەر كۈنى كەچ سائەت
يەتتىلەردە سېرىق ھاراقتىن يەتتە مىسقال ئىچىپ، يەرلىك ئورۇننى 49 قېتىم مۇشتلاپ
بەرسە بولىدۇ.





40.              
ئۆپكە
تۇبېركۇليوز (سىل) كېسىلى: تىرىك پىلە قۇرۇتى لىچىنكىسىدىن 500 گىرامنى ئوتتا
قاقلاپ كۆيدۈرۈپ تالقان قىلىپ، ھەر قېتىمدا 3~5 گىرام، بىر كۈندە ئىككى قېتىمدىن
كاپ ئېتىپ بەرسە بولىدۇ.





41.              
بوغۇم
ياللۇغى: شال ياكى تېرىق پاخىلىنى كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى كىچىك خالتىغا سېلىپ، ئاغرىغان
ئورۇنغا ھەر ئاخشىمى بىر سائەتتىن چاپلاپ بەرسە، ئۈچ قېتىمدا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.





42.              
قولتۇق
پۇراش: گۈرۈچ ئاچچىقسۈيىدىن 100 گىرامغا ئارپا بەدىياندىن 5 گىرامنى سېلىپ راسا
قوچۇغاندىن كېيىن قولتۇققا سۈرۈپ بەرسە بولىدۇ.





43.              
قىچىشقاق
كېسىلى: ھۆل زەنجىۋىلنى كاپىلاپ، پۇت ئالقىنىغا سۈركەپ بەرسە بولىدۇ، ئەرلەر سول
پۇتقا، ئاياللار ئوڭ پۇتقا سۈركەيدۇ، بىر قېتىمدا 10 مىنۇت داۋاملاشتۇرىدۇ.





44.              
سۆڭەك
ئۆسۈۋېلىش: قوينىڭ پاقالچاق سۆڭىكىدىن تۆت تالنى ئوتۇن ئوتىدا كۆيدۈرۈپ سارغايتىپ،
ئۇنى سوقۇپ تالقان قىلىپ، بىر قانچە كۈنگىچە كەچلىك تاماقتىن كېيىن بىر سەر سېرىق
ھاراق بىلەن ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.





45.              
قاتتىق
مېتال بۇيۇملارنى يۈتۈۋەتكەندە: كۈدىنى قورۇپ پىشۇرۇپ، چوڭ-چوڭ چايناپ يۈتۈۋەسە
بولىدۇ. ئەينەك پارچىسى يۈتۈۋەتكەنلەرمۇ بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاي.





46.              
پۇت-قول
قولۇشۇش: قارا قوزاقېرىن (مور)، ياڭاق مېغىزى، ھەسەللەردىن 120 گىرامدىن
ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىپ، قاچىغا سېلىپ ھوردا پىشۇرۇپ، تۆت كۈنگە بۆلۈپ يەپ
بەرسە بولىدۇ، ھامىلىدار ئاياللار ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.





47.              
چاچ
چۈشۈش، كېپەكلىشىش: يېسىۋېلەكنىڭ يىلتىزىدىكى توپىنى يۇيۇۋېتىپ، توغراپ، ئۇزاق قاينىتىپ،
ئۇنىڭغا يەنە ئاتسېتىن قوشۇپ باشنى يۇيۇپ بەرسە، بىرەر ھەپتىدە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ،
چاچ يۇمشاق، پارقىراق بولىدۇ، كېپەك يوقايدۇ.





48.              
تىرناق
تەمرەتكىسى: سۆسۈن سامساقنى ئېزىپ مەلھەم قىلىپ، ئۇنىڭغا ئازراق زەمچە قوشۇپ
تىرناققا نېپىز سۈرگەندىن كېيىن يالتىراق بىلەن چىڭ يۆگەپ، بىرەر ھەپتە قويۇپ
ئېلىۋەتسە بولىدۇ.





49.              
مەددە
چۈشۈرۈش: كاۋا ئۇرۇقى مېغىزىدىن 50~100 تالنى ئېزىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى شېكەر
سۈيىگە سېلىپ ئۇماچ قىلىپ، ئاچ قورساققا ئىچىۋەتسە بىر قېتىمدىلا مەددە چۈشىدۇ.





50.              
سۈت
بېزى ياللۇغى: ئالىقانسىمان كاكتۇس (پېتەكگۈل)دىن بىر پارچىنى ئېزىپ، ئۇنىڭغا ئۈچ
تېمىم كۈنجۈت مېيى قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا بولىدۇ.





51.              
پۇتتىكى
قاداقنى داۋالاش: چاپلاق (پىلاستېر)نىڭ ئوتتۇرىسىنى كىچىك تېشىپ، قاداق بار جايغا
چاپلىغاندا، قاداق تۆشۈكتىن كۆرۈنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئازراق ئۇرېيە (ئوغۇت) سېپىپ،
ئۇستىگە يەنە بىر قات چاپلاق يەملەپ قويۇپ، ئۈچ كۈندە بىر قېتىمدىن ئالماشتۇرسا،
ئالتە قېتىمدا قاداق پۈتۈنلەي يوقايدۇ.





52.              
مەزى
بېزى ياللۇغى: قۇرۇق چىلاندىن ئىككى سەر، خوراز جىگىرىدىن ئۈچ تالنى قوشۇپ دۈملەپ
پىشۇرۇپ، شورپىسى بىلەن قوشۇپ ئۇدا ئۈچ قېتىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.




bihux يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 09:57:10

\"\"

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 10:13:40

مەن تۈنۈگۈن خانسۇچىسىنى كۆرۈپتىم بۈگۈن بۇنى كۆرۈپ تىخىمۇ چۈشىنىشلىك بولدى .



تىمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس .



بۇ تىمىنى تاپالمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن ، ئىنكاسلارنىمۇ تولۇق ئوقۇپ چىقىڭ .

http://www.izdinix.com/showpost.aspx?Page=1&ThreadID=48032#Inkas

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 15:25:46

ئىنكاسىم بىلەن ساقلىۋالاي...

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 16:10:40

مەنمۇ  ساقلىۋالاي ...................

gewala يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 20:44:00

خەتكۈچ

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 21:28:16

ساقلىۋالاي

nuris يوللانغان ۋاقتى 2012-5-31 14:55:45



خەتكۈچ

oghuzyar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-31 17:52:47

ئەلا كەتتى \"\"

senewer يوللانغان ۋاقتى 2012-5-31 21:29:41

چىش ئاغرىقىنىڭ رىتسىپىنى يادلىۋالدىم ، يوللىغۇچىغا تەشەككۇر .

porli519 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 20:16:36

ساقلاش

jumahun يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 22:29:21

ئەلا!

pomiqik يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 22:50:02

تىما ئىگىسىگە يەخمەت \"\"
بەت: [1]
: خەنزۇلارنىڭ ئەل ئىچى رېتسىپىدىن 53 پارچە[تەرجىمە]