esir يوللانغان ۋاقتى 2012-5-29 15:21:26

يەسلى بالىلىرىدا نېمە گۇناھ

يەسلى بالىلىرىدا نېمە گۇناھ





يېقىنقى
يىللاردىن بۇيان يېزىلاردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە "قوش تىللىق" بالىلار يەسلىسى
ياكى مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق سىنىپلىرى تەسىس قىلىنىپ، يېزىلاردىكى
ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغان، لېكىن "قاچان
چوڭ بولۇپ مەكتەپكە بارارمەن" دەپ چۈچۈك تىللىرى بىلەن "ئوقۇش" نىڭ غەلۋىسىنى
قىلىدىغان سەبىي بالىلىرى بۇ يەسلىلەردە ناھايىتى ئىللىق، بىخەتەر ئۆسۈپ يېتىلىش
مۇھىتىغا ئېرىشتى. لېكىن، بىر قىسىم يەسلىلەردە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئەقلى
ئويغاق كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالىدۇ.




يەسلىلەردە
ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقانلارنىڭ كۆپ قىسىمى يېڭىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ياكى بالىلار
پىداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك كۇرسىنى پۈتتۈرۈپ، "ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ"
خىزمەتكە چىققانلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بالىلارنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان،
خىزمىتىدىن ئىپتىخارلىنىدىغان ياشلارمۇ بار. لېكىن، خېلى ساندىكى بىر قىسىم ياشلار
يەسلى ئوقۇتۇشىنىڭ سەبىي بالىلارغا نىسبەتەن بېرىدىغان تەسىرى، ئۇلارنىڭ مەكتەپ
ھەققىدىكى گۈزەل ۋە گۆدەك تەسەۋۋۇرلىرىنى چەيلەپ، سەبىيلەرنى "مەكتەپ" دېسە قورقۇپ
چىرايى پۈرۈشۈپ كېتىدىغان قىلىپ قويۇۋاتىدۇ.




ئەسلىدە
يەسلى دېگەن بالىلارغا ئوقۇشقا كىرىشتىن ئىلگىرىكى مەكتەپكە كىرىش تەربىيىسى
بېرىدىغان، ئۇلارغا مەكتەپنىڭ مېھرى ئىللىق، ئازادە ماكان ئىكەنلىكىنى ھېس
قىلدۇرۇپ، مەكتەپكە مۇھەببەت ئويغىتىدىغان جاي بولۇشى كېرەك ئىدى. ئۇنداقتا، يېزا
باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدىكى يەسلىلىرىمىز بۇ رولنى قانداق ئويناۋاتىدۇ؟




1. يەسلى بالىلىرىغا ئائىلە
تاپشۇرۇقى بېرىش مۇۋاپىقمۇ؟

ئاچامنىڭ ئوغلىنى 5 ياش ۋاقتىدا "قوش تىللىق"
يەسلىگە بەرگەن، ھەپتە ئۆتە- ئۆتمەي بىر كۈنى "لاۋشى تاپشۇرۇق بەردى" دەپ كەپتۇ،
نېمە بەردىكىن دەپ قاراپ ھەيران قالدىم. "1" دېگەن ساننى 100 قېتىم يېزىڭ دەپ
"تاپشۇرۇق" بېرىپتۇ! ئويلاپ بېقىڭ، بۇ تاپشۇرۇقتا زادى نېمىنى مەقسەت قىلغاندۇ؟ "1"
دېگەن شۇ ساننى يېزىشنى ئۆگىتىشنى مەقسەت قىلغان دېسە ھەرگىز ئىشەنمەيمەن. بۇ
تاپشۇرۇقنى بەرگەن "لاۋشى" يا كاللىسىنىڭ ئازراق سۈيى بار نېمە، يا بولمىسا قەستەن
بالىنى دۆتلەشتۈرۈش مەقسىتى بار. 1 نى يېزىشنى ئۆگەنسۇن دېگەن بولسا زىيادە بولسا
10 قېتىم يازدۇرسا كۇپايە ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ئۇقۇملارنى قىزىقارلىق
ئويۇنلارغا، تېپىشماق ۋە كارتون فىلىملەرگە بىرلەشتۈرۈپ يەسلىنىڭ ئۆزىدىلا ئاسانلا
ئۆگىتىپ كېتەلىشى ئېنىق، "100 قېتىم يېزىپ كەل" دەپ ئائىلە تاپشۇرۇقى بېرىشنىڭ
ئەسلا ھاجىتى يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ھەتتا باشلانغۇچنىڭ تۆۋەن يىللىقىدىكى
بالىلارغىمۇ ئىمكانقەدەر ئائىلە تاپشۇرۇقى بەرمەسلىك تەكىتلىنىۋاتقان تۇرسا.
ھېچقانچە قىلىپمۇ ئاۋۇ يەسلى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ نېرۋىسىنىڭ نورماللىقىغا ئىشەنمەك
تەس.






2. تىلدا "شالغۇتلىشىش" يەسلى تەربىيىسىدىن
باشلاندى

مەن بىلىدىغان بىر يېزا دەرىجىلىك يەسلىدە ئوقۇتقۇچى يەسلى بالىلىرىغا
ئۆزىنى "لاۋشى" دېگۈزگەن، ئادەت بويىچە "مۇئەللىم" ياكى "خانىم" دېيىشىگە يول
قويمىغان. بىرەر ھايۋان ياكى كۆكتات دېگەندەكلەرنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشىنى ئۆگەتكەندىن
باشلاپ، شۇ خىل ھايۋان ياكى كۆكتاتنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچە دېيىشكە رۇخسەت قىلمىغان.
يەنە بالىلار ئۆز ئارا ماجرالىشىپ قالسا "خەنسۇچە تىللىشىش" قا رىغبەتلەندۈرۈپ
ماختىغان، ئۇيغۇرچە تىللاشقا، ئۇيغۇرچە ئۇرۇشۇشقا رۇخسەت قىلمىغان!!! تىلىمنى
چىشلىۋالايمۇ؟؟

ئاۋۇ يەسلى مۇئەللىمىدىن سورىسىڭىز، ئۇ بۇنى "بالىلارنىڭ قوش تىل
ئۆگىنىشىگە پايدىلىق" دەپ ئىزاھلىشى ئېنىق. ئۇنىڭغا ئىشنىڭ ئوڭىنى چۈشەندۈرىمەن دەپ
ئېغىز ئۇپراتماڭ، چۈنكى پەرۋايى پەلەك. سىزنىڭ قىلالايدىغىنىڭىز يا ئاغزىڭىزنى
يۇمۇپ، سۆيۈملۈك پەرزەنتىڭىزنىڭ مۇشۇنداق جىنايەتكار "لاۋشى" لارنىڭ زەھىرىنى
يۇتۇملاپ ئوتلىشىغا سۈكۈت قىلىش، يا بولمىسا بالىڭىزنى يەسلىدىن چىقىرىۋېلىش.
قايسىسىنىلا قىلماڭ، بەرىبىر زىيان تارتىدىغىنى سىز، سۆيۈملۈك
پەرزەنتىڭىز.






3. يەسلىدىكى تەن جازاسى

ئاچامنىڭ
بالىسى بىلەن تۇغقىنىنىڭ بالىسى ئائىلىدىكى توي ئىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىككى كۈن
يەسلىگە بارمىغان. ئۈچىنچى كۈنى يەسلىدىكى ئوقۇتقۇچىسى ئۇلارنىڭ بىرىنى بىر كاچات
ئۇرغان، يەنە بىرىنى مۈرىسىدىن ئىتتىرىپ سىنىپتىن چىقىرىۋەتكەن، سەبىي بالا يېرىم
سائەت سىرتتا يىغلاپ تۇرغان. ئىگىلىشىمچە، مۇئەللىمى "گەپ ئاڭلىمىغان" بالىلارنى
ئايرىپ، ئۇلارغا ئويۇنچۇق ئويناتقۇزمايدىكەن، بالىلارنىڭ كوللېكتىپ ئويۇنلىرىغا
قاتناشتۇرمايدىكەن. بۇلارمۇ ئەمەلىيەتتە شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسىغا كىرىدۇ.
بۇلار گۆدەكلەر قەلبىگە يەسلى تاملىرىغا يېزىلغىنىدەك "باھاردىكى ئىللىقلىق" نى ھېس
قىلدۇرارمۇ؟ بىنانىڭ ماڭلىيىغا "بارلىقىمىز بالىلار ئۈچۈن..." دېگەن شوئار كىمنىڭ،
كىمگە دېگەن گېپىدۇ؟

بۇنىڭدەك 4، 5 ياشلىق بالىغا چىرايلىقچە گەپ ئاڭلىتالماي
سۈر- ھەيۋىسىنى كۆرسىتىپ يۈرگەن بىچارە يەسلى مۇئەللىمى ئەگەر ئوتتۇرا مەكتەپتە
ئىشلەپ قالغۇدەك بولسا سىنىپقا توك كالتىكىدەك بىر نەرسە ئېلىپ كىرمىسە
كىرەلمىگۈدەك!...






4. يالغانچىلىق بىلەن بېرىلىدىغان
راستچىللىق تەربىيىسى

يەسلىدە مۇئەللىم بالىلارغا راستچىل بولۇش ھەققىدە تەربىيە
بەرگەندە مۇنداق دېگەن: "ماڭا راست گەپ قىلىڭلار، بولمىسا مەن بىلىپ قالىمەن، چۈنكى
مەن ئىشىڭلارنى ھەر ۋاقىت كۆرۈپ تۇرىمەن".

ھەر كۈنى ئانىسى بىلەن بىللە يېتىشقا
ئادەتلەنگەن ئاچامنىڭ بالىسى بىر كۈنى "ئۆزەم ئايرىم ئورۇندا يالغۇز ياتىمەن،
بولمىسا لاۋشى تىللايدۇ" دەپ ياتقىلى ئۇنىمىدى. ئەسلىدە يەسلى ئوقۇتقۇچىسى ئۇلارغا
ئەمدى چوڭ بولغانلىقىنى، ئايرىم يېتىشقا ئادەتلىنىشى لازىملىقىنى ئېيتىپ مۇنداق
دېگەن: "ئەگەر ئۆيۈڭلاردا يالغۇز ياتماي، چوڭلار بىلەن بىللە ياتساڭلار، مەن كۆرۈپ
تۇرىمەن، ئەتىسى ئويۇن ئوينىغىلى قويمايمەن". بالىلارنى كىچىكىدىن مۇستەقىل بولۇشقا
كۆندۈرۈشقۇ ياخشى ئىش، لېكىن ئاۋۇ مۇئەللىمنىڭ سەبىي بالىلارغا يالغان گەپ بىلەن
تەربىيە بېرىشىنى زادىلا قوبۇل قىلالمىدىم. ھەيران قالارلىقى، بالىلار ئۇ "لاۋشى"
نىڭ گېپىگە شۇنداق ئىشىنىدىكەنكى، مەن "مۇئەللىمىڭ كۆرمەيدۇ، ھەرگىز بىلمەيدۇ" دەپ
بالىنى ئىشەندۈرەلمىدىم. ئۇ مۇئەللىمىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆيدىكى ئىشلىرىنى كۆرۈپ
تۇرىدىغانلىقىدىن راستىنلا ئەنسىرىگەن ئىدى.

ئەجەبا، بالىلارغا يالغانچىلىقنىڭ
نامەرتلىك ئىكەنلىكىنى، يالغان ئېيتقان كىشىنى باشقىلار ياقتۇرمايدىغانلىقىنى،
ئىشەنمەيدىغانلىقىنى چۆچەك، كارتون، مەسەللەر ۋە ماقال- تەمسىللەر ئارقىلىق
چۈشەندۈرۈپ تەربىيە بەرگىلى بولماسمۇ؟ ئالىي مائارىپ تەربىيىسى ئالغان كىشىمۇ
شۇنداق پەلەپەتىش گەپلەرنى قىلىپ يۈرسە!

tivigo يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 06:43:43

نىمىدىگەن قورقۇنۇچلۇق،ئۇ ‹لاۋشى›لارنى ‹变态›دىيىشتىن باشقا سۆز تاپالمىدىم.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 06:53:34

دادام كومممممممۇنادىكى گەپلەرنى قىلسا ئىشەنمەي توۋا دەپ قوياتتىم ،مۇشۇ گەپلەرنى كىيىنكىلەر ئاڭلىسا مەندەك ئىشەنمەيدۇ دە ..نەدە ئۇنداق ئىشلار بولىدۇ بۇ مەدەنىي زاماندا دەپ ....

zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 07:52:25

لاۋشۇ، لاۋشۇ، لاۋشۇ ! دەيدۇ مېنى 1-يىللىقتىكى ئوماقلار{:136:}   ئوماقلىقى بۇ بالىلارنىڭ.\"\"شۇڭا چاشقان دەپ تىللىسمۇ خاپا بولمايمەن.\"\"

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 08:29:15

يۇقۇرى دەرىجىلىك سىياسەت تۈزگۈچى مائارىپ تارماقلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن تاپشۇرۇق بېرىشنىڭ يۇقۇرى چىكىنى بىكىتسە، مەكتەپنىڭ باشلىقلىرى تاپشۇرۇقنىڭ تۆۋەن چىكىنى بىكىتىپ، ئوقۇغۇچىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەش قېتىمى مانچە قېتىمدىن ئارتىپ كەتمىسۇن ئەمەس، ئوقۇتقۇچىنىڭ تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش قېتىم سانى مانچە قېتىمدىن كەم بولماسلىقى كېرەك دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئوقۇتقۇچى بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلىمىسا، ئۇنىڭ ئىشلىگەن خىزمىتى ئاشۇنداق شەكىل بازلىق، سان-سىپىرلىق ئۆتكەللەردىن ئۆتەلمىگەن بولىدۇ. ئىدارىدىن تەكشۈرۈشكە چىققانلارمۇ مائارىپنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتى بويىچە تەكشۈرۈش قىلماستىن، ئۆزىنىڭ سوبىكتىپ خائىشى بويىچە تەكشۈرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ماھىيەتتىن كۆرە شەكىلنىڭ يۈكسەك ئورۇنغا چىقىشى مائارىپىمىزدىكى ئۇزۇندىن بىرى داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان بىر پاجىئە.

تولۇقسىز سىنىپقا ماتېماتىكا دەرس بېرىدىغان بىر خەنزۇ خىزمەتدىشىم شاڭخەيگە 3 ئايلىق تەجرىبە ئۆگىنىشكە بېرىپ كەلگەندىن كېيىن، شاڭخەيلىكلەرنىڭ «يامان» تەرىپىنى يۇقتۇرىۋىلىپ، بىر سىنىپقا بىر ھەپتىدە 5 قېتىمدىن، 2 سىنىپقا ئون قېتىم تاپشۇرۇق بېرىپ-تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنلىمىغانلىقى ئۈچۈن، چوڭ يىغىندا تەنقىت قىلىنىپ، 600 يۇەندىن ئارتۇق جىرىمانە تۆلىگىنى ئېسىمدە.

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 08:33:57

بالىلاردا گۇناھ يوق. گۇناھ بىز چوڭلاردا. ئانا تىلىدىن ساۋادى چىقمىغان گۈدەكنى يات تىلنى ئۆگىنىشكە زورلىغان، زورلاشقا سۈكۈت قىلغان چوڭ گۆشباشلاردا.

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 09:14:16

قوش تىلنىڭ زۇلۇمىنى بالامنى مەكتەپكە بەرگەندىن كېيىن تولۇق ھېس قىلدىم .

tanhatikin يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 09:30:00

نېمىندا ئىچىم ئاچچىق بولىدىغاندۇ دەيمەن؟!!مەنمۇ بەزىلەردەك ‹نېمە ئامال؟›بىلەن خيالىمغا كىرىپ چىقماي يۈرسەم بولمامدۇ؟!!...

مەنغۇ بالام بولغاندا يەسلىدە ئوقۇتمايمەن دەپلا ئويلاپ يۈرىيمەن!ئاڭلىسام يەسلىدە ئوقۇتمىسا باشلانغۇچ مەكتەپكە ئالمايدىكەن دەيدۇ!ئويلايمەن،مەجبۇرى مائارىپ بولغاندىكىن ھامىنى مەجبۇرى ئېلىپ كېتىپ ئوقۇتىدۇ دەپ!

بەزى بايقۇشلارغا قاراپ قالىمەن دە؟!بالىسىنى ئىككى ئۈچ يىل قايتا ئوقۇتۇپ يەسلىدە خەنزۇ مەكتەپكە ئەكىرەلىگىنىگە بەك خوش بولوپ كېتىشىدۇ!!!

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 10:17:04

مەن ھەرگىز يەسلىدە ئوقۇتمايمەن .



تىمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس .



بۇ تىمىنى تاپالمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن ، ئىنكاسلارنىمۇ تولۇق ئوقۇپ چىقىڭ .

http://www.izdinix.com/showpost.aspx?Page=1&ThreadID=48032#Inkas

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2012-5-30 17:47:27

ئەر-ئايال ئىككىلىسى خىزمەت قىلسا بالىنى ئامالسىز يەسلىگە بېردىغان گەپ،يەسلىنىڭ بۇلۇسى مايناق

خەپ! ئەمدى ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىغا چىقتىم. خۇدايىم بۇيرۇسا تىرىشىپ ئۇقۇپ كەلگۈسىدە جىق پۇل تاپىمەن،ئايالىم ئۆيىدە بالامنى تەربىيلەيدۇ \"\"
بەت: [1]
: يەسلى بالىلىرىدا نېمە گۇناھ