ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 18:25:01

قەھۋە ياكى ئەتكەن چايغا ئوخشايدىغان زەھەر

قەھۋە ياكى ئەتكەن چايغا ئوخشايدىغان زەھەر




شىنخۇا تورى، تەييۈەن 2012-يىلى 27-ماي خەۋىرى:

تەييۈەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يېقىندا ھوشيارلىق ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى، تاشقى كۆرۈنۈشى «قەھۋە»، «ئەتكەن چاي»غا ئوخشايدىغان يېڭى تىپتىكى بىر خىل زەھەر پەيدا بولغان. تەييۈەن ساقچى تەرەپ ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئامما مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتىپ، خاتا ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، دېدى.

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، بۇ يېڭى تىپتىكى زەھەر ئاساسلىق گۇاڭجۇ، شېنجېندىن كېلىدىكەن، بۇ يىل 3-ئايدا جېجياڭ ۋېنجۇ ساقچى تەرەپ كوللىكتىپ زەھەر چېكىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ چىققان. تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، زەھەر چەككۈچىلەر «قەھۋە»، «ئەتكەن چاي»غا ئوخشىشىپ كېتىدىغان يېڭى تىپتىكى زەھەرنى ئىستىمال قىلىۋاتقان بولۇپ، «قەھۋە» زەھەرنىڭ رەڭگى قەھۋە رەڭگىدە كۇكۇن ھالەتتە بولۇپ، ئادەتتە قەھۋە خالتىسىغا قاچىلىنىدىكەن، «ئەتكەن چاي» ئاق رەڭلىك كۇكۇن ھالەتتە بولۇپ، ئادەتتە چاي خالتىلىرىغا قاچىلىنىدىكەن، ئادەتتىكى قەھۋە، ئەتكەن چايدىن روشەن پەرقى يوق بولۇپ پەرىقلەندۈرۈش تەس ئىكەن.

سۇدا ئېرىگەچكە بۇ خىل زەھەرنى ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلى ئاددىي ئىكەن، پەقەت قايناق سۇ بىلەن تەڭشەلگەندىن كېيىن ئىستىمال قىلسىلا بولىدىكەن، باشقا ھەرخىل ئىچىملىكلەر بىلەن ئارلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلسىمۇ بولىدىكەن. ئاساسلىق تەركىبى كېتامىن، مېتىلىن دىئوكسى مېتا فېتامىن (MDMA) قاتارلىقلار بولۇپ، تەسىرى «K» تالقىنى، كىرىستال زەھەر بىلەن ئوخشايدىكەن، ئادەمنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرۇپ، خيالىي يورۇقلۇق سىزىمى ۋە ئاڭلاش سىزىمى قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدىكەن.

ھازىر بۇ خىل «قەھۋە»، «ئەتكەن چاي»نىڭ ھەر بىر خالتىسىنىڭ بازار باھاسى 1000 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، قايناق سۇ بىلەن تەڭشەلگەندىن كېيىن كۆپ ئادەم ئىستىمال قىلسا بولىدىكەن، زەھەرنىڭ تەسىر قىلىش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغاچقا، زەھەر چەككۈچىلەرنى قاتتىق جەلىپ قىلىدىكەن.

تەييۈەن ساقچى تەرەپ ئاممىنى بولۇپمۇ ياشلارنى ئەسكەرتىپ، ناتۇنۇش كىشىلەر تەمىنلىگەن مۇشۇنداق ئىچىملىكلەرنى ئىنچىكە تەكشۈرۈش، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەشنى، ئەگەر كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا مۇشۇنداق بۇيۇملارنى بايقىسا دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى ئېيتتى.

★★★★★

http://www.nur.cn/news/2012/05/69668.shtml

★★★★★

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 22:05:13

ئادەمنى ئەجەپ تولا بىر دىلغۇلا قىلدا ما ***تايلار. \"\"

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 22:10:22

ئۆيدىن سىرتقا چىققاندا ھېچنىمە يىمىسۇن، ئىچمىسۇن دېدىمۇ نېمە بۇ گۇيلار \"\"

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 22:17:16

ئۆتكەندىكى 明胶 پارىڭى چىققاندىن كېيىن، خەنسوچە خېتى بار مۇزقايماق(شۆگاۋ)، ئىچىملىك دېگەنلەردىن يىراقلاشقان.

يوغان ئىستاكاندىن ئىككىسىگە قايناق سۇ ئەپ قويۇپ شۇنى ئىچىۋاتقان. چۇۋۇلۇپلا چىققىلى تۇردىغۇ تاڭ بۇ ماڭقۇرتلارنىڭ ھېلى-مىكىرلىرى.

turk_bag يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 22:30:43

يىمىسەكقۇ بولىدىغۇ !!!!  ماقۇل بىز  يىمەيلى  سىلە يەڭلا  بەسەيلە  !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 22:42:58

مانداق پىتنە-ئىغۋا تارقاتمايلى، تۈنۈگۈن تېخى بىر خەنسۇچە 500 كىشىلىك كىيۇكىيۇ توپىدا شەرىقتىكى تۈرىكىستان تىرورچىلىرى 20مىڭ ئادەمگە ئەيدىز ۋىروسى سەپلەپ، ئىچكىرىدە ھەر خىل يېمەك-ئىچمەك سورۇنلىرىدا قېنىنى تېمىتىپ ئەيدىز تارقىتىۋاتىدۇ، دېگەن ئۇچۇر تارقىلىپ يېرىم سائەتتىن كېيىن 6 ئادەم ئۆسەك سۆز تارقاتقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن بۇنداق ئىغۋا تارقاتمايلى دەپ ھەممىنى يوق قىلدى. بىزمۇ دىققەت قىلايلى قېرىنداشلار ئاساسسىز گەپ قىلىپ ئېغۋا تارقىتىپ يۈرمەيلى .

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 22:57:04

7- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

چوشقا گۆشى يېگەن ئادەمغۇ زادى قانچىلىك بولماقچىتى. مۇشۇ خەقنى ئويلىساملا كۆڭلۈم ئېلىشىدۇ مېنىڭ... ئاللاھنىڭ ئەنە ئاشۇنداق مەينەت ئىنسانلارنى يارىتىشىدا قانداق ھېكمەت باردۇ دەپ دائىم ئويلايدىغان بوپ قالدىم.



باشقىلارنى مەينەت دەيدىكەن تېخى ئۇلار ئۆزىچە\"\"

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 23:04:01

مەن بىر ئاي بولدى شۇ مىنىرال سۇلا ئىچتىم باشقا ھەرقانداق خەنزۇچە خىتى بار ئىچىملىك ئىچمىدىم

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 23:18:55


6- قەۋەتتىكى imirghaziنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مانداق پىتنە-ئىغۋا تارقاتمايلى، تۈنۈگۈن تېخى بىر خەنسۇچە 500 كىشىلىك كىيۇكىيۇ توپىدا شەرىقتىكى تۈرىكىستان تىرورچىلىرى 20مىڭ ئادەمگە ئەيدىز ۋىروسى سەپلەپ، ئىچكىرىدە ھەر خىل يېمەك-ئىچمەك سورۇنلىرىدا قېنىنى تېمىتىپ ئەيدىز تارقىتىۋاتىدۇ، دېگەن ئۇچۇر تارقىلىپ يېرىم سائەتتىن كېيىن 6 ئادەم ئۆسەك سۆز تارقاتقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن بۇنداق ئىغۋا تارقاتمايلى دەپ ھەممىنى يوق قىلدى. بىزمۇ دىققەت قىلايلى قېرىنداشلار ئاساسسىز گەپ قىلىپ ئېغۋا تارقىتىپ يۈرمەيلى .



بېشىدا شىنخۇا تورى تەييۈەن خەۋىرى دەپ مەنبە ئېنىق ئەسكەرتىلگەن تۇرسا، سىز بۇنى ئىغۋا دېسىڭىز، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنى ھاقارەتلىگەن دېگەن جىنايەت بىلەن ئۆزىڭىزنى قولغا ئالمىسۇن يەنە! دىققەت قىلىپ يۈرۈڭ جۇمۇ!




gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 23:21:45

10- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

8- قەۋەتتىكى gulahmalikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

7- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

چوشقا گۆشى يېگەن ئادەمغۇ زادى قانچىلىك بولماقچىتى. مۇشۇ خەقنى ئويلىساملا كۆڭلۈم ئېلىشىدۇ مېنىڭ... ئاللاھنىڭ ئەنە ئاشۇنداق مەينەت ئىنسانلارنى يارىتىشىدا قانداق ھېكمەت باردۇ دەپ دائىم ئويلايدىغان بوپ قالدىم.



باشقىلارنى مەينەت دەيدىكەن تېخى ئۇلار ئۆزىچە\"\"

ئۇلار دېگىنىڭىز كىم؟ مەن پەقەت ئۆزەمگىلا ۋەكىللىك قىلالايمەن، بىرىنچى شەخس بىلەن ئۈچىنچى شەخس ئوتتۇرىسىدا پەرىق بولمىسا بولمايدۇ. يەيدىغان دورا، ئىچىدىغان ئىچىملىك بۇلغاندى، دوختۇرخانىلاردىكى ئاسما ئوكۇللارغۇ خاتا ئۇرۇلۇپ كېتىلىپ قېلىنسا ياكى مېيىپ ياكى پېيى تارتىشىدىغان ۋە ياكى پاڭ، گەپ قىلالماس بوپ قالدىغان گەپ، سىزگە ئوخشاش كۈلەلىگەن بولسام بەك ياخشى بولىتى.



سىزنى دېمىدىم. چۈشەنمىدىڭىزما؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 23:28:25

بۇ قىز گەپنى ژىتىپ دېمىسە تەسرەك چۈشىنىدۇ

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-5-29 08:02:43

قىز باللا مەجۇن دىگەن نەرسىنى يەپ يۈرۈيدىكەندۇق، مانىڭغا ئاسانلا ئۆتكىدەك ئەمىسە

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2012-5-29 08:17:03

مېنىڭ كۈزۈمدىن چاتاق چىقىپتۇ..  تېمىنى قەھۋە  ئەتكەن چايغا ئوخششلا زەھەر   دەپ ئۇقۇپلا يۈگۈرۈپ كىرىپتىمەن.
بەت: [1]
: قەھۋە ياكى ئەتكەن چايغا ئوخشايدىغان زەھەر