aksiya2012 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-27 23:08:09

بالىلار بايرىمىغا قول سوزغان ئەيدىز

بالىلار بايرىمى كىلىش ئالدىدا نۇرغۇنلىرىمىز ئارزۇلۇق ئوماق بالىلىرىمىزنىڭ يىلدا بىر كىلىدىغان بايرىمىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ بىرىش ئۈچۈن باش قاتۇرۇشنى باشلىۋەتكەن بولىشىمىز مۇمكىن، مەنمۇ شۇنداق، قىزىمغا بەرگەن ۋەدە بويىچە خىزمەتنى قويۇپ شۇ كۈنىگە ئۈلگۈرۈپ ئۆيگە قايتماقچى. بارلىق سەبى بالىلارنىڭ بايرىمىنى مۇبارەكلەيمەن.

لىكىن شۇنىڭ بىلەن كۈلپەتلىك ئاچچىق تەغدىر شور پىشانىسىگە تۇغۇلۇشىدىلا پۈتۈلۈپ كەتكەن بىزنىڭ بالىلىرىمىزغا ئوخشاشلا ئوماق سەبى بىگۇنا بالىلار ئىسىمگە كىلىپ يۈرۈگۈم ئىزىلدى.

ئۇلار بولسىمۇ ئاتا ئانىسى ئەيدىز كىسىلى بىلەن كەينى كەينىدىن ۋاپات بولۇپ كىچىك تۇرۇپلا يىتىم قىلىۋاتقان، ياكى چوڭلارنىڭ سەۋەنلىگى تۈپەيلى تۇغۇلىشىدىنلا ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلاردۇر. تىخى كىچىك تۇرۇپ مۇدھىش كىسەلنىڭ ياكى يىتىملىكنىڭ ئازاۋىنى يەتكىچە تارتىۋاتقان، ئۇنى ئاز دىگەندەك قورقۇنۇچلۇق ۋابادەك مۇئامىلە قىلىنىپ جەمىيەت، خوشنا-خولۇم، مەكتەپ ھەتتا ئۇرۇق تۇققانلىرى تەرىپىدىنمۇ كەمسىتىلىپ رەھىمسىزلەرچە چەتكە قىقىلىۋاتقان، كىچىكلىگىدە كىچىك دوسلىرى بىلەن بىرە قىتىم قىيغىتىپ كۈلۈپ ئويناپ باقمىغان، كىچىككىنە كىسەللەر بىلەن بىر كۈنلەردە تۇيۇقسزلا يىقىلىپ ئۆزلىرى ئۈچۈن يورۇق ئەمما مۇدھىش، سۆيۈملۈك ئەمما قورقۇنۇشلۇق،بىپايان ئەمما ناھايىتى تار دۇنيادىن تۇيۇقسىز خوشلىشىۋاتقان نارىسىدە بالىلاردۇر. سىلەرنىڭمۇ بالىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن بالىلىرىم، ياراتقان ئىگەم ئارىمىزدىن ۋاقىتسىز كىتىپ قالغىنىڭلارنىڭ ئۇ دۇنيالىغىڭلارنى ئايىماي بەرگەي.

دۆلىتىمىزدە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كىسەللىك باشقۇچىغا كىرىشى بىلەن ئەيدىز يىتىم بالىلىرىدىن ئىبارەت كىشىلەر توپى پەيدا بولۇپ ھازىرغىچە ئۈزلۈكسىز كۆپۈيۈپ 2010-يىلى 260 مىڭغا يىتىشى مۆلچەرلەنگەن. ئەيدىز كىسىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بۇ بالىلار ئىنتايىن ئاجىز بولغان توپ بولۇپ يىتىم بولۇپلا قالماي (ئاتا-ئانىسى ياكى ئاتا ئانىسىنىڭ بىرى ئەيدىز كىسىلى بىلەن ئۆلگەن بالىلار) ئاتا-ئانىسىنىڭ ھىمايىسى كۈتۈشىدىن ئايرىلىش بىلەن تۇرمۇشتا يار يۆلەسىز قالغان، تولاراق يالغۇز ياشايدىغان، مەكتەپتىن چىكىندۈرۈلگەن ياكى مەكتەپ تەرىپىدىن رەت قىلىنغان، ئۆزى بىلەن تەڭ دىمەتلىك بالىلار بىلەن ئارىلىشىشى، بىللە ئوينىشى چەكلەنگەن، پىسخىكا تەرەپتىن كۆتۈرگۈسىز ئېغىر روھى ئازاپ ۋە كۆڭۈل يىرىمچىلىغىغا دۇچار بولغان، تۇرمۇش سۈپىتى ۋە بەخت كۆرسەتكۈچى ئىنتايىن تۆۋەن، جىسمانى ۋە روھى تەرەپلەردىكى يىتىلىشى زور دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقان بالىلاردۇر. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تىخىمۇ بەختسىزلىرى يەنىلا تۇغۇلۇشىدا ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىپ تۇغۇلغانلاردۇر.

ھەر ھالدا شۇ گۇناسىز نارىسىدىلەرنىڭ بەختىگە يىقىنقى يىللاردىن بۇيان پارتىيە ھۆكۈمەت ئارقا-ئارقىدىن مۇناسىۋەتلىك سىياسات تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىپ پۈتۈن جەمىيەتنى بۇ بالىلارغا كۆيۈنۈش كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىۋاتىدۇ، ھەم بۇ توغرىلىق دۆلەت كۆپلەپ مەبلەغ ئاجرىتىپ ساناتورىيە قۇرۇش ۋە سۈپىتىنى ياخشىلاش،بالىلارنىڭ نورمال تەربىلەنىشى، مەكتەپ تەربىيەسى ئىلىشىغا كاپالەتىك قىلىش،ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلارغا قارىتا ھەقسىز داۋالاش ئىلىپ بىرىش قاتارلىق نۇرغۇن خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە.



گەپنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم تايونىغا يۆتكىسەك، رايونىمىز بۇ يىلقى ئەيدىز تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 67 مىڭ ئەيدىز بىمارى ۋە ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملانغۇچى بىلەن دۆلىتىمىز بويىچە خېنەن ئۆلكىسىدىن قالسىلا ئىككىنجى ئورۇنغا ئوتتى. لىكىن ئاھالە نىسبىتىدىن ئېيتقاندا 25 مىليون نوپۇسقا ئىگە شىنجاڭ بۇ نىسبەتتە جۇڭگو بويىچە بىرىنجى ئورۇندا! يەنى جۇڭگودا ھازىر ئەيدىز كىسىلى ۋە ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملانغۇچى700 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ دۆلەت ئومۇمى نوپۇسىنىڭ 0.05 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ دىسەك شىنجاڭ ئاپتونۇم رايونىدا بۇ نىسبەت 0.27 پىرسەنت بولۇپ دۆلىتىمىز ئۇتتۇرىچە سەۋىيەدىن 5-6 ھەسسە يۇقۇرى! يەنە بىر ئويلىنىشقا ئەرزىيدىغىنى شىنجاڭ رايونىدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ مەنچە ئاز دىگەندە 80% ئاز سانلىق مىللەرلەر بولۇپ ئۇ چاغدا 10 مىليونچە ئاز سانلىق مىللەتكە توغرا كەلگەن تىخىمۇ چوڭ نىسبەت ئادەمنى چۆچۈتمەي قالمايدۇ.



مەسىلەن ئۈرۈمچىنى ئالايلى بۇلتۇر31-دېكابىرغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەمئىي ئىستاتىستىكا قىلغان مەلۇماتىدىن مەلۇم بولىشىچە ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار جەمئىي  ر10536 نەپەر، يىڭىدىن قىتىلغانلىرى 1312 نەپەر، ئىشىش نىسبىتى 12.45 پىرسەنت بولغان! قازا قىلغانلارنىڭ سانى 997 نەپەرئىكەن. يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى شىنجاڭ بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. زەھەر چېكىش، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇملىنىش تەڭلا مەۋجۇت بولۇپ، ئاساسلىق تارقىلىش يولى بولۇپ قالغان.


http://xj.people.com.cn/n/2012/0515/c186332-17038311.html

بۇ ئەيدىز كىسىلى بىلەن قازا قىلغانلار ئاساسەن ياشلار ياكى قورامىغا يەتكەنلەر ، بۇنىڭ بىلەن يەنە قانچە يۈزلىگەن يىتىم بالىلار كۆپەيدى؟؟؟



ئويلىنايلى! دوپپىمىزنى ئالدىمىزغا قويۇپ قويۇپ ئويلىنايلى!

birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 01:36:02

ئەيدىزنىڭ يامراپ كېتىشى تەشۋىقاتنىڭ ئازلىقىدىنمىدۇ؟

aksiya2012 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 01:54:30

1- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەيدىزنىڭ يامراپ كېتىشى تەشۋىقاتنىڭ ئازلىقىدىنمىدۇ؟



شۇنداق دەپ ئېيتىشقىمۇ بولىدۇ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا تەشۋىقات بەك مۇھىم.

aksiya2012 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 02:14:26

باشقۇرغۇچى يولداشلارغا

كۆپرەك كىشىلەرنىڭ بۇ توغرىدا ۋاقتىدا ساۋاتلارغا ۋە تونۇشلارغا ئىگە بولۇپ بىر ئادەمنىڭ بولسىمۇ بۇ كىسەلنى بىلىپ بىلمەي يۇقتۇرىۋىلىش خەۋپىدىن نىرى تۇرىشى ئۈچۈن ئەيدىزغا مۇناسىۋەتلىك  تىمىلارنىڭ ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە كۆپرەك يوللىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ۋە بۇندا تىمىلارنىڭ  يورۇتۇلۇپ ئۇزۇنراق تۇرۇشىنى سورايمەن.



ئەيدىزنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىشتا تەشۋىقاتنىڭ كۈچى ھەممىدىن زور دەپ قارايمەن، ئىزدىنىشتىكى تورداشلارنىڭمۇ بۇندىن كىيىن تىخىمۇ ئۇيۇشۇپ ۋە ئىزدىنىپ خەلقىمىز ئىچىدە ئەيدىز تەشۋىقاتى، بىخەتەرلىك ۋە ئالدىنى ئىلىش تەربىيەلىرىنى ئۈنۈملۈك، سىستىمىلىق كەڭ دايىرىلىك  ئىلىپ بىرىشتا بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قىتىشقا چاقىرىمەن،  سىز ھىچ بولمىسا  ئەتراپىڭىزدىكى تونۇش بىلىش خىزمەتداش، دوس-يارەن، ئۇرۇق تۇققان قىرىنداشلىرىڭىزغا تەسىر كۆرسىتەلەيسىز، بىر دەملىك چۈشەندۈرىشىڭىز بىلەن شۇلاردا بۇ كىسەلگە بولغان تونۇش بولۇپمۇ بىخەتەرلىك ۋە ئۆزىنى قوغداش ئىڭى يىتىلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ بىلەن كىيىن يۈز بىرىپ قالىدىغان پاجىئە بەختسىزلىكلەردىن

بىرى بولسىمۇ ئازىيىشى مۈمكىن، دىمەك تەشۋىق قىلغىنىڭىزنىڭ ئۆزى ھەم ساۋاپ ئىش.

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 07:25:11

ھۆكۈمىتىمىزمۇ بۇ ئىشقا قول تىقسا خىلى ياخشى يۈلىنىىش بولاتتى . شەكلى ئۆزگەرگەن ساتراچخانا ، پۇت يۇيۇش ئورنى ، ئۇۋۇلاش ئورنى ئوچۇقتىن ئوچۇق  پاھىشەخانىلاردۇر ،  ئەجابا دانا ھۆكۈمىتىمىز بۇنى بىلمەي قالامۇ ، باج كىلىدىغان تۇرسا دىيىشىڭلار مۇمكىن ھەر قانچە بولسىمۇ كومپارتىيە خەقلەرنىڭ تىنىنى سىتىپ تاپقان پۇلدىن كىرىم قىلمىسىمۇ كىرىمى يىتىپ ئىشىپ قالىدۇ ، چاۋشىيەن ، پاكىستان ، يەمەن .........ئافرىقا دۆلەتلىرى .....قاتارلىقلارغا بەرگەن پۇل ھەددى ھىسابسىز ، بولمىسا بىزمۇ ئۇلاردىن بەكراق شىنجاڭ جۇڭگۇنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ توۋلاپ كىلىۋاتىمىز .

نىمىشقا پاھىشىخانىلارنى چەكلىمەيدۇ .

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 07:33:20

2- قەۋەتتىكى aksiya2012نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەيدىزنىڭ يامراپ كېتىشى تەشۋىقاتنىڭ ئازلىقىدىنمىدۇ؟



شۇنداق دەپ ئېيتىشقىمۇ بولىدۇ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا تەشۋىقات بەك مۇھىم.



قۇرۇق گەپ.


ھۆكۈمەت زەھەرلىك چىكىملىك، ئىچىملىككە ئۈچ خىل كۈچكە قارشى تۇرغاندەك قارشى تۇرسا، ساقچىخانىلارنىڭ ئالدىدىكى پاھىشىخانىلارنى چەكلىسە ئاندىن ئەيدىز ئازىيدۇ ياكى يامراپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىندۇ.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 08:47:45

ئىشقىلىپ نېمىلا بولمىسۇن ئەشۇ سەبى بالىلارغا ئۇۋال

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 08:53:15

تورداشلارنىڭ «ئەلداۋا ئەيدىز بېتى» (aids.eldawa.com) نى كۆپرەك تەشۋىق قىلىپ قويۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.

dilxat5515 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 11:32:06

5- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى aksiya2012نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەيدىزنىڭ يامراپ كېتىشى تەشۋىقاتنىڭ ئازلىقىدىنمىدۇ؟



شۇنداق دەپ ئېيتىشقىمۇ بولىدۇ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا تەشۋىقات بەك مۇھىم.



قۇرۇق گەپ.


ھۆكۈمەت زەھەرلىك چىكىملىك، ئىچىملىككە ئۈچ خىل كۈچكە قارشى تۇرغاندەك قارشى تۇرسا، ساقچىخانىلارنىڭ ئالدىدىكى پاھىشىخانىلارنى چەكلىسە ئاندىن ئەيدىز ئازىيدۇ ياكى يامراپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىندۇ.



ناھايىتى ئورۇنلۇق كۆز-قاراش  


gewala يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 11:47:04

ئەيدىزنىڭ يامرىشى ئىتىقادنىڭ سۇسلىشىشى،ئۆزىگە قويغان گۇناھ ئۆلچىمىنىڭ توۋەنلىشىشى بىلەن ئوڭ تاناسىپ. ئۇلۇغ ئاللا بىزنى شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلىغىن!

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 12:16:24

2- قەۋەتتىكى aksiya2012نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەيدىزنىڭ يامراپ كېتىشى تەشۋىقاتنىڭ ئازلىقىدىنمىدۇ؟



شۇنداق دەپ ئېيتىشقىمۇ بولىدۇ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا تەشۋىقات بەك مۇھىم.

پاخپاق گەپ.

aksiya2012 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 12:35:12

10- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى aksiya2012نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەيدىزنىڭ يامراپ كېتىشى تەشۋىقاتنىڭ ئازلىقىدىنمىدۇ؟



شۇنداق دەپ ئېيتىشقىمۇ بولىدۇ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا تەشۋىقات بەك مۇھىم.

پاخپاق گەپ.



قانداق پاخپاق گەپ بولىدۇ ئۇكا؟ ساڭا دىسەم ئىچكى ئامىل بىرىنجى،  ئىشىگىڭنىڭ ئۇدۇلىدىلا پاھىشىخانا بار دەيلى، ئۇ يەرگە كىرىش كىرمەسلىك پۈتۈنلەي ئۆزەڭنىڭ تاللىشى، ساقچىخاننىڭ ئالدىغا قۇرۇلغان بولسىمۇ ھىچكىم سىنى زورلاپ ئىتتىرىپ ئەكىرمەيدۇ. چۈشۈنۈش، ئاڭ، ئەيدىز ۋەھىمىسى، بىخەتەرلىك قارىشى بەك مۇھىم ، بۇ تەشۋىقاتتىن كىلىدۇ. سەن تىخى كىچىك بالا ئوخشايسەن ئۇكا، سەن جاھان كۆرگەن ياخشى ياماننى تىز ئايرىپ ھۆكۈم قىلغۇدەك ئىقتىدارىڭ بولىشى مۇمكىن، لىكىن مىنىڭ ئۇزۇن يىل ئىگەللىشىمچە نۇرغۇن ئادەم بۇ كىسەلنىڭ مەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارايدىكەن. بۇ ئەڭ قورقۇنۇشلۇق يىرى. سەن تەشۋىقاتنىڭ رولىغا سەل قارىما.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 12:44:44

@aksiya2012

  {:92:}    ئۇكا دەپ گەپ قىمماڭە، بوۋامدىن چوڭ بولسىڭىزمۇ.

مىڭ قېتىم تەشۋىقات قىلغاندىن كۆرە، شۇ ئىشىكىمنىڭ ئادىدىكى پاھىشخانىنى تاقىسىلا ئىش تامام. تەشۋىقاتنى كۈچەپ قىلىپ، ئەيدىس تەسىرىنى كەڭ كۇشادە قويۇپ بەرسە مەسىلە ھەل بولامتىكى.

aksiya2012 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 12:46:33

10- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى aksiya2012نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەيدىزنىڭ يامراپ كېتىشى تەشۋىقاتنىڭ ئازلىقىدىنمىدۇ؟



شۇنداق دەپ ئېيتىشقىمۇ بولىدۇ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا تەشۋىقات بەك مۇھىم.

پاخپاق گەپ.



مۇنبەر بولۇپ قالدى بەكرەك تەپسىلى يازاي دىسەم، مەن غۇلجىدىكى بىر قىسىم يىزا بالىلىرىنىڭ گىپىنى قىلىپ بەرسەم ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بۇغداي قونىغىنى شەھەرگە ئەكىرىپ سىتىپ شۇندا مەيىشەت سورۇنلىرىغا يۈگۈرىدىكەن. مەن پاراڭلاشتىم ئۇكىلار بۇنىڭ بەك خەتەرلىك قىلمىش ئىكەنلىگىنى بىلمەمسىلەر دەپ. بەزىلىرى ئەيدىز توغرىلىق ئاڭلىغان بولسىمۇ كاللىسىدا ئازراقمۇ چۈشەنچە يوقكەن، بىخەتەرلىك ئىڭى دىگەنغۇ ئازراقمۇ يوق، شۇ ئىشنى قىپ بولۇپ ماڭا يۇقۇپ قالارمۇ دىگەن ئەنسىرەشمۇ يوقكەن  ، يەنە بىر بالا تىخى بۇ كىسەل 90% ئاياللارغا يۇقىدۇ ئەرلەرگە يۇقمايدۇ دەيدۇ، يەنە بىرىنىڭ دىگەن گىپىنى بۇ يەردە دىيىشتىن سەل ئۇيالدىم، دىمەكچى، قارشى تەرەپ گاندوم ئىشلىتىلى دىسە ئۇ بالا پەقەت ئۇنىمايدىكەن. بىر ئايال بىلەنمۇ پاراڭلاشتىم ، ئۇ كىسەلنىڭ مەن بىلەن نىمە ئالاقىسى دىدى. مەن بىرە قۇر چۈشەندۇردۇم، سىز ساغلام لىكىن يولدىشىڭىز تەسەددىبى سىرتلاردا ناشايان ئىشلارنى قىلىپ سالغان بولسا سىزگە خەۋىپ كىلىپ قىلىش ئىىتىماللىغى بار دەپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال قاتتىق جىددىلىشىپ بۇنى قاندا بىلگىلى بولىدىغانلىغىنى نەدە تەكشۈرەيدىغانلىغىنى سورىغىلى تۇردى. دەپ كەلسەم گەپ تولا ئۇكا ، سەن دىگەندەك پاخپاق گەپلەر ئەمەس، سەن پاخپاق گەپ دەپ ئويلىساڭ ئىچىڭدە بىل. بۇ يەردە تەشۋىقات خىزمىتىگە سوغ سۇ سەپكەندەك بولۇپ قالىسەنكەن، ئارتۇق گەپ قىپ قويدۇم  كەچۈرىسەن.غۇلجىنىڭ تارانچىلىرى ئۇكا سەن ھوي دەپ گەپنى قاتتىق باشلايدۇ ، كۆڭلۈڭگە ئالما،

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 12:47:14

@aksiya2012

يەنە بىر گەپ، ئوخشاش بىر ئۈرۈمچى شەھرىنىڭمۇ، تەڭىرتاغ رايونىدىلا ئەيدىس مىقدارىنىڭ باشقا رايونلاردىكىدىن بىراقلا يۇقىرلىقىنى ئۇيغۇرنىڭ ئەخلاقسىزلىقىغا دۆڭگەپ قويۇپ، تەشۋىقات قىلساق، تەربىيە ئىشلىسەك ئوڭشىلىپ كېتىتى دەپ تۇرىۋالسىڭىز مەيلى. نۇرغۇن ئامىللارغا چېتىشلىق ئىش بۇ.

مەھەللە باشقارمىسىنىڭ تەشۋىقات ئىشخانىسىدا ئىشلەمسىز؟

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 12:55:27

13- قەۋەتتىكى aksiya2012نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

10- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى aksiya2012نىڭ يازمىسىدىن نەقىل




مۇنبەر بولۇپ قالدى بەكرەك تەپسىلى يازاي دىسەم، مەن غۇلجىدىكى بىر قىسىم يىزا بالىلىرىنىڭ گىپىنى قىلىپ بەرسەم ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بۇغداي قونىغىنى شەھەرگە ئەكىرىپ سىتىپ شۇندا مەيىشەت سورۇنلىرىغا يۈگۈرىدىكەن. مەن پاراڭلاشتىم ئۇكىلار بۇنىڭ بەك خەتەرلىك قىلمىش ئىكەنلىگىنى بىلمەمسىلەر دەپ. بەزىلىرى ئەيدىز توغرىلىق ئاڭلىغان بولسىمۇ كاللىسىدا ئازراقمۇ چۈشەنچە يوقكەن، بىخەتەرلىك ئىڭى دىگەنغۇ ئازراقمۇ يوق، شۇ ئىشنى قىپ بولۇپ ماڭا يۇقۇپ قالارمۇ دىگەن ئەنسىرەشمۇ يوقكەن  ، يەنە بىر بالا تىخى بۇ كىسەل 90% ئاياللارغا يۇقىدۇ ئەرلەرگە يۇقمايدۇ دەيدۇ، يەنە بىرىنىڭ دىگەن گىپىنى بۇ يەردە دىيىشتىن سەل ئۇيالدىم، دىمەكچى، قارشى تەرەپ گاندوم ئىشلىتىلى دىسە ئۇ بالا پەقەت ئۇنىمايدىكەن. بىر ئايال بىلەنمۇ پاراڭلاشتىم ، ئۇ كىسەلنىڭ مەن بىلەن نىمە ئالاقىسى دىدى.


مۇشۇلارغا ئوخشاپ كېتىدىغانلارنىڭ ھېكايىسى مانا: «شور پىشانىلەر». ئوقۇپ قويۇڭلار.

aksiya2012 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 13:04:30

14- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@aksiya2012

يەنە بىر گەپ، ئوخشاش بىر ئۈرۈمچى شەھرىنىڭمۇ، تەڭىرتاغ رايونىدىلا ئەيدىس مىقدارىنىڭ باشقا رايونلاردىكىدىن بىراقلا يۇقىرلىقىنى ئۇيغۇرنىڭ ئەخلاقسىزلىقىغا دۆڭگەپ قويۇپ، تەشۋىقات قىلساق، تەربىيە ئىشلىسەك ئوڭشىلىپ كېتىتى دەپ تۇرىۋالسىڭىز مەيلى. نۇرغۇن ئامىللارغا چېتىشلىق ئىش بۇ.

مەھەللە باشقارمىسىنىڭ تەشۋىقات ئىشخانىسىدا ئىشلەمسىز؟



\"\"بىزگە ئامال قانچە، پاھىشىخانىلارنى بىرىپ چىقىپ تۈزلىۋىتىش بىزنىڭ قولىمىزدىن كەلمىگەندىكىن مۇمكىنچىلىگى بار تەشۋىقات دىگەندەك ئىشلىنى قىلىپ تۇرىمىز، پاھىشىخانىلارنى تۈزلىۋىتىغان شۇندا بىر كۈنلەرمۇ كىلەر. ھازىرچە توختاپ قالماي قولىمىزدىن كىلىدىغان ئىشلارغا كۈچەپ تۇرايلى


نەدە ئىشلەيدىغانلىغىمنى سورىسىڭىز مەن جوڭگو ئاكادىمىيەدە تۇرۇۋاتقىلى  10 يىل بولدى، تەجرىبىلىرىممۇ مۇشۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ كىسەلنىڭ مىخانىزىمى بىلەن بىزە تونۇش. لىكىن غۇلجىغا دايىم بىرىپ تۇرىمەن ، مەھەللە باشقارمىسىنىڭ تەشۋىقات ئىشخانىسى غۇلجىدا ئەيدىز ۋە زەھەرنىڭ ئالدىنى ئىلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئاساسى قاتلام ئالدىنقى سىپى دەپ قارايمەن، ئۇلارنىڭ مەلە بىسىپ ئۆي ئۆيلەرگە كىرىپ ئۈزۈلدۇرمەي تەشۋىقات ئىشلىگەن ئەجرىگە مەن قايىل بولماي تۇرالمايمەن  

aksiya2012 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 13:07:24

باشتىكى ئىنكاسنى يەنە بىر تەكىتلەپ قوياي

ئەيدىزنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىشتا تەشۋىقاتنىڭ كۈچى ھەممىدىن زور دەپ قارايمەن، ئىزدىنىشتىكى تورداشلارنىڭمۇ بۇندىن كىيىن تىخىمۇ ئۇيۇشۇپ ۋە ئىزدىنىپ خەلقىمىز ئىچىدە ئەيدىز تەشۋىقاتى، بىخەتەرلىك ۋە ئالدىنى ئىلىش تەربىيەلىرىنى ئۈنۈملۈك، سىستىمىلىق كەڭ دايىرىلىك ئىلىپ بىرىشتا بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قىتىشقا چاقىرىمەن، سىز ھىچ بولمىسا ئەتراپىڭىزدىكى تونۇش بىلىش خىزمەتداش، دوس-يارەن، ئۇرۇق تۇققان قىرىنداشلىرىڭىزغا تەسىر كۆرسىتەلەيسىز، بىر دەملىك چۈشەندۈرىشىڭىز بىلەن شۇلاردا بۇ كىسەلگە بولغان تونۇش بولۇپمۇ بىخەتەرلىك ۋە ئۆزىنى قوغداش ئىڭى يىتىلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ بىلەن كىيىن يۈز بىرىپ قالىدىغان پاجىئە بەختسىزلىكلەردىن

بىرى بولسىمۇ ئازىيىشى مۈمكىن، دىمەك تەشۋىق قىلغىنىڭىزنىڭ ئۆزى ھەم ساۋاپ ئىش.

alif يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 13:50:41

ئېلاننىڭ كۈچىگە سەل قارىمىغانغا ئوخشاش تەشۋىقاتنىڭ كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.



ئەڭ ياخشى ئۇسۇل، شەكلى ئۆزگەرگەن ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش سورۇننى تاقاش،

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 14:27:08

تەشىۋىقات دىگەنلىك گەپ سېتىش دىگەنلىك،

پەقەت قۇرۇق گەپ سېتىپ كونكىرىت تەدبىر قوللانمىسا مەسىلە ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.





ئەيدىس ئجتىمائى مەسىلە

ئىجتىمائى مەسىلىنى ھەل قىلىش ھۆكۈمەتنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى.
بەت: [1] 2
: بالىلار بايرىمىغا قول سوزغان ئەيدىز