Toner Exhausted Replace toner [تېخنىكا]
مېنىڭدە samsung scx-4300 تىپلىق بىر خەتباسقۇ بار ئىدى، نۇسخا ئالدۇرش ياكى خەت باستۇرۇشتا Toner Exhausted Replace toner دېگەن ئۇچۇر چىقىپ، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلمايۋاتىدۇ، رەڭ تۈگىگەن ئوخشايدۇ دەپ گۇمان قىلىپ، رەڭ قاچىلىتىپمۇ باقتىم، ھىچقانداق ئۈنىمى بولمىدى. Toner Exhausted Replace toner نىڭ مەنىسى نېمە بولغىيتى(ھازىرلا بەيدۇ تورىدىن تەرجىمە قىلدۇرسام 更换碳粉碳粉耗尽 ئۇچۇر چىقتى)؟ قانداق ئەھۋالدا مۇشۇنداق ئۇچۇر چىقىدۇ؟ ئۇستازلارنىڭ تەلىم بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
مەن دەپبىرەي ئادەتتە كىچىك تىپتىكى پىرىنتىرلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم چەككە كەلگەندىن كىيىن سىيا تۈگىدى دىگەندەك يۇقۇرقى ئۇچۇر چىقىۋالىدۇ . سىيا قۇيساقمۇ يەنە ئوخشاش .باسقان بەت سانىنى 0 گە ئەكەلسەك بولىدۇ يەنى خەنسۇلار 清零 دەيدۇ .
توردىن ئىزدەپ چىققان قەدەم باسقۇچلىرى : 1 - تىزىملىك 2 - ئاسراش 3- تەڭشەكنى يۇيۇش 4- ھەممە تەڭشەكنى 5- ok
مىنىڭكى 3119 ئىدى بىراق مەن سىم ئارقىلىق مىڭىسىنى يۇيىمەن .
يۇقارقىدىكىلەرنى سىناپ بىقىڭ بولماي قالسا سىز نورمال ھالەتكە ئەكىلىشىگە قەدەر ياردەم قىلىمەن .
1- قەۋەتتىكى tirkaxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
توردىن ئىزدەپ چىققان قەدەم باسقۇچلىرى : 1 - تىزىملىك 2 - ئاسراش 3- تەڭشەكنى يۇيۇش 4- ھەممە تەڭشەكنى 5- ok
بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭكىدە ئېنگىلىزچە چىقىدۇ، خەنسوچىغا ئەكەلگىلى بولمايدىكەن، بۇنى يۇلغۇندا ئۆرۈتۈپ سىناپ باقاي.
1- قەۋەتتىكى tirkaxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يۇقارقىدىكىلەرنى سىناپ بىقىڭ بولماي قالسا سىز نورمال ھالەتكە ئەكىلىشىگە قەدەر ياردەم قىلىمەن .
كۆڭۈل بۆلگىنىڭىز ئۈچۈن كۆپ ھەشقاللا، ئاللاھ بىلىمىڭىزنى تېخمۇزىيادە قىلسۇن.
4- قەۋەتتىكى tirkaxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
نۇسقائالغۇ دىگىنىڭىز ( فۇيىن ) شۇما ، كۆپەيتىش ئىقتىدارى
شۇنداق.
ھازىر ئۈچ ئىقتىداردىن ئىككىسى(كۆپەيتىش، سايىلەش ئىقتىدارلىرى) ئوڭشالدى، ئەمما خەت بېسىش ئىقتىدارى ئوڭشالماي، ھىچقانداق خاتالىق ئۇچۇرمۇ چىقماي گۆشىيىپلا تۇرىۋاتىدۇ.
6- قەۋەتتىكى tirkaxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
پىرىنتىرغا بۇيرۇق بارامدۇ بارمامدۇ . قوزغىتىش سىستىمىسى بۇزۇلغانمۇ يوق ، قايتا قاچىلاپ باقتىڭىزمۇ .
ئاللا، مېنى رىمۇنىتچى قىلىۋەتتىڭىز جۇما سىز. ئاللاھ بىلىمىڭىزنى تېخمۇ زىيادە قىلسۇن.
بەت:
[1]