bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-27 19:20:59

تەڭرىقۇت سوجاڭنى سوتقا تارتىدىغانلار چىقتى جۇما

تېما ماۋزۇسىنى كۆرۈپ بىراۋ راستىنلا بىزنىڭ تەڭرىقۇت سوجاڭنى سوتقا تارتقان ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلار، بايا بىر دىھقان كەپتىكەن، بىر ئەرزىنىڭ ئايغىغا گەپ قىستۇرۇپ بېرىڭ دەپ ئىككى بەت نەرسە ئەكەپتىكەن، يازماي دىسەم تېخخى، خەتتىكى ئەبجەشلىكنىڭ كۆپلۈكىدىن تۈزۈتۈپ يازاي دىسەم باشتىكى ئىككى بەتتە ئۇ ئاتالغۇلار شۇنداق يېزىلغان، يازماي دىسەم تېخى ساۋاتسىز ئادەم ئىكەن خاپا بولمىسۇن دەپ زورلاپ يازدىم، شۇ خەتلەرنى يېزىپ بولغۇچە قوللۇرۇم بەكلا قىينىلىپ كەتتى.
ئەمدى بۇ خەتنىڭ يېزىلىش مەقسىتىگە كەلسەك بۇ دىھقاننىڭ 16 ياشلىق بالىسى پىراۋىسى يوق ھالدا بىر موتوسىكىلىتنى ھەيدەپ كېتىۋاتسا، ئادەمنى پۇخادىن چىققۇدەك قاچىلىۋالغان ئۈچ چاقلىق موتوسىكىىت (يازمىدىكى سەنلۇڭ) كەينىدىن كېلىپ سوقۇۋېتىپتۇدەك، قاتناش ساقچىلىرى بۇ بالىغا %30 مەسئۇلىيەتنى ئارتىپتۇ، شۇڭا بۇ دىھقاننىڭ دىيىشىچە مۇشۇ يازمىدا دىيىلگەندەك بولسا بولارمىش، بولمىسا بولمايمىش.
يازمىنى ئەستايىدىللىق بىلەن زېرىكمەي ئوقۇپ چىقارسىلەر ھە:
-----------------------------------------------------------------
******* شوپۇرلۇق پىراۋىسى يوق، سەنلۇڭنىڭ نومۇر تاختىسى يوق، ئادەم توشۇش ئىجازەتنامىسى يوق سەنلۇڭنىڭ ئالدىغا ئۈچ ئادەم، كەينىگە 12 ئادەم ئېلىپ، يۇقىرىدىن ئاياققا خالاستايغا قويۇۋېتىپ كونتىروللىقىنى يوقىتىپ، قاراماي يولدا 35 مىتىر يەردە تورمۇز قويغان، سەنلۇڭ چاقى قاراماي يولنى كۆيدۈرۈپ كېلىپ مەن ھەيدىگەن موتوسىكىلىتنىڭ بۆكتەگىسىگە ئۈسسۈپ ئۆتۈپ توك سىتولبىسىغا بېرىپ ئۈسسۈگەن، جوتۇڭ خادىملىرى كېلىپ «سەن نىمىشقا موتوسىكىلىتنى تېز ھەيدىدىڭ، تېز ھەيدەپ نەگە باراتتىڭ» دىسە، ئۇ «مەن موتوسىكىلىتنى خالاستايغا قويۇۋېتىپ كونتىروللىقىمنى يوقاتتىم» دىگەن. جوتۇڭ خادىملىرى ******نىڭ توك سىتولبىسىغا ئۈسسۈگەنلىكى ھەتتا موتوسىكىلىتنىڭ خالاستايدا، ئاچقۇچىنىڭ ئۆچۈرۈگلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرگەن، بۇ قارا ماي يول مەھەللە ئىچىدىكى قاراماي يول بولۇپ، يولنىڭ كەڭلىكى 3.5 مىتىر، موتوسىكىلىتنىڭ سائەتلىك تېزلىكى 46 كىلومىتىر سۈرئەتتە مېڭىپ مۇشۇ ۋەقەنى چىقارغان.
***** ناھىيەسىدىكى جوتۇڭ خادىملىرى قاتناش قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ نوپۇسى يوق ماشىنا، كېنىشكىسى يوق شوپۇر ھەيدىگەن ماشىنىلاردىن پاكەن ئېلىپ، 2000-يىلى چىققان نومۇر تاختىسى يوق سەنلۇڭ، سەنلۇڭ ھەيدىگۈچىنىڭ كېنىشكىسى يوق، يول يۈرۈش ئىجازەتنامىسى يوق سەنلۇڭلارنىمۇ، ھەمدە ھەر بىر سەنلۇڭغا يۇقىرىسى 15ئادەم، 10 ئادەم ئالغان سەنلۇڭلارنى تۇتۇۋالسىمۇ، يۇقىرسىغا 500يۈەن، تۆۋىنىگە 400يۈەن پاكەن ئېلىپ سەنلۇڭلارنى بېرىۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن نومۇر تاختىسى يوق، سەنلۇڭلار، شوپۇرلۇق پىراۋىسى يوق شوپۇرلار كۆپىيىپ تۇتۇۋالسىمۇ پاكەن ئېلىپ قويۇپ بېرىدىكەن دەپ، نومۇر تاختىسىمۇ ئالماي، شوپۇرلۇق پىراۋىسىمۇ ئالماي ئۆزى خالىغانچە ھەيدەپ، قاتناش ۋەقەسى تۇغدۇرغان.
دۆلىتىمىزنىڭ قايسى قانۇنىدا نومۇر تاختىسى يوق ماشىنىلاردىن، پىراۋىسى يوق ماشىنا ھەيدىگۈچىلەردىن پاكەن ئېلىپ قويۇپ بېرىدىغان بەلگىلىمە بار، ئەگەر تۇتۇۋالغان ماشىنىلارغا نومۇر تاختىسى بىجىرىپ بېرىشكە تېگىشلىك بولسا نومۇر تاختىسى بىجىرىپ، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بىراك قىلىپ، شوپۇرلۇق كېنىشكىسى ئالغۇزۇپ ماڭغان بولسا مۇشۇنداق قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرمەيتى.
نومۇر تاختىسى يوق سەنلۇڭلارنى تۇتۇۋالغاندا پاكەن ئالماي نومۇر تاختىسى بىجىرىپ بېرىشكە تېگىشلىك بولسا نومۇر تاختىسى بىجىرىپ، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بىراك قىلىش شۇ قانۇننى يولغا قويماي، نوپۇسى يوق كېنىشكىسى يوق سەنلۇڭلارنى پاكەن ئېلىپ قويۇپ بېرىپ، مۇشۇنداق قاتناش ھادىسىسى چىقىتى. بۇ جوتۇڭ خادىملىرى ھۆكۈمەت بەرگەن مۇئاشقا تويمىدىمۇ، جوتۇڭ خادىملىرىنىڭ كۈنلۈكىگە ئالدىغا 300يۈەن، كەينىگە 200يۈەن مائاش بېرىدۇ، نىمىشقا قانۇن بويىچە ئىش بىجىرمەي پاكەن ئېلىپ، مۇشۇنداق ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن سەنلۇڭ، ماشىنىلارنى بىراك قىلماي قويۇپ بېرىدۇ.
بۇ جىنايەتنىڭ %80 جوتۇڭ خادىملىرىدا، مەندە گۇناھ بار دىيىلسە %5 جىنايەتنى ئۈستۈمگە ئالىمەن، ئەگەر بۇنىڭدىن ئارتۇق جىنايەت ئارتسا تۆلىيەلمەيمەن.
پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىپ ئىشلىمەي خاتا ھۆكۈم چىقىرىدىكەن.
مەن ئاپتۇنۇم رايۇنغا ئەرىز قىلىمەن.
---------------------------------------------------------------------
ئىۋۇ بىراك قىلىش دىگەن گەپنى «بوپى قىلىش» دەپ يېزىپ كەپتىكەن، مەن سەۋىيەمنىڭ يېتىشىچە تۈزۈتۈپ قويدۇم.
ئۇ دىھقاننىڭ دىيىشىچە ئوغلىنىڭ پىراۋىسى يوق موتوسىكىلىت ھەيدىشىدىكى مەسئۇلىيەت قاتناش ساقچىلىرنىڭ (يازمىدىكى جوتۇڭ خادىملىرى) ئۈستىدىمىش، ياقامنى تۇتاي دىسەم تېخى، خۇددى «ھۆكۈمەت ھاراق ئىچىشنى چەكلىگەن بولسا ئىچمەيتىم، مەسئۇلىيەت ھۆكۈمەتتە» دىگەندەك گەپ بولدى.
شۇڭا ئەڭ ياخشىسى پىراۋا ئالماي تۇرۇپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىمەڭلار، پىراۋاڭلار بار بولسىمۇ بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭلار.
سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا مۇشۇنداق ئىشلار ئۇچرىدىمۇ؟ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەيدەپ ھادىسە كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا قانداق قارايسىلەر؟تەڭرىقۇت سوجاڭ، ئۆزلىرى بىر سۆزلىۋەتمەملا؟


مەنبە:باپكار  خاتىرلىرى

Nurlan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-27 20:57:11

پايپاققا نالە قاققاندەكلا گەپ قىپتىغۇ بۇ ... ئاجايىپ قىززىق ئادەملا بادە .

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-5-27 22:11:35

ما دىھقان ئاكىمىز ساۋاتسىز بولغان بىلەن خىلى كاللىسى باركەن

شۇنداق كىنىشكىسى يوققا كىنىشكىنى بىجىرىپ نۇمۇر تاختىسى بولمىسا نۇمۇر تاختىسى بىجىرىپ بىرىپ ئاندىن قاتناش قوراللىرىنى

قولىغا بەرمەي شۇنداق جەرىمانە ئىلىپلا بولدى قىلغاندىكىن شۇنداق قىلماي نىمىش قىلىدۇ

ھازىر تىخى شۇنداق موتوسىكىلىت نۇمۇر تاختىسىنى بىجىرمەيدۇ لىكىن 10 تالدىن يۇقۇرى توپ بىجىرىپ بىرىدۇ بۇنىمە ئىش

كىنىشكە ئالماق ئاندىن تەس  شۇنداق تەس قىلغانسىرى كىنىشكىسىز ماشىنا ھەيدەيدىغانلار كۆپلەپ كىتىۋاتمامدۇ ھازىر

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-27 22:28:24

جوتوڭ دىگەن قاتناش ساقچىسى شۇدۇ؟ قاتناش ساقچىلىرى 6000يۈەن مائاش ئالامدا؟  \"\"

ansariy يوللانغان ۋاقتى 2012-5-27 22:47:25

كاللىسى ‹‹ ئىشلەيدىغان ›› قاتناش ساقچىلىرى 10000دىنمۇ كۆپرەك ئالىدۇ مائاشنى  \"\"

yadikar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-27 23:27:14

4- قەۋەتتىكى ansariyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كاللىسى ‹‹ ئىشلەيدىغان ›› قاتناش ساقچىلىرى 10000دىنمۇ كۆپرەك ئالىدۇ مائاشنى \"\"



راسىت دەيسىز....بەزى قاتناش ساقچىلىرنىڭ كاللىسى بەك <<ئىشلەيدۇ>>.....

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-5-27 23:50:34

3- قەۋەتتىكى kokkaptarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

جوتوڭ دىگەن قاتناش ساقچىسى شۇدۇ؟ قاتناش ساقچىلىرى 6000يۈەن مائاش ئالامدا؟  \"\"  

جوتۇڭدا تونۇشلىرىڭلا بامىتى؟ يول مېڭىپ باقاي دەمسىلە؟\"\"


kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 11:05:31

6- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى kokkaptarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

جوتوڭ دىگەن قاتناش ساقچىسى شۇدۇ؟ قاتناش ساقچىلىرى 6000يۈەن مائاش ئالامدا؟ \"\"

جوتۇڭدا تونۇشلىرىڭلا بامىتى؟ يول مېڭىپ باقاي دەمسىلە؟\"\"




مەن پارتىيە ھۆكۈمەت بىرىدىغان مائاشنى سوراۋاتىمەن. \"\"

turikizat يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 11:11:25

دۇكىنىمنىڭ ئالدىغا دائىم دىگۇدەك چىقىدۇ  قايسى كۇنى بىر جوتوڭ ئاغىنەم مۇنداق دىگەنتى   ئاخشام قىمار ئوينىغان  بىزنىڭ باشلىق 20مىڭ يۇئەن ئۇتۇرۋاتتى   ھەمدە بىزگە يالۋۇرۇپ تۇرۋالدى  بولمىسا بۇگۇن ئارامتتى ماشىنا تۇسقىلى چىقمايتۇق

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 14:02:05

7- قەۋەتتىكى kokkaptarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى kokkaptarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

جوتوڭ دىگەن قاتناش ساقچىسى شۇدۇ؟ قاتناش ساقچىلىرى 6000يۈەن مائاش ئالامدا؟ \"\"

جوتۇڭدا تونۇشلىرىڭلا بامىتى؟ يول مېڭىپ باقاي دەمسىلە؟\"\"




مەن پارتىيە ھۆكۈمەت بىرىدىغان مائاشنى سوراۋاتىمەن. \"\"




ھۆكۈمەت بېرىدىغىنى 3000 سوم، خەلق بىرىدىغىنى نامەلۇم.

halife يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 14:09:12

7- قەۋەتتىكى kokkaptarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى kokkaptarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

جوتوڭ دىگەن قاتناش ساقچىسى شۇدۇ؟ قاتناش ساقچىلىرى 6000يۈەن مائاش ئالامدا؟ \"\"

جوتۇڭدا تونۇشلىرىڭلا بامىتى؟ يول مېڭىپ باقاي دەمسىلە؟\"\"




مەن پارتىيە ھۆكۈمەت بىرىدىغان مائاشنى سوراۋاتىمەن. \"\"




ئەشۇ مائاشنىمۇ پارتىيە-ھۆكۈمەت شارائىت يارىتىپ بەرگەندىن كېىيىن  ئاندىن چونتەككە سالغىلى بولىدۇ!

alshah يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 20:26:07

پىراۋىسىز موتسىكلىت ھەيدەيدىغانلار ناھايتى كۆپقۇ، مەن بىر قېتىم 100 يۈەن جەرىمانە تۆلىگەن.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 20:42:05

@kokkaptar ئاداش شۇنداق قىلىپ خىزمەتنى جوتۇڭغا يۆتكەيدىغان بولدۇڭلىمۇ يا؟  {:92:}  

خەۋەر قىلىۋېتىڭلا جۇما، موتونى ھەيدەپ ناھىيە بازىرىغا بارىمەن، ھېچنىمەم يوق \"\"

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 21:04:34

@goodluck مەن جوتۇڭدا بولمىساممۇ، داجەي ئۆستەڭدىن ياكى تىزناپتىن ئۆتۈپلا كەتسەڭلا كەپتەرجان بار دەپ خاتىرجەم ماڭىۋىرىڭلا.   {:92:}

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 21:24:00

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 21:51:01

13- قەۋەتتىكى kokkaptarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@goodluck مەن جوتۇڭدا بولمىساممۇ، داجەي ئۆستەڭدىن ياكى تىزناپتىن ئۆتۈپلا كەتسەڭلا كەپتەرجان بار دەپ خاتىرجەم ماڭىۋىرىڭلا.  \"\"  

باغئاۋاتنىڭ ساقچىلىرىنى يامان ئەسكى دەپ ئاڭلاپتىم، دەپ قويغان بىلەن، شەگە موتودا چىرىپمۇ ئىشماۋە ئەدەش، پارتىيەنىڭ غەمغورلىقى بىلەن قاتناش ياخشى بولاپ كەتتى، پاپىدا ماڭىدۇ ھازىر\"\"

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 21:52:58

@esma0999

دىھقانلار بىلەن مۇڭدىشىپ، قاتناش ساقچىسى دېسەك \"جوتۇڭما؟\" دەپ سالىدىچا، تومپاي تىلىمىزدا مۇنبەر ئويناپ قويدۇق \"\"

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-29 08:57:42

16- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

13- قەۋەتتىكى kokkaptarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@goodluck مەن جوتۇڭدا بولمىساممۇ، داجەي ئۆستەڭدىن ياكى تىزناپتىن ئۆتۈپلا كەتسەڭلا كەپتەرجان بار دەپ خاتىرجەم ماڭىۋىرىڭلا. \"\"

باغئاۋاتنىڭ ساقچىلىرىنى يامان ئەسكى دەپ ئاڭلاپتىم، دەپ قويغان بىلەن، شەگە موتودا چىرىپمۇ ئىشماۋە ئەدەش، پارتىيەنىڭ غەمغورلىقى بىلەن قاتناش ياخشى بولاپ كەتتى، پاپىدا ماڭىدۇ ھازىر\"\"

ئاۋۋال پارتىيەمنىڭ غەمخورلىقىغا يۈز كىلەلمەي خىجىل بولۇپ، ئاندىن قالسا گەنجۆ قوغلاپ تاس قالىمىز قەشقەغە موتودا بىرىپ كەلگىلى. \"\"

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-5-29 16:03:12

18- قەۋەتتىكى kokkaptarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

16- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

13- قەۋەتتىكى kokkaptarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@goodluck مەن جوتۇڭدا بولمىساممۇ، داجەي ئۆستەڭدىن ياكى تىزناپتىن ئۆتۈپلا كەتسەڭلا كەپتەرجان بار دەپ خاتىرجەم ماڭىۋىرىڭلا. \"\"

باغئاۋاتنىڭ ساقچىلىرىنى يامان ئەسكى دەپ ئاڭلاپتىم، دەپ قويغان بىلەن، شەگە موتودا چىرىپمۇ ئىشماۋە ئەدەش، پارتىيەنىڭ غەمغورلىقى بىلەن قاتناش ياخشى بولاپ كەتتى، پاپىدا ماڭىدۇ ھازىر\"\"

ئاۋۋال پارتىيەمنىڭ غەمخورلىقىغا يۈز كىلەلمەي خىجىل بولۇپ، ئاندىن قالسا گەنجۆ قوغلاپ تاس قالىمىز قەشقەغە موتودا بىرىپ كەلگىلى.  



يىراق يولنى موتودا ئازراق مېڭىڭ. بولمىسا تېقىمدىن كېتىسىز.\"\"

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-29 18:02:08

19- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

18- قەۋەتتىكى kokkaptarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

16- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

13- قەۋەتتىكى kokkaptarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@goodluck مەن جوتۇڭدا بولمىساممۇ، داجەي ئۆستەڭدىن ياكى تىزناپتىن ئۆتۈپلا كەتسەڭلا كەپتەرجان بار دەپ خاتىرجەم ماڭىۋىرىڭلا. \"\"

باغئاۋاتنىڭ ساقچىلىرىنى يامان ئەسكى دەپ ئاڭلاپتىم، دەپ قويغان بىلەن، شەگە موتودا چىرىپمۇ ئىشماۋە ئەدەش، پارتىيەنىڭ غەمغورلىقى بىلەن قاتناش ياخشى بولاپ كەتتى، پاپىدا ماڭىدۇ ھازىر\"\"

ئاۋۋال پارتىيەمنىڭ غەمخورلىقىغا يۈز كىلەلمەي خىجىل بولۇپ، ئاندىن قالسا گەنجۆ قوغلاپ تاس قالىمىز قەشقەغە موتودا بىرىپ كەلگىلى.  



يىراق يولنى موتودا ئازراق مېڭىڭ. بولمىسا تېقىمدىن كېتىسىز.\"\"

بوۋىلىرىم قەشقەرگە ئات ئىشەكلەرگە مىنىپ بىرىپ ئوقۇپتىكەن.  \"\" ئۇزۇن يول مىڭىشقا ئامراقلىق ئۇدۇم قالغان ئوخشىمامدا. \"\"
بەت: [1] 2
: تەڭرىقۇت سوجاڭنى سوتقا تارتىدىغانلار چىقتى جۇما