wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-27 15:46:08

كاتتا رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشكۈدەكمەن ....

     بىر ئايدىن بۇيان يېڭى تېلفونۇمدا تورغا تېما قىلىپ يوللارمەن دەپ يېزىقلاردىكى كۆرۈپمۇ باقمىغان قۇرۇت قوڭغۇزدىن تارتىپ بەس -بەستە ئۆي چېقىپ ،سېلىۋاتقان  قاينام تاشقىنلىق مەنزىرىلەرگىچە 30نەچچە پارچە رەسىم تارتقان ئىدىم ،تۆنۈگۈن تورغا بىر مۇراجىئەتنامە يوللايمەن دەپ كارتىنى سېلىپ ھەممە نەرسىنى يۈتتۈرۈپ قويۇپ ئىچىم سەل پەل ئاچچىق بولۇپ قالدى دە غەشلىك ئىچىدە تور ئېچىپ يۈرۈپ "ئۈچ مىليون پۇل يوقمىش  "   "مائاشىنى ئىئانە قىلىۋەتكەن باشلىق "     .....قاتارلىق خەۋەر ۋە شېئىرلارنى كۆرۈپ خېلى ھۇزۇرلاندىم .لېكىن توردىن چۈشۈپ رېئاللىققا قايتىۋىدىم يەنە مۇھەممەتنىڭ كېسەل ئازابىدا ئىڭراۋاتقان ھالىتى كۆز ئالدىمغا كېلىپ ئازابلاندىم ،ھەي پۇل ھەي پۇل ،ھەجەپ قىينىدىڭ پۇل دەپ  قىسچىلىق ،تەلمۈرۈش ،ھايات،ئۈمىت  دېگەنلەرنى ئويلاپ قاچانلاردىكىن ئۇيقىغا كېتىپ  كاتتا رەھبەرلەرنىڭ قۇبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ ،كاتتا رەھبەرلەر بىلەن كاتتا بىر ئىشنى قىلىپ ،كاتتا ئادەملەر بىلەن خاتىرە سۈرەتلەرگە چۈشۈپ دېگەندەك ئاجايىپ قىزىق چۈشتىن بىرنى كۆرۈپتىمەن ...

    تەۋەيىمىزدە تېلېفون ئىشلىتىدىغان ئۈچ  مىليون كىشى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بىر ئايدا بىر سوم ئىئانە قىلىش ،بۇ پۇللارنى كۆچمە خەۋەرلىشىش شېركىتى ۋاكالىتەن يىغىپ ھەر ئايدا مەخسۇس ھېساباتقا سېلىش ،پۇلنىڭ يىغىلىش ۋە ئىشلىتىش جەريانى ،ئېلان تەشۋىقات دېگەن ئىشلارغا تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى ئىگە بولۇش يىغىلغان بۇ پۇللار بىلەن تەۋەيىمىزدىكى ئېغىر كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈم گىردابىدا جان تالىشىۋاتقان بىمارلارغا ياردەم قىلىشنى ،شۇ ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ،ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۈپ ئاساس قىلغان "مىليون كىشىلىك قاتار چاي "توغرىسدىكى تەسەۋۇرۇم توردا ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن بەس مۇنازىرە قوزغاپ توردا قوللاش سادالىرى ياڭرىغانلىقتىن  ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بۇ كاتتا خام خىيال ئاپتونوم رەھبەرلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ ئۇلار مېنى بىر تورچى سۈپىتىدە قۇبۇل قىلىپ "مىليون كىشىلىك چاي"پىلانىنىڭ تەپسىلاتىنى سۈرۈشتۈرگۈدەك .

     مەن ،تورداشلارنىڭ دېگىنى بويىچە ئېغىر كېسەللەرنى ھۆكۈمەت بىر قىسىم ھەقنى كۆتۈرۈپ داۋالاش ياخشى مەسلىھەت ،لېكىن كۈنىمىزنىڭ ياخشى بولۇشىغا ئەگىشىپ بۇ ئىشلارمۇ چوقۇم يولغا قويۇلۇپ خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزىلىدۇ ،لېكىن يەنىلا چۈشىنىش ھەممىدىن مۇھىم ،شۇڭا شەخسەن مېنىڭ ئويۇمدا رايونىمىزدا تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى كەڭ تەشۋىقات قىلسا يانفۇن ئابونىتلىرى ياكى بانكا كارتىسى بارلارنى ساخاۋەت ئىشىغا تەشكىللەپ "مىليون كىشىلىك چاي "پىلانىنى يۈرۈشتۈرسەك ،مەيلى بانكا كارتىسى بولسۇن ياكى يانفۇن بولسۇن ،تەشۋىقات ئىشلىرى ياخشى ئىشلەنسە بۇ ئىشقا چوقۇم تەۋەيىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى قىزغىن ئىشتىراك قىلىدۇ ،بىز ھەر ئايدا يىغىلغان ئۈچ مىليون سوم پۇل بىلەن تەۋەيىمىزدىكى ئېغىر كېسەل بولۇپ داۋالىنىشقا قادىر بولالمايۋاتقان ھەر مىللەت بىمارلىرىغا ياردەمدە بولساق ،بۇنداق بولغاندا بىمارلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ كۆڭلى ئىللىيدۇ ،ئىككىنچىدىن قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئشىتىن چوقۇم خۇرسەن بولىشىدۇ ،ئۈچىنچىدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ ...دەپ "مىليون كىشىلىك چاي"توغرىسىدىكى تەسەۋۇرۇمنى كاتتا باشلىقلارغا ئاغزاكى دوكلات قىلغۇدەكمەن ...

كاتتا باشلىقلار ،بۇ بولىدىغان ئىش ئىكەن مېنى ماختاپ بۇ ئىشلارنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن قىزغىن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ئاخىردا بۇ پىلاننى رەسمىي باشلاشنى قارار قىلغانلىقىنى ،بۇنىڭغا تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى ،خەۋەرلىشىش ئىشلىرىدىكى ئۈچ ماگنات شىركەت ،ئالاقىدار بانكا ۋە خەير ساخاۋەت باش جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەسئۇل بولۇپ باشلىنىدىغانلىقىنى ،ھەر ئايدا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى "مىليون كىشىلىك چاي "پروگراممىسىنى نەق مەيداندا تارقىتىدىغانلىقى ،نەق مەيداندا رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت  كۆرۈرمەنلەرنىڭ يانفوندا  بەلگىلەنگەن نومۇرغا قىسقا ئۇچۇر يوللاش شەكلى بىلەن نەق مەيداندا پۇل ئىئانە قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدىغانلىقى ،پۇل  يىغىلىپ  تاكى شۇ ئاي توشقۇچە بۇ پۇللارنى رايونىمىزدىكى ئېغىر كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان ھەقىقىي قىيىنچىلىقى بارلارغا بۆلۈپ بېرىدىغانلىقى .....قاتارلىقلارنى قارار قىلىپ ھۆججەت پۈتۈلگۈدەك ...

5-ئايلىق" مىليون كىشىلىك چاي" پىروگراممىسى تېلېۋىزىيەدە كۆرسىتىلگەندىن كىيىن يانفۇن قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق يىغىلغان پۇل 3مىليون سومدىن ئېشىپ كەتكۈدەك ،تۇنجى سان پروگرامما بولغانلىقى  ئۈچۈن  ئالدىن تەكشۈرۈپ بېكىتىلگىنى بويىچە ئاق قان كېسىلى ۋە بۆرەك زەئىپلىشىش  كېسىلى بىمارىدىن 6نەپەر بىمارنىڭ ھەر بىرىنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن 500مىڭ سومدىن پۇل ئاجرىتىلغانلىقىنى ،بۇ پۇللارنىڭ ئىشلىتىش ۋە باشقا ئىشلارغا مېھرىبانلار ۋەكىلى رەيھان ئاپپاي ۋە ھەسەنجان ئاكام ۋە باشقا 4نەپەر كىشىنىڭ مەسئۇ ل بولغانلىقى كۆرسىتىلگەندىن كىيىن مەن ھاياجاندىن يىغلاپ كەتكۈدەكمەن ۋە ئالقىش سادالار ئىچىدە كاتتا باشلىقلار، كاتتا  ئادەملەر بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشكۈدەكمەن .......

چۈش دېگەن ئاجايىپ نېمە ،تاتلىق نېمە .نېمىنى ئويلاپ ياتسا شۇنى چۈشەيدۇ دەپ مانا مۇشۇ كاتتا ئادەملەر بىلەن كۆرۈشۈپ قىزىق چۈشتىن بىرنى كۆرۈپتىمەن ...

چۈشۈمدە بەك كۈلۈپ ،خۇشھال بولۇپ كەتكەن ئىكەنمەن ،لېكىن ئويغۇنۇپ توردىكى  "مۇراجەتنامىلەردىن زېرىكتىم "دېگەن مۇراجىئەتنامە يالغۇزسىراپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ  ئەشۇ تۇل ئايال بىلەن كېسەل كارۋىتىدا ئىڭراۋاتقان بالا  كۆز ئالدىمغا كېلىپ سارماي سېلىنغان قايماقلىق چېيىمدىن بىر پىيالە بېرەلىگەن بولساممۇ سىلەرگە كاشكى دەپ تۈگۈنۈپ كەتتىم ۋە سىرىتقا چىقىپ كارتىغا ئاز بولسىمۇ 100 سوم ئۇرۇپ قويدۇم ...

ئىلاھىم ،16 ياشلىق ئىنىمىزنىڭ كېسىلى شىپا تاپقاي ،كۈلكە كۆرمىگەن يۈزلەردە  كۈلكە جىلۋىلەنگەي ....







ھەي بىسەرەمجان چۈشلەر ،ھەي تاقا تۇققا ۋاپادارىم ..





شەھرى بورتالادا   يېزىلىپ بېقىلدى

kadir7448 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-27 15:59:39

ئوبدان چۈشلەر، ئۈزۈلۈپ قالمىغاي! لىكىن رىئاللىققا ئايلىنشىنى ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟  {:107:}

elwida يوللانغان ۋاقتى 2012-5-27 19:31:39

دۇختۇرخانىلارغا بارغىنىمدا نىمىنىڭ ھەقىقىي يۇقسۇزلۇق ئىكەنلىكىنى ياتاقتا ياتالماي كارىدوردا ياتقان بىمارلارغا قاراپ بىلىمەن . \"\"





جۇڭنەنخەيدىكىلەر 100 مىليۇنلاپ پۇلنى يەمەن ، ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەرگە بىرىپ يۇز تاپىمەن دەپ يۇرگىچە ، ئۆز خەلقىگە ئىشلەتسە بولمامدىغاندۇ پور كۇتەكلەر !

turk_bag يوللانغان ۋاقتى 2012-5-27 19:44:29

تىرىشايلى !!!!!!!! بۇ ئىشلارمۇ بولۇپ قالار

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-27 23:13:16

مەنچە چوقۇم بىر كۈنى ئىشقا ئاشۇدۇ مۇشۇ يانفون نومۇردا بېكىتىلگەن ھېسابات نومۇرىغا پۇل ئىئانە قىلىش دېگەن ..لىي لىيەنجېينىڭ بىر سوم فوندىدىكى مۇشۇ ئۇسۇللار توغرىسىدا مەلۇمات توپلاۋاتىمەن .....

gewala يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 11:22:16

يۈتكەن رەسىملەرنى Finaldata بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۋىلىڭ ،ئىقتقدارى بەك كۈچلۈك!رەسىملەرنى كۆرۈشكە تەشنامىز!


چۈشۈرۈش ئادىرسى:http://www.3987.com/soft/1/269/1207.html

terjime يوللانغان ۋاقتى 2012-5-28 22:59:09

2- قەۋەتتىكى elwidaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دۇختۇرخانىلارغا بارغىنىمدا نىمىنىڭ ھەقىقىي يۇقسۇزلۇق ئىكەنلىكىنى ياتاقتا ياتالماي كارىدوردا ياتقان بىمارلارغا قاراپ بىلىمەن . \"\"





جۇڭنەنخەيدىكىلەر 100 مىليۇنلاپ پۇلنى يەمەن ، ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەرگە بىرىپ يۇز تاپىمەن دەپ يۇرگىچە ، ئۆز خەلقىگە ئىشلەتسە بولمامدىغاندۇ پور كۇتەكلەر !

ئافىرىقىلىقلارغا ئىئانە قىلىۋاتقان  پۇل ئەشۇ ئىڭىراپ ياتقانلارنىڭ پۇلى ئىدى ئەسلى
بەت: [1]
: كاتتا رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشكۈدەكمەن ....