مۇراجەتنامە! (ياش مۇھەممەدكە ياردەم قىلايلى)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تۇغقانلار ،ماۋزۇنى مۇنداق قويۇشۇمدىن مەقسەت ،بىر كىشى بولسىمۇ ئارتۇق كۆرسە،بەلكى شۇ كۆرگەنلەر ئىچىدە مۇشۇ بالىغا ياردەم قىلىدىغانلار چىقىپ قالسا .....
خۇدايا بىزنى مېھرى مۇھەببەتلىك كىشىلەردىن قىلسۇن ،كىشىنى كىشىگە زار قىلمىسۇن ....
تۆنۈگۈن سىرىتتا ئىشلەۋاتسام بىر ئاكىمىز تېلىفون قىلىپ بىر ئايالنىڭ مۇراجەتنامىسى بار ئىكەنلىكىنى ،ئۇنى خاپا بولماي تورغا چىقىرىپ بېرىشىمنى دېگەن ئىدى ،چۈشتىن بۇرۇن بىرى بۇ مۇراجتنامىنى ئېلىپ كىرىپتۇ ..
ئەسلى نۇسخىنى تېلىفونۇمدا رەسىمگە تارتىپ بولۇپ تورغا چىقىراي دەپ كارتىنى سالسام كارتا ئىچىدىكى ھەممە نەرسە يۈتۈپ كېتىپ قالدى ،شۇنىڭ بىلەن قولدا يېزىپ چىقتىم ....
بورتالا شەھىرى دالتۇ بازىرى 2-كەنىت ئەزاسى گۈلقىزنىڭ يولدىشى يوق بولۇپ ئوغلى مۇھەممەت ئىككىسى سەككىز مو تېرىلغۇ يەرگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامداپ كېلىۋاتقان ئىدى ،5-ماي كۈنى 16ياشلىق مۇھەممەتنىڭ بۆرەك زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن ئاپتونۇم رايونلۇق 2-دوختۇرخانىغا يۆتكىدى ،ھازىر مۇھەممەتنىڭ قېنىنى كۈندە بىر قېتىم تازلاۋاتىدۇ ،بالىنىڭ كۈندىلىك چىقىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كېتىپ بارىدۇ ،يالغۇز ئايال تاپقان تەرگىنىنى ۋە ئۆيدىكى ساتىدىغان نەرسىنى سېتىپ بالىنى داۋالاتماقتا ......
مۇراجەتنامىگە بازارلىق ھۆكىمەتنىڭ تامغىسى بېسىلغان بولۇپ ،ساختىلىق يوق ئىكەنلىكىگە مەنمۇ گۇۋاھچى .
مېنىڭ ھېس تۇيغۇم ؛
بالا ئۈچۈن ،بالا ئۈچۈن يوغانلا ھويلىنى ساتماقچى بوپتۇ بۇ ئانا ،لىكىن 50مىڭ سومغا ئالغۇلى ئادەم يوق ...
ئالدىنكى كۈنى كەچ بالام قاتتىق يۆتىلىپ چىققانلىقتىن ئاپىسى ئىككىمىز 2ياشلىق بالىنىڭ يۆتىلىشىگە ئامال قىلىپ بىر كېچە كىرپىك قاقماي چىقتۇق .بالىنىڭ قەدرىنى ،بالىجانلىقنى ئېھتىمال بالىلىق بولغانلار بەكەرەك بىلەپ يېتەر ،قەدىرلىك توردىشىم ،16 ياشلىق بىر ئوغول كېسەل كارۋىتىدا ئىڭراپ ياتماقتا-ۋە زەمزەم كەبى تامچەڭلار بارمۇ ،مېنىڭ ياشىغۇم بار ،بىچچارە ئانامنى يالغۇز تاشلاپ كەتكۈم يوق دەپ ھاياتقا بولغان ئۈمۈتتە بىزگە باقماقتا....
،بىر تۇل ئايال ،چارىسىز ئانا بالىسىغا قاراپ زارە زارە ياش تۆكۈپ تەقدىرنىڭ قىسمەتلىرىگە ئېچىنىپ مىڭ توۋا دەپ ئاچچىق نىدا قىلماقتا ..
ياردەم قىلايلى تۇغقانلار ،بۇلارغا ياردەم قىلايلى ...
1 سوم بولسىمۇ كۆڭلىڭىز بولسا كارتىسىغا ئاغدۇرۇپ قويارسىز ،
ياكى ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز شۇ دوختۇرخانىنىڭ جىددى قۇتقۇزۇش 4-بىناسى 16-كارۋاتتا داۋالىنىۋاتقان شۇ بالىنى كۆرگىلى بېرىپ ئۇلارغا ئاللاھدىن شىپالىق تىلەپ تەسەللىي بېرىپ قويارسىز ...
ئالاقە تېلىفون نومۇرى 18299403837
يېزا-ئىگلىك بانكا كارتا نومۇرى :
6228480890819692918
ھېلى گۈلقىزدەمگە تېلىفون قىلىپ يېنىڭزىدا بىرەرى بولسا ئىسمىڭىزنىڭ خەنچە يېزىلىشىنى قىسقا ئۇچۇر قىلىپ ئەۋەتىپ بەرسە دېسەم يېنىمدا ھېچكىم يوق دەيدۇ ...
ئۆز نامىدا بېجىرىلگەن ئىكەن .. كەچكىچە بىرە تونۇش تورداشنى يېنىغا ئەۋەتىپ قالسام كارتا نامدارىنىڭ ئىسم-فامىلىسىنىڭ خەنچىسىنى تولۇقلاپ قويارمەن ....
--شەھرى بورتا لا
قانداق شۇم ما تىمىنى ناچار باھالىغان ؟
http://i5.topit.me/5/1a/ff/113802322830eff1a5t.jpg
http://i4.topit.me/4/3d/d4/1138023225307d43d4l.jpg
ما رەسىملەرنى بوشلۇققا چىقىرىپ بېرىدىغانلار بارمۇ ؟
مۇراجەتنامىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى كونا تېلىفوندا رەسىمگە تارتقان ئىدىم ،خاپا بولماي بوشلۇققا چىقىرىپ بېرىدىغانلار چ چ :365199404نى قېتىپ بىر ياردەم قىلىۋەتسەڭلار .... بولمىسا ئۆزىڭىزنىڭ كارتىلىرىنى ئىشلىتىڭ، ئاندىن سىز ھېلىقى ئايالغا ئاغدۇرۇپ بەرسىڭىز قولاي بولار... مەسىلەن مەندە يېزا ئىگىلىك بانكا كارتىسى قەتئىي يوق. ئاز بولسىمۇ ئاتىغىنىمىزنى بېرەرمىز.ھېلىقى ئالىپەي ھېساۋاتىغا سېلىۋەتسەكمۇ بولامدۇ؟ ياق، بۇ كارتا نومۇرى شۇ ئايالنىڭ نامىدا بېجىرىلگەن ئىكەن ...كۆڭلۈڭلار بولسا شۇنىڭغا ئەۋەتىڭلار ...
4- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بولمىسا ئۆزىڭىزنىڭ كارتىلىرىنى ئىشلىتىڭ، ئاندىن سىز ھېلىقى ئايالغا ئاغدۇرۇپ بەرسىڭىز قولاي بولار... مەسىلەن مەندە يېزا ئىگىلىك بانكا كارتىسى قەتئىي يوق. ئاز بولسىمۇ ئاتىغىنىمىزنى بېرەرمىز.
شۇنداق wapadarim912، سىزگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. ۋاقىت چىقىرىپ يوقلاپ كېلەرمىز.

ۋاپادارىمنىڭ يوللىماقچى بولغان رەسىملىرى تۆۋەندىكىلەر:


تورداشلارنىڭ مەيلى ھەر قانداق سەۋەبلەر بىلەن بولسۇن، تېما ماۋزۇسىنى مەزمۇنغا ماس كەلمەيدىغان قىلىپ قويۇۋالماسلىقىنى سورايمەن. بىر نەچچە ئەزانىڭ تېمىنى ناچار باھالاپ قويۇشىنىڭ سەۋەبى مۇشۇ بولسا كېرەك. رەببىمدىن ئاسانلىق تىلەيمەن! بولىدۇ ،چۈشەندىم ،رەھمەت سىزگە ...