شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىغا ئوچۇق خەت[كۆچۈرۈلمە]
XJTU دېگەن بۇ ئاتالغۇ دىيارىمىزدا ئىنتايىن قىززىق بىر تېمىغا ئايلانغان ئۇشبۇ دەملەردە، ھەر قايسى تورلاردا ئاز بولمىغان سادالار ھۇشقۇيتماقتا . تۆۋەندىكىسى بولسا باغداش تورىدىكى ئەزالارنىڭ قەلب سۆزلىرى ئىكەن . بىزمۇ بىر دەردىمىزنى تۆكۈۋالمايلىمۇ؟!
قېنى ئەسلى تېما ئادرېسى:
http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=9576&fpage=0&page=1
باغداش تورىدىن : سادىر پالۋان يوللىغان.
*********
ئەسسىلامۇ -ئەلەيكۇم ، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىدىكى رەھبەرلەر ، ئاكا - ھەدىلەر، تېچلىقمۇ؟
ئەمدى ھەرقايسىڭلار بىلەن باداشقان قورۇپ ئولتۇرۇش پۇرسىتى بولمىغاندىكىن ئازراق كۆڭۈل سۆزلىرىم ۋە سېسىق گەپلىرىم بار ئىدى، مۇشۇ يەرگىلا تۆكەي دەپ ئويلىدىم .
ھەرقايسىلىرى كۆپ جاپا -تارتىپ مەركەزنىڭ ۋە مەملىكەت ئىچى سىرتىدىكى خەۋەرلەرنى بىزگە تارقىتىپ تۇرىشۋاتىلا، كۆپ تەشەككۈر .
ئاندىن بىزنىڭ سەنئەتخۇمار خەلق ئىكەنلىكىمىزنى كۆزدە تۇتۇپ سەنئەت پىروگراممىسى بەكلا تولا، مەشرەپ دەمدۇ، ناۋا دەمدۇ، ئاندىن سورايدىغان سوئاللىرىنىڭسەۋىيسىنىڭ بەك تۆۋەنلىكىكى، قىممىتىنىڭ يوقلىقى بىلەن بىر قانچە يىلدىن ئىزچىل قويىلىۋاتقان تەلەي يۇلتۇزى دەمدۇ، ئىشقىلىپ مۇشۇنداق نەرسە ساماندەك ... شۇڭلاشقىمۇ رىياسەتىچمۇ جىق مۇشۇ XJTV دا ! ئەمدى ئۇنىمۇ -دەيمىز بۇنى دەيمىز، يوقتىن ياخشى ...
ھەرقايسىلىرىنىڭ چوڭ شىركەتنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن شىنجاڭدا پوتبول كۇلۇبى قۇرۇلۇپ مەملىكەت ب دەرىجىلىك مۇسابىقىگە چۈشىۋاتقانلىقىدىن خەۋەرلىرى بارمىكىن . بەلكىم خەۋەردار بولىشقانلا، ما نۆۋەت تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ خېلى كۆپ ئاتامانلىرى خىزمەتلىرىنى تاشلاپ مۇسابىقە كۆرگىلى بېرىپتۇ. شۇلار ئويلىمىغانمىدۇ دەيمەن، شىنجاڭدا 16 شەھەر بار، نۇرغۇن ئادەم مۇسابىقە كۆرەلمەيدۇ. مانى بىر سۈرەتكە ئېلىپ نەق مەيداندىن تارقىتايلى دىگەننى . ...............
ئەگەر بۇنىڭغا شارائىت ياكى ئىقتىساد يار بەرمايدۇ دەپ قالسىلازە تۈف قىلىپ تۈكۈرۈپ قويغىسى كېلىدۇ ئادەمنىڭ ...ياكى ماۋۇ مۇسابىقىنىڭ دەرىجىسى تۆۋەن دىيىشىسىلىمۇ بولمايدۇ، مەيلى قانچىلىك تۆۋەن بولسۇن شىنجاڭلىقلار ئۈچۈن بۇ دۇنيا لوڭقىسىدىنمۇ بەكرەك مۇھىم .....
ئەگەر زادى پۇل يوقتى .، ئېلاندىن كىرگەن كىرىمنى بۆلىشىپ خەجلەپ بولۇپتىمىز دەپ قېلىشسىلا كېينكى نۆۋەت مۇسابىقە مەيدانىغا XJTV يېزىپ يوغان - يوغان ساندۇقتىن 30 نى قويۇپ قويىشالا، 40 مىڭ پوتبول مەستانىسى 5 يۈەندىن بېرەيلى. 200 مىڭ يۈەن دىگەن گەپ. لېكىن ماۋۇپۇلنىڭ 100 مىڭنى بۆلىشىپ خەجلىۋېلىشلىما قالغان 100 مىڭغا ما ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ، تامامەن بولىدۇ .
ئۇنداق بولسا خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ ما ئىشنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ بېقىشىلا.................
تورداش edirhan نىڭ ئىنكاسى
ئەمدى بۈگۈنكى تېمىدا ئېيتىلىۋاتقان پۇتبۇل مەيدانىدىكى بۇ ھاياجانلىق مىنۇتلاردا تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ ئاپپاراتلىرى خىجىل بولۇپ قالغىنى...
شىنجاڭ خەلق تېلېۋزىيە ئىستانسىسى خەلقىمىزنىڭ ئۇچۇر مەركىزى ئىدى، ئەپسۇسكى خەلقىمىز مەنىۋىيىتى ۋە ساغلاملىقىغا زور ئىلھام بولىدىغان40مىڭ كىشلىك بۇنداق كاتتا يىغىلىش توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار بۇ ئاتالمىش تېلېۋزىيە ئىستانسسى ئۈچۈن <<قىممەتسىز>>بولۇپ قېلىشى، خەلق تېلېۋىزىيىسىنىڭ نەپىسى خەلق بىلەن تەڭ سوقماي قالدىمۇ قانداق؟! دېگەن سۇئالنى ھەر كىشىنىڭ ئويىغا سېلىشى تۇرغانلار گەپ.
ئەمدى ئەمەلىي ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇچۇر مەركىزىلىك ئورنىنى باشقا تارتاتقۇلارغا تارتقۇزۇپ قويامدۇ قانداق؟! مەنغۇ تېلېۋىزۇر كۆرمىگىلىك ساق 12يىل بولدى. چۈنكى تېلېۋىزىيەنىڭ بۈگۈنكى رولى كۆپىنچىسى بىزنىڭ مەنىۋىيىتىمىزنى بۇلغايدىغان مەنىۋىيەت ئەخلەتلىرى... ئاز بىر قىسمى بولسا يەنە شۇ ئورۇندىكى ئاز ساندىكى جاپاكەشلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئەمەلگە ئېشىۋاتقان، مەنىۋىيەت ئوزۇقلىرى... ئەپسۇسكى، بېرىلگەن مەنىۋىيەت ئوزۇقىدىن ئەخلەتلەر كۆپ. بۇ خىل ئەمەلىيەت بىزدەك ئىسلام ئېتىقادى ئاساسىدا ئۆزتۇرمۇشىنىڭ ھەر بىر ئىنچىكە تەرەپلىرىگىچە قائىدە تۈزۈپ، ئۆرپ-ئادەتكە ئايلاندۇرغان مەدەنىي مىللەتنى ، ئۆز ئەسلىدىن ئاستا-ئاستا يىراقلاشتۇرۇپ، ھازىرقى ھەممىسى بىر-بىرىگە ئاغرىنىش ئىچىدە مىللەتنى ئىللەتكە ئايلاندۇرۋېتىدىغان ئەبجەش توپقا ئايلاندۇرۇپ قويدى.يوقارقىلار پەقەت مېنىڭ شەخسى قاراشلىرىم، شۇڭا ئون يىلدىن بۇيان تېلېۋىزۇر كۆرۈپ كەتمەيمەن...
***********
30 ئىئانەساندۇقى

مەن ھاياتىمنى قەدىرلەيمەن .
ھاياتىڭىزنى قەدىرلەپ xjtvدىن يىراق تۇرۇڭ .
«شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىسستانسىسى» نىڭمۇ بىۋاستە ئاڭلىتىش ئىقتىدارى يوقمىدۇ؟
تورداش edirhan نىڭ ئىنكاسى
تورداشلار توغرا ئېيتىدۇ، <<شىنجاڭ خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسسى>> خەلقىمىزنىڭ كۆز يېشىغىغۇ مەلھەم بولالمىدى. تېلېۋىزۇرنى قاچاندىن بۇيان كۆرگەن بولسام، ھازىرغىچە خەلقنىڭ كۆز يېشى ئۈچۈن ئىشلەنگەن پروگرامما كۆرمىدىم. كۆرگەنلىرىم ساختا كۈلكىلەر ئىچىدىكى بىچارە ئوبرازلار خالاس!
شىنجاڭ خەلق تېلېۋزىيە ئىستانسىسى خەلقىمىزنىڭ ئۇچۇر مەركىزى ئىدى، ئەپسۇسكى خەلقىمىز مەنىۋىيىتى ۋە ساغلاملىقىغا زور ئىلھام بولىدىغان40مىڭ كىشلىك بۇنداق كاتتا يىغىلىش توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار بۇ ئاتالمىش تېلېۋزىيە ئىستانسسى ئۈچۈن <<قىممەتسىز>>بولۇپ قېلىشى، خەلق تېلېۋىزىيىسىنىڭ نەپىسى خەلق بىلەن تەڭ سوقماي قالدىمۇ قانداق؟! دېگەن سۇئالنى ھەر كىشىنىڭ ئويىغا سېلىشى تۇرغانلار گەپ.
ياكى ئۇلارمۇ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىدىكىلەردەك تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ ، پارتىيە مەركىزى كومېتىتى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ ۋە قەتئى بىردەكلىكنى ساقلاپ ، پارتىيەنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، سوتسىيالىزىمنىڭ بەختىيار كۈنلىرىدە، دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ ، سابىق باش شۇجى جىياڭ زېمىننىڭ « كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلىش» نى يادرو قىلغان « ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش » مۇھىم ئىددىيىسى ۋە ھازىرقى باش شۇجى خۇجىنتاۋنىڭ « 8 شەرەپ ، 8 نومۇس » قارىشىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ ۋە كۆرسىتىپ، مۇھىت قۇرۇلۇش ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، شىنجاڭنى ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققى قىلدۇرۇش، كېيىن تەرەققى قىلىپ ، بالدۇر ئېشىپ كېتىش ...( ئۈف..قېنى ماۋۇ قېيىپ كەتكەن چىراي ئىپادىسى) دېگەندەك ئۇلۇغۋار ھەم شەرەپلىك خىزمەتلەر بىلەن ئالدىراش ئوخشايدۇ.
توغرا چۈشىنىۋاتىمىزغۇ ئىشقىلىپ ... ئۈلۈشكۇن بىر تىمىغىمۇ شۇنداق يازغانىدىم . ئەمدى ھەم يەنە شۇنداق يازماقچىمەن .
xjtv بىر ئەخلەت !بۇ ئەخلەت بۇندىن كىيىن يەنە ئازراق ئويلىشىپ كۆرمىسە بايقۇت قىلىش كىرەك !بىزنىڭ ئۆيدىغۇ ماز ئىلان ، سېرىق تەشۋىقاتنىڭ جىقلىقىدا بايقۇت قىلغىلى 5 يىلدىن ئاشتى .
بۇرۇن نەزىرىمدىن چۈشكەن بولسا ، بۇ قېتىم ئۇنىڭدىن ئۇتە چۈشۈپ كەتتى . خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلارمىش ..... ئىدىيە يۇيۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقاندۇ ؟!
بەزى سېسىق گەپلەرمۇ بار ئىدى ، بولدى قىلاي . جۇڭنەنخەيدىكىلەرنىڭ يىللىق تەمىناتىنى جىقراق خەجلەپ ، سېسىق پويىز فىلىملەرنى مىليۇن پۇلغا ئەكىلىپ بىچچەرا باللىرىمىزنى كىنودىكىدەك ياشاش خىيالىغا بەكرەك تاشلاپ قۇيارسىلەر !سۇيۇملۇك ئەخلەتلەر .....ھەر قانچە بىسىم بولسىمۇ ، ئۇيغۇر بولغان شاۋچىدىن بىرەرسى چىقىپ 46000 ئادەم بار بۇ مەيداندىن خەۋەر بىرىلى دىمىگىنىگە ئويلىغانسىرىم ئاچچىقىم كىلىدۇ . (قۇسقان چىراي ئىپادىسى) ھاياتىڭىزنى قەدىرلەپ xjtv دىن يىراق تۇرۇڭ!!!
بۇ بىزنىڭ شۇئارىمىز بولسۇن.... مەنموكۆرۆپ كەتمەيمەن بۇتىلىۋوزوردىگەننى
8- قەۋەتتىكى pantekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھاياتىڭىزنى قەدىرلەپ xjtv دىن يىراق تۇرۇڭ!!!
بۇ بىزنىڭ شۇئارىمىز بولسۇن ....
ياخشى گەپكەن .
كېلەر قېتىم مەن بىلەن شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسى ئىئانە ساندۇقى دەپ كۆتۈرۈپ بارايمىكىن .مەقسەت پۇل توپلاش ئەمەس .مازاق قىلىش .ھاياتىڭىزنى قەدىرلەپ ش ج ت ۋ دىن يىراق تۇرۇڭ . جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرگە كۈندە 10سائەت ش ج ت ۋ پىروگراممىلىرنى كۆرۈش جازاسىنى بەرسە بولغۇدەك.

تېلېۋزىيە ئىستانىسىسى ئېيتقىنا قوزام سېنى قايسى تىلدا تىللاي!
珍惜生命远离电台
Cherish life away from XJTV
زندگى XJTV سے دور پسندى کو فروغ دىتے ہىں
Foveat vitam a XJTV
Берегите жизнь вдали от XJTV
Cherish elämä pois XJTV
Τιμήστε τη ζωή μακριά από XJTV
หวงแหนชีวิตอยู่ห่างจาก XJTV
விட்டு XJTV இருந்து வாழ்க்கை செரிஷ்
{:92:} {:92:} {:92:} {:92:} {:92:} {:92:}
12- قەۋەتتىكى izchilarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرگە كۈندە 10سائەت ش ج ت ۋ پىروگراممىلىرنى كۆرۈش جازاسىنى بەرسە بولغۇدەك.
دوستۇم ھەممە ئازابقا چىدىغىلى بولىدۇ، ئەمما بۇ ئازابقا قانداق چىدايمىز؟
14- قەۋەتتىكى hangwaktiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
12- قەۋەتتىكى izchilarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرگە كۈندە 10سائەت ش ج ت ۋ پىروگراممىلىرنى كۆرۈش جازاسىنى بەرسە بولغۇدەك.
دوستۇم ھەممە ئازابقا چىدىغىلى بولىدۇ، ئەمما بۇ ئازابقا قانداق چىدايمىز؟
جىنايەتچىلەر قانۇننېڭئىغىر جازاسىدىن قىچىپ قۇتۇلالمايدۇ.


ھاياتىڭىزنى قەدىرلەپ xjtv دىن يىراق تۇرۇڭ!!!
ھاياتىڭىزنى قەدىرلەپ ،ئەخلەت فىلىملەردىن يىراق تۇرۇڭ.....
8- قەۋەتتىكى pantekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھاياتىڭىزنى قەدىرلەپ xjtv دىن يىراق تۇرۇڭ!!!
بۇ بىزنىڭ شۇئارىمىز بولسۇن....
ئەگەشتىم
XJTV=شوجاڭنىڭ تېلېۋىزورى
مەن بۇلارنىڭ ئېلانىنىڭ تولىلىقى سەۋەبىدىن سىملىق تېلېۋىزىيەنى توختىتىۋەتتىم. بۇرۇنمۇ يەنە شۇ ئېلان سەۋەبىدىن تېلېۋىزوركۆرمەيتتىم ياكى ئاز كۆرەتتىم.
نەتىجىدە پارتىيە- ھۆكۈمىتىمىزنىڭ مۇھىم خەۋەر- سىياسەتلىرىدىنمۇ بىخەۋەر قېلىۋاتقان بولۇشۇم مۇمكىن.بۇنىڭ سەۋەپچىسى دەل مۇشۇ ش ج ت ۋ !
مەن پارتىيە- ھۆكۈمىتىمىزنىڭ مۇھىم خەۋەر- سىياسەتلىرىدىن بىخەۋەر قېلىپ، بىرەر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا بۇلار مەسئۇل بولىشى كېرەكمۇ - يوق؟ !
16- قەۋەتتىكى ruslan007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يۇقىرىدىكى ئىنكاس يازغانلار تىخىچە قاماققا ئىلىنماپسىلەرغۇ
ئىچىڭگە ئۇتۇپ كىتىپتۇ ھە..
