tivigo يوللانغان ۋاقتى 2012-5-25 15:35:42

[تەرجىمە]بالا چوڭ قىلىشتىكى-خۇش مەسلىھەتلەر (1)

بالا
چوڭ قىلىشتىكى-خۇش مەسلىھەتلەر
(1)


1.بالىدا ئەنسىرەيدىغان ئالامەتلەرنىڭ كۆرىلىشى ياخشى
تەربىيە قىلمىغانلىقتىنمۇ ،بەك ئەركە قىلىۋەتكەنلىكتىنمۇ ئەمەس


ھازىرقى بالىلار بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا ناچارلاپلا
كىتىۋاتىدۇ،بالا تەربىيەلەشمۇبۇرۇنقىدەك ياخشى ئەمەس دەپ ئويلىمايمەن.ئۇنداق دىگەن
بىلەنمۇ بالىلارنىڭ ئىچىدە ئەنسىزلىكنى ئىپادىلەيدىغان ،ئادەمنىڭ دىققىتىنى
قوزغايدىغان ئىشلارنى قىلىدىغان بالىلارمۇ يوق ئەمەس.


  ئۇنداقتا زادى نىمە سەۋەپلىك بۇنداق ئىشلار يۈز
بېرىدۇ.دائىم دىيىلىدىغىنى بولسا‹ياخشى تەربىيە كۆرمىگەن،بەك ئەركە ئۆگىتىۋەتكەن
›دىگەنگە ئوخشاش ھازىرقى بالىلارنى ئىنكار قىلىدىغان گەپ سۆزلەردىن ئىبارەت.


  لىكىن بۇ مەسلىنىڭ تۈگىنى ئەمەس.مەسلىنىڭ
تۈگىنى بولسا،باشقا جايدا دەپ ئويلايمەن.


بىر ئېغىز گەپكە
يىغىنچاقلىساق،مەسلە بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان باھاسىنىڭ ناھايىتى تۆۋەنلىكىدە.


ئۆزىگە بولغان باھاسى
دىگەنلىك ئۆزىنى ئېتراپ قىلىش ،ئۆزىنى ھۆرمەت قىلىشمۇ دىيىلىدۇ.ئاددىلاشتۇرساق
ئىشەنچمۇ دىگىلى بولسىمۇ،لىكىن پەقەت ئىشەنچ بولسىلا بولدى دىگەنلىك ئەمەس.ھېساپقا
ئۇستا،تەنتەربىيەدە ياخشى دىگەندەك ئىشەنچ ئەمەس.


  ئۆزىگە بولغان باھا دىگەنلىك مىنىڭ ھايات
بولۇشۇم مەنىگە ئىگە،مەۋجۇتلۇقۇم قىممەتكە ئىگە ،مەن ناھايىتى مۇھىم ئادەم،مەن
قەدىرلىك دەپ قارىلىمەن،باشقىلار ماڭا مۇھتاج،دىگەنگە ئوخشاش ھېسىياتتىن ئىبارەت
.بۇ خىل ھېسىيات ھاياتلىقتا ئەڭ مۇھىم.


بۇ خىل خاتىرجەملىك ھېسىياتى يوقالسا،بالىدا
ئەنسىزلىك ئىپادىلىرى ئىپادىلىنىپ. دىققەتنى قوزغايدىغان ئىشلارنى قىلىدىغان بولۇپ
قالىدۇ.


بىر بالا ماڭا <باشقىلار ماڭا بەك ئامراق
ئىكەنلىكىنى دىسە بەكلام خوشال بولىمەن،تۇغۇلغانلىقىم ،ھايات بولغانلىقىم ياخشى بولۇپتۇ
دەپ ئويلىيالايمەن> دىگەن.بۇ گەپنى ئۆرىسەك ئۆزىگە ئوخشاش ئىنساننىڭ
بولىشى ھەقىقەتەن بىر
ياخشى ئىشمۇ دەپ ئەنسىرەش ئىچىدە ياشايدۇ،دىگەندىن ئىبارەت.يېقىننىڭ ياقى بۇنداق
سۆزلەرنى قىلىدىغان بالىلار كۆپلەپ قالدى دەپ ئويلايمەن.


  گەرچە تەرببىيىمۇ، ئۆگىنىشمۇ مۇھىم
بولسىمۇ،ئۆزىنى ئېتراپ قىلىش، ياخشىمۇ تۇغۇلۇپتىمەن دىيەلەيدىغان بولۇش،مەن مۇھىم
ئادەم،ھايات بولمىسام بولمايدۇ دىگەنگە ئوخشاش ھېسىياتنى بالىنىڭ كۆڭلىدە پەيدا
قىلىش ئەڭ-ئەڭ مۇھىم.




2.بوۋاق بىلەن بولغان
ئالاقە


  بوۋاق
بىلەن بولغان ئالاقە ناھايىتى مۇھىم.قۇچاقلاپ ،كۆزى بىلەن كۆزىمىزنى ئۇچىراشتۇرۇپ،كۈلۈپ،
جىق گەپ قىلىپ بېرەيلى.بۇ ئىشلاردىن بوۋاق< مەن قەدىرلىنىۋاتىمەن،ئاپام مىنى كۆرۇپ
خۇش بولىۋاتىدۇ >دەپ ھېس قىلالايدۇ.


  ‹ قولغا كۆنۈپ قالسا ياخشى ئەمەس ›دەيدىغان
كىشىلەر بار ،بۇ توغرا ئەمەس.


قۇچاقلاپ كۆتۇرسە بالىلار
ئۆزى تولىمۇ راھەت ھېس قىلىدۇ.بالىلار قۇچاقلانسا مەن مۇھىم دەپ قارىلىۋاتىمەن دەپ
ئويلاپ، ئۆزىگە بولغا باھاسى يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ.شۇڭا بالىلارنى دائىم قۇچاقلاپ
بەرگەن ياخشى.


      بوۋاقنىڭ ئەركىلىشى بولسا يىغلاش.


  بوۋاق ئەركىلەشنى يىغلاش
ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ.يىغلاش- بىئولوگىيىلىك ئېھتىياجىنىڭ قانمىغانلىقىدىنلام ئەمەس،ئەنسىزلىك ھېس قىلغانلىقىنىڭ،يالغۇزلۇق ھېسىياتىنىڭ بەلگىسى.شۇنداق
ۋاقىتلاردا بوۋاقنى قۇچاقلايمىز.قۇچاقلاپ كۆتۈرۈش بوۋاققا خاتىرجەملىك تۇيغۇسى
بېرىدۇ.بېشىنى ئاستا سىلاپ قۇيۇش،سۈيۈپ قۇيۇش ، كۇلۇمسىرەش قاتارلىقلارمۇ بالىغا
خاتىرجەملىك بېرىدىغان ناھايىتى ياخشى ئىش.


   


   بالا بىلەن كارى بولماي
تاشلاپ قۇيۇلسا ،بالىدا قاتتىق ئاچچىقلىنىش پەيدا بولىدۇ.


ئىش بىلەن بولۇپ ،بوۋاقنى  قۇچاققا ئالالمىساق ،بوۋاقنىڭ ئاۋازى بارغانسېرى
كۈچىيىدۇ.بۇ ۋاقىتتىكى بوۋاقنىڭ ھېسىياتى ئاچچىقلىنىش بولىدۇ.


سۈيۈشنىڭ ئەكسىسى نەپرەت
بولماستىن بەلكى كارى بولماسلىق دىيىلىدۇ.نەپرەتنىڭ كەينىدە يەنە سۆيگۈ يۇشۇرۇنغان
بولىدۇ.لىكىن كارى بولماسلىقتا سۆيگۈ بولمايدۇ.بالىلارنى خارلاش نوقتىسىدىن ئېلىپ
ئېيتقاندا ،كارى بولۇنمىغان بالىلارنىڭ نەپرىتىنىڭ زوراۋانلىققا ئۇچۇرغان
بالىلارنىڭ نەپرىتىدىن ئېشىپ چۇشىدىغانلىقى كۆپچىلىككە ئېنىق.


شۇنداق قىلىپ يىغىلىپ
قالغان نەپرەت ئاخىرىدا ئەخلاقسىزلىق ،زوراۋانلىق قاتارلىق شەكىللەر بىلەن
ئپادىلىنىدۇ.


   


   بالىنىڭ ئاچچىقىنى
ئاچچىقلىنىش بىلەن پەس قىلىشنىڭ ئورنىغا قۇچاقلىسا،يىغىسىنى تېخىمۇ ئىتتىك پەس
قىلغىلى بولىدۇ.





   قۇچاقلاپ كۆتۇرمەيدىغان
ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە،
بالا ئانچە يىغلىمايدىغان
بولىدۇ.بۇ باقماق ئاسان بولغانلىق بولماستىن بەلكى روھى جەھەتتە مەسلە كۆرىلىشنىڭ
باشلىنىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.


بوۋاق ئاچچىقلىنىپ قاتتىق
يىغلىسىمۇ ،قۇچاقلانمىسا،بەزلەنمىسە،كۆتىرىلمىسە،بۇ خىل ئەھۋال كۆپ قېتىم
داۋاملاشسا،بالا ئانچە يىغلىمايدىغان بولىدۇ.ھەم چىراي ئىپادىسىنى ئانچە ئۆزگەرتمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.بۇ ئەركىلەش ھېسىياتىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋەتكەن ھالەت
بولىدۇ.شۇنداقلا قايغۇرۇش ھەم ئاچچىقلىنىش بىلىپ بىلمەي كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر جايىغا
يۇشۇرۇنغان بولىدۇ.مۇنداقچە ئېيتقاندا ئاۋازسىز بوۋاق بولىدۇ.


  بۇ ناھايىتى خەتەرلىك
ئەھۋال بولۇپ،چىرايىدا خوشاللىق خاپىلىقى كۆپ بولمىغان ،باقماق ئاسان بولۇپ
كۆرۇنگەن بىلەن كۆڭلىدىكى يارا بارغانسېرى چوڭلاپ كېتىدۇ.مۇشۇنداقلا چوڭ بولۇپ
كېتىپ قالسا قاچانلام بولمىسۇن ھەر خىل روھى مەسىللەر ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.


مەيلى قايسىلا تەرەپتىن
بولمىسۇن،بوۋاق بىلەن بولغان ئالاقە ،قۇچاقلاپ كۆتۈرۈش،بوۋاقلىق مەزگىلگە نىسبەتەن
بەكمۇ-بەكمۇ مۇھىم.



   3.بالىڭىزنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ
بېرىڭ.


بېشىڭىزنى
لىڭشىتىپ،‹شۇنداقمۇ،شۇنداقمۇ›دىگەچ،بەزىدە بالىڭىزنىڭ سۆزىنى قايتىلاپ تۇرۇپ
ئاڭلاپ بېرىڭ.شۇنداق قىلسىڭىز بالىڭىز مەكتەپتىكى ئىشلارنى،دوسلىرىنىڭ گەپلىرىنى
دائىم سۆزلەپ بېرىدىغان بولىدۇ.


  


   4.‹تېخىمۇ غەيرەت قىل
،تىرىش›دىگەندىن ‹غەيرەت قىلىۋاتىسەن،تىرىشىۋاتىسەن›دىگىنىڭىز تېخىمۇ ياخشىراق.



   5.‹رەھمەت›دىگەن سۆزنى كۆپ
ئىشلىتىڭ.


‹رەھمەت› دىگەن سۆز
كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسى.بولۇپمۇ،ئۆزىگە بولغان باھاسى تۆۋەن ئەنسىزلىك
ئىپادىلىرى بولغان بالىلار‹مىنىڭ ھىچكىمگە ھىچقانداق پايدام تەگمەيدۇ،ھىچقانداق
ئارتۇقچىلىقىم يوق›دەپ ئويلايدۇ.شۇنداق بالىلارغا ‹رەھمەت›،‹بەكلام ياردىمىڭىز
بولدى›،‹بەك خۇش بولدۇم›دىسىڭىز تولىمۇ خوشال بولىدۇ.‹مىنىڭ ئاتا-ئانامغا ياردىمىم
تىگىۋاتىدۇ.ئۇلارنى خۇش قىلالىدىم›دەپ ئويلاپ، ئۆزىگە بولغان باھاسى يۇقىرى
كۆتىرىلىدۇ.   


farwana يوللانغان ۋاقتى 2012-5-25 17:57:14

رەھمەت سىزگە ، ئىككىنچى بابلىرىمۇ بار ئوخشىمامدۇ ؟

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-25 19:03:10

ياخشى بىر تېما باشلىنىپتۇ ....ئاخىرى..... \"\"

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-25 19:15:06

بۇ خىلدىكى ماتېرىياللارنى كىتابخانىغا كىرسىمۇ تاپقىلى بولىدۇ، بىزگە ئەڭ سەرخىل، يۇقىرى سەۋىيەدىكى ماتېرىياللار لازىم. ئىزدىنىشقىمۇ شۇ مەقسەتتە كىرىمىز. كۆڭلىڭىزگە كەپ قالمىسۇن، بالا تەربىيەلەشكە ئائىت بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئېسىل ماتېرىياللار بار، بولسا شۇ ھەقتە ئىزدىنىپ بېقىپ، ئاندىن بۇنىڭ كەينىدىكى ئىككىنچى، ئۈچىنچى بابلىرىنى يوللىغان بولسىڭىز سىزدىن شەخسەن مەن بەك مىننەتدار بولاتتىم  \"\" .

tivigo يوللانغان ۋاقتى 2012-5-25 19:18:15

1- قەۋەتتىكى farwanaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

رەھمەت سىزگە ، ئىككىنچى بابلىرىمۇ بار ئوخشىمامدۇ ؟  

بار

tivigo يوللانغان ۋاقتى 2012-5-25 19:26:28

كىتاپنىڭ ئاپتورى-ئاكى خاشى دايجى(明橋大二)       دوختۇر

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-25 19:58:21

ياخشىكەن .....بوۋاقلار پىسخىكىسى دەيلى

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-25 22:43:15

berna يوللانغان ۋاقتى 2012-5-26 09:09:14

باشقا دۆلەتنىڭ باللىرىنىڭ پىسخىكىسى بىلەن بىزنىڭ باللىرمىزنىڭ تۇغما پىسخىكىسىدا زور پەرىق بار،

سىزنىڭ دېگەنلىرىڭز قارىسام چەت-ئەللىكلەرنىڭكىدەك قىپ تۇردۇ،  مەسلەن تولا رەھمەت ئېيتىش، ھەددىدىن زىيادە ئىلھاملاندۇرۇش، ماختاشنى بىزنىڭ باللىرىمىز كۆتۈرەلمەيدۇ، ساختىلىقى ئۇلارنى بىزار قىلىپ قۇيدۇ.

شۇڭا بولسا ئۆزىمزنىڭ تۇرمۇش تەجىربىلىرى بىلەن يەكۈنلەنگەن مەزمۇنلار بولسا مۇنبەرگە تۆكسە،،،،، \"\"

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-5-26 13:00:16

يازما ئىگىسى، بۇنى ئۆزىڭىز تەرجىمە قىلدىڭىزما؟ 1- بۆلەكنىڭ تەرجىمىسى سەل چۈشىنىكسىز بولۇپ قاپتۇ، 2- دىن باشلاپ راۋان چىقىپتۇ. سىزگە رەھمەت.

@berna0 ، چەتئەللىكلەرنىڭ بالىسىمۇ ئادەم، بىزنىڭ بالىلىرىمىزمۇ ئادەم، شۇڭا بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭمۇ ئىززەت- ئىكرام بىلەن تەربىيىلىنىشكە لايىق كەلمەيدىغان ھېچ نەرى يوق. ماختاش، ئىلھاملاندۇرۇش، رەھمەت ئېيتىشنى نېمىگە ئاساسەن «بىزنىڭ بالىلىرىمىز كۆتۈرەلمەيدۇ، ساختىلىق» دەيسىز؟

ئالىي مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن، كەلگۈسىدە ئانا بولىدىغان سىزگە ئوخشاش ياش قىزلار بۇنداق گەپ قىلسا ياراشمايدۇ.

berna يوللانغان ۋاقتى 2012-5-26 13:40:46

9- قەۋەتتىكى Dilrubaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يازما ئىگىسى، بۇنى ئۆزىڭىز تەرجىمە قىلدىڭىزما؟ 1- بۆلەكنىڭ تەرجىمىسى سەل چۈشىنىكسىز بولۇپ قاپتۇ، 2- دىن باشلاپ راۋان چىقىپتۇ. سىزگە رەھمەت.

@berna0 ، چەتئەللىكلەرنىڭ بالىسىمۇ ئادەم، بىزنىڭ بالىلىرىمىزمۇ ئادەم، شۇڭا بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭمۇ ئىززەت- ئىكرام بىلەن تەربىيىلىنىشكە لايىق كەلمەيدىغان ھېچ نەرى يوق. ماختاش، ئىلھاملاندۇرۇش، رەھمەت ئېيتىشنى نېمىگە ئاساسەن «بىزنىڭ بالىلىرىمىز كۆتۈرەلمەيدۇ، ساختىلىق» دەيسىز؟

ئالىي مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن، كەلگۈسىدە ئانا بولىدىغان سىزگە ئوخشاش ياش قىزلار بۇنداق گەپ قىلسا ياراشمايدۇ.

ئوبدان ھەدە، ھەممىسى ئادەم، ئەمما مەدىنەيتنىڭ، ئېتقادنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ تەربىيلەش ئۇسۇلىمۇ ئوخشىمايدۇ.


ماختاش ئىلھاملاندۇرۇشمۇ لايىقىدا بولسا ياخشى، ئېشىپ كەتسە ياراشمايدۇ. سىزدەك ئالى مەلۇماتلىق ئانىمۇ مانداق زەھەر گەپنى قىلسا ياراشمايدىكەن.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-5-26 13:51:49

گېپىم زەھەردەك تەگدىما؟ ئۇنداق نىيىتىم يوق ئىدى، قارىغاندا بەك ئېغىر ئويلاپ كېتىپسىز.

چوپ- چوڭ بولغان سىزمۇ ماختاشنى ياقتۇرۇپ، تەنقىدتىن قاچىدىكەنسىز مانا، كىچىك بالىلار تېخىمۇ شۇنداق. (ئەمەلىيەتتە بالىنىڭ قەلبى چوڭلارنىڭكىدىن كۆپ نازۇك، پەقەت چوڭلارغا ئوخشاش ئېسىدە ساقلاپ قويۇپ، ئۆچ ئېلىشنى بىلمەيدۇ، ئاسان ئۇنتۇپ قالىدۇ.)


berna يوللانغان ۋاقتى 2012-5-26 14:13:22

11- قەۋەتتىكى Dilrubaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

گېپىم زەھەردەك تەگدىما؟ ئۇنداق بىيىتىم يوق ئىدى، قارىغاندا بەك ئېغىر ئويلاپ كېتىپسىز.

چوپ- چوڭ بولغان سىزمۇ ماختاشنى ياقتۇرۇپ، تەنقىدتىن قاچىدىكەنسىز مانا، كىچىك بالىلار تېخىمۇ شۇنداق. (ئەمەلىيەتتە بالىنىڭ قەلبى چوڭلارنىڭكىدىن كۆپ نازۇك، پەقەت چوڭلارغا ئوخشاش ئېسىدە ساقلاپ قويۇپ، ئۆچ ئېلىشنى بىلمەيدۇ، ئاسان ئۇنتۇپ قالىدۇ.)



ماڭا شۇنداق بىلىنىپ كەتكەن ئىدى كەينىدىكى گەپلەر  يا مانداق \"\" چىراي ئىپادىسىدىن بىرنى قوشۇپ قويماپسىز.


ماختاشنى ياقتۇرمايمەن،  كىچىكىمدىن ئۈمۈد قىلدىغان ئىشىم بىرسى مىنى  ماختىمىسىكەن دەيتىم،  تا ھازىرمۇ شۇنداق،


تەنقىدنى قۇبۇل قىلمەن، كۆڭلۈم بەك نازۇك، سىز ئېيتقاندەك ئۇنتۇپ كېتەلمەيمەن، شۇڭا  سامان تېگىدىن سۇ يۈگۈرتۈپ ۋە ياكى تەنىسى بىلەن ئەمەس چىرايلىق رەۋىشتە قىلسىكەن دەيمەن،  ھەم ئۆزۈم  شۇنداق قىلىشقا شۇنچىلىك تىرشىمەن،  ئىنشائاللاھ، ئاز-ئازدىن ياخشى بۇلۇپ كەتكۈسى.


tivigo يوللانغان ۋاقتى 2012-5-26 18:11:47

9- قەۋەتتىكى Dilrubaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يازما ئىگىسى، بۇنى ئۆزىڭىز تەرجىمە قىلدىڭىزما؟ 1- بۆلەكنىڭ تەرجىمىسى سەل چۈشىنىكسىز بولۇپ قاپتۇ، 2- دىن باشلاپ راۋان چىقىپتۇ. سىزگە رەھمەت.



سىزگىمۇ رەھمەت،مەنمۇ ياخشى قىلالمىغان جايلىرىم بار دەپ ئويلايمەن.بۇنىڭدىن كىيىن تىېخمۇ ياخشىراق قىلىشقا تىرىشاي.

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-5-26 18:34:58

3- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ خىلدىكى ماتېرىياللارنى كىتابخانىغا كىرسىمۇ تاپقىلى بولىدۇ، بىزگە ئەڭ سەرخىل، يۇقىرى سەۋىيەدىكى ماتېرىياللار لازىم. ئىزدىنىشقىمۇ شۇ مەقسەتتە كىرىمىز. كۆڭلىڭىزگە كەپ قالمىسۇن، بالا تەربىيەلەشكە ئائىت بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئېسىل ماتېرىياللار بار، بولسا شۇ ھەقتە ئىزدىنىپ بېقىپ، ئاندىن بۇنىڭ كەينىدىكى ئىككىنچى، ئۈچىنچى بابلىرىنى يوللىغان بولسىڭىز سىزدىن شەخسەن مەن بەك مىننەتدار بولاتتىم  \"\" .  



   نىمىشقا ئۆزىمىزگە قاراپ باقماي خەققە ئۇنى- بۇنى دەپ باقىمىز بىر يەرلىرىمىز بىئارام بولغاندەك؟


ئاقسالىققىمۇ سەۋىيە كېرەك.


نېمىنى يوللاش،قانداق يوللاش ئۆزىنىڭ ئىختىيارى، شۇنچىلىك ھوقۇق بېرىڭلار ئىزىملارنىڭ تاپىنىدا يەنجىلىۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ بىر ئەزاسىغا بولسىمۇ.

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-5-26 18:51:12

ياقتۇرمىساڭلار ئوقۇماڭلار،شەخسەن مەن ياقتۇردۇم.

  سىلەرچە بولسا خاسلىقنى بوغىدىغان،ماشىنا ئادەمدەكلا مېڭىسى پروگلاممىلانغان،قىلچە ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى يوق پادىسىمان بالىلارنى تەربىيىلەش ئۇسۇللىرى بولسا  ھە؟  ئۇيغۇرنىڭ بالىلىرى قاراڭغۇ ئۆيدە  زىغىر پاخىلىدا ئولتۇرۇپ ھەپتىيەك يادلاپ ،ئەرەبچىگە تىلى كەلمەي موللامدىن تاياق يەپلا چوڭ بولسا ھە؟

  ئۇيغۇرنىڭ بالىلىرى ھىچبىر مىللەتنىڭكىدىن قېلىشقۇسىز، ياخشى گەپلەرمۇ يارىشىۋېرىدۇ. ھايات ھىچبىر ئىنسانغا زۇلۇم بولمىسۇن، ھىچبولمىسا ئىللىق قۇياشتىن بەھىرلىنىپ ،ھەقسىز ھاۋادىن قورقماي نەپەس ئالالىغۇدەك يۈرەك يېتىلسۇن. ئۆزىچە ئىشەنچى بار بالىلار دۇنيانى قىزغىن سۆيىدۇ، كۆپ قىسىمى چوڭ ئىشلارنى قىلىدۇ .ھىچبولمىسا دۇنياغا يۈك بولمايدۇ.

    تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئەدەبىياتىدا ««ئا كيۇ» نىڭ روھىي غالىبىيەتچىلىكىنىڭ ئاكتىپ رولى توغرىسىدا ئويلىنىپ بېقىڭ» دېگەن مەشىقنى ئىشلىگەندە ئۇخلاپ قالغان باللا ئوخشايسىلەر بەزىلىرىڭلار.

   گەپ ئوينىتىدىغان تېما ئەۋەسكەن ،غ+ت قىلىپ جىم تۇرۇپ ئوقۇيدىغان،سەۋىيە بولسا پىكىر قاتناشتۇرۇپ باقىدىغان تېمىكەن.

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-26 19:15:25

زىل تەلەپ ساپا ئۆستۈرىدۇ. مەن پەقەتلا ئويلىغىنىمنى دېدىم،  ئاقسالىق دېگەن قانداق بولىدۇ بىر چۈشەنچە بېرىۋەتمەمسىز؟ مەن ئۆزۈمگىمۇ خېلى قاتتىق تەلەپ قوياتتىم بولمىسا  \"\"

berna يوللانغان ۋاقتى 2012-5-26 19:37:50

تىقىپ قويغان ھەپتىيەكنىغۇ دىمەيلى قويايلى، ما قۇرئاننىمۇ تۇرغۇزمايۋاتىدۇ، شۇڭا ئۇيغۇرۇم  قاراڭغۇ ئۆيدە، زىغىر پاخىلدا ئولتۇرۇپ ھەپتىيەك يادىلاپلا قالامۇ دەپ قەتتى ئەنسىرەپ سالماڭ، ھېچ بولمىغاندا سىز ۋە مەن تۇغۇلغان بايدا ئۇنداق بولمايدۇ.

ياخشى گەپ ياراشمايدىغان ئىش يوق يارىشىۋىردۇ، ئەمما ئېشىپ كەتسە ياخشى گەپ بولماي قالدۇ.

ئادەم دېمىگەن گەپنى ئۆزەڭلار قېتۋىلىپ گەپنى ئۇزارتىدىكەنسىلەر.

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-5-26 20:20:39

مەن شۇ دەۋاتىمەن: ئېشىپ كەتسىمۇ ياخشى بولۇۋېرىدۇ. ئوخشىمىغان مىللەت بالىلىرىنىڭ پىسخىكىسىدا پەرق بار-يوقلىقىنى،بار بولسا قانچىلىك بارلىقىنى سىز بىلمەيسىز، يانداش كەسىپتە ئون يىلغا يېقىن ئوقۇغان مەن  نىسبەتەن ياخشىراق بىلىمەن.

   بۇ نۇقتىدا ئەمەس خېلى -خېلى بىر ئىشلاردا ئاغزىمنى تاتىلاپ بولالمايسىز ئۇكام، ئىشىڭىزنى قىلىڭ.

   بايدا نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدۇ سىزدىن بەكرەك بىلىمەن، قاراڭغۇ ئۆيدە  بولمىسىمۇ ئىشقىلىپ بىر يەرلەردە كۈتكەن يېرىڭلاردىن چىقىپ ،كاللىسى يۇيۇلۇپ ماشىنا ئاشقۇن بولۇپ  دۆلەت ئاتلاپ جىھادقا ماڭغان ياشلىرىمىزنىڭمۇ تىرىكلىرىنىڭ قانداق ھالەتتىلىكىنى ھەم تەسەۋۋۇر قىلالايمەن. قاراڭغۇ دېگىنىم بىر كىملەرنىڭ رەزىل مەقسەتلىرىنىڭ سۈپىتى. نى نەۋقىران ئۇيغۇر ياشلار شۇ سەۋەبتىن تۈگەشتى، بۇلارنى سىز ئۇ كاللىڭىز بىلەن ھازىرچە  ھېس قىلىپ بولالمايسىز.

    ھەم ئۇيغۇرنىڭ يۇرتى بايلا ئەمەس،تار رامكىدا گەپ قىلماڭ. داپقا چۈشكەن ماياقتەك سەكرەپ قوياتتىڭىز خېلى، سەكرەپ ئۈستىگە چىققاندا يىراقلارغا قاراپ بېقىڭ ،ئەگەر كۆرەلىسىڭىز.

    مىللىتىم مۇسۇلمان دەيدىغان ئاشقۇنلارغا بۇ گەپلەر خۇشياقمايدىغىنى ئېنىق،ھەم سىزمۇ بۇنچە ئېزىپ سۆزلىشىمگە ئەرزىمەيتىڭىز. پاخال قىلماقچى بولغان بەزىبىرلەرمۇ كۆرۈۋالسۇن دەپ سەل تەپسىلىي ئىنكاس يېزىپ قويدۇم.

   تايىنلىق،ئەرەبچىلا يازماپسىز ئىنكاسىڭىزنى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۈپىتىنى چۈشۈرمەي. بىلمىسەم گوگۇللاپ بىلىۋالاتتىم.

   ئاتنىڭ يۈكى  ئېشەككە يۈك.

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-5-27 20:19:49

11- قەۋەتتىكى Dilrubaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

    ئىنكاسىمنىڭ نەرىنى تەھرىرلىگىنىڭىزنى بايقىيالمىدىم.توغرىسىنى  بىلىۋالاي خاتا ئىملالار بولسا. قىرقىغانمىكىن دېسەم چېكىت-پەشلىرىگىچە جايىدا تۇرغاندەك قىلىدۇيا؟\"\"


    ئابزاس بېشىغا بوش ئورۇن قويۇپ  ،قوشۇپ تەھرىرلىۋەتكەن بولسىڭىز ئاندىن ھېس قىلاتتىمكىن نەرىنى تەھرىرلىگىنىڭىزنى.\"\"



              تېما ئىگىسى بەك ئۇخلاپ كەتكەن چىراي.\"\"
بەت: [1] 2
: [تەرجىمە]بالا چوڭ قىلىشتىكى-خۇش مەسلىھەتلەر (1)