Windows7 ۋە ALKATIP5.0 توغرىلىق ياردەم سورايمەن
مۇنداق بىر چاتاققا يولۇقتۇم. ئاۋۋال كومپيۇتېرنىڭ تىپى مەشغۇلات مۇھىتى دېگەنلەرنى دېۋىتەي:
TOSHIBA L700-T30N قول كومپيۇتېرى، مەشغۇلات سېستىمىسى Windows7 ، ئائىلىۋى ئادەتتىكى نۇسخىسى 家庭普通版
ئەمدى مەن يولۇققان چاتاق مۇنداق: ئەسلىدە مەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلىمايلا تىل تاللايدىغان يەردىن سەئۇدى ئەرەبىستان ئەرەب تىلى دېگەننى تاللاپ، ئاندىن ئۇيغۇرچە Font قاچىلاپ ئىشلىتىۋەرگەن، word بىلەن تولا ھەپىلىشىمەن، چاتاق چىقمىغان ئىدى، نورمال ئىشلىتىۋاتاتتىم، بايا بىر خىزمەتدىشىم exel دا ئىشلىنىدىغان بىر جەدۋەلنى ئەكىرىپتىكەن، ھەر بىر كاتەككە ئۇيغۇرچىسى ھەم خەنزۇچىسى تەڭ يېزىلاتتىكەن، دەسلەپتە ئوتتۇرىغا تەرى تارتىلىپ يېزىلىدىغان خەت (تاققا-تۇققا دېگەنگە ئوخشاش) ئالمىشىپ چىقىۋالدى (تۇققا-تاققا دېگەنگە ئوخشاش)، ئاندىن ئابدۇرۇسۇل ئىمىرەمزى دېگەن خەت ئابدۇرۇسۇل نورمال چىقىپ، ئىمىرەمزى دېگەن خەتتىكى ھەرپلەرنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالايمىقان چىقىۋالدى. مەن كىرگۈزگۈچ قاچىلىمىغانلىقتىن مۇشۇنداق بولۇۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ، ALKATIP 5.0 نى قاچىلاپ كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتتىم، چاتاقنىڭ چوڭى ئاندىن چىقتى، بۇرۇن ئۇرغان word ھۆججەتلىرى ئېچىلغان بىلەن ئىچىدە ھېچنىمە يوق، بىر ئەسكەرتىش چىقىۋالدى 内存或磁盘空间不足,无法完成操作 دەپ...
جەدۋەلنىڭ سىزىقلىرى تۇرىدۇ، خەت يوق...
خەنزۇچە خەت بىلەن ئۇرغان نەرسىلەر جىم، exel دا ئۇرغان نەرسىلەرنىڭ قالايمىقان بوپ كەتكىنىدىن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن.
زادى قانداق قىلىش كېرەك؟ سېستىمىنى قايتا قاچىلاش توغرا كەلسە ئىدارىنىڭ كومپيۇتېر چاتاقلىرىنى مەخسۇس بىر تەرەپ قىلىدىغان يەر بار، لېكىن ھەممىسى خەنزۇ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ دېگەندەك نەرسىلەرنى ئۇلار بىلمەيدۇ، بېشىم تازا قاتتى، نەچچە يىللىق ئارخىپ تۇرسا ئۇ...
مەسلىھەت كۆرسەتسەڭلارچۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . سىز نەدە ؟ ئەگەر يېقىن بولساق مەن ھەل قىلىپ بىرەي مەسىلىڭىزنى . يىراق بولساق ماۋۇ كوت-كوت نى قۇشىۋېلىڭ 316789287 بەزى يەرلىرى تازا ئېنىق بولماپتۇ، تەھرىرلەي دېسەم يوقاپ كېتىشىدىن قورقۇپ ئىنكاس شەكلىدە تولۇقلاپ قوياي.ئىلگىرى ساقلانغان، ئۇيغۇرچە خەت يوق word , exel ھۆججەتلىرى نورمال. پەقەت ئۇيغۇرچە خەت بارلىكى ھۆججەت نورمال ئەمەس، بايا ئاشۇ نورمال ئەمەس ھۆججەتلەرنى XP مۇھىتىدا باشقا كومپيۇتېردا ئېچىپ باقتىم، نورمال.
قۇرۇق word ھۆججىتىدىن بىرنى ئېچىپ ئۇيغۇرچە خەت يازسام يېزىلمايۋاتىدۇ، ھېلىقى ئەسكەرتىش يەنە چىقىۋالدى، ئۇنى ئۆچۈرۈۋېتىپ داۋاملىق يازسام ئىنكاس يوق. ئىنگىلىزچە، خەنزۇچە يازسام نورمال چىقتى، كەينىدىنلا ئۇيغۇرچە يازسام خەت نۇسخىسىنى تاللىمىغان چاغدا چىقتى(لېكىن يەجۇجى-مەجۇجى يېزىقىدەك، بىلىسلەرغۇ قانداق چىقىدىغىنىنى)، يازغان شۇ نەرسىنى بوياپ تاللاپ (ئىنگىلىزچە بىلەن خەنزۇچىنى قاتمىدىم) خەت نۇسخىسىنى ئەلكاتىپ باسما دېگەنگە ئەكەلسەم، بايا يازغان ھەممە نەرسە يوقاپلا كەتتى، خەزۇچىدىن تارتىپ ھەممىىسى...
ئەمدى بۇ زادى نېمىنىڭ چاتىقى؟
1- قەۋەتتىكى lataنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . سىز نەدە ؟ ئەگەر يېقىن بولساق مەن ھەل قىلىپ بىرەي مەسىلىڭىزنى . يىراق بولساق ماۋۇ كوت-كوت نى قۇشىۋېلىڭ 316789287
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، مەن ئاقسۇ شەھىرىدە
ئىنكاس تەكرار بوپ قاپتۇ، تەھرىرلىۋەتتىم
ALKATIP 5.0 نى قاچىلاشنىڭ ھاجىتى يوقتى. خەت نۇسخىسىنى ئورنىتىپ قويسىڭىزلا بولىتى.
Win7 نىڭ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىنى
تەڭشەش
يۇقارقىسى سىز كۈتكەن جاۋاپ ئەمەس بولسا ئاۋال كاتەك پىچىمىنى ئوڭدىن سولغا تەڭشەپ ئاندىن مەزمۇن يېزىڭ.
بۇمۇ بولمىسا ، بۇ يازمىدىكى ئىنكاسلارغا قاراڭ
Excel دا قۇر بېشدىكى سان قۇر
ئاتلىغاندا قۇر ئاخىرىغا كېلىۋالدى
alkatipنى ئۈچۈرۋېتپ قاراپ بېقىڭ؛
c دىسكىنىڭ سىغىمىغا قاراپ بېقىڭ،虚拟内存دىگەنگە قاراپ بېقىڭ،ئەگەر ىىستېما دىسكىنىڭ سىغىمى بەك ئاز قالغان بولسا ،بۇ ئۇچۇر چىقۋالىدۇ،بەزى بىر بىكىرەك نەرسىلەرنى ئۈچۈرۋېتىڭ،ۋىرۇسنىمۇ تەكشۈرۈپ بېقىڭ.
7- قەۋەتتىكى adam111نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
alkatipنى ئۈچۈرۋېتپ قاراپ بېقىڭ؛
c دىسكىنىڭ سىغىمىغا قاراپ بېقىڭ،虚拟内存دىگەنگە قاراپ بېقىڭ،ئەگەر ىىستېما دىسكىنىڭ سىغىمى بەك ئاز قالغان بولسا ،بۇ ئۇچۇر چىقۋالىدۇ،بەزى بىر بىكىرەك نەرسىلەرنى ئۈچۈرۋېتىڭ،ۋىرۇسنىمۇ تەكشۈرۈپ بېقىڭ.
مۇشۇنداق قىلىپ بېقىڭ . Windows7 نىڭ ئۆزىدىلا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ تۇرسا شۇنى ئىشلەتمەي نىمىشقىمۇ ئەرەپچىنى تاللىۋالغان بولغىيتىڭىز. قارغاندا ئۇيغۇچە 8 چىققۇچە ساقلاپ بىقىڭ پالتاخۇن توغرا دەپتۇ، نىمىش قىلاتتىڭىز ئەرەپچىنى تاللاپ؟ Win7 دە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بار تۇرسا.. ھەتتا سىستېما ۋاقتىنىمۇ نورمال ئۇيغۇرچە ئاينىڭ كۈنى دەپ كۆرسىتەلەيدۇ.
بەلكىم ھۆججەتلىرىڭىز ئۆزى ساق بولۇشى مۇمكىن، ئادەتتە، بىر سىستېمىدا كىرگۈزگۈچلەر توقۇنۇشۇپ قالىدىغان ئەھۋال بولىدۇ، XP دا سىستېمىنى قايتا قاچىلاشقا توغرا كىلەتتى، سىز Win7 دە ئاۋال ئەرەپچىنى يوقىتىپ، UI كىرگۈزگۈچنى تاللاپ سىناپ بېقىڭ. (win8 دە Win7 دەك UI دەپ ئالماي UG دەپ ئالغاندەك قىلىدۇ)
ھۆججەتلەرنى باشقا كومپيۇتېردا ئېچىپ باقتىڭىزمۇ؟ ئەھۋال ئوخشاشمۇ؟
11- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
پالتاخۇن توغرا دەپتۇ، نىمىش قىلاتتىڭىز ئەرەپچىنى تاللاپ؟
ھۆججەتلەرنى باشقا كومپيۇتېردا ئېچىپ باقتىڭىزمۇ؟ ئەھۋال ئوخشاشمۇ؟
شۇ مەنمۇ ئەسلى ئۇيغۇرچىنى تاللاي دېگەن، توردا بىرسى ئۇنداق قىلساڭ نورمال ئىشلىمەيدىكەن دېۋىدى...
باشقا كومپيۇتېردا ساق، xp مۇھىتىدا باشقا كومپيۇتېردا نورمال.
بايا ۋىرۇس تازىلىدىم، بىرنەرسە يوقكەن، ئەلكاتىپنى يۇيۇۋەتتىم، تىل تاللايدىغان يەردىن ئۇيغۇر تىلى (جۇڭگو) دېگەننى تاللىدىم، Font لاردىن ئەلكاتىپ باسما دېگىنى ۋوردنىڭ تاللاش كۆزنىكىدىن يوقاپ كېتىپتۇ، ماتېرىياللارنىڭ تولىسى شۇنىڭدا ئۇرۇلغان، نورمال كۆرۈنمىدى، باشقا خەت نۇسخىسىغا ئالماشتۇرسام نورمال. ئەمدىكى چاتاق word, exel لاردىن خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋېلىپ ئىچىمنى پۇشۇردى، office نى قايتا قاچىلىسام بولىدىغان ئوخشايدۇ، ئوبدانراق چۈشۈرۈش ئادرېسى بارمۇ؟ يەنە بىر ئىش ئەلكاتىپ باسما دېگەن Font نى تاپسام بولاتتى.
ئەلكاتىپنىڭ فونتىنى ئىشلەتمەي باشقا فونت ئىشلەتسىمۇ بولار؟
http://www.ukij.org/fonts/ بۇ يەردىكىلىرىدىن قاچىلاپ سىناپ بېقىڭە. يەنىلا ئەلكاتىپنىڭ شۇ نەچچە خىل نۇسخىسى يارايدۇ. 3428** دىگەن كىيۇ- سىزنىڭ بولسا، ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسىدىن 9 نى ئەۋەتتىم، باردىمۇ- يوق قاراپ بېقىڭ.. ئەلكاتىپنىڭ 5.7 نۇسغىسنى ئىشلىتىڭ.
http://www.alimahat.com/alkatip57free.exe ئالىپ تورى ئېچىلمايدىغۇ ؟ ئاران بىر ئاندىرويىد تېلفۇن ئالغاندا
13- قەۋەتتىكى _Imkanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەلكاتىپنىڭ فونتىنى ئىشلەتمەي باشقا فونت ئىشلەتسىمۇ بولار؟
http://www.ukij.org/fonts/ بۇ يەردىكىلىرىدىن قاچىلاپ سىناپ بېقىڭە.
ئىنكاسىمدا دېگەن ئىدىم، ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شۇنىڭدا ئۇرۇلغان، بىردىن-بىردىن ئالماشتۇرۇشقا جىق ۋاقىت كېتىدۇ، سىز دېگەن فونتلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بار، ئىشقىلىپ يۈزدىن جىق فونت قاچىلاغلىق، لېكىن يەنە شۇ ئەلكاتىپقا ئامراق ئىكەنمەن
14- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يەنىلا ئەلكاتىپنىڭ شۇ نەچچە خىل نۇسخىسى يارايدۇ. 3428** دىگەن كىيۇ- سىزنىڭ بولسا، ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسىدىن 9 نى ئەۋەتتىم، باردىمۇ- يوق قاراپ بېقىڭ..
رەھمەت، تۈنۈگۈن يانفونغا ئەسكەرتىش كەلگەن، ئىدارىگە بارغاندا ئېچىپ ئېلىۋالاي
15- قەۋەتتىكى yulhunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەلكاتىپنىڭ 5.7 نۇسغىسنى ئىشلىتىڭ.
http://www.alimahat.com/alkatip57free.exe
ئەگەر كىرگۈزگۈچ قاچىلاش زۆرۈر بولمىسا راستلا قاچىلىغۇم يوق، چۈنكى ھەقسىز نۇسخىدىكى كىرگۈزگۈچلەردىن ئاغرىنغۇم بولمىسىمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر ئاۋارىچىلىقى بار، 5.7 نۇسخىسىنى سىز ۋىندوۋس 7 دە قاچىلاپ ئىشلىتىپ باقتىڭىزمۇ؟ ۋورد، ئېكسئېل دېگەنلەردە ئىشلەتكەندە بىرەر مەسىلە كۆرۈنمىدىمۇ؟ ئەگەر راست ياخشى بولسا قاچىلىۋالاي، لېكىن زۆرۈرىيىتى بولمىسا يەنىلا قاچىلىمىسامكەن دەيمەن، تەپسىلىراق جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز مىننەتدار بولاتتىم
ھازىر ماۋۇ ئىنكاسلارنى يازغىنىم خەقنىڭ ئۆيىدىكى كومپيۇتېر ئىدى، لاتىن ھەرپىنى ئالماشتۇرسام، يېڭى بىر ئىنكاس يازىدىغان كۆزنەك ئېچىلىۋېلىپ ئامالسىز ھەممىنى ئۇيغۇرچە يېزىۋاتىمەن، بۇ نېمە ئىشتۇ ئەمدى