alimxx يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 16:34:07

نۇزۇگۇم ناملىق تارىخى روماننى قايتا نەشر قىلىنىپتۇ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار بۈگۈن نۇزۇگۇم ناملىق تارىخى روماننى قايتا نەشر قىلىنىپتۇ .بۇ كىتاب ئالدىنقى قېتىم 2002-يىل نەشر قىلىنغان بولۇپ ھازىر كىتابخانىلارغا كىرىپلا تاپقىلى بولمايتتى،مانا قايتىدىن نەشر قىپتۇ...

ھازىرقى باھاسى:30.00

ئاپتورى:تۇرغان توختەم

نوزۇگۇم قوشاقلىرى


ئەپيۈنكەش جاللاتلار


ماجاڭ ئويناپ ياتىدۇ


قاراڭغۇ زەي زىنداندا


نۇزۇك يالغۇز ياتىدۇ.




ئاتام مېنى ئانام مېنى


نېمىشقا ئارزولاپتىكىن


بۇ كۈنگە قالارىمنى


باشتا ئويلىماپتىكىن




قومۇشلۇققا ئوت ياقسا


گۈرۈلدەپ كۆيۈپ كەتسە


مۇنداق كۈننى كۆرگۈچە


ياش تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتسە





بېشىمىزدا جاللاتلار


قىلىچىنى ئوينىتار


بۇ دوزاختىن نۇزۇكنى


قانداق بىر جان ئاجرىتار




(مەنبە:ئاياللارنىڭ ئىپتىخارى نوزۇگۇم ناملىق كىتابتىن)

يېڭىدىن نەشر قىلىنغان بۇ كىتابنىڭ بېشىدىكى ئۈچ بەتنىڭ رەسىمىنى يوللاپ قويدۇم ..

1-بەت





2-بەت





3-بەت





مەنبە :كىتاب يۇرتى http://www.kitapyurti.com/

سېتىۋېلىشنى خالىسىڭىز :http://item.taobao.com/item.htm?id=14826798600

Buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 21:26:00

ئالدى بىلەن تېما ئېگىسىگە رەھمەت.

‹‹ نۇزۇگۇم ناملىق تارىخى روماننى قايتا نەشر قىلىنىپتۇ  ›› نى ‹‹ نۇزۇگۇم ناملىق تارىخى رومانى قايتا نەشىر قىلىنىپتۇ›› ياكى بولمىسا ‹‹ نۇزۇگۇم ناملىق تارىخى روماننى قايتا نەشىر قىلىپتۇ›› دەپ تەھرىرلەپ قويغان بولسىڭىز.

birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 23:28:24

ئانارنىڭ شېخىغا چىقىپ تۇرۇپ، نۇزۇگۇمغا ئانار ئۈزۈپ بېرىدىغان يېرى ئوڭشىلىپتىمۇ ياكى شېخىغا ئادەم چىققىلى بولىدىغان ئانار تىكىلىپتىمۇ؟

tursunali0916 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 23:42:27

بەك ياخشى بوپتۇ !مەزمۇنى ئۆزگەرمېگەندۇ ھە؟

daduiyjang يوللانغان ۋاقتى 2012-5-25 07:58:32

تۇرغان توختەمنىڭ يەنە بىر كىتابى بۇلدىغان ئىسمى ئېسىمدە قالماپتۇ،2-دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ ۋاپات بۇلۇپ  كەتكەن دادىسىنى ئەسلەپ چىىقىدىغان شۇ كىتاپنى  تاپقىلى بۇلارمۇ؟

turkzad يوللانغان ۋاقتى 2012-5-25 12:24:27

4- قەۋەتتىكى daduiyjangنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تۇرغان توختەمنىڭ يەنە بىر كىتابى بۇلدىغان ئىسمى ئېسىمدە قالماپتۇ،2-دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ ۋاپات بۇلۇپ كەتكەن دادىسىنى ئەسلەپ چىىقىدىغان شۇ كىتاپنى تاپقىلى بۇلارمۇ؟



تۇرغان توختەموۋنىڭ \"ئاق يېغىن\" دېگەن  كىتابى مەندە بار

daduiyjang يوللانغان ۋاقتى 2012-5-25 16:15:28

تۇرغان توختەموۋنىڭ \"ئاق يېغىن\" دېگەن  كىتابى مەندە بار



سىز بىلەن ئالاقىلشاي ماڭا ئەۋەتىپ  بېرەلەمسىز؟

چچ:1296548450

qingil يوللانغان ۋاقتى 2012-5-25 20:33:26

5- قەۋەتتىكى turkzadنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4- قەۋەتتىكى daduiyjangنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تۇرغان توختەمنىڭ يەنە بىر كىتابى بۇلدىغان ئىسمى ئېسىمدە قالماپتۇ،2-دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ ۋاپات بۇلۇپ كەتكەن دادىسىنى ئەسلەپ چىىقىدىغان شۇ كىتاپنى تاپقىلى بۇلارمۇ؟



تۇرغان توختەموۋنىڭ \"ئاق يېغىن\" دېگەن  كىتابى مەندە بار

بۇ بەك ئىسل كىتاپكەن مۇمكىن بولسا قېرىندىشىم شۇ كىتاپنى ھەممەيلەن ئورتاق كۆرسەك ، مۇشۇ ئىزدىنىش تور بىكىتىدە كۆرگەن بولساق سىزدىن كوپ مىننەتتار بولغان بولاتتۇق..

turkzad يوللانغان ۋاقتى 2012-5-25 20:47:07

مەن بۇ كىتابنى سىكاننىرلاپ مۇشۇ تېما ئاستىغا چىقىرىپ قوياي. ئەمما ھازىر ۋاقتىم سەل قىس، شۇڭلاشقا ئالدىمىزدىكى ھەپتىنىڭ ئاخىرىغىچە تەمىنلەپ بىرەي، ۋاقتى سوزۇلۇپ كەتسە خاپا بولماڭلار...

alimxx يوللانغان ۋاقتى 2012-5-26 08:42:43

6- قەۋەتتىكى daduiyjangنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تۇرغان توختەموۋنىڭ \"ئاق يېغىن\" دېگەن  كىتابى مەندە بار



سىز بىلەن ئالاقىلشاي ماڭا ئەۋەتىپ  بېرەلەمسىز؟

چچ:1296548450

ئاق يېغىن دېگەن تەيۋەنلىك خەنزۇنىڭ كىتابى..ئاپتورى:چيوڭ ياۋ
بەت: [1]
: نۇزۇگۇم ناملىق تارىخى روماننى قايتا نەشر قىلىنىپتۇ