chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 11:14:03

ئېسىل سوۋغا-ئامېرىكىغا سەپەر ئېنگىلىزچە ئۆگىنىش ماتېرىيالى


ئېنگىلىزچە ئۆگەنگەن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بەلكىم بۇ دەرىسلىك ماتېرىيالىدىن خەۋەردار بولسا كېرەك. ئامېرىكىغا سەپەر(走遍美国, Family Album, U.S.A) دەرىسلىكى ئىنتايىن داڭلىق تىل ئۆگىنىش ماتېرىيالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ماتېرىيالدىكى دەرىسلىكلەر ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ سىزنىڭ ئېغىزتىلى كۈچەيتىشىڭىز ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىزتىلى (New Concept English) كە قارىغاندا كۆپ پايدىسى بار دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئۈن ۋە سىن ماتېرىياللىرىدا تەبىئەت ۋە مۇھىت ئاۋازى قوشۇپ ئىشلەنگەن بولۇپ سىزگە خۇددى شۇ مۇھىتتا تۇرغاندەك تەسىر بېرىدۇ ۋە ئىلگىرىكى نوقۇل تېكىستنىلا ئاڭلاشتەك شەكىلدىن كۆپ دەرىجىدە پەرىقلىنىدۇ. ۋەقەلىكى ئاددىي، سۆزلىرى چۈشۈنۈشلۈك، ئېغىز تىلى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكچى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بار.



ئامېرىكىغا سەپەر(ئامېرىكا ئائىلە ئالبومى) دەرىسلىكى سىزنىڭ تىل ئۆگىنىشىڭىزدىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ. مېنىڭ بۇ دەرىسلىكنى ئاڭلاپ ۋە سىن ھۆججىتىنى كۆرۈپ ھېس قىلىشىمچە گەرچە بۇ دەرىسلىك بۇندىن خېلى يىللار بۇرۇن ئىشلەنگەن بولسىمۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى ساقلاپ قالغان. ئەڭ ياخشى يېرى بۇ قېتىم ئۈن ھۆججىتى بىلەن تېكىست ھۆججىتى قوشۇپ يوللانغان بولۇپ ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بىر ياقتىن ئاڭلاپ، بىر ياقتىن نېمە سۆزلۈك چىقىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلالايسىز. تېكىست ھۆججىتى TXT ھۆججەت شەكلىدە ساقلانغان بولۇپ تېلىفونىڭىزدا ساقلىۋالسىڭىز ئادەتتىكى نوكىيا قاتارلىق تېلىفونلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك TXT ھۆججەتنى ئوقىيالايدۇ. تېكىست ھۆججەتتە يەنە ھەربىر جۈملىدىن كېيىن خەنچە تەرجىمىسى يانداشتۇرۇپ قىستۇرۇلغان بولۇپ سىزنىڭ خەنچە ئاساسىڭىز تولۇقسىز ئوتتۇرا سەۋىيەسىدە بولسا بىلىپ كېتەلەيسىز. ئۈن ھۆججەتنى بىر ياقتىن ئاڭلاپ تېكىست ھۆججەتكە قاراپ بىلمىگەن سۆزلەرنى بىلىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن زېرىكىشلىك ئاپتۇبۇسلاردا ئاڭلاپ مېڭىشقىمۇ ماس كېلىدۇ.



مەزكۇر دەرىسلىكنىڭ سىن ھۆججىتىمۇ بار بولۇپ توردىن ئىزدەپ تاپالايسىز. مەندە 12 قىسىم بولۇپ(ھەر قىسىمدا ئىككى ۋەقەلىك بار، ھەربىر ۋەقەلىك 3 ئۈن ھۆججەتتىن تۈزۈلگەن ھېسابتا جەمىئي 72 ئۈن ھۆججەت) ھەر ۋەقەلىكنىڭ كەينىدىن ناخشا ياكى قىززىقارلىق تەلەپپۇزلار ئارقىلىق سىزگە دىققەت قىلىدىغان يەرلەرنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ. گىرامماتىكا ئۆگىنىش مەقسىتىگە مۇشۇ ئاخىرىقى ئەسكەرتىشلەردىن ئۆگىنىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئەسكەرتىشلەرنىڭ كەينىدە تەلەپپۇزغا دىققەت قىلىدىغان، سۆزلۈكنىڭ ئىشلىتىلىش ئورۇنلىرى قاتارلىق يەرلىرى كۆرسىتىلگەن بولىدۇ.



سىن ھۆججەت 800MB ئەتراپىدا كېلىدىغان بولۇپ ھۆججەت چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ۋاقتىنچە يوللانماي تۇردى. ئەگەر لازىم بولسا ئې-خەت ئادرىسىڭىزنى چەۋەندازلاردىكى مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئەڭ چ چ ئې-خەت ئادرىسى بولسا تېخى ياخشى. ئۇنداقتا بۇ دەرىسلىكتىن بەھىرلەنگەيسىز.



ھۆججەت چوڭ-كىچىكلىكى:292MB


چۈشۈرۈش



[چۈشۈرىۋېلىڭ] ئېنگىلىز تىلىدىن 8000 جۈملە


مۆجىزە ئېنگىلىز تىلى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەستە ساقلاش دىتالى


ئالىي مەكتەپ ئېنگىلىزتىلى 6-دەرىجە سۆزلۈكلىرىنى چۈشىرىۋېلىڭ


ئېنگىلىزچە نەسىرلەرنى ئاڭلاپ بېرىشنىڭ تىل بايلىقىڭىزنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى بار(چۈشۈرۈش)


ئېنگىلىز تىلى ئۆگەنمەكچى بولغانلار ئۈچۈن ھەقسىز توربەت ESLFast!

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 14:37:42

مەن بۇرۇن بىر قىتىم ئۆگىنىپ بولغان،ئۇنتۇپ قالغىلى تۇردۇم . ئېغىز تىلى ئۈچۈن بۇلىدىغان كىتاپ

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 14:51:06

مەنمۇ چۈشۈرۋالدىم.ئىلگىرى بەك ياقتۇرۇپ ئۆگۈنەتتىم،خېلى زامانلار  بولدى ئىنگىلىزتىلى تاشلىنىپ كەتكىلى،ئەمدى قايتا قولغا ئالاي!  بەك رەھمەت سىزگە !

osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 16:16:25

سىزلەرگە ئۈمىدلەن! تور بېكىتىنى تەۋسىيە قىلىمەن! بۇ فىلىملەر ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئىشلىنۋاتىدۇ!

www.umidlen.com

koxuk يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 16:38:17

بايام تېخى خەنزۇچە-ئېنگىلىزچە خەتلىك فىلىمىنى چۈشۈرۈپ بولغان. ئۇيغۇرچە خەتلىكىنىمۇ چىقىرىپ بوپسىلەردە. بۇنىمۇ چۈشۈرۋالاي!


رەھمەت، سىڭدۈرگەن ئەمگىكىڭلارغا تەشەككۈر.

semen819 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 17:18:54

ماڭا سىن ھۆججىتىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز … ئاۋارەقىلىدىغان بولدۇم283748065@qq.com

uyghur0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 20:21:17

رەھمەت دۇستۇم،ياخشى ئۇگنىش ماتىېرىيالكەن؟

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 21:17:06

5- قەۋەتتىكى semen819نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماڭا سىن ھۆججىتىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز … ئاۋارەقىلىدىغان بولدۇم283748065@qq.com

  

مەن بۇ ماتېرىيالنى چ چ ئې-خەتىنىڭ ھۆججەت ساقلاش مەركىزىگە يوللاۋاتقىلى بىر چۈشتىن كېيىن بولدى. ئەمدى 70% بولۇپتۇ. يوللىنىپ بولغاندا سىزنىڭ ئې-خەت ئادرىسىڭىزغا يوللاپ بېرەي. ساقلىتىپ قويىدىغان بولدۇم.

erkinqush يوللانغان ۋاقتى 2012-5-25 08:34:39

88247599@چچ.غوم





ماڭا لازىم

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2012-5-25 08:46:20

8- قەۋەتتىكى erkinqushنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

88247599@چچ.غوم





ماڭا لازىم  



ئەلەم بوپ كەتتى دېسە 010.gif  تۈنىگۈندىن بېرى يوللاپ ئەتتىگەن داۋامىنى يوللىسام چ چ نىڭ ساقلاش مەركىزىدە ھېچ بىر ئۇچرىتالمىدىم. ھازىر يەنە قايتا يوللاۋاتىمەن. يوللىنىپ بولغاندا بىراقلا ئې-خەت ئادرىسىنى قالدۇرغان تورداشلارغا يوللاپ بېرىمەن.

kvnayxxx يوللانغان ۋاقتى 2012-5-25 08:49:38

تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر ، سىن ھۆججىتى ماڭىمۇ بەك لازېمتى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز 136803352@qq.com

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2012-5-25 09:01:24

10- قەۋەتتىكى kvnayxxxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر ، سىن ھۆججىتى ماڭىمۇ بەك لازېمتى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز 136803352@qq.com


ئەرزىمەيدۇ.


تەخىر قىلىڭ. ھازىر ھۆججەت جىدىدىي يوللىنىۋاتىدۇ. يوللىنىپ بولغاندا تورداشلارغا ئەۋەتىلىپ بېرىلىدۇ.

koxuk يوللانغان ۋاقتى 2012-5-25 09:16:18

خەنزۇچە-ئېنگىلىزچە سىن ھۆججىتىنى چۈشۈرۈش ئادرىسى:

http://tieba.baidu.com/f?kz=1165955856

ماۋۇ ئادرىسنىڭ ئاستىدىمۇ بىر قانچە چۈشۈرۈش ئادرىسىلىرىنى قالدۇرۇپ قويۇپتۇ. تۈنۈگۈن 1-قىسىمنى چۈشۈرگەن، 790MB كېلىدىكەن.

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2012-5-25 09:51:12

12- قەۋەتتىكى koxukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خەنزۇچە-ئېنگىلىزچە سىن ھۆججىتىنى چۈشۈرۈش ئادرىسى:

http://tieba.baidu.com/f?kz=1165955856

ماۋۇ ئادرىسنىڭ ئاستىدىمۇ بىر قانچە چۈشۈرۈش ئادرىسىلىرىنى قالدۇرۇپ قويۇپتۇ. تۈنۈگۈن 1-قىسىمنى چۈشۈرگەن، 790MB كېلىدىكەن.  

رەھمەت سىزگە. بىر قىسىمدا قانچە سىن ھۆججىتى بار ئىكەن؟

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2012-5-25 13:47:24

5- قەۋەتتىكى semen819نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماڭا سىن ھۆججىتىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز … ئاۋارەقىلىدىغان بولدۇم283748065@qq.com

  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئې-خەتتىن تاپشۇرىۋالغايسىز. ئۆگىنىشىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي!

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2012-5-25 13:48:09

8- قەۋەتتىكى erkinqushنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

88247599@چچ.غوم





ماڭا لازىم  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئې-خەتتىن تاپشۇېىۋالغايسىز. ئۆگىنىشڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي!

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2012-5-25 13:48:45

10- قەۋەتتىكى kvnayxxxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر ، سىن ھۆججىتى ماڭىمۇ بەك لازېمتى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز 136803352@qq.com


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئې-خەتتىن تاپشۇرىۋالغايسىز. ئۆگىنىشىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي!

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2012-5-25 13:55:52

چ چ ئې-خەت ئادرىسىنى مەزكۇر تېمىغا قالدۇرۇشنى بىئەپ كۆرگۈچىلەر چەۋەندازلاردىكى مۇشۇ تېمىغا خالىغان ئىسىمدا كىرىپ ئې-خەت ئادرىسىغا چ چ نىڭ ئې-خەت ئادرىسىنى تولدۇرۇپ ئەۋەتىش ئۇچۇرىنى ئەسكەرتسىڭىز ئې_خەت ئادرىسىڭىزنىڭ باشقىلارغا ئاشكارلىنىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئارقا سۇپىدىن باشقۇرغۇچى ئې-خەت ئادرىسىڭىزنى كۆرگەندىن كېيىن سىزگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنى ئې-خەت ئادرىسىڭىزغا يوللاپ بېرىدۇ.



ئېسىل سوۋغا-ئامېرىكىغا سەپەر ئېنگىلىزچە ئۆگىنىش ماتېرىيالى











koxuk يوللانغان ۋاقتى 2012-5-25 15:30:55

13- قەۋەتتىكى chewendazنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

12- قەۋەتتىكى koxukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خەنزۇچە-ئېنگىلىزچە سىن ھۆججىتىنى چۈشۈرۈش ئادرىسى:

http://tieba.baidu.com/f?kz=1165955856

ماۋۇ ئادرىسنىڭ ئاستىدىمۇ بىر قانچە چۈشۈرۈش ئادرىسىلىرىنى قالدۇرۇپ قويۇپتۇ. تۈنۈگۈن 1-قىسىمنى چۈشۈرگەن، 790MB كېلىدىكەن.

رەھمەت سىزگە. بىر قىسىمدا قانچە سىن ھۆججىتى بار ئىكەن؟

بىرىنچى قىسىمنى چۈشۈرگەن ئىدىم. ئۇنىڭدا جەمئىي 21 سىن ھۆججىتى بار ئىكەن. 1-قىسىم كىتاپنىڭ يېرىم مەزمۇنى ، 7-دەرسلىككىچە باركەن.

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2012-5-25 15:59:15

@ koxuk

مەن تېخى فورماتىنى ئۆزگەرتىپ باقسام سىغىمى كىچىكلەرمۇ دەپ ئويلاپتىمەن. مەندىكىسى 72-تال سىن ھۆججەت سىغىمى 800MB ئەتراپىدا.
بەت: [1] 2
: ئېسىل سوۋغا-ئامېرىكىغا سەپەر ئېنگىلىزچە ئۆگىنىش ماتېرىيالى