adil731 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 10:48:28

تاش ئالمىنىڭ رەقىبى كىم؟[كۆچۈرۈلمە]

تاش ئالما داۋاملىق 1- لىكنى ساقالاپ قالالامدۇ؟ ئۆزىڭىز ئانالىز قىلغاچ، بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىڭ. مەن بۇ تەھلىلنى پەقەت سان- سىفىرلارنى تەھلىل قىلشى ئارقىلىقلا قاراشلىرىمنى ماتىماتىكىلىق ئۇسۇل بويىچە ئوتتۇرىغا قويدۇم، بۇنى مۇكەممەل بولغان ئانالىز دېيىشكە بولمايدۇ،بۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈن ئوقۇپ بېقىشقا بولىدۇ.

                                                                  تاش ئالمىنىڭ رەقىبى كىم؟


       2012- يىللىق جۇڭگۇ ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىغا 14 ئۆلكە، 5 بىۋاستە قاراشلىق شەھەردىن 26 كوماندا قاتناشقان. شىمالىي رايۇندا 6 ئۆلكە، 3 شەھەردىن شىنجاڭ تاش ئالما، بېيجىڭ يىتوڭ (北京亿通酷车)، بېيجىڭ سەنگاۋ (北京三高)، بېيجىڭ ياشلار (北京青年)، چىڭخەي سېنكې (青海森科)، چىڭخەي پۇتبول كوماندىسى (青海足球队)، خېبېي جوڭجى (河北中基)، خېبېي ياشلار (河北青年)، شەنشى لاۋچېڭگېن (陕西老城根)، شاڭخەي جوڭباڭ (上海中邦)، سەنشى جيايى (陕西بىلەن山西 نى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن山西 نى سەنشى دەپ ئالدىم)(山西嘉怡)، تىيەنجىن پاراۋۇز (天津火车头)، شەندوڭ ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى (山东男足) قاتارلىق 13 كوماندا بار. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىغا بېيجىڭ شەھرى 3 كوماندا، چىڭخەي ئۆلكىسى 2 كوماندا قاتناشتۇرغان، شەنشى ئۆلكىسى 2 كوماندا قاتماشتۇرغان بولۇپ، بىر كوماندىسى شىمالدا بىر كوماندىسى جەنۇپتا ئوينايدۇ. شىمالدا ئويناشقا تېگىشلىك چىڭداۋ كوماندىسى مۇسابىقە پەسلىدىن بۇرۇن كوماندىنىڭ تارقىتىۋىتىلگەنلىكىنى جاكارلىغان. جەنۇبىي رايۇندا 9 ئۆلكە، 2 شەھەردىن 13 كوماندا قاتناشتۇرلغان بولۇپ، شىنجىن شەھرى 2 كوماندا، گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى 2 كوماندا قاتناشتۇرغان، شەنشىنىڭ بىر كوماندىسى جەنۇپتا ئوينايدۇ. مۇسابىقە 4- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 9- ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. شىمالىي رايۇندا 156 مەيدان مۇسابىقە ئېلىپ بارىدۇ، ھەر بىر كوماندا ئۆز مەيدانىدا 12 مەيدان، رەقىبىڭ مەيدانىدا 12 مەيدان جەمئىي 24 مەيداندىن مۇسابىقە ئوينايدۇ.   

      شىنجاڭ كوماندىسى 6 قېتىملىق ئايلانما مۇسابىقىدە 4 مەيدان ئۇتۇپ، ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ، 6 توپ ئۇرۇپ، 1 توپ كەتكۈزۈپ، بىر قېتىممۇ يېڭىلمەي، 14 نومۇر بىلەن شىمالدا 1- ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە.

كوماندا                                              كىرگۈزگەن توپ    نومۇر

شىنجاڭ-شەنشى                                    0:1                   ئۇتتۇق، 3 نومۇر


شىنجاڭ-چىڭخەي پۇتبول كوماندىسى         0:1                   ئۇتتۇق، 3 نومۇر O

شىنجاڭ-سەنشى جيايى                            0:0                   تەڭلەشتۇق، 1 نومۇر


شىنجاڭ-تيەنجىن پاراۋۇز                        0:0                   تەڭلەشتۇق، 1 نومۇر

شىنجاڭ-خېبىي ياشلار                               0:2                   ئۇتتۇق، 3 نومۇر

شىنجاڭ-بېيجىڭ سەنگاۋ                           1:2                   ئۇتتۇق، 3 نومۇر

      بۇ ئەھۋاللارنى مەن دېمىسەممۇ ھەممەيلەن بىلىمىز، ئۇنداقتا بىر قېسىم تورداشلار ھەممەيلەن بىلىدىغان كونا گەپلەرنى بۇ يەرگە يېيىپ نېمە دېمەكچى سەن، دېيىشى تۇرغانلا گەپ. جەڭدە ئۆزىنىمۇ بىلىش، ئۆزگىنىمۇ بىلىش دەيدىغان بىر گەپ بار. غەلىبىگە ئېرىشىش ئۈچۈن دۈشمەن ئەھۋالىنى بىلىش، ئالدىدا يولۇقىدىغان قىيىنچىلىق- مۈشكىلاتلارنىمۇ بىلىش ۋە بۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەدبىرلىرىنى قىلىش ئاقىلانىلىق.   

   ئۆزىمىزنى تەھلىل قىلساق: مەيدان ئورۇنلاشتۇرۇش، تاكتىكا، ئەزالىرىمىزنىڭ باشقا كوماندىدىكىلەردىن ئۈستۈنلىكى قاتارلىقلار بىر قەدەر ئۆزگۈرۈشچان ۋە مۇرەككەپ مەسىلە بولغاچقا بۇلار كىيىنگە قالدۇرۇلۇپ سان- سىفىرلارغا ئاساسەن پۇتبول كوماندىمىز ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.   

      5- ئاينىڭ 22- كۈنىگىچە 2 مەيدان ئۆز مەيداندا، 4 مەيدان رەقىپلەر مەيدانىدا، 6 مەيدان ئويناپ، بىر مەيدانمۇ ئۇتتۇرمىدۇق،كەتكۈزۈپ قويغان توپىمىز پەقەت بىر توپ بولۇپ بۇ جەھەتتىمۇ 13 كوماندا ئارىسىدا 1- ئورۇندا تۇرىمىز. بۇ چوڭ غەلىبە ئەلۋەتتە. چىڭخەي پۇتبول كوماندىسى 5 مەيدان ئويناپ 5 قېتىم ئۇتتۇرۇپ، 20 نومۇر كەتكۈزگەن بولۇپ، 0 نومۇر بىلەن ئارقىدىن 1- ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ. ھازىرقى ئەھۋالىمىز ئادەمنى خوشال قىلىدۇ. مۇسابىقە ئاخىرلاشقىچە يەنە 10 مەيدان ئۆز مەيدانىمىزدا ئوينايمىز. 8 مەيدان رەقىپلەر مەيدانىدا ئوينايمىز، تەلىيىمىزگە 7-، 8- ئايلاردا ئىچكىرىدىكى ھەر قايسى شەھەرلەردىكى ھۇرراچى ئوقۇغۇچىلار تەتىل قىلىپ قايتىپ كەلگەن ۋاقىتتا رەقىپلەرنىڭ مەيدانىدا بىزنىڭ مۇسابىقىمىز ئازراقكەن، ئاساسەن ئۆز مەيداندا بولىدىكەن. بۇمۇ بىزدىكى بىر ئۈستۈنلۈك.   

   ئەمدى رەقىپلىرىمىزگە قاراپ باقساق:   

   (1) گەرچە 6 قېتىملىق ئايلانما مۇسابىقە تۈگۈگەن بولسىمۇ، لىكىن 4- ئاينىڭ 21- كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرغان 1- ئايلانما مۇسابىقىدىكى 10 كوماندىنىڭ مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ، خېبىي جوڭجى بىلەن بېيجىڭ ياشلار كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇسابىقە تېخى ئېلىپ بېرىلمىدى، ئالدىمىزدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. خېبىي جوڭجى پەقەت 5 مەيدان مۇسابىقە ئوينىدى، بېيجىڭ ياشلار 4 مەيدان ئوينىدى. 2 مەيدىنى بار، بۇنىڭ بىر قېتىملىقى يۇقىرىدا دېگەندەك خېبىي جوڭجى بىلەن ئوينىلىدۇ، بېيجىڭ ياشلارنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسى مۇسابىقە تەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە قۇرۇق ئايلانما مەيدان(轮空). (شىمالدا 13 كوماندا بولغاچقا، ئىككىدىن جۈپلىسە بىرى ئېشىپ قالغاچقا، ھەر ئايلانمىدا بىر كوماندا قۇرۇق ئايلىنىدۇ،ھەر بىر كوماندا مۇسابىقە تۈگىگىچە 2 قېتىم قۇرۇق ئايلىنىدۇ. شىنجاڭمۇ 5- ئاينىڭ 30- كۈنى قۇرۇق ئايلىنىدۇ. بۇ كۈنكى مۇسابىقە ب دەرىجىلىك رەسمىي مۇسابىقە ئەمەس). گېپىمىزنى قىسقارتساق گەرچە بىز 14 نومۇر بىلەن ۋاقتىنچە 1- ئورۇندا تۇرغان بىلەن ناۋادا خېبىي جوڭجى 5 مەيداننى تولۇق ئوينىغان بولسا يەنىلا بىز1- ئورۇندا تۇرىۋىرەرمىتۇق؟ تەھلىل قىلىپ باقايلى: بىز 6 مەيداندا 14 نومۇر ئالدۇق، خېبىي جوڭجى 5 مەيداندا 13 نومۇر ئالدى، ئەگەر خېبىي جوڭجى كوماندىسى بىيجىڭ ياشلار بىلەن مۇسابىقىنى قالدۇرماي ئوينىغان بولسا دەيلى، تەڭلەشسە 1 نومۇر ئېلىپ نومۇرى 14 بولاتتى، ئۇتسا 3 نومۇر ئېلىپ 16 نومۇر بولاتتى، ئۇتتۇرسا 0 نومۇر ئېلىپ ھاززىرقى 13 نومۇرنى ساقلاپ قالاتتى. لىكىن 5 مەيداندا 4 ئۇتۇپ 1 تەڭلىشىپ بىر قېتىممۇ ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، 11 توپ ئۇرۇپ، 2 كەتكۈزۈپ،2- ئورۇندا تۇرىۋاتقان خېبىي جوڭجى كوماندىسىنىڭ بېيجىڭ ياشلارنى ئۇتىۋىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى، تەڭلىشىش ئېھتىماللىقىمۇ بار. ئەگەر خېبىي جوڭجىنىڭ مۇسابىقىسى ۋاقتىدا ئوينالغان بولسا بىز يەنە 1- ئورۇندا تۇرالارمىتۇق، كىيىن تولۇقلاپ ئوينالغاندا ئەھۋال قانداق بولار؟

      (2)بىز نومۇر جەھەتتە 1- ئورۇندا تۇرغان بىلەن كىرگۈزگەن توپىمىزغا قاراپ باقساق، 6 توپ كىرگۈزۈپتۇق، بۇمۇ يامان ئەمەس نەتىجە، لىكىن، بىزنىڭ ئارقىمىزدىن قوغلۇشۇپ كېلىۋاتقان 3 رەقىبىمىز خېبىي جوڭجى 5 مەيدان ئويناپ 11توپ ئۇرۇپ 2 كەتكۈزۈپ، بېيجىڭ يىتوڭ كۇچې 6 مەيدان ئويناپ 12 توپ ئۇرۇپ، 4 كەتكۈزۈپ، چىڭخەي سېنكې 5 مەيدان ئويناپ 12 توپ ئۇرۇپ، 5 كەتكۈزۈپ ھەممىسى13 نومۇر بىلەن بىزگە خىرىس قىلىپ كەلمەكتە. ساپ توپ كىرگۈزۈش (كىرگۈزگەن توپىدىن كەتكۈزۈپ قويغان توپىنى ئېلىۋەتكەندىن كىيىنكى نەتىجە) جەھەتتە خېبىي جوڭجى ( 5مەيدان ئويناپ) 9 توپ بىلەن 1- ئورۇندا، بېيجىڭ يىتوڭ كۇچې 8 نەتىجە بىلەن 2- ئورۇندا،چىڭخەي سېنكې 7 توپ بىلەن 3- ئورۇندا، شىنجاڭ بىلەن بېيجىڭ ياشلار 5 توپ بىلەن 4- ئورۇندا تۇرماقتا. بۇ تۈردە 1- ئورۇندا تۇرىدىغان كوماندا بىلەن 4 توپ پەرقىمىز بار. گەرچە ئۇرغان توپقا نومۇر بەرمىسىمۇ، پەقەت ئىككى كوماندىنىڭ نومۇرى تەڭلىشىپ قالسا، ئۇرغان توپىغا قاراپ دەرىجىگە تىزسىمۇ، كوماندىمىزنىڭ بۇ جەھەتتە ئاجقىزلىقى ئادەمنى ئويغا سالىدۇ. 

دېمەك شىمالىي رايۇندا بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى رەقىپلىرىمىز خېنەن جوڭجى، بىيجىڭ يىتوڭ كۇچې، چىڭخەي سېنكى كوماندىلىرى بولىشى مۈمكىن.

      (3) تيەنجىن كوماندىسى 35 مىڭ كىشىلىك ئالۋاستى مەيدانىمىزدا تەڭلىشىۋالدى، بىيجىڭ سەنگاۋ 45 مىڭ كىشىلىك ئالۋاستى مەيدانىمىزدا 1 توپ ئۇرۇۋالدى ۋە ئۇرغاندىمۇ بىزدىن بۇرۇن ئۇرۇۋالدى، 5 مەيدان توپ كەتكۈزمەسلىكتەك شەرەپلىك تارىخىمىزغا خاتىمە بەردى. 2 رەقىبىمىزنىڭ پىسىخىك بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى خېلى يامان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇق. يەنە ئالدىمىزدا رەقىپلەر مەيدانىدا ئوينايدىغان 8 مەيدان مۇسابىقە بار. رەقىپلىرىمىزنىڭ كۆزى ئېچىلىپ بىزگە ئوخشاشراق (بىزدەك مەيدان تەشكىللىيەلىشى مۈمكىن ئەمەس) ئالۋاستى مەيدان تەشكىللەپ قالسا، كوماندىمىزنىڭ روھى جەھەتتىكى تەييارلىقى قانداقراق، بۇ بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلەمدۇ بۇمۇ ئادەمنى ئويغا سالىدۇ. ..


   (4) ئەمدى ئۇتقان،تەڭلەشكەنكوماندىلىرىمىزغا قاراپ باقايلى.


چىڭخەي پۇتبول كوماندىسى. بۇ كوماندا 5 مەيدان ئويناپ 5 مەيدان ئۇتتۇرۇپ،1 توپ ئۇرۇپ،20توپ كەتكۈزۈپ، 0 نومۇر بىلەن ئاخىرىدا تۇرىۋاتقان كوماندا. مۇشۇنداق ئاجىز كوماندىنىبىز پەرقەت 0گە قارشى 1 نەتىجقە بىلەن ئۇتتۇق. خېبىي جوڭجى بۇ كوماندىنى 1گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن ئۇتقان.

      خېبىي ياشلار. بۇ كوماندا 4 مەيدان ئويناپ 2 مەيدان تەڭلىشىپ،2مەيدان ئۇتتۇرۇپ،5 توپ ئۇرۇپ،8 توپ كەتكۈزۈپ، 4 نومۇر بىلەن ئاخىرىدىن 5- ئورۇندا تۇرىۋاتقان كوماندا. مۇشۇنداق بىر قەدەر ئاجىز كوماندىنىبىز   0گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇق. بۇ ھەر ھالدا يامان ئەمەس ئۇتۇش بولدى.   

       بىيجىڭ سەنگاۋ. بۇ كوماندا 5 مەيدان ئويناپ 2 مەيدان ئۇتۇپ2 مەيدان ئۇتتۇرۇپ، 1 تەڭلىشىپ، 7 توپ ئۇرۇپ،8 توپ كەتكۈزۈپ، 7 نومۇر بىلەن 8- ئورۇندا تۇرىۋاتقان كوماندا. بۇ كوماندىنىبىز 1گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇق.


      تيەنجىن پاراۋۇز. بۇ كوماندا4مەيدان ئويناپ 0 مەيدان ئۇتۇپ،3 مەيدان ئۇتتۇرۇپ، 1 تەڭلىشىپ، 2 توپ ئۇرۇپ،7 توپ كەتكۈزۈپ، 1 نومۇر بىلەن 11- ئورۇندا تۇرىۋاتقان كوماندا. بۇ كوماندا بىلەن بىز 0گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن ئۆز مەيدانىمىزدا تەڭلەشتۇق.   

         سەنشى جيايى. بۇ كوماندا   5مەيدان ئويناپ 0 مەيدان ئۇتۇپ،4 مەيدان ئۇتتۇرۇپ، 1 تەڭلىشىپ، 2 توپ ئۇرۇپ،13 توپ كەتكۈزۈپ، 1 نومۇر بىلەن 12- ئورۇندا تۇرىۋاتقان كوماندا. بۇ كوماندا بىلەن بىز 0گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن تەڭلەشتۇق.




      تەڭلەشكەن كوماندىلار نۇقتىسىدىن ئېيتساق بۇلار 11-،12- ئورۇندىكى ئاجىز كوماندىلار، ئۇتقانلىرىمىزدىن بىرى 13- ئورۇندىكى كوماندا، ئىككىسى 5-، 8-،10- ئورۇندىكى كوماندىلار. ئۇتقان تەڭلەشكەنلىرىمىزنىڭ 4ى 13 كوماندا ئىچىدە 10-،11-،12-،13- ئورۇندا تۇرىدىغان ئەڭ ئاجىز كوماندا. بىرى ئوتتۇرىھال، بىرى 5نىڭ ئىچگە كىرگەن كوماندا. بىز پەقەت ب دەرىجىلىكلەر ئىچىدىكى ئاجىزلارنى ئۇتتۇق.

       بۇنىڭدى شۇنداق خۇلاسىگە كېلىشكە بولىدۇكى، بىز تېخى ھەقىقىي رەقىپكى دۇچ كەلمىدۇق.بىز ئەمدى تېخى پىچكىلەرنى بىر تەرەپ قىلدۇق،ھەقىقىي رەقىپلىرىمىز بىزنى ھەم قىزىقىش، ھەم ھودۇقۇش-تەمتىرەش، ھەم ئىشەنچ بىلەن كۈتۈۋاتىدۇ.




      بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى رەقىپلىرىمىز بىرىنچىسى: خېنەن جوڭجى، بىيجىڭ يىتوڭ كۇچې، چىڭخەي سېنكى كوماندىلىرى بولۇپ خەتەرلىكى خېنەن جوڭجى كوماندىسى. ئىككىنچىسى: ئۆزىمىز. ئاجىز كوماندىلار بىلەن ئويناپ ئۇتۇپ، تەڭلىشىپھەقىقىي رەقىپكە دۇچ كەلمەي، يىتەرسىزلىكىمىزنى كۆرمەي، بىز 1- ئورۇندا دەپ مەغرۇرلىنىپ يۈرسەك ئېنىقكى ......   

   يەنە 18 مەيدان مۇسابىقىمىز بار، 1- ئورۇننى ساقلاپ قالالامدۇق، قاچانغىچە ساقلاپ قالالايمىز، تاش ئالمىنى ئاللە نىڭ ئۆزىگە تاپشۇردۇم. قاملاشمىغان تەھلىلىم بىلەن تورداشلارنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويغان بولسامكەچۈرەرسىلە.

ئىلاۋ: بۇ يازما ھۇررا مۇنبىرىدىكى دىلكەشنىڭ يازمىسى بولۇپ،پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغاچقا بۇيەرگەيۆتكەپ كەلدىم ، ئىزدىنىشتىكىلەرمۇ ئويلىغانلىرىنى دەپ باقسا بولغۇدك.


مەنبە: ھۇررا كۇلۇبى


ئاپتورى: دىلكەش

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 11:41:08

ئىشقىلىپ بىز بىرىنچى بىز ئۇتتۇق

شۇ ھەممىدىن ئەۋزىلى

شىنجاڭ ھۇررا

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 12:06:19

مەن ئادەتتە مۇسابىقە كۆرۈشكە ئامراق بولغىنىم بىلەن بۇنداق تەھلىل قىلىپ يۈرمەيىتتىم. بۇ تېمىنى ئوقۇپ خېلى كۆپنەرسىلەرنى بىلىۋالدىم. دېمەك، 11-ئىيۇندىكى رەقىبىمىزچىڭخەي سېنكې (青海森科) مۇ بوش ئەمەسكەن دەيلى.

adil731 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 12:59:20

ئۇتقىنىمىزغۇ خوش خەۋەر، بۇ بالىلارنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇلار ناھايىتى مۇشكۈل . ئۇلار ئۇتقان كوماندىلارنى خەخلەرمۇ ئۇتتى،بىز شۇ ئاجىز كوماندىلارنى 1-0قىلىپ ئۇتقان بولساق ، باشقا كوماندىلار 9-0 قىلىپ ئۇتىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن يەنە بىزنىڭ بالىلارنىڭ سەل ئاجىز كېلىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

ئەمدىكى مۇسابىقىلەردە ئۇلار 2 مەيدان مۇسابىقىنى تەڭلەشمەي ، ئۇتتۇرماي،چوقۇم ئۇتىشى كېرەك،بولمىسا ئاخىرىدىكى كوماندىلار بىزنىڭ بالىلاردىن بىر مەيدان ئاز ئويناپ تۇرۇپ13 نومۇر بىلەن بىزگە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ.شۇڭا چوقۇم ئۇتىشىلام كېرەك.

ئاللادىن شۇنداق تىلەيمەنكى ، بۇ ئەزمەتلىرىمىزنىڭ يۈزى مەيلى قەيەرگە بارسۇن يورۇق بولسۇن!!!!

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 13:30:26

ئالدىدىكى ئىككى مۇسابىقە بەلكىم بۇ يىللىق پۈتۈن نەتىجىنى بەلگىلىشى مۇمكىن.

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 13:41:43

مەن ئويلىغان ئىشلاركەن ،30-چىسلا بىزنىڭ كوماندا بەلكىم 2-3-ئورۇنغا چۈشۈپ قىلىشى مۇمكىن ،

بىز ھازىر بىز ئۇتىشىمىزنىلا تىلمەي بىزنىڭ كۈچلۈك رەقىبلىرىمىزنىڭ يىڭىلىشىنى تىلەيلى،


\"\"

bandit12 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 14:32:53

بۇ بىر ئويلىنىشقا تىگىشلىك ئش ئىكەن،مەنمۇ پوتبولغا ئىتايىن قىزىقىمەن.مەن ئىككى مەيدان نەق مەيداندا كۆردۈم .مېنىڭ ئۆزەمنىڭ ھېس قىلىشىچە بىزنىڭ ئەزىمەتلىرىمىز سەل چېچىلاغۇ،پاس بېرىشىمۇدىگەندەك ياخشى ئەمەس، كىچىك پاسنى كۆپ ئوينىماي ئۇزۇن پاسنى كۆپ ئوينايدىكەن، بىزنىڭ باللارنىڭ بويى بەك ئىگىز بولمىغاچقا قىسقا پاس ياخشى،يەنە بىرسى تېخنىكىسى خېلى ياخشىكەن لىكىن ۋاقتىدا پاس بەرمەي قارشى تەرەپنى ئالداش ئۇزۇن بۇلۇپ كېتىدىكەن.يۇقارقىلار پەقەت مېنىڭ ھېس قلغانلىرىم باشقا نىيىتىم يوق، بەزى بىر كامچىللكلەرنى تولۇقلىسا بىزنىڭ ئۇتىشىمىزدا گەپ يوق. ھەر بىر مەيدان ئۇتسا بىز شۇنچە خوشال بۇلىمىز ،مىللىتىمىزگە بۇنىڭدىن ئارتۇق سوۋغا بولمايدۇ .توپ دىگەن يۇمىلاق نەرسە .......... ئاللا ئۆزەڭگە ئامانەت باشقىلارنىڭ ئالدىدا خارقىلمىغايسەن...

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 14:37:43

تاشئالمىنىڭ رەقىبى ئۈزى

يەنە بىرسىگە تاش ئادەم\"\"

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 14:41:11

ئەمدىلا قۇرۇلغان كۇماندا،ئەزالارنىڭ تەربىيلىنىشمۇ يىتەرلىك ئەمەس،لىكىن ئىنىقكى بۇ قىتىمقى مۇسابىقە شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن بىر ياخشى باشلىنىش بۇلۇپ قالغۇسى!

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 14:46:06

دىمىسىمۇ ئەمدىكى نەتىجىلە قانداقلا بولىشىدىن قەتتىنەزەر ياخشى باشلىۋالدۇق،

well begun is have done

abdukeram201437 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 15:53:27

ياخشى باشلىنىش يېرىم غەلبە.

fisherman يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 19:56:35

ئاندىنقى نەچچە مەيداندىكى مۇسابىقىلەر ھەر ھالدا خېلى ئۇتۇقلۇق بولدى ، ئەمما ئۇتتۇرمايدىغان كوماندا يوق ، ئالىمادىس ئۇتتۇرۇپ قويسا تاماشىبىنلار پوختەك سوۋۇپ كەتمىسە بۇلاتتىغۇ .

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 20:08:40

«كوماندىمىز ئۇتقان كوماندىلارنى باشقىلارمۇ ئۇتىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزگە قارىغاندا جىق توپ كىرگۈزۈپ ئۇتىۋاتىدۇ» دېگەن تەھلىل، گەپنىڭ جېنى بوپتۇ. تاشئالما راۋرۇس بىر تېرنىرغا مۇھتاجكەن، شەخسى تېخنىكىدا مەسىلە يوق، تەشكىللىك ھۇجۇم يوق دىيەرلىك.

ئۆزۈم دىيىشنى خالىمىغان بىر گەپنى دېسەم، مۇشۇ يوسۇندىلا ئوينىسا ئۇزۇنغا بارالماي قالامدىمىزكىن دەيمەن \"\"

qingil يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 21:48:54

ئۇتتۇرۋەتسە نىمە بوپتۇ...ئۇتتۇرۋەتسەك قىيامەت قايىم بولۇپ كەتمەس...تەجىرىبە_ساۋاقلارنى يەكۇنلەپ كىيىنكى مۇسابىقلەردە ياخشى ئوينىسا بولىدىغۇ..............................

zulal يوللانغان ۋاقتى 2012-5-25 00:14:23

زىتەيلاڭ ئېيتقاندەك ، تاشئالمىنىڭ رەقىبى دەل ئۆزى ، ئۆزىنى يېڭەلىسە بولىتى ... ئاخىرىغىچە ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن !

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-5-25 00:46:11

رەقىبىنىڭ كىملىكىنى ھازىر بىلگىلى بولمايدۇ. مۆجىزە يۈز بەرسە ھىچكىم رەقىبى بۇلماي قالىدۇ. لىكىن خەق يەنىلا تەجىربىلىك، ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە.

ئېغىر سىناققا ئەمدى دۈچ كىلىمىز.

zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-25 09:02:06

شىنجاڭ كۇماندىسى يىڭى قۇرۇلدى ،،كەسكىن مۇسابىقە مەيدانى ئارقىلىق تاۋلىنىپ چىقىدۇ،،،،بىز پوتبۇلدا نۇرغۇن تەبئى ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە ،،بۇ بىر ياخشى باشلىنشى بۇلوپ قالغۇسى....

--لىكىن بۇ تەھلىلىل ناھايىتى ئەتراپلىق بۇپتۇ،،،ئۆزىنىمۇ بىلىش، ئۆزگىنىمۇ بىلىش دەيدىغان بۇ گەپ سۇنزى ھەربى ئىشلار دەستۇرىدا دىيىلگەنغۇ،،ھە،،باللا،،، \"\"

elwida يوللانغان ۋاقتى 2012-5-25 16:47:30

ئۇررا!

newkiran يوللانغان ۋاقتى 2012-5-27 10:24:50

جەڭدە يېڭىش يېڭىلىش بۇلۇپ تۇرىدۇ ، يېڭىلمەس قۇشۇن بولمايدۇ ، يېڭىلسە ساۋاق بۇلىدۇ ، ھەرگىز مەيۈسلەنلمەيمىز ، پەقەت قىلالايدىغىنىمىز ئاللادىن نۇسرەت تىلەش ،

يېڭى بولغاندىن كىيىن ئاستا ئاستا يىتىلىدۇ . غەلبە ھامان تىرىشچانلارغا مەنسۇپ.
بەت: [1]
: تاش ئالمىنىڭ رەقىبى كىم؟[كۆچۈرۈلمە]