enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 19:29:27

شىنجاڭ پۇتبولى ۋە شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى

شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىۋاستە تارقىتىش ئىقتىدارى يوقمۇ؟




مەن 2012- يىللىق جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمىيىتى B دەرىجىلىكلەرنىڭ شىمالىي رايون بىرلەشمە مۇسابىقىسىنى 2012- يىلى 12- مايدىن باشلاپ توردا چالا-بۇلا ھالەتتە كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇم. راستىنى ئېيتقاندا، ئانا يۇرت سۆيگۈسى، تۈمەنلىگەن شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ شىنجاڭ پۇتبولىغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى، ئارزۇ-ئارمانلىرى ۋە ھاياجانغا لىق تولغان مەدەت سادالىرى مېنىڭمۇ ئاللىقاچان پەسكويغا چۈشۈپ قالغان پۇتبول مەستانىلىقىمنى قايتىدىن لەرزىگە سالغان ئىدى.


12-ماي ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى بىلەن تيەنجىن پاراۋۇز كوماندىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەرگۇڭ تەنتەربىيە سارىيىدا بۇ تۈرلۈك مۇسابىقىنىڭ 4- ئايلانمىسىنى ئوينىدى. مەن بۇ مۇسابىقىنىڭ نەق مەيدان ئەھۋالىدىن دىيارىمىزدىكى بىر قەدەر نوپۇزلۇق تور بېكەتلىرى بولغان «ئەلكۈيى» مۇنبىرى، «پۇتبول مۇنبىرى» ۋە «ئىزدىنىش مۇنبىرى»نىڭ مىكرو بىلوگ سۇپىسى ۋە مۇنازىرە مۇنبىرىدە تورداشلار ئۆزى نەق مەيداندا سۈرەتكە تارتىپ تارقاتقان فوتو سۈرەت ئۇچۇرلىرىنى ۋە يازمىچە ئۇچۇرلارنى كۆرۈش ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇردۇم.


تورداشلار پۇتبول مەيدانىنىڭ كۆرۈش سۇپىسى ــــ ناھىيىتى يىراقتا تۇرۇپ تارتقان ھەرىكەتلىك ۋە ھەرىكەتسىز سۈرەتلەردىن پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەرىكەت گۈزەللىكىنى قانداقمۇ تولۇق ھىس قىلغىلى بولسۇن؟ كەسپىي مۇخبىرلىق ئۆلچىمىدىن خېلىلا تۆۋەن تۇرىدىغان يېزىق ئۇچۇرلىرى بىزنى قانچىلىك دەرىجىدە قانائەتلەندۈرەلىسۇن؟ لېكىن، مەن قەلبىمدە قىيان ياساپ شىددەت بىلەن ئېقىۋاتقان تەسۋىرلىگۈسىز بىر تەقەززالىق ئىچىدە يېڭىلانغان ئۇچۇرلارنى كۆرىمەن دەپ توختىماي مائۇس چېكەتتىم. لېكىن مەن مۇسابىقە نەتىجىسىنىڭ پەقەت نۆلدە نۆل كېتىۋاتقىنىدىنلا خەۋەردار بولۇپ تۇردۇم، بىزنىڭ پۇتبولچىلىرىمىز قانداق سەپ شەكلىنى قوللاندى، قانداق پاسلىشىپ ئوينىدى، تېرېنېر قانداق تاكتىكىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى، كىم قارشى تەرەپ ۋارىتارىنىڭ ئالدىغا شىددەت بىلەن بۆسۈپ كىرىپ تەھدىت پەيدا قىلدى؟ ...مانا بۇ مەسىلىلەرگە دەل ۋاختىدا جاۋاپ تېپىشنى ئاممىۋى ئۇسۇلدىكى تارقىتىش ھەرگىزمۇ قانائەتلەندۈرەلمەيتتى. مەن پەقەت سۈرەت ۋە يېزىق ئۇچۇرلىرىدىن نەق مەيدانغا مۇسابىقە كۆرگىلى كىرگەن تاماشىبىنلارنىڭ35 مىڭ ئادەمدىن ئېشىپ جۇڭگو پۇتبولى B دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسى تارىخىدا يېڭى رېكورت يارىتىلغانلىقىنى، تاماشىبىنلارنىڭ كەيپىياتىنىڭ ناھىيىتى يۇقۇرىلىقىنى، مەدەت سادالىرىنىڭ ئەتراپنى زىل-زىلىگە سالغانلىقىنىلا بىلەلىدىم. لېكىن مۇشۇنچىلىك خەۋەردار بولۇشمۇ مېنىڭ مارجاندەك كۆز ياشلىرىمنىڭ توختىماي ئېقىشىغا، شىنجاڭ پۇتبولىغا بولغان چەكسىز مۇھەببىتىم، ئۈمىدىم ۋە تېلەكلىرىمنىڭ كەڭ تورداشلارنىڭ بۇ خىل مۇھەببىتىگەقوشۇلۇپ سەلدەك ئېقىشىغا يېتىپ ئاشتى. مەن پەقەت مۇسابىقە ئەھۋالىنى مەۋھۇم ھالەتتە تەسەۋۋۇرلا قىلالايتتىم، بۇ تەسەۋۋۇر جاھان پۇتبول سەھنىسىدىكى مېسسى، رونالدو، خاۋى، ئېنىستا، ھېگۇايىن، دىروگبا، ئۆزىل، ئىبراھىموۋىچ...لارنىڭ سىماسى چېپىپ يۈرگەن ھەيۋەتلىك چىملىق مەيدانلار بىلەن ئارىلىشىپ كېتەتتى، ئارىلىشىپ كەتكەنسېرى، نىمىشقا پەرھات، ئەخمەت، ئۆمەر...لەرنىڭ توپ تەپكەن ھەقىقىي سىماسىنى كۆرەلمەيمەن دەپ شۇنچە تىت-تىت بولاتتىم. بۇ خىل تىت-تىتلىق مەملىكەتنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تۇرۇپ شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسىغا مەدەت بېرىۋاتقان شىنجاڭلىق پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئورتاق تىت-تىتلىقىغا قوشۇلۇپ كەتتى.


-مۇسابىقىنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىنى قايسى تور بەتتىن كۆرگىلى بولىدۇ؟


توردا بۇ خىل تەقەززالىق بىلەن سورالغان سۇئاللار مىكرو بىلوگلاردا ۋە مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە توختىماي سورىلىپ تۇراتتى.


- بۇنى مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن، مەن توردىكى سۈرەتلەرنى تۇتۇپ نەق مەيداندىن چۈشەندۈرۈش بېرىۋاتىمەن،- دەيتتى بۇ خىل سۇئاللارغا يولۇققان تورداش ئۇلاستاي.


شۇنداق، تور ئىسمى ئۇلاستاي بولغان بىر توردىشىمىز مۇسابىقە ئەھۋالىنى نەق مەيدانغا بېرىپ كۆرەلمىگەن شارائىتتا شىنلاڭ تورى، سوخۇ تورى قاتارلىق مەملىكىتىمىزدىكى نوپۇزلۇق تور بېكەتلىرىدە ئۇدۇللۇق تارقىتىلىۋاتقان سۈرەتلەرنى تۇتۇش ئارقىلىق ۋە نەق مەيدانغا بېرىپ مۇسابىقىنىڭ نەق مەيدان ئەھۋالىنى كۆرىۋاتقان دوستلىرى يوللاپ بەرگەن يانفۇن ئۇچۇرى ئارقىلىق «ئىزدىنىش» مۇنبىرىدە ناھىيىتى ئوبدان نەق مەيدان ئۇچۇرى تارقىتىۋاتاتتى.


ئۇ ھەر قېتىم بىر يېڭى ئۇچۇر يوللىغاندا تورداشلارنىڭ شىنجاڭ پۇتبولىغا بولغان قىزغىن مەدەتلىرى، مۇھەببىتى يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.


-   شىنجاڭ كوماندىسى بېسىپ ئويناۋاتىدۇ!


-   ياشاپ كەت شىنجاڭ كوماندىسى!


-   ياشاپ كەت ئەزىمەتلىرىمىز!


-ھۇررا،شىنجاڭ كوماندىسى!


-   شىنجاڭ كوماندىسى بىر نۇقتا توپقا ئېرىشتى!


-   ئاپلا، توپ كىرمىدى...


- مەيلى، بىز يەنىلا شىنجاڭ كوماندىسىنى چەكسىز مېھرىمىز بىلەن سۆيىمىز!...


مانا بۇ شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ پۇتبولغا بولغان مۇھەببىتى!


مانا بۇ ھەر مىللەتتىن بولغان شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئۆز رايونىمىزدىن چىققان پۇتبول ئەزىمەتلىرىمىزگە بولغان مۇھەببىتى.


بۇ مۇھەببەت ئەرگۇڭ تەنتەربىيە سارىيىدا توختىماي توۋلىنىۋاتقان مەدەت سادالىرىغا قوشۇلۇپ ئاخىرى بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن «ئەلكۈيى» ۋە «ئىزدىنىش» تورىغا يوللىنىپ كۆرسىتىلگەن مۇسابىقىنىڭ تولۇق سىنغا ئېلىنغان كۆرۈنىشى بىلەن مۇرادىغا يەتكەندەك بولدى. ئاندىن ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن CCTV نىڭ تەنتەربىيە قانىلىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى «پۇتبول كېچىلىگى»دە بۇ خەۋەر ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ مۇھەببەتنىڭ كۈچى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلىندى.   چۈنكى ھەر ھەپتىسى جۇڭگودا نۇرغۇن دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىنىڭ ۋە ئا دەرىجىلىكلەرنىڭ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ، CCTV بۇ مۇسابىقىلەرنىڭ ھەممىسىنى تىلغا ئېلىپ ئولتۇرمايتتى، ئۇلار پەقەت جۇڭگو پۇتبولىنىڭ سەۋىيىسىيىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىنىڭ مۇسابىقە ئەھۋالى ۋە مەيدان ئىچى-سىرتىدىكى ئىشلار ھەققىدىلا تەپسىلى توختىلاتتى. ئۇلارنىڭ بۇ قېتىم شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ قىزغىنلىقى توغرىسىدا ئالاھىدە توختىلىشى يەنىلا شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ پۇتبولغا بولغان يۈكسەك مۇھەببىتىگە مەنسۇپ بىر ئېسىل سوۋغا. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بۇ خىل قىزغىنلىق ۋە تەسىرلىك مۇھەببەتنى خەۋەر قىلىشقا ئەرزىيدۇ،دەپ بىلگەنلىكىدۇر.


شىنجاڭلىق پۇتبول مەستانىلىرى CCTV تەنتەربىيە قانىلىنىڭ بۇ سوۋغىسىدىن ئىنتايىن مىننەتدار بولدى. ئۇلار ھەتتا « CCTVنىڭ تەنتەربىيە قانىلىغا چىقىپتۇق» دېگەن ماۋزۇ بىلەن ماقالە يېزىپ ئۆز خۇشاللىقىنى ئىپادىلىدى.


مانا، ئارىدىن ئون كۈن ئۆتۈپ ئەرگۇڭ تەنتەربىيە مەيدانى ۋە پۈتكۈل تور دۇنياسى يەنە بىر ھاياجانلىق دەقىقىلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. 22- ماي كۈنى، شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى بىلەن بېيجىڭ سەنگاۋ كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ۋەزىيەتنى بەلگىلەيدىغان ناھىيىتى مۇھىم بىر مۇسابىقەيەنىلا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەرگۇڭ تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇراتتى.


ئۇنىڭدىن نەچچە كۈن بۇرۇنلا توردا بۇ مۇسابىقە توغرىسىدىكى مۇنازىرە ۋە تەشۋىقات باشلىنىپ بولغان ئىدى. مەسىلەن، مۇسابىقە بېلىتىنى قانداق ئۇسۇلدا سېتىۋېلىش، بېلەت ھايانكەشلىرىنىڭ بېلەت باھاسىنى ئۆستۈرۈپ سېتىشىغا يول قويماسلىق، توپ مەستانىلىرى قانداق يىغىلىش، قايسى رەڭدىكى مايكىلارنى سېتىۋېلىش بەس-بەس بىلەن ئوتتۇرىغا قويىلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان ئىدى. بۇنىڭغا پۈتۈن دۇنيا ۋە پۈتۈن جۇڭگودىن تورغا چىقىۋاتقان شىنجاڭلىق توپ مەستانىلىرى ناھىيىتى قىزغىن كۆڭۈل بۆلىۋاتاتتى. چۈنكى، ئالدىنقى قېتىمقى مۇسابىقىدە يارىتىلغان 35 مىڭ تاماشىبىننىڭ نەق مەيدانغا كىرىپ توپچىلارغا مەدەت تىلىشى بۇ مۇسابىقىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلارنىڭ سانىنى نەچچە ھەسسە يۇقۇرى كۆتۈرگەن ئىدى.


بۇ شىنجاڭلىقلارنىڭ چوڭ ئىشى ئىدى!


بۇ شىنجاڭلىق پۈتكۈل توپ مەستانىلىرىنىڭ شاتلىق بايرىمى ئىدى!


مەن 22- ماي قاق سەھەردىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ كومپيوتېرنى ئېچىپ تورنى قوزغاتتىم-دە، بۈگۈن شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى چوقۇم بۇ مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن ئۇلاپ تارقىتىدۇ،دەپ ئويلاپ توردىكى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئاختۇردۇم.چۈنكى مەن، ئۆتكەن قېتىم شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى مۇسابىقىنىڭ ئۇ دەرىجىدە قىزغىن بولىشىنى، خەۋەر قىلغۇدەك چوڭ ئىش بولىشىنى مۆلچەرلىيەلمەي خەۋەر قىلمىغان گەپ، بۇ قېتىم ئۇلار چوقۇم بۇ مۇسابىقىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، چۈنكى ئۆتكەن قېتىملىق مۇسابىقىنى CCTV دەك ئەڭ چوڭ ئاخبارات ۋاستىسى چوڭ ئىش بىلىپ خەۋەر قىلدى، بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ چوقۇم يۈزى قىزاردى، دەپ ئويلىغان ئىدىم. لېكىن مەن شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىدىغانلىقى ياكى بىۋاستە ئۇلار تارقىتىدىغانلىقى توغرىلىق ھېچقانداق بىر ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدىم.


بەلكى، ۋاختى كەلگەندە بىۋاستە ئۇلاپمۇ تارقىتىپ قالار، دېدىم ئىچىمدە.


لېكىن شىنجاڭ ۋاختى سائەت 3 تە مېنىڭ ئۈمىدلىرىمنىڭ ھەممىسى كۆپۈككە ئايلاندى. شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنى ئاچسام ئۇ خەۋەر توغرىلىق ھېچنېمە يوق ئىدى.


مەن مۇسابىقىنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىنى يەنىلا توردىن تورداشلارنىڭ قىزغىن ۋە خالىسانە يوللىغان ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولدۇم.


-بېيجىڭ سەنگاۋ كوماندىسى بىر توپ ئۇرىۋالدى.


سۈكۈت...سۈكۈت...سۈكۈت...جىمىپ كېتىش...


ئاخىرى تورداشلار يەنىلا ئۈمىدۋارلىقىنى ئىپادىلىدى:


- بىزنىڭ ئەزىمەتلىرىمىز بوش كەلمەيدۇ، كېيىنكى مەيداندا چوقۇم توپ ئۇرۇپ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ...


- شىنجاڭ كوماندىمىز نۇقتا توپقا ئېرىشتى، بۇ توپنى 5- نومۇرلۇق پەرھات ئۇرماقچى!


- توپ كىردى، ھۇررا...


- ياشاپ كەت ئەزىمەتلىرىمىز!


- شىنجاڭ كوماندىسى يەنە بىر توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزدى.


- راستمۇ؟ توپنى كىم ئۇردى؟ قانداق ھالەتتە كىرگۈزدى، تەپسىلىرەك يازمامسىز؟


...


مەن يەنە بىر قېتىم ياش تۆكتۈم. بۇ مەن سۈرىتىنى نەق مەيداندىن كۆرەلمىگەن ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ مەۋھۇم ئوبرازىغا مەھكەم باغلانغان ئانا يۇرت سۆيگۈسىنىڭ قەلبىمدە زىلزىلە پەيدا قىلىشى ئىدى!


مەن 1990- يىلى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرگەندىن باشلاپ يېقىنغىچە تالاي دۇنياۋى دەرىجىلىك مۇسابىقىلەرنى كۆرگەن ئىدىم. لېكىن ھېچقاچان بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئەھۋالىنى فوتو سۈرەت ۋە يېزىق ئارقىلىق چالا-پۇچۇق، مەۋھۇم ھالەتتە بىلىپ تۇرۇپمۇ قاتتىق ھاياجانلانغاندەك ھاياجانلىنىپ باقمىغان ئىدىم.


1990- يىلى، ئىتالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئارگېنتىنا بىلەن ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە كاررېكانىڭ مارادونا قارشى تەرەپ بېكىنىڭ چاتىرىقى ئارىسىدىن ئەپچىللىك بىلەن ئۆتكۈزۈپ بەرگەن پېسىنى قوبۇل قىلىپ ۋارىتارغا ئۇرۇپ كىرگۈزگەندە مەن خۇشاللىقتىن يىغلىۋەتكەن ئىدىم. لېكىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدا ئارگېنتىنا كوماندىسى سابىق غەربىي گېرمانىيە كوماندىسىغا ئوتتۇرىۋەتكەندە مارادونا بىلەن تەڭلا ئەلەم بىلەن يىغلىۋەتكەن ئىدىم.


ئۇندىن كېيىن مەن تالاي مۇسابىقىلەرنى كۆرۈپ قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان نۇرغۇن دەقىقىلەرگە شاھىت بولدۇم.


لېكىن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ غەلىبىسى ئاتا قىلغان زىلزىلە قەلبنىڭ لەرزىگە كېلىشنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ماڭا بىر قېتىملىق دەرس ئۆتۈپ قويدى.


22- ماي كۈنى پۈتۈن شىنجاڭلىق توپ مەستانىلىرى غەلىبە تەنتەنىسىگە چۆمۈلگەن ئەشۇ دەقىقىلەردە مەن ئېنتېرنېت ئالدىدا ئولتۇرۇپ ھەقىقەتەن مارجاندەك ياش تۆتۈم. قەلبىمدىن« ئۆرلە شىنجاڭ پۇتبولى» دېگەن سادالار توختىماي جاراڭلايتتى.


مەن 23- ماي چۈشتىن كېيىن، 22- ماي ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە ئەھۋالى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغان بىر فىلىمنى «ئىزدىنىش» تورى ئارقىلىق كۆرۈپ چىقتىم. بۇ فىلىمنى تورداشلار ئۆزلىرى زىيارەت شەكلىدە ئىشلەپ تورغا تارقاتقان ئىدى. لېكىن فىلىم ناھىيىتى قىسقا بولۇپ، پەقەت مۇسابىقە نەتىجىسى ۋە تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقىنىڭ قانداق بولغانلىقى ھەققىدىلا ئۇچۇرغا ئىگە بولغىلى بولاتتى. ھەتتەڭ، مۇبادا ئۇنى شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە سۈرەتكە ئېلىپ تارقاتقان بولسا ياكى ئەتىسى بولسىمۇ بىر قەدەر تەپسىلى بولغان نۇسخىسىنى تارقاتقان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى-ھە، دەپ ئويلاپ قالدىم ئىچىمدە. لېكىن، نەق مەق مەيدان خەۋىرىگە نېمە يەتسۇن؟ بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن بېرىلگەن فىلىمنىڭ قىممىتى قانچىلىك بولسۇن؟ مانا بۇ مېنىڭ بىر نەچچە كۈن ،ھەتتا بىر نەچچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن مۇسابىقە ھەققىدە بىر قەدەر تەپسىلى توختىلىدىغان شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تەنتەربىيە مۇنبىرى سەھىپىسىگە بولغان ئۈمىدىم.


   شىنجاڭ تاشئالما پۇتبول كوماندىسى پۈتۈن شىنجاڭلىقلارنىڭ پەخرى!


شىنجاڭدا مىليونلىغان پۇتبول مەستانىسى بار!


شىنجاڭلىقلار پۇتبولنى سۆيىدۇ!


شىنجاڭ پۇتبولى كەلگۈسىدە دۆلەت پۇتبولىنىڭ سەۋىيىسىنى نامايەن قىلىشىدىكى ئەڭ زور يوشۇرۇن كۈچ!


شىنجاڭ پۇتبولى يۆلەشكە، كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىشقا ۋە مەدەت بېرىشكە مۇھتاج!


شىنجاڭ پۇتبولى پۈتۈن شىنجاڭلىقلارنىڭ چوڭ ئىشى!


شىنجاڭ پۇتبولى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنىڭ مەنىۋى ئوبرازى.


بىز شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى تېلېۋېزور ئارقىلىق كۆرۈشكە تەشنا.




pahir يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 21:47:00

بۇ تېمىنى ئەلا باھالايمەن!شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭئۇيغۇر تور بەتلىرى يەتكەن سەۋىيە ۋە ئىنكاس تېزلىكىگە يىتىشىۋىلىشىنىقاتتىق ئۈمىد قىلىمەن!~

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 21:53:01

قېنى ھېلىقى ش ج ت ۋ نىڭ ۋەكىلى   {:92:}

رەسمى پىكىر قىلىدىغان يېرىگە كەلدى جۇمۇ.

seyyah99 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 22:04:08

نىجات نىياز غۇجىمۇ كۆرگىلى بېرىپتۇ بولمىسا ، ئۈزى بىلەن بىرگە يەنە بىر قانچە ئوپىراتورنى ئېلىپ بارغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاركەن .

aytarim يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 22:16:39

مەنمۇ مۇسابىقە ئەھۋالىدىن مۇنبەر، مىكرۇبلوگلارغا قاتراپ يۈرۈپ ئاز تولا خەۋەردار بولۇپ تۇردۇم. تېلىۋىزوردا كۆرسەتكەن بولسىغۇ تازا ياخشى بولاتتى، ئەپسۇس........مەن كۆرمەي قالدىممۇيا، باشقا پىرۇگىراممىلاردىمۇ بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئەھۋالى توغرۇلۇق ھېچ سادا يوقتەك.باشقىلارنىڭ ھۇررا سادالىرى ئىچىمنى قىزىتىۋەتتى، خەپ !! كېلەر قېتىم ئۆزۈم بېرىپ بىر ھۇررا توۋلاپ كەلمىسەم !!

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 22:17:57

شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىۋاستە تارقىتىش ئىقتىدارى يوقمۇ؟

.........................................

46000 ئادەمنىڭ ھۇررا سىنى بىۋاستە تارقاتقىلى بولمايدۇ جۇلا ئاداش ! ئىزدىنىشقا قايتىپ كەلگىنىڭىزنىقارشى ئالىمىز !




paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 22:22:46

XJTV نەزىرىمدىن بەك چۈشۈپ كەتتى ، ھەي بىچارە XJTV .

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 22:39:52

ئىككى يىل ئاۋالقى «دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى»نىمۇ جەنۇبىي ئافرىقىغا بېرىپ نەق مەيداندىن ئۇلاپ تارقاتقانغۇ! 2008-يىلى بېيجىڭ ئو ت م نىمۇ ئۇلاپ تارقاتقان. شۇنداق بولغاندىكىن رايونىمىزدىكى مۇسابىقىنىمۇ ئەلۋەتتە نەق مەيداندىن تارقىتالىشى مۇمكىن.

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 22:58:53

XJAV دىن كۈتىدىغان ئالتە پاتمان ئۈمۈدۈم يوق.ئاللىقاچان بايقۇت قىلىۋەتكەن.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 23:01:52

XJTV نىڭ خىزمەتچىلىرى نەق مەيدانغا بېرىپ كۆرەپ، ئاندىن ئاغىنىلىرىگە تاماق يىگەچ ئولتۇرۇپ تارقىتىۋاتامدىكىن.

sum_ruk يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 23:28:24

مەنمۇXJTV نى ئاللىقاچان بايقۇت قىلىۋەتكەن،بۇقىتىم تىخمۇ نەزىرىمدىن چۈشۈپ كەتتى.

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 23:40:17

جۇلا يارايسىز، زېھنىڭىزنى مانا مۇشۇنداق ئىشلارغا سەرىپ قىلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن!

eskandar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 23:52:47

XJTVنى ئاچسام   دۇنيادىكى ئىشلار پىروگراممىسى .دۇنيا ھەپتىلىكى پىراگراممسىنىلام كۈرىمەن..قالغان پىراگراممىلىرى بىلەنقەتتى خوشوم يۇق.

قەيەردەمەشرەپ بار.قەيەردە ناۋا بار.پالانچى ئارتىس پۇستانچى ئارتىس شۇنداقلارنى تىمسىقلاپلام يۈرگەن بۇلار .ھۈ بوپ كەتتىم...بۇXJTVغا....

بولۇپمۇ بۇ قىتىم شۇنداق نەزىرىمدىن چۈشۈپ كەتتى .بىر ئاپتونوم رايۇنىمىزامۇستەقىل ئاناتىلىمىزدامەخسۇستەنتەربىيە قانىلىمىز يوق. بار بولسا30مىنوتلۇق سوسكا قىلىپ چىقىرىغنا قويغان شىنجاڭ تەنتەربىيەسى پىراگممىسى بار.

ما+زلىقى بۇ پىرگراممىنىڭتوخۇ سۇقاشتۇرىدىغان .قۇشقارسۇقۇشتورىدىغان. داردا ماڭىدىغان بىرنىمىلەرنى تۇنۇشتۇرۇپ ئادەمنى كۈڭلىنى ئىلەشتۈرۋىتىدۇ.



بۇلارغايالۋۇرۇپنىمە كەپتۇ ...ئايلىق مائاشىنىئىلىپۋەزىپىسىنى ئۇرۇندىسابولدى بۇلار...



CCTVغارەھمەت...ۋاڭ تاۋغارەھمەت...XJTVئەخلەت..

Aqilghin يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 01:26:48

ش.ج . تېلىۋىزىيىسى خەلقنىڭ تېلىۋىزىيىسى بولۇش كېرەك! خەلق كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەرنى دەل ۋاقتىدا خەلق ئاممىسىغا يەتكۈزۈش، تى ۋى نىڭ مەسئۇلىيىتى،خەلقنىڭ تېلىۋىزىيىسى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلماي، ئاچقۇچلۇق پەيتتە جىم بولىۋېلىشى نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ كەڭ

خەلق ئاممىسىنىڭ نەپرىتىنى قوزغايدۇ.XJTV    سەي سېتىۋاتامدۇ؟ ياكى خەي سېتىۋاتامدۇ؟

         ئەگەر ئىقتىدارى بولمىسا چىمبۇلاققا ئورۇن بوشاتسۇن! \"\"

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 02:08:04

كېلەر قېتىم ھۇرراچىلار بىر قانچە توي فىلىم ئىشلەيدىغانلارنى تەشكىللەپ مەيداننىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، تارتقان سىننى كىرىشتۈرۈپ راۋۇرۇس بىر فىلىم ئىشلىسە بولىدىكەن.



ساتسىمۇ مەيلى. XJTV دىن ئۈمىد كۈتكەندىن ياخشى.

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 07:35:38

XJTV ئەرزان پۇللۇق، ۋەقەلىگىنىڭ تايىنى يوق كىنولارنى يىغىپ بۇلالماي ئاۋارە، بۇ ئىشقا چۇلىسى تەگمەسمىكىن.

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 07:37:14

مۇشۇ چىمبۇلاقنى راۋرۇس بىر قوللايلى باللا، يېقىندا توي قىلىدىغان بولساڭلار، سىننى چىمبۇلاققا ئىشلىتىڭلار!

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 07:39:08

تۈنۈگۈن تەھرىر بۆلۈمدە ئولتۇرۇپ ئىككى ئاكىمىز رەنجىپ قالدى بۇ شىنجاڭ ت ۋ دىن ، قارىسام بەكلا تىللايدۇ، مەن مۇنداق دېدىم:



قىززىق گەپ قىلىدىكەنسىلەر ئاكىلار، بىزنىڭ ئىدارىدە سېكرىتار يوقمۇ؟!

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 07:54:06

راست مىنىڭمۇ شۇنداق سورۇغۇم بار،شۇنچە چوڭ ئەھمىيەتلىك مۇسابىقىنى نىمىشقا بىۋاستە تارقاتمايدىكىنا؟

مەنچە شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىمۇ شەخسىگە كۆتىرە بېرۋەتسە بولاتتى

نۇرغۇنلىغان ئېسىل فىلىملەرنى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىشنى كۈتۈپمۇ ھېرىپ قالدى ئەدەم...

لىكىن بۇ ئاغىنىلەرنىڭ ئېلانلىرى كۈندىن-كۈنگە سەرخلىشىپ كەتىيۇ،تەرجىمە ئىشلىرى يەنىلا تازا ياخشى ئەمەس

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 08:02:20

live cameraدا ئۇلاپ تارقىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەسمۇ؟

مەيدانغا بارىدىغانلارنىڭ ئارىسىدا بىرەرسىنىڭ يۆتكىلىشچان(يىدۇڭ ۋىفى دىگەن گەپ) ۋايفىيى بولسا بولۇپمۇ قېلىشى مومكىن ئىدى
بەت: [1] 2 3 4
: شىنجاڭ پۇتبولى ۋە شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى