alkincn يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 14:10:31

ئامىنىگۇلگە مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كىچىلىكى

ئەلكىن تورى خەۋىرى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن « ئامىنىگۈلگە مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كىچىلىكى» ئۈرۈمچى خانساراي كىنوخانىسى ئويۇن قۇيۇش زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.



    بۇ قېتىملىق كىچىلىككە 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار  بۇ يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچقىنىغا تېخى بىر يىل بولمىغان بىر كىچىك ، ئۇماق قىز ئامىنىگۈلگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن يىغىلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ چېھرىدىن مېھرىبانلىق، كۈيۈمچانلىق ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى.



   بۇ ھايات قىسمەتلىرى ئۇماق قىز ئامىنىگۇلغا قاتتىق چاقچاق قىلغان بولۇپ، بىر قېتىملىق كىلىشمەسلىكتە ئېغىر دەرجىدە كۆيۈپ يارلانغان يەنى پۈتۈنلەي كۆيۈپ كىتىشتەك كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان بىر ئەھۋال ، بىچچارە قىز ئامىنىگۇلنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىدى.









(ئوتتا كۆيۈپ ئېغىر دەرىجىدە يارلانغان قىز ئامىنىگۇل كىسەل كارۋىتى ئۈستىدە)  




  دۇنيادا نۇرغۇنلىغان مېھرىبان، ساخاۋەتچى كىشىللىرىمىنىڭ بارلىقىنى مانا مۇشۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشقان كىشىلەردىنمۇ كۆرىۋالغىلى بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئويلايدىغىنى  پەقەت ئۇماق قىز ئامىنىگۇلنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تىزراق ئەسلىگە كىلىشى ئىدى.



   بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە شىنجاڭ ھەربىي قىسىم دۆلەتلىك بىرىنجى دەرىجىلىك ئارتىس گوجەن شىن ، مەركىزى خەلىق رادىيو ئىستانسىنىڭ رىياسەتچىسى نىجات ئابدۇۋەلى قاتارلىقلار قاتناشتى ۋە بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە ئالاھىدە ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى بىلدۈرۈشتى.



بۇ قېتىملىق كىچىلىكتە : شىنجاڭ Old-king ئەتىرىتى،شىنجاڭ MJ ئەتىرىتى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى، B-BOX، دىلنار ئۇسۇل ئەتىرىتى، شىنجاڭ UT ئەتىرىتى قاتارلىقلار ئۆزىنىڭ سەرخىل نۇمۇرلىرىنى قويۇش ئارقىلىق ئامىنىگۇلغا مەدەت بەردى.





شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىنىڭ رىياسەتچىسى نىجات ئابدۇۋەلىنىڭ باشلنىش سۆزى بىلەن بۇ قېتىملىق كىچىلىك غەلبىلىك باشلاندى.







سىڭلىمىز ئامىنىگۇلغا ئۆزىنىڭ مېھرىبان قولىنى سۇنۇش ئۈچۈن كەلگەن مېھرىبان ئانىلار، ئۇماق ساۋاقداشلار ۋە ھەر ساھە-كەسىپتىكى كىشىلەر بۇ قېتىملىق كىچىلىكنى كۆرمەكتە.










ئامىنىگۇلنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزراق ئەسلىگە كىلىشىنى ئارزۇ قىلغان كىچىك قوزچاقلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئۇماق ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆز كۆڭلىنى ئىپادىلىدى.












ئۇيۇن قۇيۇپ بولغاندىن كىيىن ئۇماق سىڭلىمىزمۇ ئۆزىنىڭ يىغقان پۇلىنى كىچىك سىڭلىمىز ئامىنىگۇلغا تەقدىم قىلىش ئۈچۈن چىقتى. مېھرىبانلىقنىڭ چوڭ كىچىكى بولمىغىنىدەك، مانا بۇ ئوقۇغۇچىللىرىمىزمۇ ئۆز كۆڭلىنى ئاز بولسىمۇ ئىپادىلەپ، ئامىنىگۇلغا  ۋە ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسىغا  مەدەت بەردى.




بۇ كىچىلىككە يەنە ياش سىرىكچى ئەنۋەرمۇ قاتنىشىپ، كىچىلىككە قاتناشقان بارلىق تاماشىبىنلارغا ئۆزىنىڭ سىرىگەرلىك ھۈنەرلىرىنى كۆرسىتىپ بەردى شۇنداقلام ئامىنىگۇلغا ئۆز كۆڭلىنى ئىپادىلىدى.











بۇ قېتىملىق كىچىلىكتە ئۇرۇنلانغان نۇمۇرلارنىڭ رەسىلىرى













ئامىنىگۇلغا ئۆزىنىڭ ياردەم قولىنى سۇنغان مېھرىبان كىشىللىرىمىز بەس بەستە پۇل ئىئانە قىلىشماقتا















ئاخىرىدا-شىنجاڭ ھەربىي قىسىمدىن دۆلەتلىك بىرىنجى دەرىجىلىك ئارتىس گوجەن شىن بۇ قېتىملىق مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش پائالىيتىنى تەشكىللىگەن ئەركىنجانغا ئالاھىدە رەھمىتىنى بىلدۈردى. شۇنداقلام ئامىنىگۇلنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزراق ئەسلىگە كىلىشى ئۈچۈن ئۆز ياردىمىنى سۇندى.








    تەۋسىيە: تورداشلار دۇنيا مېھرىبانلىق بىلەن گۈزەلدۇر.




    سىزنىڭ ۋە مىنىڭ قىلغان شۇ كىچىككىنە ياردىمىمىز،  بۇ قىزنىڭ ھاياتىغا نىسبەتەن ناھايتى چوڭ بىر ئۈنۈم كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇڭا ئويۇنلارغا، ئولتۇرۇغلارغا ، ھەرخىل چايلارغا بۇزۇپ چېچىۋاتقان شۇ پۇللىرىمىزدىن ئازراق بولسىمۇ چىقىرىپ، مۇشۇ نارسىدە قىزنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بۇرۇنراق ئەسلىگە كىلىشى ئۈچۈن ياردەم قولىمىزنى سۇنۇپ قويايلى.


  سىزنىڭ قىلغان شۇ ئازغىنە كۆڭلىڭىز مۇشۇ قىزنىڭ ھاياتىنى يەنە قايتىدىن باشلىشى ئۈچۈن بىر پۇرسەت بولىشى مۇمكىن. بىر دېھقان ئائىلىسىگە نىسبەتەن 200 مىڭ يۈەن داۋالىنىش خىراجىتىنى چىقىرىش ئەلۋەتتە ئېغىر كىلىدۇ.شۇڭا مۇشۇ بىچچارە قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ۋە شۇنداقلام شۇ قىزنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ئازراقتىن بولسىمۇ ئۆز كۆڭلىمىزنى بىلدۈرسەك.


  

ھەرقايسى رايۇنلاردىكى تورداشلاردىن ياردەم قولىنى سۇنۇشنى خالايدىغان دوسلارنىڭ ئەلكىن تورمۇلازىمەت ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆزىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئىپادىلىنىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.




  ئەلكىن تور مۇلازىمەت ئىشخانىسى


alkincn يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 14:50:03

بۇنىڭ ئاخىرى چىقماي قاپتۇ، ئىنكاس شەكلىدە داۋامىنى يوللاپ قويدۇم.



\"\"



\"\"



\"\"



\"\"



\"\"



ئاخىرىدا-شىنجاڭ ھەربىي قىسىمدىن دۆلەتلىك بىرىنجى دەرىجىلىك ئارتىس گوجەن شىن بۇ قېتىملىق مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش پائالىيتىنى تەشكىللىگەن ئەركىنجانغا ئالاھىدە رەھمىتىنى بىلدۈردى. شۇنداقلام ئامىنىگۇلنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزراق ئەسلىگە كىلىشى ئۈچۈن ئۆز ياردىمىنى سۇندى.



\"\"



\"\"



تەۋسىيە: تورداشلار دۇنيا مېھرىبانلىق بىلەن گۈزەلدۇر.



    سىزنىڭ ۋە مىنىڭ قىلغان شۇ كىچىككىنە ياردىمىمىز،  بۇ قىزنىڭ ھاياتىغا نىسبەتەن ناھايتى چوڭ بىر ئۈنۈم كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇڭا ئويۇنلارغا، ئولتۇرۇغلارغا ، ھەرخىل چايلارغا بۇزۇپ چېچىۋاتقان شۇ پۇللىرىمىزدىن ئازراق بولسىمۇ چىقىرىپ، مۇشۇ نارسىدە قىزنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بۇرۇنراق ئەسلىگە كىلىشى ئۈچۈن ياردەم قولىمىزنى سۇنۇپ قويايلى.



  سىزنىڭ قىلغان شۇ ئازغىنە كۆڭلىڭىز مۇشۇ قىزنىڭ ھاياتىنى يەنە قايتىدىن باشلىشى ئۈچۈن بىر پۇرسەت بولىشى مۇمكىن. بىر دېھقان ئائىلىسىگە نىسبەتەن 200 مىڭ يۈەن داۋالىنىش خىراجىتىنى چىقىرىش ئەلۋەتتە ئېغىر كىلىدۇ.شۇڭا مۇشۇ بىچچارە قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ۋە شۇنداقلام شۇ قىزنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ئازراقتىن بولسىمۇ ئۆز كۆڭلىمىزنى بىلدۈرسەك.




مەنبە: ئەلكىن تور مۇلازىمەت ئىشخانىسى


taklemakanlek_x يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 15:30:08

ئاللا شىپاتلىق بەرسۇن،ئامىنىگۈل قىزىمىزغا....بالدۇراق ساقىيىشىنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىللەيلى.(مەنمۇ ئۇرۇمچىدە بولغان بولسام قولۇمدىن كىلىشىچە ياردەم قىلاتتىم.......)!

ھە راست ئامىنىگۈل قىزىمىزنىڭ ئاتا- ئانىلىرى داۋالىتىشقا ئىقتىساد يەنە يىتىشمەي قالسا ،مىھرىبان ئانىلىرىمىز ۋەكىلى رەيھان ئاپپاي بىلەن ئالاقىلىشىشقا  يول ئىزدەپ باقساڭلار بولارمۇ دەپ ئويلاپ قالدىم....

يەنە چىڭ لوڭ ياردەم فوندىمۇ بارغۇ راست....

ئالاقىلىشىش تىلفۇن نومىرىنى قايسى تور بەتتە كۆرگەن بولغىيتىم....مەن ئىزدەپ تاپالمىدىم بىلدىغانلار ئىغىر ئالماي يوللاپ قويساڭلار بوپتىكەن.

ئۇلۇغ ئاللادىن ئۇ نارىسىدە قىزىمىزنىڭ بالدۇراق ساقىيىشىنى تىللەيمەن.....ئامىن !



(مىنىڭ مەخسىتىم قىيىنچىلىققا ئۇچىرىغانلارغا قولىمىزدىن كەلگەن ياردىمىمىزنى ئايىمىساق دىمەكچى، مەن بۇ تور بەتنىڭ يىڭى ئەزاسى ،بەزىلەر ئىنكاس يازسام قاملاشمىغان ئىنكاسلار بۇ تور بىتىمىزگىمۇ يۇققىلى تۇرۇپتۇ دەيدىكەن شۇڭا مەخسىتىمنى دەپ قويدۇم،كەچۇرۇڭلار تىمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپلەرنى يىزىپ قالدىم)

oghuzyar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 15:44:30

بەك ئوماق قىزكەن بۇ ....خۇدايىم شىپالىق بەرسۇن.

ئالدىنقى قېتىمقىدەك ئۈرۈمچىدىكى بىرەسىڭلار باش بولۇپ بانكا كارتا نومۇرۇڭلارنى قالدۇرغان بولساڭلار مۇنبەر نامىدىن بىزمۇ ئاز-تولا كۆڭلىمىزنى بىلدۈرسەك ياخشى بولاتتى...........

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 20:59:42

سڭلىمىزغا ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن،بارلىق ئاقكۈڭۈل كىشلەرنىڭ تېنى سالامەت بولسۇن...
بەت: [1]
: ئامىنىگۇلگە مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كىچىلىكى