tivigo يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 10:16:14

بالىلار ئۆيى


بۈگۈن 7 ئايلىق بولغان بوۋىقىمنى باشلاپ بالىلار ئۆيىگە چىقىپ كىردىم.ياپونىيەدە ھەر بىر رايوندا بىردىن دىگۈدەك بالىلار ئۆيى بار ئىكەن.ئوبىكتى 0 ياشتىن 3 ياشقىچە بولغان بالىلار بولىدىكەن.مەن بارغىنىدا بولسا بىر بالىلار ئويناش ئۆيى (كەڭلىكى 7 مېتىر ،ئۇزۇنلىقى 12 مېتىر ئەتراپىدا)،كىتاپ كۆرۇش ئۆيى، ئانا بالا تاماق ئىتىش پائالىيىتى بولىدىغاندا ئىشلىتىدىغان ئۆي،خىزمەتچى خادىملار ئۆيى، ئىككىنچى قەۋەتتە يوغان زال،سىرتىدا سېرىلغۇچ،قۇم ئوينايدىغان يەر،كىچىك تۆمۇر گار قاتارلىقلار بار ئىكەن .

  بالىمىزنىڭ ئىسمىنى جەدىۋەلگە تولدۇرۇپ بولۇپلام ،ئىشلەتسەك بولىدىكەن.ئويۇنچقۇق ئۆيىدە قونچاق، ھەر خىل توپ ،كىچىك ھارۋۇ، تىزپ ئوينايدىغان ،قۇراشتۇرۇپ ئوينايدىغان ،شاراقشىتىپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇقلار،مىھماندارچىلىق ئويۇنىدا ئىشلىتىلىدىغان قاچا –قۇچا، توڭلاتقۇ،ئوچاق،ھەر خىل مىۋە، تاماق،..قاتارلىق نەرسىلەر،بوۋاقنى ياتقۇزىدىغان بىر كارۋات بار ئىكەن.دۇشەنبىدىن جۇمەگىچە ،كۇندە چۇشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن چۇشتىن كىيىن سائەت 3 كىچە ئىكەن.ئايدا بىر قانچە قېتىم ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىكەن .

بۈگۈن كىتاپ ئوقۇش پائالىيەت كۈنى بولۇپ ،كىتاپ ئوقۇش ئۆيىدە ،3 مۇئەللىم يېرىم سائەتتە 5 كىتاپ ئوقۇپ بەردى.

بىرە سائەتتەك ئويناپ قايتىدىغاندا چوڭ قىزمغا بىر نەرسىلەرنى ئۆگىتىشكە ياخشى ئىكەن دەپ ئويلاپ ، كىتاپ ئارىيەت ئېلىش توغرىسىدا سورىسام. بىر قېتىمدا 2 پارچىدىن، ۋاقتى بىر ھەپتىگىچە كىتاپ ئارىيەت ئېلىشقا بولىدىكەن.كىتاپ ئارىيەت ئېلىش جەدىۋاىلىگە پەقەت ئىسمىمىزنى ،كىتاپ ئىسمىنى يېزىپ قويسىلا بولىدىكەن.

ئەلۋەتتە ،بالىلار ئۆيىنى ئىشلىتىش ،كىتاب ئارىيەت ئېلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بېكارلىق ئىكەن. بالىلار ئۆيىنىڭ چىقىمى، خىزمەتچى خادىملارنىڭ (كۈندىلىك تازلىق، باشقۇرۇش، پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل)مۇئاشىنى شەھەردىن پاراۋانلىق ئىشلىرى بويىچە چىقىرىدىكەن.

بۈگۈن ئۇ يەرگە بېرىپ” نىمانداق ياخشى پاراۋانلىق ئىشلىرى بۇ” دەپ ئويلاپ قالدىم.




yapraq يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 12:58:52

ھەي، دۆلىتىمىزدىن باشقا چەتئەل دۆلەتلىرىدە پاراۋانلىق،مائارىپ ئىشلىرى نېمدا ياخشىدۇ.ياپونىيەگە چىققانلار قايتىپ كەلمىسەڭلار بولامدۇ نېمە ھە  {:92:}  ،كېيىن بالاڭلارنى باقىدىغان ھۆكۈمەت باركەن ئەگەر تەلىيىڭلار كېلىپ ياخشى قىز بالا بىلەن توي قىلالىسىڭلارلا   {:90:}  .

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 13:23:39

بىزنىڭ مايەدە ئۇنداق بىكارلىق يەر بولسا ئويۇنچۇقلارنى بۇزۇپ ئوينىغىلى بولماس قىلىۋىتىدۇ كىتاپلارنى ئارىيەتكە ئىلىپ ئەكىلىپ بەرمەيدۇ

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 13:27:44

كارتون  ئوبراز tivigo  غا  بەك  ئامراق  مەن   \"\"

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 16:41:00

مەن تۇرغان دۆلەتتە بالىلار ئۆيىگە ھەتتا تىزىملىتىشمۇ ھاجەت ئەمەس، كىرىپ- چىقىپ كېتىۋېرىدىكەنمىز، بالىلارنى سىرتقا ئېلىپ چىقسىمۇ بىردەم- يېرىمدەم تامىقىنى يېگۈزۈپ ئارام ئالدۇرىدىغانغا، ئالماشتۇرۇش- تازىلاشلارغا بەك قولاي.

ئۈرۈمچىگە بارسام ئەڭ چوڭ قولايسىزلىق: بالىلارنى ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە ماشىنىلىق يۆتكەشتىن باشقا ئىش يوق، يېشى كىچىك بالىلارنى تالا- تۈزگە ئېلىپ چىقىش بەك قولايسىز.

جوڭگۇدا نۇرغۇن ئادەملەر «بۇنداق پاراۋانلىقتىن بەھرىمەن بولۇشقا ئاۋام خەلقنىڭ ساپاسى تۆۋەنلىك قىلىدۇ» دەپ ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ بولسا جەمئىيەتنىڭ بالىلار تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بەرمەسلىكىنىڭ ئىپادىسى.

بېيجىڭ - شاڭخەيدەك نوپۇس ئەھۋالى مۇرەككەپ شەھەرلەرنى دېمەي، «سۈپەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشتە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا كېتىۋاتىمىز» دەيدىغان خاڭجۇ، سۇجۇدەك شەھەرلەردىمۇ بالىلار ئۈچۈن قانچىلىك قولايلىقلار يارىتىلغان؟ ئەھۋال باشقا شەھەرلەردىكىگە ئوخشاش. ئەقەللىسى بوۋاقلارنىڭ زاكىسىنى ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان تازىلىق ئۆيلىرىنى ئايروپورتتىن باشقا يەردىن تاپماق تەس. (بەلكىم تاپقىلىمۇ بولمايدۇ، مېنىڭ ھېچ كۆرگىنىم ئېسىمدە يوق.)

بۇ يەردە چوڭلارنىڭ بالىلارنى ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقى بار بولغان ھەر قانداق يەردە (تاماقخانا - قەھۋەخانا، دوختۇرخانىنىڭ ھەر بىر بۆلۈمى...)  كىچىككىنە بولسىمۇ بالىلار ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئىچىگە ئويۇنچۇق ۋە كىتابلار قويۇلۇپ، ئەتراپى قاشالانغان مەخسۇس بۇرجەك بار. ھۆكۈمەتنىڭ قۇتقۇزۇش پۇلىغىلا قاراشلىق نامرات ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلار مۇشۇ يەرلەردىمۇ بار، ھەقسىز مۇلازىمەت، بىكارلىق ئەسلىھەلەرنى ئاسرىمايدىغانلارمۇ چىقىپ قالىدۇ، ئەمەلىيەتتىمۇ كونىرىمايدىغان، بۇزۇلمايدىغان نېمە بار؟

بىزنىڭ ئۆيگە يېقىن بالىلار ئۆيىنى يېقىندا باشتىن- ئاياق رېمونت قىلىپ، سىياقىنى ۋە ئويۇنچۇقلارنى تەلتۆكۈس ئالماشتۇرۇپتۇ، ھۆكۈمەت مۇشۇنداق قەرەللىك ئوڭشاپ تۇرىدىكەن، كونا مۇھىت ۋە ئويۇنچۇقلاردىن زېرىككەن بالىلىرىمنىڭ يېڭى ئۆيدە خوشال ئويناپ كېتىشىگە قاراپ مەمنۇن بولۇپ قالدىم، تۆلەۋاتقان بېجىمىزغا رازى بولۇپ قالىدىكەنمىزغۇ مۇشۇنداق بىر يوللار بىلەن.
بەت: [1]
: بالىلار ئۆيى