شىنجاڭ كۇماندىسى مۇسابىقىسى فىلىمى ۋە زىيارەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئەزىز قېرىنداشلار ، تۇنجى تېمام ئارقىلىق ھەممىڭلارغا خۇشھاللىق ، بەخت ۋە سالامەتلىك تىلەيمەن !
ھەممىمىزگە مەلۇم دىيارىمىزدا ئۇزۇندىن بېرى چوڭ كۆلەملىك پۇتبۇل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىغان ئېدى ، يېقىندا باشلانغان ب دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدىن ھاياجانلانغان بارلىق تورداشلارغا ئوخشاشلا سىتۇدىيىمىز ۋە چىمبۇلاق تورى ئىزچىل پۇتبۇل ئۇچۇرلىرى ۋە پۇتبۇلچىلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىنى دىيارىمىزدىكى مۇسابىقىلەرنى زىيارەت قىلىپ ئەمەلىي ئەھۋالىنى يوللاپ كەلدى .
ئىزدىنىشتىكى قېرىنداشلارنىمۇ مۇسابىقە ۋە زىيارەت ئەھۋالىمىزدىن خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن زىيارەت فىلىمىنى يوللىدۇق ، كۆرۈپ باھا بەرگەيسىزلەر ، ھەقىقەتەن خېلى كۆپ سەۋەنلىك بار ، ئەمما بىز داۋاملىق تىرىشىپ ياخشى قىلىمىز !
5-ئاينىڭ 22-كۈنىجوڭگو پۇتپولچىلار جەمئىيىتى2012-يىللىق ب دەرىجىلىك كوماندىلار بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنىڭ 6-ئايلانما مۇسابىقىسى شىنجاڭ تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، ساھىبخان كوماندا بولغان دىيارىمىز كوماندىسى<<شىنجاڭ غەربىي دىيار تاشئالماكوماندىسى>> مىھمان كوماندا <<بىيجىڭ سەنگاۋ كوماندىسى>> بىلەن كەسكىن مۇسابىقىلەشتى،بۇ مۇسابىقىنىڭ نەتىجىىسىكېشىنى تولىمۇ خۇشاللاندۇردى. يەنى دىيارىمىز كوماندىسى بىرگەقارشى ئىككى نەتىجە بىلەن بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.
ئېگىلىنىشىچە بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى 46مىڭ تاماشىبىن كۆرگەن بولۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ مۇسابىقىگە بولغان قىزغىنلىقى ياۋروپا پۇتپول مەستانىلىرىنىڭ قىزغىنلىقىدىن قېلىشمايدۇ.
پۇتبول سۆيەر قېرىنداشلارنىڭ قىزغىنلىقىغا ئاپىرىن،پۇتبولچى يىگىتلىرىمىزنىڭ جاسارىتىگە غەيرىتىگە ئاپىرىن.
چىمبۇلاق ئەپەندىمگە چىمبۇلاق تورىغا تەشەككۈر! يىگىتلىرىمىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى مۇسابىقىلىرىنى قالدۇرماي پروگرامما قىلىپ ئىشلەپ مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن كۆرەلمىگەن قېرىنداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشنى توختىتىپ قويماڭلار،رەھمەت سىلەرگە.
ھاياجان...
ھۇراا... ھەي! تۈنۈگۈن مۇسابىقىدە تولا ۋارقىراپ ئۇسساپ گېلىم قۇرۇپ كەتكەچكە مۇسابىقە تۈگىشى بىلەنلا چىقىپ كەتكەن ئىدىم. ئاخىردىكى ساما، ئۇزىتىشلارنى كۆرەلمەپتىمەن ئەمەسمۇ.! مانا مەندە ھاياجان ، ھۇررا ئۇيغۇر !!!!!!!!!!!! مەن ھازىرغىچە تۈنۈگۈندىكى ھاياجاندا ھۇررانى چۈشەنگىدەك بولدۇم . قىسقىسى ھەممىمىزنى شۇنداق خوشال قىلغان ئەزىمەتلىرىمىزگە ۋە سىلەرنى تەربىلىگەنلەرگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز ۋە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەر بىلەن شان-شەرەپ قۇچىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز ... سىلەرگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئاللاھ سىلەرنى تېخىمۇ سالامەت ۋە ئىشلىرىڭلارنى تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق قىلسۇن!ئامىن
بىز ۋە پۇتۇن ئۇيغۇر خەلقى سىلەرنى قوللايدۇ قۇۋەتلەيدۇ ھەم سىلەرگە ئىشىنىدۇ بوشاشماڭلا تېخىمۇ تىرشىڭلا!!! نەق مەيداندا كۆرگەندىكى ھېسسىيات يەنىلا ئوخشىمايدۇ جۇما! ئاللاھ خالىسا بۇدا قېتىم چوققۇم بېرىپ كۆرىمەن.
(چىمبۇلاقنىڭ ئىزدىنىشتىكى قەدىمىگە مەرھابا! )
كۆرمەي تۇرۇپ ھاياجان مانا...
داۋملىق غەلبە قىلىشىنى تىلەيمەن .
ھۇررااااااا
ئاجايىپ نوچى پۇتبول تاماشىبىنلىرى يىتىشىپ چىقاركەنتۇق. ئاۋۇ تۈركىيىنىڭ فيىرباغچا دەمدۇ بىر كۇلۇبىغا توپ تەپكىلى كەلگەن ياۋرۇپالىق كوماندىلارنىقارشى ئالغىلى چىققان تۈركىيە پۇتبول مەستانىلىرى‹دوزاققا كەلگىنىڭلارنى قارشى ئالىمىز›دىگەن جۈملىلەر بېسىلغان پىلاتىكىلارنى كۆتۈرۈپ چىقىدىكەنتۇق...Welcome to hell 46 مىڭ ئاز سان ئەمەس جۇمۇ. بىزنىڭ چېلسىنىڭ سىتانفور كۆۋرىكى مەيدانىغىمۇ 46 مىڭ ئادەم پاتىدۇ ئارانلا...11- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
46 مىڭ ئاز سان ئەمەس جۇمۇ. بىزنىڭ چېلسىنىڭ سىتانفور كۆۋرىكى مەيدانىغىمۇ 46 مىڭ ئادەم پاتىدۇ ئارانلا...
سۇپىر ئاغىنەم،ئىككىنجى يېرىم مەيداندىن باشلاپ(ئىدارە خىزمەتكە قاتناشمىغانغا پۇل تۇتىمەن دەۋاتسىمۇ)ئاشۇ 46مىڭنىڭ بىرى مەن جۇمۇ.شۇنداق مەيدانغا كىرىپلا ئىكرانغا قارىسام 1:0 دېگەن نەتىجە تۇرىدۇ،يۈرىكىم قارتتىدە قىلىپ، كىم ئۇرغان توپ دەپ سورىسام،جاۋاب:مەركەزدىن كەلگەن سادامىش.ئاپلا،شۇندا تىت-تىت بولۇپ تۇراتتىملا،بىزنىڭ بىر ئەزارىمىزغا چەكلەنگەن رايوندا چىرماق سېلىنىپ،نۇقتا توپتىن بىرسى كەلماسما،قانچىلىك خۇش بولۇپ قانچىلىك چىڭ توۋلىغىنىمنى سىلەر بىلمىدىڭلار،قېرىنداشلار.يۈرەك دېگەن سېپ كېتىۋاتىدۇ...پوڭلا قىپ تەپكەن توپ پوكلا قىلىپ ۋارتاغا چۈشتى.ئەييۇھانناس،خۇشاللىق دېگەن مانا!شۇنىڭ بىلەن يۈرىكىم جايىغا چۈشۈپ كۈنگەي تەرەپتىكى بوش ئورۇندىن بىرنى تېپىپ،ھۇررا كىيىمى كىيگەن 3-4 بۇرادەرنىڭ يېنىدىن ئەلۋەتتە،جايلاشتىم.بۇنچىلىك كۆپ،بۇنچىلىك قىزغىن، بۇنچىلىك مەدەنىيەتلىك تاماشىبىنلارنى ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم نەق مەيداندا كۆرۈشۈم.
ھە راست،دېيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن:چېلسى يېڭىپتۇ مۇبارەك بولسۇن!بۇ يىل ئامەت سىلەدە ئوخشايدۇ،توينىمۇ قىلىپلاۋېتىڭلا،ئامەت بىراقلا كەلسۇن!
مۇسابىقىنىڭ تولۇق فىلىمى بۇ يەردە
http://bbs.xjtsnews.com/forum.php?mod=viewthread&tid=14802 ئاۋۇ رىياسەتچى بالىنىڭ قابىلىيىتى بار ئىكەن ،بىر تەكلىپىم بار :
كوماندىلارنىڭ ياردەم ئوبىكىتلىرى كۆپ بولغانچە كوماندا ئىسىملىرىمۇ خۇددى ئەرەپلەرنىڭ ئىسمىدەك ئۇزززۇن يېزىلىپ كېتىدىغان بولۇپ كەتتى ..
رىياسەتچى بالىنىڭ زىيارەت سۆزى قىلغاندە كوماندا ئىسمىنى تەكرار تەكرار دەۋەرمەي قىسقارتىپ بىز تەرەپ ۋە قارشى تەرەپ دەپلا قىسقا ئالسا دېگەن ئۈمۈتتىمەن ....رەھمەت . چىمبۇلاقنىڭ ئەقلى بەك ئىشلەپتۇ مەنچە، مۇشۇنداق قىلساڭلار ئۆزۈڭلارغىمۇ ياخشى، بىزگىمۇ ياخشى، توي فىلىمى ئىشلەمسىلەر؟ بىچارە XJTV .
16- قەۋەتتىكى paltahunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بىچارە XJTV .
بىچالىقىنى ئۆزىمۇ بىلىدىغان بىچارىلەر ئۇ...
كېلەر قېتىمقى مۇسابىقە ھاردۇق كۈنىگە توغۇرلانسا....شۇ چاغدا كۆرىمىز

12- قەۋەتتىكى taxtapanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
11- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
46 مىڭ ئاز سان ئەمەس جۇمۇ. بىزنىڭ چېلسىنىڭ سىتانفور كۆۋرىكى مەيدانىغىمۇ 46 مىڭ ئادەم پاتىدۇ ئارانلا...
سۇپىر ئاغىنەم،ئىككىنجى يېرىم مەيداندىن باشلاپ(ئىدارە خىزمەتكە قاتناشمىغانغا پۇل تۇتىمەن دەۋاتسىمۇ)ئاشۇ 46مىڭنىڭ بىرى مەن جۇمۇ.شۇنداق مەيدانغا كىرىپلا ئىكرانغا قارىسام 1:0 دېگەن نەتىجە تۇرىدۇ،يۈرىكىم قارتتىدە قىلىپ، كىم ئۇرغان توپ دەپ سورىسام،جاۋاب:مەركەزدىن كەلگەن سادامىش.ئاپلا،شۇندا تىت-تىت بولۇپ تۇراتتىملا،بىزنىڭ بىر ئەزارىمىزغا چەكلەنگەن رايوندا چىرماق سېلىنىپ،نۇقتا توپتىن بىرسى كەلماسما،قانچىلىك خۇش بولۇپ قانچىلىك چىڭ توۋلىغىنىمنى سىلەر بىلمىدىڭلار،قېرىنداشلار.يۈرەك دېگەن سېپ كېتىۋاتىدۇ...پوڭلا قىپ تەپكەن توپ پوكلا قىلىپ ۋارتاغا چۈشتى.ئەييۇھانناس،خۇشاللىق دېگەن مانا!شۇنىڭ بىلەن يۈرىكىم جايىغا چۈشۈپ كۈنگەي تەرەپتىكى بوش ئورۇندىن بىرنى تېپىپ،ھۇررا كىيىمى كىيگەن 3-4 بۇرادەرنىڭ يېنىدىن ئەلۋەتتە،جايلاشتىم.بۇنچىلىك كۆپ،بۇنچىلىك قىزغىن، بۇنچىلىك مەدەنىيەتلىك تاماشىبىنلارنى ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم نەق مەيداندا كۆرۈشۈم.
ھە راست،دېيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن:چېلسى يېڭىپتۇ مۇبارەك بولسۇن!بۇ يىل ئامەت سىلەدە ئوخشايدۇ،توينىمۇ قىلىپلاۋېتىڭلا،ئامەت بىراقلا كەلسۇن!
رەھمەت. بۇرادەر. بۇ يىل بىز ئۈچۈن قوش خوشاللىق بولىدىغان ئوخشايدۇ. مەن ئۈچۈنمۇ ھەم...
