wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 08:57:02

بۆرە ،ئوغوزخاننىڭ يۈزىنى قىل

   بۆرە ،ئوغوزخاننىڭ يۈزىنى قىل         



       ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تۇغقانلار ،ساق سالامەت تۇرۇشقاندۇق ،30نىڭ قارىسىنى ئالغانچە  تۇرمۇش ،خىزمەت بېسىمى يەلكىمىزنى  بېسىپ باشقا ئوي خىياللارغا تازا يېقىن كېلەلمەس قىلىپ قويىدىكەن ،مانا شۇ تۈپەيلى يا قوشاق يوق ،يا كۆرگىلى چۈش يوق يۈرگەن بىسەرەمجان يۈردۈم . 7كۈننىڭ پەرقى يوق،چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماقنى سىرتتا يەپ  ئىشلەپ يۈرگەن مۇشۇ كۈنلەردە خىزمەت ھاردۇقى يەتكەچكە ھەتتا چۈشۈمگىمۇ باشقا نەرسە ئەمەس توك ،دىلگىرام ،ئېگىزدە ئىشلەش ....قاتارلىق نەرسىلەر كىرىپ كۈنلەر ئۆتكەن ئىدى.  تۈنۈگۈن كەچ ئاخىرى بۇ كەسپى چۈشلەردىن قۇتۇلۇپ ئاجايىپ غارايىپ چۈشلەرنى كۆرۈپتىمەن .


   تۈنۈگۈن دوستۇم بىلەن بىللە كىنوخانىغا كىرىپ يېڭىدىن قويۇلۇۋاتقان  "ئادەم ۋە بۆرە جېڭى "دېگەن كاتتا  فىلىمنى كۆرۈپ كەچ 10دا ئۆيگە قايتتۇق ، فىلىم ئىشلىگۈچى باش پېرسوناژنىڭ بۆرىلەرنىڭ ئۇۋىسىغا كىرىپ قالغان ئاخىرقى پەيتتە ئۆلۈپ كەتكەن سەپداشلىرىنىڭ پۇلقاپلىرىنى بىرمۇ بىر ئېلىپ  ،پۇلقاپ ئىچىدىكى رەسىملەرنى بىرمۇ بىر كۆرۈپ سىيلاپ چىققاندىن كىيىن يەرگە تىزىپ بولغاندىن كىيىن  بىر قولىغا  پىچاقنى مەھكەم باغلاپ ،يەنە بىر قولىغا 3دانە كىچىك دورا بۇتۇلكىسىنى مەھكەم باغلاپ بولۇپ بۇتۇلكىنى چېقىپ "بۈگۈن ----ئۆلۈم يا كۆرۈم "دەپ ئاتامان بۆرىگە  نەپرەت بىلەن قادالغان كۆزلىرىدە  فىلىم ئاقىۋىتىنى كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىياسىغا قالدۇرۇپ تولىمۇ ئېسىل ئاخىرلاشتۇرغان ئىدى .


ئۆيگە قايتىش يولىدا ئۆلۈم ،ھادىسە ،قەھرىمانلىق ،بۆرىلەرنىڭ ياۋۇزلۇقى ،ئىتتىپاقلىقى ،گوروھچانلىقى قاتارلىقلارنى مۇلاھىزە قىلدۇق  .ئۆيگە كېلىپمۇ بۆرە ،ئادەم ،جەڭ ،قان ،ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن  قورقۇنۇچلۇق ئىشلارنى ئويلاپ ياتتىم ،فىلىم ئاخىرىدىكى ياۋۇز بۆرە بىلەن باش رولچىنىڭ "بۈگۈن ---ئۆلۈم يا كۆرۈم "دەپ بىر بىرىگە نەپرەت بىلەن تىكىلگەن ھالىتى ماڭا بەك تەسىر قىلغان ئىدى . قان ،بۆرە ،نەپرەت ،ئۆلۈم ...لەرنى ئەسلىگەنچە بىر چاغلاردا  ئۇيقىغا كېتىپتىمەن .


مەنمۇ نەق مەيداندا تۇرغۇدەكمەن ،ئادەملەردىن ئىككىمىزلا قالغان ،قالغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ تۈگىگەن ئىدى ،باش پېرسوناژ يا ئۆلۈم يا كۆرۈم دەپ بۆرىگە ئېتىلىپ شەرەپ بىلەن قۇربان بولدى ،بۆرىلەر توپى غەلىبىنى تەبرىكلەپ  ھۇۋلايتى مەن  قورقۇنۇچتىن دىر دىر تىترەيتىم .


بۆرە شاھى مېنى  جەڭگە ئۈندەپ يەردىكى پىچاقنى پۇتى بىلەن تېپىپ مېنىڭ ئالدىمغا تېپىپ بەرگۈدەك .


ياق بۆرە ،ياق دەپ غال غال تىترەپ كەتتىم  مەن قورقۇنۇچتىن ، سەن بىلەن ئۇرۇشمايمەن ،مەن سېنى يېقىنىم بىلىمەن ،بىز بىلگەن ،ئۆگەنگەن بۆرە سەندەك ياۋۇز ئەمەس ،بىلەمسەن مەن ئۇيغۇر بالىسى ،ئوغوزخاننىڭ ئەۋلادى بولىمەن ،بىزنىڭ بىلىشىمىزچە خاقانىمىز ئوغۇز ئۇرۇم )رىم(غا جازا يۈرۈش قىلىپ مۇزتاغقا بارغاندا ئۇنىڭ چېدىرىغا كۈندەك يورۇق بىر نۇر چۈشكەن ،نۇر ئىچىدىن كۆك تۈكلۈك ،كۆك يايىللىق بىر ئەركەك بۆرە چىققان ۋە ھەي ئوغۇز ،مەن ساڭا يول باشلاپ ماڭىمەن دەپ ئەسكەرلەرنىڭ ئالدىدا  ئۇيغۇر قوشۇنىغا يول باشلاپ ماڭغان،شۇڭا ئەجدادلىرىمىز غالىبلىق بايراقلىرىغا ئالتۇن ھەل بېرىلگەن بۆرە بېشىنىڭ رەسىمىنى چۈشۈرۈپ بۆرە بىلەن ئۇيغۇرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلىگەن ،شۇنىڭدىن كىيىن كۆك بۆرە بىزگە توتېم بولغان .مەن ئوغوزخاننىڭ ئەۋلادى ،سەن كۆك بۆرىنىڭ ئەۋلادى ،شۇڭا مېنى يېمەسلىكىڭنى ئۆتۈنىمەن ،بىلەمسەن مېنىڭ ئاتا ئانام ،قېرىنداشلىرىم ،ئائىلەم ۋە بالام بار .مېنى ھەرگىز ئۆلتۈرمىگىن ،مەن ئۆلۈمدىن قورقىمەن .....


مەن تىترەيتىم ،بۆرىلەر ھۇۋلايتى .مەن يىغلايتىم ،بۆرىلەر ھۇۋلايتى .


ئاتامان بۆرە ماڭا قاراپ خىتاب قىلدى -


---ياق ،سەن  ئوغوزخاننىڭ نەۋرىسى ئەمەس ،ئوغۇزخان ئۆلۈمدىن قورقمايتى ،قىئاتنى ئۆلتۈردى ،خەتەردىن قورقمايتى ،يەتتە ئىقلىمنى بويسۇندۇردى ،سەن ھېچ ئوغوزخاننىڭ نەۋرىسىگە ئوخشىمايسەن ،قارا ئەپتىڭگە :


-قېنى بۇقىنىڭكىدەك پۇت ؟


-قېنى بۆرىنىڭكىدەك بەل؟


-قېنى ئېيىقنىڭ كۆكسىدەك مەيدە؟


-قېنى يىلپىزنىڭ مۈرىسىدە مۈرە ؟


-قېنى ئۆلۈمدىن قورقماس روھ ۋە جاسارەت !


-ياق ،سەن ئوغوزخاننىڭ نەۋرىسى ئەمەس ،


-راس ،مەن ئوغوزخاننىڭ نەۋرىسى ،مەن ئۇيغۇر بالىسى ،ئىسمىم ۋاپادارىم 912 ؛


-نېمە سەن كىمگە ۋاپادار ؟


-مەن ئانامغا ،دادامغا ،قېرىنداشلىرىمغا ،ئايالىمغا ،بالامغا ،دوسىتلىرىمغا ،خەلقىمگە ۋاپادار ،ناۋادا مېنى ئۆلتۈرمەي ئۆيۈمگە كەتكىلى قويساڭ ساڭىمۇ ۋاپادار بولىمەن بۆرە ؟


مېنى كەتكىلى قوي ،مېنى ھەرگىز ئۆلتۈرمە ،


-ئورنۇڭدىن تۇرنىجىس دەپ تىللىدى  ئۇ مېنى ، ئوغوزخاننىڭ نەۋرىسى دەيسەنۇ تىزىڭ يەردە ،ئوغۇزخان كۆك تەڭرىدىن باشقىغا تىزلانمىغان ،تۇر ئورنۇڭدىن ،ئوغوزخاننىڭ يۈزى ،ئەركەك كۆك بۆرە يول باشلاپ ماڭغان،قەدىناس بولۇپ ئۆتكەن    ئوغۇز خاقاننىڭ يۈزى  ،مەن سېنى يېمەيمەن .بىز سېنى يېمەيمىز .


ھۇۋ -----بۆرىلەر توپى تەڭلا ھۇۋلاپ كېتىشتى ،ئۇف دەپ ئورنۇمدىن تۇرغۇدەكمەن ،رەھمەت ، رەھمەت خاقانىم ،ئوغۇز خاقانىم ،سەن نەچچىلىگەن  ئەسىرلەر ئىلگىرى بىزنىڭ روھىمىزنى قۇتقۇزۇپ بىر بايراق ئاستىغا يىغقان ئىدىڭ  ،بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇ قارلىق دالىدا مېنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭ ،رەھمەت ساڭا ئوغۇز خاقان ،رەھمەت ساڭا  ئاتامان بۆرە ...مېنى كەتكىلى قوي ،مەن ئەتە  ئىشقا بارمىسام بولمايدۇ ...


بولمايدۇ دېدى ئاتامان بۆرە مېنىڭ يولۇمنى توسۇپ ،سەن كەتسەڭ بولمايدۇ ،سەن بىز بىلەن قىلىشىڭ كېرەك ،ئوغۇزخان ۋە كۆك بۆرە روھى خۇشھال بولىدۇ ،سەن بىز بىلەن قىلىشىڭ كېرەك


،سەن بۇ  قارلىق دالىدىن  ھەرگىزمۇ چىقىپ كېتەلمەيسەن ،ئوغۇزخان يەتتە ئىقلىمنى بويسۇندۇرغاندا سىلەر كۆپ ئىدىڭلار ،بىز بىر تاللا  ئىدۇق ،ھازىر ،بۇ قارلىق دالىدا سەن يالغۇزسەن ،بىز كۆپ ،بۇ دالىدا بۆرە ،قار ،جۇدۇندىن باشقا نەرسە يوق .شۇڭا سەن ئۆيۈڭگە قايتىش نىيىتىڭدىن يېنىپ بىزنىڭ سېپىمىزگە قېتىلىپ بۆرە بولۇپ كەت !


ھۇۋ......بۆرىلەر توپى  جاھاننى لەرزىگە سالغۇدەك ھۇۋلاپ "بۆرە بولۇپ كەت "دەپ مارش توۋلايتتى ...



ئوغۇز سەنلەرگە بولغانتى خاقان ،


ئىچىشتىڭ سەنلەر ئۇنى دەپ تالقان .


زەئىپ بەدەنگە قۇۋۋەت دېيىشتىڭ  ،


ساختا ئەر بولدۇڭ ،ساختا پەھلىۋان ...



ھىچكىم شاھىنى سەندەك خارلىماس ،


شۇڭا سەنلەرگە بەخىت پارلىماس !



ئوغۇزخاقاننىڭ يۈزىنى قىلدۇق ،


ئۇيغۇرنى يېيىش بىزگە نومۇس، سەت .


ئۇيغۇر بولغۇدەك نېمەڭ بار سېنىڭ ،


بولدى بىز بىلەن بۆرە بولۇپ كەت ......




ئەركەك روھىڭنى  تاپقىن قان پۇراپ ،


بولدى بىز بىلەن بۆرە بولۇپ كەت !



ياق ...مەن بۆرە بولمايمەن ،مەن ئادەم ،مېنى شاڭيۈن شاۋچۈگە ئاپىرىپ قويۇڭلار دەپ چاچراپ ئويغاندىم ....ئۇف ،شۈكرى ،بۇ چۈشۈم ئىكەن ،مەن تېخى ھايات ئىكەنمەن ...يانفوننى ئېچىپ سائەتكە قارىۋىدىم ئۈچ بوپتۇ ،يانفۇن تەگلىكىدىكى ئاسمانغا قاراپ ھۇۋلاۋاتقان كۆك بۆرە رەسىمى ۋە "بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت ،جان ئاتىلار جەڭلەردە شېھىت "دېگەن مىسرالارغا قاراپ بىردەم ئولتۇرغاندىن كىيىن شۈكرى ئاللاھ دەپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم .


ئاھ بىسەرەمجان چۈشلەر ،ئاھ بىسەرەمجان ۋاپادارىم .....


Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 09:18:49

،مېنى شاڭيۈن شاۋچۈگە \"\" \"\"  


چۈشىڭىزگە خەنسۇلارمۇ  ئارىلىشىپ  قاپتۇدە ،ساپ  چۈش  كۆرەلمەي  قاپسىز \"\"

Izchilar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 09:24:10

ماڭىمۇ مۇشۇ كىنو بەك تەسىرقىلغان.بۆرىلەرنىڭ قانداقلىقىنى مۇشۇ كىنودىن بىلگەن.ئەڭ ئاخىرىدامۇنداق دەيدىغۇ دەيمەن:

 once more into the fray,into the last. good fight I \"ll ever know.

يازما ھەقىقەتەن يارىدى. \"\"

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 09:36:55

قايسى كىنو بۇ؟ تەپسىلىيرەك مەلۇمات بېرىڭلارچۇ؟؟؟

snake يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 09:55:04

بۇ يازمىنى توللۇق چۈشىنىپ ئوقۇش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۈشبۇ فىلىمنى كۆرۈپ بولۇپ ئاندىن قايتا كۆرۈپ چىقىش كېرەكلىكىنى توغرا تاپتىم .

فىلىمنىڭ نامى ؟

Estami يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 10:07:59

بۆرنى ئوبدان ئىپادىلەپ بەرىگەن ئېسل كىنو بۇ ...  




كىنونى بۇ يەردىن چۈشۈرۋىلىڭ .



\"\"



چۈشۈرۈش ئورنى


http://www.dy2018.com/html/gndy/dyzz/20120505/37634.html

oghuzyar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 10:55:31

نەچچە يۈز يىللاردىن كېيىن بىر ئۇيغۇر شۇنداق چۈش كۆرۈپ قالسا،ئوغۇزخاننىڭ ئىسمىنى ئاتاش ئېسىگە كېلىپ قالسا تەلىيى....

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 12:35:53

بۆرە بىزنىڭ زەھەر يەپ چوڭ بۇلىۋاتقىنىمىزنى بىلمەي سوراققا تارتىپ كىتىپتۇ ھە

zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 13:54:12

‹‹يولۋاس ئۆلتۈرگەن پالۋان، كىر يۇيىۋاتقان ئەر››، ھەي بىچارە بۆرە، ئاچچىق يۈتىۋاپتۇ-دە، ئوغۇزخان ئەۋلاتلرىغا قاراپ.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 18:47:31

قورقۇنۇچلۇق .......

hazang يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 20:42:47

،مەن ئەتە  ئىشقا بارمىسام بولمايدۇ

ئىسىت بەزى ناكەس باشلىقلارنىڭ كاساپىتىدىن مائاشلىقلار نېمىدېگەن بىچارە- ھە؟

tuhluk999 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-26 14:15:41

ساقلاپتۇر ۋاپادار،مەن تاكسدا بېرىپ ياندۇۇپ كېلىمەن سېنى.  {:92:}

uyghur0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-26 20:38:24

بىز نىمە بۇلدۇق زادى ،ئوغۇزخان بىز ئۇيغۇرلارنىڭ باتۇر قەھىرىمان پادھشاھ،ئىدى ھازىر بىريۇنلىك پىرەنىككە شۇ ئىسم بىلەن ماركا قۇيۋالدۇق ..................................................

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-26 23:04:02

قىلىدىغان ئىشلار بەك جىق .....
بەت: [1]
: بۆرە ،ئوغوزخاننىڭ يۈزىنى قىل