adwukat يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 23:06:57

ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىدىكى 5 يۈەن پۇل

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىكى ماشىنا توختاش ھەققى ئۈچۈن ئىلىنىدىغان 5 يۈەن پۇل تورداشلار ئارىسىدا غۇلا – غۇلا پەيدا قىلدى



ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى . ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا يولۇچىلار تاكسى ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ ئايرودۇرۇمدىن ئايرىلىدىغان چاغدا يولۇچىلار چوقۇم 5 يۈەن ماشىنا توختاش ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك . يولۇچىلار ئايرودۇرۇمنىڭ ماشىنا توختاش مەيدانىدا ماشىنىسىنى توختىتىپ ئىلىپ چىقىپ كەتمەكچى بولغاندا بۇ 5 يۈەننى تاپشۇرۇشى تاپشۇرۇشى بەرھەق بولىدۇ ، بىراق يولۇچىلار تاكسى ئاپتوموبىلى توسۇپ ئۇنىڭغا ئولتۇرۇپ ئايرودۇرۇمدىن چىقىپ كەتمەكچى بولغاندا بۇ تاكسىلار تىزلا كىرىپ يولۇچىلارنى ئىلىپ ماشىنا توختاش مەيدانىدىمۇ توختىمايلا چىقىپ كىتىدۇ ، بىراق تاكسىغا ئولتۇرغان يولۇچىلار يەنىلا مۇشۇ 5 يۈەننى تاپشۇرسا بۇ تازا مۇۋاپىق بولمايدۇ . يېقىندا ئاسىيا كىندىكى تورىدىكى «天山牧骑 » ناملىق تورداش تورغا يوللىغان ئايرودۇرۇمدا يولۇچىلاردىن ئالغان 5 يۈەن ماشىنا توختىتىش ھەققى ئىلىش توغرىسىدىكى تىما تورداشلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان قىززىق نۇقتىلىق تىمىغا ئايلاندى . نۇرغۇنلىغان تورداشلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا مۇشۇ 5 يۈەننى تاپشۇرۇپ باققانلىقىنى ، بۇ 5 يۈەننىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان .


«天山牧骑 » ناملىق تورداش : مەن جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 10 نەچچە ئايرودۇرۇمغا بىرىپ باققان بىراق ئۈرۈمچىدىكىدەك بۇنداق ھەق ئالغاننى ناھايىتى ئاز ئۇچرىتىمەن ، دىگەن .


بۇنىڭغا قارىتا ئايرودۇرۇمدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر : بىز ئاپتونۇم رايونلۇق تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تەستىقىغا ئاساسەن ھەق ئىلىۋاتىمىز ، دەپ جاۋاپ بەرگەن .


ئاپتونۇم رايونلۇق تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىدىكى بۇ ئىشقا مەسئۇل خادىم بۇنىڭغا چۈشەنچە بىرىپ : ئايرودۇرۇمنىڭ مەخسۇس يول ئىچىپ تاكسىلارغا ماشىنا توختىتىش ئورنىنى تەمىنلەپ بىرىشى شۇپۇرلارنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇش ۋە يولۇچىلارغا مۇلازىمەتنى تېخىمۇ ياخشى قىلىش ئۈچۈن بولغان ، ماشىنا توختىتىش ھەققىنى ئىلىشى مۇۋاپىق بولغان ، دەپ جاۋاپ بەرگەن . شۇنداقلا : يېقىندىن بۇيان ئايرودۇرۇمغا تاكسىلارغا چۈشكەندە 5 يۈەن تاپشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك شىكايەتلەرنى كۆپلەپ قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى ، مۇشۇ ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئىيتقان .


بەزى تورداشلار : بىز ئايروپىلان بىلىتى سېتىۋالغاندا ئايرودۇرۇمنىڭ قۇرۇلۇش ھەققى ئۈچۈن 50 يۈەن پۇلنى قوشۇپ تاپشۇرىمىز ، بىزنىڭچە يەنە ئارتۇق 5 يۈەن تاپشۇرىشىمىز ھەقىقەتەن ئارتۇق كىتىدۇ . بىز تاپشۇرغان 50 يۈەن ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇش پۇلى مۇشۇ 5 يۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئىلىشى كېرەك ، بولمىسا بىر نەرسىگە ئىككى قېتىم پۇل تاپشۇرغان بولىمىز ، دېگەن .


مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى 2004 – يىلى 9 – ئايدا «关于新疆民用机场停车场机动车辆停放服务收费标准的批复»


新发改收费〔20092476


ھۆججەت چىقارغان بولۇپ ، ھازىرغىچە بۇ ھۆججەتنى ئىجرا قىلىپ كىلىۋاتقان ئىكەن .




http://news.iyaxin.com/content/2012-05/22/content_3488963_2.htm




关于新疆民用机场停车场机动车辆停放服务收费标准的批复


新发改收费〔20092476


新疆机场(集团)有限责任公司:


你公司《关于新疆民用机场停车场车辆收费执行原收费标准的请示》(新机场〔2009〕216号)收悉。根据原国家发展计划委员会《机动车停放服务收费管理办法》(计价格〔2000〕933号)及《新疆维吾尔自治区机动车停放服务收费管理办法实施细则》(新计价费〔2001〕1460号)的规定,经研究,现批复如下:


一、乌鲁木齐国际机场停车场收费标准


(一)24小时(含24小时)及以内机动车辆停放服务收费标准


1.小型车7座(含7座)以下,停车1小时以内按8元计收。超过1小时后,每1小时加收4元,不足1小时按1小时计收,以此累计,最高收费不得超过20元。


2.中型车7座以上,17座(含17座)以下,停车1小时以内按10元计收。超过1小时后,每1小时加收5元,不足1小时按1小时计收,以此累计,最高收费不得超过25元。


3.大型车17座以上,停车1小时以内按15元计收。超过1小时后,每1小时加收5元,不足1小时按1小时计收,以此累计,最高收费不得超过30元。


4.接送货物车辆,4吨(含4吨)以下的按中型车收费标准执行;4吨以上的按大型车收费标准执行。


(二)24小时(昼夜)以上机动车辆停放服务收费标准


不分小型、中型和大型车辆,停放服务费每日每车收费40元,不足1日按1日计收。


(三)出租汽车在停车场区内待客实行定额收费,每车次5元。对长期在机场接送旅客的出租汽车及宾馆、酒店专用接送旅客车辆,你公司应采取包月、限额等收费优惠政策,具体收费标准,由你公司与相关单位协商确定,并报我委备案。


二、区内支线机场停车场收费标准


不分小型、中型和大型车辆,停放服务费每车每次收费3元。


三、执收单位应及时到自治区价格主管部门办理《收费许可证》变更手续,领用税务部门合法收费票据,方可收费。


四、执收单位要做好收费前的宣传解释工作,并在交费处显著位置公示服务内容、收费标准、计费单位及价格主管部门的监督举报电话等,自觉接受价格主管部门及社会的监督。


本批复自2009年11月1日起执行。我委《关于新疆机场(集团)公司各支线机场停车费收费标准的批复》(新发改价费〔2006〕154号)、《关于乌鲁木齐国际机场改建后停车场收费标准及有关问题的批复》(新发改收费〔2006〕1487号)同时废止。




                                                             二OO九年十月十四日


matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 09:05:19

تاكسىچىلار ھازىر ئىلىپ كىرگەن يولۇچىدىن 5 يۇەن ئىل؛ىپ ، قايتىپ چىققاندا ئولتۇرغان يولۇچىدىن يەنە 5 يۇەن ئالىدۇ.



بۇ ئۇچىغا چىققان قويمىچىلىق!

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 09:43:51

ئاشۇ تەستىقنى تەستىقلىغانلاردىمۇ مەسىلە بار بولۇشى، بەلكىم شىرىك بولىشى مۇمكىن.

taxnae يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 10:08:55

خەجلە،خائىنلار خەجلە….



خەجلە خائىنلار خەجلە،بۇ ئەلنىڭ مالىنى خەجلە،



يىتىشمەي قالسا ئۇ ھەم ئېلىپ سەن جانىنى خەجلە.



خىنىمغا ئوسما دەپ خەجلە،بىگىمگە تاسما دەپ خەجلە،



تالان-تاراجدىن قالغان پارچە ناننى خەجلە.



دىھقانغا ئاچقۇزۇپ بوزنى،دۇكانغا توقۇتۇپ بۆزنى،



سىلىپ ئالۋاننى يۇز قاتلام،ئىچىپ سەن قانىنى خەجلە.



كۆلدە بىلىقى كۆپ دەپ ،يەر ئاستى بايلىقى كۆپ دەپ،



قەدەمدە مىڭ تىپىپ ھىلە،ئېچىپ سەن كانىنى خەجلە.



پالانىدۇر ئاقچىدۇر-كۆكچى،بۇ ئۆتكۈرمۇ يامان دوقىچى،



دەپ پارچىلاپ بۇ مىللەتنى،سىتىپ ۋىجدانىنى خەجلە.



ئابدۇرھىم تىلەشۇف ئۆتكۈر(1949-8-يانۋار) \"\"

lale719 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 11:02:51

1- قەۋەتتىكى matimatikaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تاكسىچىلار ھازىر ئىلىپ كىرگەن يولۇچىدىن 5 يۇەن ئىل؛ىپ ، قايتىپ چىققاندا ئولتۇرغان يولۇچىدىن يەنە 5 يۇەن ئالىدۇ.



بۇ ئۇچىغا چىققان قويمىچىلىق!



ئايرۇدۇرومغاتاكسىغا ئولتۇرۇپ نەچچە 10قېتىمكىرىپ -چىققاندىمەن ،لېكىن كىرگەندە5يۈەن ئالغان تاكسىچىدىن بىرسىمۇ ئۇچراپ باقمىدى ماڭا.

bandit12 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 14:13:10

بەش يۈەن دىگىنى ماشنا توختۇتۇش ھەققى ،ئەگەر شەخسى ئاپتوموبىلىڭىز بولسا سائىتىگە 8 يۈەن تۆلەيسىز تېخى.
بەت: [1]
: ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىدىكى 5 يۈەن پۇل