muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 17:27:08

بۈگۈنكى غەلىبە مۇسابىقىسىنىڭ ئۈن-سىن، رەسىملىرى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم


ئىشتىن كېلىپلا ئىزدىنىشنى ئېچىپ، مۇسابقىگە مۇناسىۋەتلىك تېمىنى ئىزدىدىم. دوستىمىز ulastay يەنە شۇنداق ياخشى ئىش قىلىپ، نەق مەيدان خەۋەرلىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي ئەۋەتكىلى تۇرۇپتۇ، كۆپ رەھمەت !


لېكىن بەك خۇيۇم تۇتتى، ھەممىڭلار شۇ تېمىغا يىغىلىۋېلىپ، تېما دەسپلەپتە بەك تەستە ئېچىلدى، ئاخىرىدا ئېچىلماسلا بولدى ۋۇ گۇيلار، ئەڭ خوشاللىق پەيتلەردە، بىز ئۇتقان مىنۇتلاردا ئېچىلمىدى. ئاخىرى 2:1 نەتىجە بىلەن ئۇتتتۇق!


بۈگۈن توپ تەپكەن بارلىق يىگىتلىرىمىزگە رەھمەت، سىلەرنىڭ بىزنىڭ پەخرىمىز!



كىرەلمەي تولا قىينىلىپ، ئايرىم تېما يوللىدىم. نەق مەيدان ئاڭلىتىشىدىن ئېلىۋالغان بىرنەچچە ئاۋازلار بار ئىدى، ئۇنىمۇ يوللاپ قوياي، باشقىلاردا بار ئاۋاز، رەسىملەر بولسا يوللاپ قويۇڭلار ھە.


http://d.1tpan.com/tp1707486383


http://d.1tpan.com/tp1183892459




مۇسابىقە ئومۇمىي ئەھۋالىنىڭ سىن ھۆججىتىمۇ چىقىپ بوپتۇ، بۇنىمۇ قوشۇپ قوياي.



pantekin يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 19:49:20

بىز يەڭدۇق،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،، ھۇرراااااااااااااااااا

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 19:53:06

\"\"

zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 19:57:12

بۇگۇن خىىزمەت ئالدىراشچلىقىدا تورغا كىرەلمىدىم ،،ئەمما خيالىم ئۇرۇمچىدە ،،ئۇرۇمچىدىكى مۇسابىقە مەيدانىدا ،،قانداق بۇلوپ كەتكەندۇ،،،،،ئەنسىزلىك ئىچىمنى قاپلىۋالدى ،،،،ئىشتىن چۇشۇپلا كومپىيۇتۇرنى ئىچىپ بۇ خۇش خەۋەرنى كورۇپ ئۇتۇپتۇ ،،ئۇتۇپتۇ ،،دەپ تۇۋلاپ كەتتىم،،،،باللىرمنىڭ ئانىسى سەي تۇغراۋتقان پىچاقنى تاشلاپ قۇيۇپ يۇگرەپ كىرىپتۇ نىمە بۇلدى دەپ؟--شىنجاڭ كۇماندىسى ئۇتۇپتۇ،،،،،بىزنىڭ كۇماندىمىز ئۇتۇپتۇ ،،دەپ قايتا -قايتا ئۇزەمگە سۇزلەپ كەتتىم،،،،خۇشاللىقتىن،،،،،بۇگۇنكى خۇشاللىقتا چۇقۇم شىرىن چۇش كورىمەن چۇشۇمدە پۇتبۇل ئەزىمەتلىرنىڭ دۇنياۋى پوتبۇل مۇسابىقىدە ئالتۇن مىدال ئالغانلىقىنى كورىمەن ،،، \"\"

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 20:01:58

ماۋۇ بۈگۈن كىرگەن نۇقتا توپكەن


muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 20:05:29

ھۇررا سادالىرى



zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 20:07:52

پاھ،،،بۇ قىتىممۇ كوپ ئادەم كىرىپتۇ،،ھە،،،،شۇنچە كوپ كىشىلەر كۇلوپتۇ،،،،ھە،،،بۇگۇن ئۇرۇمچىدە،،،،، \"\"

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 20:13:51

كۈيچى كۇلۇبى مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئاۋام تورىدا مۇسابىقىنى نەق مەيدان ئاڭلىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپتىكەن، نۇرغۇنلىرىمىز شۇ يەردىن ۋايۋايدا ئاڭلىدۇق.

تېمىدا يوللىغان ئاۋازمۇ شۇ يەردىن ئېلىۋالغان ئاۋازلار.

كۇلۇبتىكى رىياسەتچىنىڭ دېيىشىچە، تەخمىنەن 5000چە ئادەم توردا شۇ كۇلۇبنىڭ نەق مەيدان ئاڭلىتىشنى ئاڭلىغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىچكىرىدىكى يۈزلىگەن ئۇنۋېرستېتلاردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، چەتئەلدە ئوقۇۋاتقانلار، شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار...

كۈيچى كۇلۇبىغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت.\"\"

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 20:17:32

سۈزۈك رەسىم يوقما ??

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 20:26:49

رەسىم بۇ يەردە جىقكەن


http://tieba.baidu.com/f?kz=1605617181

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 20:29:04

46 مىڭ تاماششىبىن بار دەپتۇ. تارىخ يارىتلىپتۇ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 20:43:32

خەنزوچە تېڭشۈن، سەينا قاتارلىق چوڭ بىكەتلەردە بۇ قىتىمقى مۇسابىقە توغرىلىق خەۋەرلەر بىسىلىپتۇ يەنە... \"\"

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 20:50:40


zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 20:51:10

11- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خەنزوچە تېڭشۈن، سەينا قاتارلىق چوڭ بىكەتلەردە بۇ قىتىمقى مۇسابىقە توغرىلىق خەۋەرلەر بىسىلىپتۇ يەنە... \"\"

----شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ كۇماندىسى قانچىنچى ئۇرۇنغا چىقتى،،،،بىيجىڭ كۇماندىسىخىلى كوچلوك رەقىپ ھىساپلىنامتى،،،،،باشقا كۇماندىلار شىنجاڭ كۇماندىسىدىن ئەنسىرىگىدەك دەرجىگە باردۇقمۇ؟؟

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 20:51:19


sabi1130 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 20:56:58

بۇگۇن مەن ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك كۈن بولدى باللا 4سائەت دەرىستىن قېچىپ بېرىپ كۆدۇم ئەمما دەششەت بولدىغۇ ...كۆمىگەنلە ئارماندا .......بەك پەيزى بولدى مەندىمۇ 视频بار ئىدى قاندا ئەۋەتىشنى بىلمەيمە باشقىلار ئەۋەتە ھەقاچان ....مەن ئەۋەتىشنى ئۆگۈنۇۋالغۇچە...ئاتاڭلاغا ئاللا رەھمەت قىلسۇن ئەزىمەتلىرىمىز ھۇرا ھۇررا ھۇرررا

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 21:02:00

شۇنچە كۆپ كۆرەرمەنلەرنى جەلىپ قىلىۋاتقان مۇسابىقىنى شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇلاپ تارقىتىشنى ئويلىشىپ باقسا بولغىدەك \"\"

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 21:02:36

بۇ قېتىمقى تاماشىبىن سانى قانچىكەن؟ ھۇررا !!!

توپنى كىملەر ئۇردى؟ ھۇررا !!!

توپچىلارنىڭ ئومۇمى ئىپادىسى قانداق بولدى؟ ھۇررا !!!

... ھۇررا !!!



ھېلىقى سىپارتاكلاردەك بوپ كىتەمدىم نېمە   {:107:}

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 21:05:25

مۇشۇنداق ۋاقىتتىمۇ رۇسلان ئەپەندىم تۇرمىدىما؟ \"\"

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 21:11:42

13- قەۋەتتىكى zimin00نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

11- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خەنزوچە تېڭشۈن، سەينا قاتارلىق چوڭ بىكەتلەردە بۇ قىتىمقى مۇسابىقە توغرىلىق خەۋەرلەر بىسىلىپتۇ يەنە... \"\"

----شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ كۇماندىسى قانچىنچى ئۇرۇنغا چىقتى،،،،بىيجىڭ كۇماندىسىخىلى كوچلوك رەقىپ ھىساپلىنامتى،،،،،باشقا كۇماندىلار شىنجاڭ كۇماندىسىدىن ئەنسىرىگىدەك دەرجىگە باردۇقمۇ؟؟



ھازىر ئوينىلىۋاتقان ب بىرلەشمە ئىككى رايونغا بۆلۈنگەن ، شىنجاڭ كۇماندىسى شىمالى رايونغا تەۋە.مۇشۇ ئىككى رايوندىكى بىرلەشمە ئاخىرلاشقاندا ئالدىنقى 4 كە كىرگەن 8 كۇماندا ئۆزئارا مۇسابىقىلىشىپ ئالدىنقى 2گە كىرگەن ئىككى كۇماندا A دەرىجىلىك بىرلەشمىگە ئۆرلەيدۇ .بىرلەشمىلەرنىڭ دەرىجە تەرتىپى ئەڭ تۆۋىنى B دەرىجىلىك بىرلەشمە ، ئۇنىڭدىن كىيىن A دەرىجىلىك بىرلەشمە ، ئەڭ يۇقۇرىسى دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە

شىنجاڭ كوماندىسى ئەسلىدە مۇشۇ ئايلانمىدىن بۇرۇن ئىككى ئۇتۇق، ئىككى تەڭلىشىپ شىمالى رايوندا 8 نۇمۇر بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتقان. بۇدا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتقان بېيجىڭ كوماندىسىنى ئۇتقاندىن كېيىن شىمالى رايوندا 11 نۇمۇر بىلەن بىرىنچىلىك ئورنىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى. مۇشۇ پېتى ماڭسا ئا دەرىجىگە ئۆرلەشتە ئۈمۈد زور. ھازىر شىنجاڭ مەيدانى باشقا كوماندىلارغا نىسبەتەن ئالۋاستى مەيدانغا ئايلىنىپ بولدى. پۇتبول مەستانىلېرى شۇ كۇلۇب ئۈچۈن توپ تەپكۈچى 12-كىشى ھىساپلىنىدۇ. بىزنىڭ قوللىشىمىز ئاستىدا شىنجاڭ كوماندىسى ئۆزلېرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكۈسى...

بەت: [1] 2 3
: بۈگۈنكى غەلىبە مۇسابىقىسىنىڭ ئۈن-سىن، رەسىملىرى