zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 15:07:25

涂改液 نى قانداق تەرجىمە قىلىسىز؟[تەرجىمە]

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم !


ئۆچۈرۈش سۇيۇقلۇقى دېسەك ئۇزىراپ كېتىدىكەن.لۇغەتتىن تېپىلمىدى.قانداق ئالساق مۇۋاپىق بولار؟ پىكىر بەرسەڭلار.

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 16:49:44

ئۇزراپ كەتسە نىمە بوپتۇ ،خەنلەنىڭ ئۈچ خېتى بىزنىڭ ئىككى سۆزىمىزگە توغرا كەلسە مۇۋاپىق بولىدۇ،

ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزدىكى تەرجىمە نوقۇل سۆز تەرجىمە قىلىشتىن شەيئىنىڭ خاسلىقى بويىچە ياسالسا ياخشى بولىدۇ ،

شۇڭا شۇنداق ئىشىلتىۋىرىڭ.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 17:19:44

سۇيۇق ئۆچۈرگۈچ دىسىچۇ؟

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 17:24:36

خەت سۇۋاق

birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 17:44:15

سۈچۈرگۈچ

Parwana يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 17:45:06

سىر ئۆچۈرگۈچ

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 17:51:11

بەزى تەرجىمە چۇقۇم بىرلا خەت بىلەن ئىپادىلىنىشى شەت ئەمەسقۇ، بولسىغۇ قولغا سۇ قۇيغۇچ دىگەندىن ئىۋرىق دىسە ئوبدان بۇلۇدۇ... ئەمىليەتتە خەنزۇچە خەتنىڭ سىزىقلىرىنى توغرىسىغا يايدىغان بولسا ئالامەت ئۇزۇن بىرمە بۇلۇپ كىتىدۇ..

zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 17:54:44

چوڭ ياخشى ئۈنۈملۈك ئاق رەڭلىك سۇيۇقلىقنى ئاساس قىلغان خەت ئۆچۈرۈش قورۇلمىسى \"\"


birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 18:00:07

مۇشۇ نەرسە ئۇيغۇرچە خەت ئۆچۈرىدىغانغا لازىم بولۇپ باققاننى ئۇقمايمەن جۇمۇ؟!

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 18:12:46

ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمىزدا «سۇيۇق ئۆچۈرگۈچ» دەپلا ئالاتتۇق،«ئۆچۈرۈش سۇيۇقلۇقى» سەل قوپال ئاڭلىنىدىكەن.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 19:01:12

قېتىق

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 19:05:51

ئويان بوپ بەردى دەڭلار پالۋانلار،ھەممىڭلار ئوغاۋاللار!





ئۇچقۇن،ئىمكان،رەھمەت سىلەرگە.

saharkuyi يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 20:18:07

دۇغ ئۆچۈرگۈچ دىسەك قانداق بولار؟

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 08:14:21

قېتىق دەپ مەن بىلەن ئوخشاش ئاتايدىغاندىن بىرى باركەن.

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 08:57:42


2- قەۋەتتىكى uqkun1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سۇيۇق ئۆچۈرگۈچ دىسىچۇ؟



مۇشۇ بولىدىكەن.




alip يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 09:19:31

ئۇزۇن بولۇپ كەتسە «سۇگۈچ» ياكى «ئۆچلۇقى» دېسەك قىسقا بولاتتىكەن.

oghuzyar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 10:59:29

ئۆچۈرۈش سۇيۇقلۇقى   توغىرىسى شۇ، بەزى سۆزلەرنى قىسقارتىمىز دېسەك چۈشىنىكسىز نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىمىز

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 11:54:18

رەھمەت،ئۆچۈرۈش سۇيۇقلۇقى دەپ ئالدىم.

tirixqan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 12:37:19

ئاق ئۆچەگۈچ دەيتۇق بىز ،

rakita يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 11:19:40

ئاق بوياق
بەت: [1] 2
: 涂改液 نى قانداق تەرجىمە قىلىسىز؟[تەرجىمە]