alimxx يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 14:00:04

«تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ جۇغراپىيىلك قىممىتى«يېڭى كىتاب ئوچۇرى»




«تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ جۇغراپىيىلك
قىممىتى


ئاپتورى:ئۆمەر موللا


باھاسى:30.00


شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى
نەشرىياتى


2011-يىل11-ئاي1-نەشرى


2011-يىل11-ئاي1-بېسىلىشى


تىراژى:2000


Isbn: 9787563125197


ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى


ئۆمەر موللا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇغراپىيە
فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى بولۇپ 1936-يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدە
توغۇلغان 1953-يىلىدىن 1956-يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تارىخ
جۇغراپىيە
فاكۇلتېتىدا ،1956-يىلىدىن 1961-يىلىغىچە سوۋېت ئىتتىپاقى تاشكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى
جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئىقتىسادىي جۇغراپىيە كەسپىدە ئوقۇغان .1961-يىلىدىن
1962-يىلىغىچە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تارىخ
جۇغراپىيە
فاكۇلتېتىدا ئىشلىگەن .1962-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ
جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شوغۇللانغان .1989-يىلى-9-ئايدىن
1990-يىلى5-ئايغىچە ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئالىي دەرىجىلىك ئىلمىي
زىيارەتتە بولغان .ئۇ ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ ،«جۇڭگو ئىقتىسادىي جۇغراپىيەسى»
ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئەت ئەزاسى ،شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا
مەسىلىلىرى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ،دۇنيا بانكىسى قەرز بەرگەن تۈر
- «تارىم ئويمانلىقىدىكى يېزا ئىگىلىك ۋە مۇھىت ئاسراش 2-قارارلىق قورۇلۇشى» نىڭ
جەمئىيەتشۇناسلىق بويىچە مەسلىھەت بېرىش مۇتەخەسسىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي
خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.


ئۇ «دۇنيا
ئىقتىسادىي جۇغراپىيەسى» ، «دۇنيا تەبئىي جۇغراپىيەسى» ، «گېئومورفولوگىيە» ، «ئۇنىۋېرسال
تەبئىي جۇغراپىيە پىرىنسىپلىرى»، «جۇڭگو جۇغراپىيەسى» قاتارلىق مەملىكەت بويىچە بىر
تۇتاش قوللىنىلىدىغان ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرىنىڭ تەرجىمە ۋە تەھرىرلىك ئىشلىرىغا
قاتناشقان . بۇ دەرسلىكلەر ئايرىم
ئايرىم ھالدا شىنجاڭ
مائارىپ نەشرىياتى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى قاتارلىق نەشرىياتلار تەرىپىدىن
نەشر قىلىنغان تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا «دۇنيا نوپۇسى» ،«دۇنيا ساياھەتچىلىك»
دەرسلىكلىرىنى تۈرگەن .1990-يىلىدىن باشلاپ نوپۇس ۋە مۇھىت يۆلىنىشى بويىچە ئۈچ
قارار ئاسپرانت تەربىيەلەپ چىققان . ئۇ 30 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان
بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە «يەر بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش توغرىسىدا» دېگەن
ماقالىسى 1989-يىلى ئۆزبېكىستان جۇغراپىيە جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلتىيىدا ئوقۇلغان ھەم
«قۇرۇلتاي ماقالىلىرى توپلىمى» غا كىرگۈزۈلگەن .ئۆزى يازغان «ھىندىستان» ھەم
باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ تۈزگەن«خەنزۇچە
ئۇيغۇرچە دۇنيا يەر ناملىرى قوللانمىسى» ، «دۇنيا جۇغراپىيەسى»
دېگەن كىتابلىرى نەشردىن چىققان.


ئۆمەر موللا 1994-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى
بويىچە 1-دەرىجىلىك «مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى» مۇكاپاتىغا ،1995-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر
ئاپتۇنوم رايونى بويىچە «ئىلغار خىزمەتچى» دېگەن ناملارغا ،1997-يىلى «1-دەرىجىلىك
ئوقۇتۇش نەتىجىسى» مۇكاپاتىغا ،1997-يىلى ئاپتۇنوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «3-دەرىجىلىك
مۇنەۋۋەر ئوقۇتۇش نەتىجىسى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.


مەنبە:كىتاب يۇرتى


سېتىۋېلىش ئادرىسى: http://item.taobao.com/item.htm?id=14803778336

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 14:58:53

\"\"



مەن تىخى تۇنۇگۇن ئوقۇپ تۇگەتتىم، راستىىنلا ياخشى كىتاپ، قىممەتلىك ئىلمىي ماقالىلەر كىرگۇزۇلۇپتۇ، باھاسىمۇ ئەرزان.



\"\"



\"\"



بۇ خەرىتىنىڭ تەرجىمە نۇسخىسى ناھايىتى ئىنىقلىق بىلەن بىرىلىپتۇ، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى!

alimxx يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 15:47:49

1- قەۋەتتىكى matimatikaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

\"\"



مەن تىخى تۇنۇگۇن ئوقۇپ تۇگەتتىم، راستىىنلا ياخشى كىتاپ، قىممەتلىك ئىلمىي ماقالىلەر كىرگۇزۇلۇپتۇ، باھاسىمۇ ئەرزان.



\"\"



\"\"



بۇ خەرىتىنىڭ تەرجىمە نۇسخىسى ناھايىتى ئىنىقلىق بىلەن بىرىلىپتۇ، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى!



ماۋۇ كىتابنىڭ ئىچىدىكى ماقالىلەرمۇ شۇنداق ياخشىكەن ھەم باھاسىمۇ مۇۋاپىق .


ئۇيغۇر ئالىمى تەجەللى دېگەن كىتابنى 80 يۈەن چىقىرىپتۇ ،،ماۋۇ كىتاب ئۇنىڭدىن توم ئىكەن باھاسى 30 كوي ،،ئاۋۇ سېتىۋېلىش ئادرىسى دېگەن يەردە 27 كوي...


matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-5-24 09:19:12

كىتاپ رەسىمى كۆرۇنمەپتۇ.


\"\"

بەت: [1]
: «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ جۇغراپىيىلك قىممىتى«يېڭى كىتاب ئوچۇرى»