typography يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 10:47:28

بۈگۈن قەشقەردە يەر تەۋرەپتۇ




‏‏بۈگۈن sbs


خەۋەرلەر بېتىگە قارىسام قەشقەر تەرەپتە 4.7 بال يەر تەۋرەپتۇ.ئاللاھ قېرىنداشلىرىمىزنى يۇرتىمىزنى ئامان قىلسۇن.ئوخشاش ۋاقىتتا ئۇيغۇرتور بەتلىردىكى خەۋەرلەرگە قارىسام  ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر ئۇچۇرىدا (بېكخام ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئامېرىكىدىكى مۇراسىمدا ..........) (دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ئادەم كۇبادا زىيارەتتە بولدى) (دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ئادەم كۇبادا زىيارەتتە بولدى) (چاۋشيەن تۇتۇۋالغان بېلىقچىلار كېمىسى ۋە بېلىقچىلار ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى


)قاتارلىق بىز قەتئى بىلمىسەك بولمايدىغان خەلقئارالىق خەۋەرلەر بۈگۈنكى تەۋسىيە خەۋەرلەر بۈگۈنكى خەۋەرلەر تېمىسىغا چقىپتۇ.لىكىن ئەمما بىراق بۈگۈن سەھەر 5:44 ئۆتكەندە قەشقەردە يەر تەۋرىگەنلىك خەۋەر ھىچقايسىدايوق.

uyghur0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 13:54:42

شۇنداق خەۋەرلەرنى نىمشقا يۇلمايدىغاندۇ؟ \"\"

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 14:38:05

مال-مۇلۇك زىياننى قانداق بولغاندۇ؟

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 15:19:15

شەھەر دە تەۋرەپتىمۇ ياكى بىرەر ناھىيەدىمۇ ؟

Antonio يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 15:34:14

چۈنىكى ئۇ بەتىكى خەۋەرلەرنى يۈزى قىلىنلارچە باشقا تور بەتلەردىن چاپلاپلا قويدۇ، ئۇنداق خەۋەرلەرگە ئىزدىنىش كەتمەيدۇ،

nijat يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 15:39:55

خەۋەردە دېيشىچە ، تەۋرەش مەركىزى پوسكام ناھىيسى بىلەن قاغىلىق ناھىيسى چىگرىلىندىغان جايدا ئىكەن، تەۋرەش چۇڭقۇرلىقى 9كېلومىتېر ئوخشايدۇ. ئادەم، مال مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلقى توغرىسدا مەلۇمات يوقكەن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 19:34:55

typographyنىڭ تېمىسىدىن نەقىل




‏‏بۈگۈن sbs .





SOS دىمەكچىمىتىڭىز ئەسلى يا؟..

typography يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 19:46:27

6- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

typographyنىڭ تېمىسىدىن نەقىل




‏‏بۈگۈن sbs .





SOS دىمەكچىمىتىڭىز ئەسلى يا؟..

http://news.sbs.co.kr/section_news/news_read.jsp?news_id=N1001198947

alimjan15 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 21:52:55

گەرچە ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە خەۋەر-پەۋەر دېگەنلەر ساماندەك كۆپ بولسىمۇ، مەن خەۋەر-پەۋەر دېگەنلەرنى پەقەتــــــــــــــــــــــــلا كۆرمەيمەن، خەۋەر ئۇقامايمەنچۇ، چۇنكى بۇخەۋەرلەرنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق. نەدە غەلىتە گەپلەر بولسا شۇنى خەۋەر دەپ يازىدۇچۇ ئۇلار.  (چوڭ ئەيسا)

farwana يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 08:07:00

شەخسىي بېكەتلەرنىڭ خالىغانچە خەۋەر ئېلان قىلىۋېلىش ئەركىنلىكى يوقتۇ ؟

typography يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 08:15:57

9- قەۋەتتىكى farwanaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شەخسىي بېكەتلەرنىڭ خالىغانچە خەۋەر ئېلان قىلىۋېلىش ئەركىنلىكى يوقتۇ ؟



ئاساسلىقى تەرجىمە خەۋەرلىرى.شۇڭا ئېلان قىلىش ئەركىنلىكى بولىدۇ. شۇ ۋاقىتتا سىنا تورىغىمۇ چقىپتىكەن.بۇلار ئالاھىدە بىز كۆڭۈل بۆلدىغان چولپانلارنىڭ خەۋەرلىرىنى تاللاپ تەرجىمە قىلىپ بىزگە يەتكۈزىدۇ.

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 13:44:26

بەت: [1]
: بۈگۈن قەشقەردە يەر تەۋرەپتۇ