تۈرك تىلى (كىتاب چۈشۈرىۋېلىڭ)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
نۆۋەتتە رايونىمىزدا مەلۇم دەرىجىدە تۈرك تىلى ئۆگىنىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. لېكىن تۈرك تىلى ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنىڭ كەمچىللىكى، تېپىلغان تەقدىردىمۇ سانى ئاز، باھاسى قىممەت بولۇپ، كۆپ ساندىكى تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ۋە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر كۆپلىگەن قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. گەرچە خەنزۇتىلى، ئىنگلىز تىلى ياكى پۈتۈنلەي تۈركچە تەييارلانغان ماتېرىياللار توردا تارقىلىپ كەڭ ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى مەلۇم دەرىجىدە قاندۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۇيغۇرچە تەييارلانغان سىستېمىلىق ماتېرىياللارنىڭ بولماسلىقىدەك ئەمەلىيەت يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. شۇڭلاشقا ئۆتكەن يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ھەمراھ»(ئاپتورى: قادىر قاۋۇز) ناملىق تۈركچە ئۆگىنىش كىتابىنىڭ PDF نۇسخىسى تەييارلىنىپ توردا تارقىتىلدى ۋە كەڭ ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ بوشلۇقنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن قەدەمدە تولدۇرۇش ئۈچۈن يېقىندىن بۇيان 1996-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «تۈرك تىلى» (رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا) ناملىق كىتابنىڭ PDF نۇسخىسى(سكەنېرلانغان نۇسخىسى) تەييارلاندى. چۈنكى كىتاب پەقەت ئۆگىنىش ئۈچۈن بولغاچقا خالىس ۋە ھەقسىز تارقىتىلدى. ھەرقانداق شەخىس ۋە ئورۇننىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى ھەقلىق تارقىتىشى بىردەك مەنئىي قىلىنىدۇ. بۇ جەرياندا قۇتيار مۇنبىرى (www.qutyar.net) دىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇستازلار ۋە دوستلارنىڭ تېخنىكا جەھەتتىن قوللىشى ھەمدە يېقىندىن ياردىمىگە ئېرىشتىم، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلارغا كۆپتىن – كۆپ تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.
قۇتيار مۇنبىرىدىن: QQ:793773022 Freedom
E-mail: a_huseyin@foxmail.com
ئاگاھلاندۇرۇش: مەزكۇر ماتېرىيالنىڭ نەشر ھوقۇقى ئەسلى ئاپتورىغا تەۋە، ھەرقانداق شەخس ۋە ئورۇننىڭ پايدا تېپىشنى مەقسەت قىلغان ھەرقانداق ھەرىكەتكە ئىشلىتىشى مەنئى قىلىنىدۇ.
تۆۋەندە كىتاب ھۆججەتلىرىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي:
كىتاب PDF ھالەتتە پىرىسلىنىش جەريانىدا ئۈچ خىل نۇسخىدا ئىشلەندى.
1- TURK TILI TOLUQ (تۈرك تىلى تولۇق بىر كىتاب بىرلا PDF ھۆججەت قىلىپ پىرىسلاندى.) بۇ باستۇرۇپ ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن تەييارلاندى. 178M
TURK TILI 1-QISIM -2 ۋە TURK TILI 2-QISIM
تۈرك تىلى دېگەن كىتاب ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەچكە ھەم دوستلارنىڭ چۈشۈرىشىگە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قىسمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بىردىن PDF ھۆججەت قىلىپ پىرىسلاندى.
TURK TILI 1-QISIM
115 دىن چۈشۈرۈش DBANK دىن چۈشۈرۈش
TURK TILI 2-QISIM
115 دىن چۈشۈرۈش DBANK دىن چۈشۈرۈش
3- TURK TILI 1-QISIM DERSLIK ۋە TURK TILI 2-QISIM DERSLIK
TURK TILI 1-QISIM DERSLIK
115 دىن چۈشۈرۈش DBANK دىن چۈشۈرۈش
TURK TILI 2-QISIM DERSLIK
115 دىن چۈشۈرۈش DBANK دىن چۈشۈرۈش
تۈرك تىلى دېگەن كىتاب تۈرۈلۈش قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن ھەر ئىككى دەرسكە بىر گرامماتىكا بېرىلگەن. دوستلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن كۆرۈشى ۋە يانفون، تاختا كومپيۇتېرلاردىمۇ كۆرۈشكە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ھەر ئىككى دەرس بىر قىلىنىپ پىرىسلاندى.
ھۆججەت ئىسىملىرىغا ئىزاھات:
01-01_02 بۇ دېگەنلىك 1-قىسىم بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دەرس ئىكەنلىكىنى كۆرسېتىدۇ. باشقىلىرىمۇ مۇشۇ تەرىقىدە بولىدۇ.
بۇ تېمىدىكى ماترېيال ئۆگىنىش ئۈچۈن ئىشلەنگەچكە، تورداشلار باشقا مۇنبەرلەردە مۇشۇ پېتىلا يوللىسا ۋە باشقا ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ چۈشۈرىۋېلىشى ئۈچۈن ئەركىن تەمىنلىە بولىدۇ.
--------------------------
ئاستىدىكى ئادرىستىكى ماتىرېياللار تىزىملىكى:
HITIT كونا ۋە يېڭى ئىككىلىس ئاۋازلىق ھۆججەتلىرى بىلەن تولۇق بار
توققۇز قىسىم MTV بار
تۈركچە ئۆگىنەيلى دېگەن پروگراممىنىڭ بەزى بۆلەكلىرى
تۈركچە - ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت
باشقىلار
http://kuai.xunlei.com/d/DBGHWBZDSCAX
http://kuai.xunlei.com/d/DPHVNIYEGOYW
رەھمەت ، مەن چۈشۈرىۋالاي . خەتكۈچ http://www.mahinur.com/ تۈركچە ئۈگنىش تورى ۋەئەلەيكۇم ئەسسالامئالدىنقى قېتىم مۇشۇ كىتابنى مۇنبەردە بىرى مەندىن سورىغاندا، بىرەيلەن ئېلكىتاب نۇسخىسىنى ئىشلەۋاتىمىز، دىگەن. سىز ئوخشايسىز، كۆپ جاپا چېكىپسىز، رەھمەت سىزگە
مەن ياخشى بىلىدىغان تۈركچە بىلىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ كىتابنى ئۆگەنگەن، كىتابنى بەك ماختايتتى. ئېسىل ئەمگەك بوپتۇ. تۈزۈت قىلمىدق ئەمىسە {:90:} رەخمەت ئەجرىڭىزگە. ئاللاھ بەركەت بەرسۇن! تۈرك تىلى ئۈگىنىش قىزغىنلىقى كۆتۈرلۈپتۇ ، ئوھ ئانام ئوھ ....
كۈلكە، مەندە ئەنقەرەئۇنۋېرسىتىتى تۆمەرنىڭ تۈرك تىلى ئۈگىنىش ماتىرياللىرى بارتى ، شۇنىمۇ سىزگە ئەۋەتسەم مۇشۇنداق بوشلۇقلىرىڭىزغا بىر چىقىرىپ قويىڭە . ھېلىغىچە قۇتيار تەرجىمانلىرى كوت-كوت توپىغاھەمبەھىرلەپ قوياي ئۇنى .
يەنە بىر مۇنچە تۈركچە ئېلكىتابلار بار ، رىشات نۇرى گۈنتەگىننىڭ چالىقۇشى ، سۇناي ئاقىننىڭ -قىز قەلئەسىدىكى قىز ...دىگەندەك .
7- قەۋەتتىكى rita1028نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تۈرك تىلى ئۈگىنىش قىزغىنلىقى كۆتۈرلۈپتۇ ، ئوھ ئانام ئوھ ....
كۈلكە، مەندە ئەنقەرەئۇنۋېرسىتىتى تۆمەرنىڭ تۈرك تىلى ئۈگىنىش ماتىرياللىرى بارتى ، شۇنىمۇ سىزگە ئەۋەتسەم مۇشۇنداق بوشلۇقلىرىڭىزغا بىر چىقىرىپ قويىڭە . ھېلىغىچە قۇتيار تەرجىمانلىرى كوت-كوت توپىغاھەمبەھىرلەپ قوياي ئۇنى .
يەنە بىر مۇنچە تۈركچە ئېلكىتابلار بار ، رىشات نۇرى گۈنتەگىننىڭ چالىقۇشى ، سۇناي ئاقىننىڭ -قىز قەلئەسىدىكى قىز ...دىگەندەك .
رىتا قىز شۇ كىتاپلارنى بىۋاستە ئېلخەتكە يوللاپ بېرەلەسىزمۇ؟
949898383@qq.com
7- قەۋەتتىكى rita1028نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تۈرك تىلى ئۈگىنىش قىزغىنلىقى كۆتۈرلۈپتۇ ، ئوھ ئانام ئوھ ....
كۈلكە، مەندە ئەنقەرەئۇنۋېرسىتىتى تۆمەرنىڭ تۈرك تىلى ئۈگىنىش ماتىرياللىرى بارتى ، شۇنىمۇ سىزگە ئەۋەتسەم مۇشۇنداق بوشلۇقلىرىڭىزغا بىر چىقىرىپ قويىڭە . ھېلىغىچە قۇتيار تەرجىمانلىرى كوت-كوت توپىغاھەمبەھىرلەپ قوياي ئۇنى .
يەنە بىر مۇنچە تۈركچە ئېلكىتابلار بار ، رىشات نۇرى گۈنتەگىننىڭ چالىقۇشى ، سۇناي ئاقىننىڭ -قىز قەلئەسىدىكى قىز ...دىگەندەك .
ۋاھ- ۋاھ !!ھەجەپ ياقتى ما گەپ . بولسا مېنىڭ ئىلخەتكە ئەۋەتكەچ تۇرسىڭىز ياق دىمەيتتىم !!!email:116348272@qq.com
TRT ئۇيغۇرچە-تۈركچە بىللە ئۈگىنەيلى دەرىسلىكىنى چۈشىرىۋېلىڭ
كۆكلەم مۇنبىرىمىزگە كىرىپ تۈركچە ئۈگىنىڭلار . تۈركىيەدە ماستىر ،دوكتۇر ئوقۇۋاتقانلارنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇش ،ئىشلەش ،ئۈگىنىش ...توغرىلىق ئاچقان ئۇنۋېرسال مۇنبىرى . كىرىپ دەسسەپ پېتىقداپ چىقساڭلا خېلى ھوسۇلغا ئىگە بوپ قالىسىلەر .
ماتېرياللار كۈلكىگە ئەۋەتىلىپ بولۇندى .ياخشى بىر بوشلۇققا چىقىرىپ كۆپچىلىكنىڭ چۈشۈرۋېلىشىغا تەمىن ئېتىلىدۇ پات ئارىدا ،ئىنشائاللاھ .
يۇقىرىدىكى ئىككى تورداشقا ماتېرياللار ئەۋەتىلمەكتە . بىرەر بوشلۇققا چىقىرىپ قويسىڭىز بوپتىكەن.
ئاندىن كۆكلەم مۇنبىرىنىڭ ئادرېسى؟ ۋىيەي ، قانداق قىلىپ رومانتىكنى كۈلكە دەپ كۆرىۋاغانمەن . {:107:} كېچىدە ئۇن ديۇملۇقتا لەپتوپتا تورغا چىققاننىڭ پايدىسىما بۇ ئەمدى .
بايا كۈلكىگە ئەۋەتىپ بولۇپ ماۋۇ تېمىنىڭ ئاخىرىغا چاپلاپ قويۇڭ دېسەم ئۇنى رومانتىك يوللىغان دەيدۇ كىملا يوللىسا ئوخشاش ، ئىشقىلىپ چاپلايسىز دەپ ئۇششۇقلۇق قىلىپ يېنىپ چىقتىم تەرجىمانلار كوت- كوت توپىدىن . www.koklem.com مۇنبىرىمىزنىڭ ئادرىسى .
باش بەتكە كىرىپلا قارىساڭلا تۈركچە ئۈگىنىش دەپ سەھىپە بار ،شۇنىڭدا كېرەكلىك ماتېرياللار توننىلاپ بولمىسىمۇ كىلولاپ بار ، تاغارلاپ ئاچىقىپ كېتىشكە رۇخسەت .
تۈركچە خەتلىك تەرجىمە فىلىملەر يوللىنىۋاتىدۇ . شۇنىڭدىن بەھىرلىنىڭلار .
خەتلىك فىلىم سەھىپىسىدە
ماۋۇ ئادرىستا تۈرك تىلىدىكى كىتابلار چۈشۈرۈش ئادرىسى تەمىنلەنگەنتى راست .
http://www.koklem.com/forum.php?mod=viewthread&tid=274
كىتاب لازىملا مۇشۇ يەرگە كىرىپ كىتابنى ئېلىپلا چىقىپ كەتسەڭلامۇ ياكى مەھەللىنى چۆرگىلەپ باقساڭلامۇ بولىدۇ خوش ياقسا
{:90:} {:90:}
مۇشۇ ئىزدىنىشتىزە ، بىر بولسا ئىنكاس يوللاش كونۇپكىسى ئىشلىمىگەن ، بىر بولسا ئىشلەپ ئۆتۈپ كەتكەن .
خەتكۈچ خەتكۈچ كۆپچىلىكنى ئۈستىدىكى ئۇيغۇرچە - تۈركچە كىتابنى ياخشى ساقلاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇ كىتانى ھەرقانداق نۇسخىسىنى تېپىش ئىنتايىن قېيىن... بولسىمۇ نەچچە يۈز يۈەن بۇ كىتابنىڭ pdf لىرى بەك سۈپەتسىز ياسىلىپ قاپتۇ. لېكىن سىزگە كۆپتىن - كۆپ رەھمەت.سۈپەتسىز ياسالغىنىغا قارىماي 180mb ئىكەن. بۇنداق كىتاب ئەڭ چوڭ بولغاندىمۇ 25mb دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. قارىغاندا pdf كە ئانچە تەجرىبىڭىز يوق ئىكەن. ئاۋۇ رەسىملەرمۇ ئۇزۇن-قىسقا، چوڭ - كىچىك تۇرىدۇ. بەتلەرمۇ ئانچە توغرا ئەمەس، كۆپ بەتلەرنىڭ يېرىمى يوق.
ئەگەر خالىسىڭىز سىز سايىلىغان بارلىق رەسىملەرنى ماڭا ئەۋەتىپ بېرىڭ. مەن قايتىدىن ياساپ سىزگە ئەۋەتىپ بېرەي. كىتابقا ئۆزىڭىزنى ئېلانىنى قىستۇرۇڭ. ئەگەر خالىمىسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇسسۇلدا كىتابنى قايتىدىن ياساڭ.
1. ئاۋۋال 批量处理图片尺寸 دەپ ئىزدىڭىسىڭىز توردا بەك كۆپ، شۇنداق يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ئاۋۋال بارلىق رەسىملەرنىڭ كەڭلىكىنى ئوپمۇ-ئوخشاش تەڭشەڭ. 1 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ.
2. ئاندىن Okdo All to Pdf ئارقىلىق بارلىق رەسىملەرنى بىر PDF ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇڭ. سىغىمى چوڭ، سۈپەتلىك بىر PDF بولىدۇ. 3 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ.
3. ئاندىن Adobe Acrobat ئارقىلىق بايىقى يوغان PDF نىڭ ئەلالاشتۇرۇڭ. ئەلالاشتۇرغاندا acrobat.4.0 نى تاللاڭ. ئاندىن ساقلاڭ. 10 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ.
ئاخىرىدا قارىسىڭىز ئۆزى سۈپەتلىك، سىغىمى 25mb ئەتراپىدىكى بىر كىتاب پۈتۈپ چىقىدۇ.
بۇ جەرياندا خالىغان يەرگە ئېلان قىستۇرۇڭ (ئەمما ھەممە بەتكە قىستۇرىۋەرمەڭ. بۇ تولىمۇ لاۋزىلىق. ئۇنىڭدىن باشقا سىزنىڭ ئۇنداق ھوقۇقىڭىزمۇ يوق.)
كۆپتىن- كۆپ رەھمەت
ئەگەر ماڭا ئەۋەتىشنى تاللىسىڭىز، ئاۋۋال رەسىملەرنى خالىغان بوشلۇققا يوللاپ، چۈشۈرۈش ئادرېسىنى قىسقا ئۇچۇر قىلىڭ ياكى birhon#birhon.com غا ئەۋەتىڭ. # نى @گە ئالماشتۇرۇڭ.