mortom يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 01:42:01

جاللات شىڭ شىسەينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى

شىڭ شىسەينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى

سەي جىنسوڭ

1949- يىلى شېڭ شىسەي گومىنداڭ بىلەن بىللە تەيۋەنگە كىتىپ «دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكى» دە شاڭ جياڭ دەرىجىلىك مەسلىھەتچى، «مەمۇرى پالاتانىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقنى قايتۇرىۋېلىشنى پىلانلاش كومىتىتى» غا ئەزا بولدى. ئۇ بىر مەزگىل سودىگەرچىلىك قىلىپ موگو، بېلىق سودىسى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ باقتى، بولكىخانا ئاچتى، لىكىن ھېچقايسىسىدا سودىسىنى ئاقتۇرالماي، ئاخىر ئۈيىدە كومپارتىيىگە قارشى ماقالىلەرنى يېزىپ ئولتۇردى.

ئۇنىڭ گۇمانخورلۇقى، باشقىلارنى قەستلەيدىغان مىجەزى شۇ چاغلاردىمۇ تۈگۈمەي، شىنجاڭدا ئىشلەپ تەيۋەنگە قېچىپ كىلىۋالغان ئادەملەرنى بۇ كومىنىست، دەپ يۇقىرىغا چېقىپ يۈرۈپ كىشىلەرنىڭ غەزىۋىگە قالدى. 1953- يىلى گۇاڭ لۇ، گۇ گېڭيى، سوڭ نيەنسى، لىن جىيۇڭ قاتارلىق 15 ئادەم جياڭ جېشىغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى جىنايەتلىرىنى پاش قىلدى. شۇ يىلى 3- ئايدا تەيۋەندىكى ئەبەيدۇللا قاتارلىق 114 كىشى ئەرىز سۇنۇپ، شېڭ شىسەينىڭ شىنجاڭدىكى جىنايەتلىرىنى پاش قىلدى. 23- كۈنى شېڭ شىسەي ئۇلارغا رەددىيە بىرىپ: مەن دۆلەتنىڭ ئالدىدا يەرگە قارايدىغان ھېچقانداق ئىش قىلمىدىم دەپ ئۈزىنى ئاقلىدى ۋە يازغان نەرسىسىنى ۋەكىللەرگە تارقىتىپ بەردى. ئۇ مۇشۇنداق نارازىلىقلارنىڭ ئىچىدە يەنە جياڭ جېشىنىڭ قوغدىشى بىلەن ئامان-ئېسەن ئۈتۈپ كەتتى. ئۇ بۇنىڭ بىلەنلا قالماي يەنە خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە بىرىلىدىغان بىرىنچى، ئىككىنچى دەرىجىلىك ئوردېنلارغا، قۇرۇقلۇق، ھاۋا، دېڭىز ئارمىيە ئوردېنىغا ئىرىشتى.

شېڭ شىسەي تەيۋەنگە بارغاندىن كىيىن، «شىنجاڭدا ئۆتكەن ئون يىلدىن ئەسلىمە»، «قانداق قىلغاندا چوڭ قۇرۇقلۇقنى قايتۇرۋېلىش بۇرچىمىزنى ئۇڭۇشلۇق ئۇرۇندىغىلى بۇلىدۇ»، «كومىنىزىم ۋە كاپىتالىزىم دەۋرىنىڭ ئۆتمىشى، دىموكراتىيە ئەسىرىنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكى» قاتارلىق كىتاپلارنى يازدى. ئۇ تەپ تارتماستىن: ‹ «ئەسلىمە» ئىنتايىن مۇھىم كىتاپ، شىنجاڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغانلار بۇ كىتاپنى چۇقۇم ئۇقۇپ چىقىشلىرى كېرەك، ئۇ مىنىڭ سىتالىن ۋە ماۋ زېدوڭ بىلەن قىلغان بىۋاستە كۈرەشلىرىمنىڭ تارىخى› دىدى. ئەينى ۋاقىتتا شېڭ شىسەينىڭ كىتاپ يېزىپ، ماقالە يېزىپ كومىنىزىمغا قارشى تۇرۇش، چوڭ قۇرۇقلۇقنى قايتۇرىۋېلىشنى تەرغىپ قىلىشتىن باشقا قىلغۇدەك ئىشى يوق ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئىچى بەكمۇ پۇشاتتى.

ئۇنىڭ ئەمدى ئۇنداق چوڭ ئىشلارنى قىلغۇدەك ئەھۋالى يوق ئىدى، قۇلىدىنمۇ كەلمەيتتى، ئۈرۈمچىدىكى بوغدا چوققىسىنى ئەسلەپ، سائەتلەپ ئولتۇرۇپ كىتەتتى. ئۇ ئۇزۇندىن بىرى مۇستەققىل پادىشا بۇلۇپ ياشىغان ئىدى. ھەربى دەرىجىسى قۇرۇقلۇق ئارمىيە شاڭ جياڭى بولسىمۇ ، لىكىن خۇڭ پۇ ھەربى مەكتىۋىدە ئۇقۇمىغان. ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدار بولسىمۇ، لىكىن مەركەزدىكى ئەمەلدارلار سورۇنى بىلەن ئاز باردى-كەلدى قىلغان ئىدى. شۇڭا تەيبېيگە كەلگەندىن كىيىن كۆپ ئادەملەر بىلەن بېرىش-كىلىش قىلالمىدى. ئۇنىڭ بىلەن يېقىنلىشىپ بېرىش-كىلىش قىلغان ئادەملەرمۇ ئۇزۇنغا قالماي ئۇنىڭدىن قاچتى. شۇ سەۋەپلەردىنمۇ ئۇنىڭ ئۆمرىدە يېقىن ئۈتۈدىغان بىرمۇ دوس-بۇرادەرلىرى بولمىدى.

بۇ دۇنيادىن دېرەكسىز يۇقاپ كىتىۋاتقاندەك ياشاۋاتقان تۇرمۇش ئۇنى تېخىمۇ غەمكىن، خەقلەردىن تېخىمۇ قاچىدىغان قىلىپ قويغاچقا، چەت بىر يەردىن ئۆي ئېلىپ، ئاخىرىقى ئۆمرىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭغا ھەمرا بۇلىۋاتقىنى خۇتۇنى بىلەن ئەسلىمىسىلا ئىدى. ئۇندىن باشقا كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ كىتىۋاتقان يۇقىرى قان بېسىم كىسىلى ئىدى. ئۇنىڭ توختىماي بېشى ئاغرىيتتى، يۈرىكى سالاتتى، پۇت-قوللىرى كۈيىشەتتى. بىر قېتىم قىسقا ۋاقىت كۈزى كۆرمەسمۇ بۇلۇپ قالغان ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى قان – تۇمۇر كىسەللىكىنىڭ ئالامەتلىرى ئىدى. دوختۇر ئۇنىڭغا دۇرا بىلەن داۋالىنىشتىن باشقا ئۈزىنى بىر خىلى تۇتۇشنى، بۇرۇنقى ئىشلارنى ئويلىماسلىقنى ئېيتتى.

شېڭ شىسەينىڭ تەيۋەندە تۇققانلىرى يوق ئىدى. ئانىسى بىلەن سىڭلىسى چوڭ قۇرۇقلۇقتا قالغان ئىدى. تەيۋەنگە بىللە ئېلىپ كەلگىنى ئىككىنچى ئىنىسى شېڭ شىيىڭ، بەشىنچى ئىنىسى شېڭ شىجىلا ئىدى. چوڭ ئوغلى كې جىڭ، ئوتتۇرانچى ئوغلى كې چېڭ يېنىدا ئىدى. چوڭ قىزى كې چىن، كەنجى ئوغلى كې ۋىن ئامىرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىدى. شېڭ شىسەي ئىنىللىرى بىلەنمۇ كۆپ باردى-كەلدى قىلىشمايتتى. ئۆز ۋاختىدىكى «ئاۋام گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى چېن جىيىڭ بىلەن يىلدا بىر – ئىككى قېتىم كۈرۈشۈپ قالاتتى. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئورتاق بىر پىكىر بار ئىدى. چېن جىيىڭ ئۈرۈمچىگە ئۈچ قېتىم كەلگەن. شىنجاڭنىڭ 1938- يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئەھۋاللار يېزىلغان، قىممىتى بار «شىنجاڭدا كۆرگەنلىرىم» ناملىق كىتاپنى يازغان. بۇ كىتاپ شۇ چاغدا خېلى چوڭ تەسىر قوزغىغان ئىدى. |

1970- يىلى 7- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شېڭ شىسەي ئۆز ئۈيىدە تۇيۇقسىز يۈرەك كىسىلى قوزغۇلۇپ، تەيبېي شەھىرىدىكى ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلدى. چۈشتىن كىيىن سائەت 5 تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە جىددى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي 76 يېشىدا ئۆلدى. شۇ چاغدا يېنىدا خۇتۇنى چيۇ يۈفاڭ، ئوتتۇرانچى ئوغلى كې چىڭلار بار ئىدى. ئەتىسى ئۇنىڭ جەسىدى ئامىرىكىدىكى قىزى كەلگۈچە تەيبېي شەھىرى مىنچۇەن كوچىسىدىكى جەسەتخانىغا قۇيۇپ تۇرۇلدى.

8- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دە ئائىلىسىنىڭ، سائەت 9 دا دەپنە كومىتىتىنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. جياڭ جېشى گۈلچەنبىرەك ئىبەرتتى. سابىق غەرىبىي شىمال ئارمىيە-ھۈكۈمەت ئەمەلدارلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى گو جى چياۋ قاتارلىقلار ئۇنىڭ جەسىدى ئۈستىگە دۆلەت بايرىقى ياپتى. ئۇنىڭ ئالدىدا يەنى 7- ئاينىڭ 31- كۈنى «زوڭتۇڭ» جياڭ جېشى بىلەن «مەمۇرى پالاتا» باشلىقى يەن جياگەن «ساداقەت مۇكاپاتى» بىلەن ئۇنى مۇكاپاتلىغان ئىدى. شېڭ شىسەينىڭ جەسىدى تەيبېي شەھىرى شىمالىي ياڭ مىڭشەن تېغىدىكى 1- ئۇمۇمى قەبرىستانلىقنىڭ 12- رايۇنىغا كۈمۈلدى. 16 يىلدىن كىيىن خۇتۇنى چيۇ يۈفاڭ نيۇ يوركتا ئۆلدى.

مەنبە : ئالتۇن تارىم

Yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 05:33:42

چوڭ قۇرۇقلۇقتا بۇنىڭ نەۋرە چەۋرىسىدىن بىرەرسى بارمىدۇ ھازىر؟

snake يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 07:15:49

نەۋرىسى ھازىر ۋېنجۇدا سودا قىلىدۇ (تەيۋەندىكى بىر ئىمپورت -ئېكىسپورت سودا شىركىتىدە)

tunarkisi يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 07:48:22

ئۇنىڭ ئۆز ئجىلىدە ئۆلىشى بولماپتۇ ، ئۇيغۇرلار جاسۇس ياكى قاتىللار ئارقلىق قەستلەپ ئۆلتۈرشى كىرەك ئىدى ،

ئۇنىڭ قىزلىرى ،باللىرى بەلكىم ناھايتى ياخشى كىشىلەر بۇلىشى مۇمكىن ،

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 08:07:40

ما چوشقا ئاسانلا ئۈلۈپتىيا، شۇنچە ئادەمنىڭ بېشىغا چىقىپ تۇرۇپ، قىساسى تۇتمىغانمىدا؟

arislan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 08:11:37

ئۇ ئىتنىڭ بالىسىنىڭ ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلۈشى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر چوڭ مەغلۇبىيتى. ھەركىم بىزگە خالىغىنىنى قىلىۋالسا بولىدۇ. سورىقى يوق.

snake يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 08:29:51

مەن بەزىدە مۇشۇنىڭ ئازىراق بولسىمۇ قىلغان ياخشى ئىشى يوقمىدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن .

zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 08:43:09

جاللات شىڭ شىسەي ۋە شىڭ شىسەي دەپ ئىككى كىتاپ باركەن. ئاپتۇرى بىر ئادەممۇ؟

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 08:51:46


6- قەۋەتتىكى snakeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن بەزىدە مۇشۇنىڭ ئازىراق بولسىمۇ قىلغان ياخشى ئىشى يوقمىدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن .



قىلغان ياخشى ئىشى يوق بولۇشى مۇمكىن. بىراق ئادەم ئۆلتۈرگەندە مىللەتنى ئانچە سۈرۈشتۈرۈپ كەتمەيتتىكەن.




qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 09:04:14

6- قەۋەتتىكى snakeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن بەزىدە مۇشۇنىڭ ئازىراق بولسىمۇ قىلغان ياخشى ئىشى يوقمىدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن .



ئۇيغۇرلارنىڭ خائىنلىرىنى كۆپ يۆلەپتىكەن.بەلكىم ئۇرۇش ماشىنىلىرىنى بىمالال ھەيدەش ئۈچۈن يول ياساپ كۆۋرۈك سالغان يەرلىرىمۇ باردۇ .

keyseri8 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 09:36:30

Estami يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 09:39:42

تەيۋەندىكى ئەبەيدۇللا ۋە ياكى شۇ يەرىدىكى بىر قىسم ئۇيغۇرلاردا ۋىجدان دېگەن نەرسە يوقمىدۇ ، ئەرىز قىلىپ يۈرگەندىن كاللا ئىشلىتىپ ، ئۇ نېجىسنى يولغا سېلىپ قويماي ...



ئۇنى يا بىر ئالاھىدە قوغدىمسا .



ھەي ...

arislan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 09:54:07

10- قەۋەتتىكى keyseri8نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

چوڭ قىزى ئامېرىكىدا ئوننەچچە يىلغىچە ب.د.ت.غا جوڭگۇ ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇپ « جوڭگۇ ھۆكۈمىتى دادام شىڭشىسەينىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك ،ئۇنىڭ دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلىگنى قوغداشتىكى تۆھپىسىگە بولۇپمۇ ،شىنجاڭدىكى « بۆلگۈنچىلەر»نى بىر-بىرلەپ يوقۇتۇپ ،كېيىنكى ۋاخلاردىكى تىنىچ ئازات بولۇشىدىكى تۆھپىسىگە يۇقۇرى باھا بېرىش كېرەك ،،،،» دەپ دەۋا قىلغانمىش .



ئۆلۈشكە تېگىشلىكتىن بىرى بار ئىكەن. دادا قىساسىنى بالا كۆتۈرمەيدۇ دەپ ئويلايتتىم. ئەمما بۇ قىزى دادىسىنىڭ قىرغىنچىلىق قىلمىشىنى ئاقلاپ نام- ئاتاق تەلەپ قىلىپ يۈرۈپتۇ.

Bilimhumar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 10:00:28

ئەگەر شىڭنىڭ ئۇرۇق ئەۋلادلىرى، شىڭ بىزنىڭ زىمىنىمىزدىن بۇلاپ كەتكەن بايلىقلارغا ۋارىسلىق قىلىپ باي بولغان، سودا قىلغان بولسا ئۇ بايلىقلار بىزنىڭ ئاتىمىزنىڭ، چوڭ دادىمىزنىڭ ياكى بوۋىمىزنىڭ بولىدۇ. ھازىر بىز ئۇلاردىن ھېساب ئالالىغىدەك كۈچلىك ئەمەسمىز. شۇنداق بىر كۈنلەرمۇ كىلەر...

akayid يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 11:48:40

تارىخ  ئۇنتۇلمايدۇ \"\"

esir يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 15:33:12

ئۇششاق تاشلارنى تېرىپ ساقلاپ قويغۇلۇق...

wares1944 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 19:28:08

ھەي، بۇ جاللات بەك ئاسان قۇتلىۋاپتۇ دىسە،ئسىت! \"\"

bandit12 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 14:50:41

ھەي.....ي... بۇتېمىغا ئىنكاسلار كۆپ چۈشمەپتۇ، بۇ نىجىسنىڭ ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلىشى بىز ئۈچۈن ھاقارەت ئىدى. ئۇنىڭ دۆلەت قۇرۇلغىندىن كىيىنكى ئشلىرىنى بىلدۇق ، كۈچۈكلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلدىغانلار كۆپرەك ئۇچۇر بىلەن تەمنلىساڭلار. ئاڭلىسىام بىر بالىسىمۇ، نەۋرىسىمۇ ئىشقىلىپ مۇشۇيەردە ئوقۇپتىكەن راست شۇنداقمۇ؟

bandit12 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 14:50:52

ھەي.....ي... بۇتېمىغا ئىنكاسلار كۆپ چۈشمەپتۇ، بۇ نىجىسنىڭ ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلىشى بىز ئۈچۈن ھاقارەت ئىدى. ئۇنىڭ دۆلەت قۇرۇلغىندىن كىيىنكى ئشلىرىنى بىلدۇق ، كۈچۈكلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلدىغانلار كۆپرەك ئۇچۇر بىلەن تەمنلىساڭلار. ئاڭلىسىام بىر بالىسىمۇ، نەۋرىسىمۇ ئىشقىلىپ مۇشۇيەردە ئوقۇپتىكەن راست شۇنداقمۇ؟

bandit12 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-23 14:51:07

ھەي.....ي... بۇتېمىغا ئىنكاسلار كۆپ چۈشمەپتۇ، بۇ نىجىسنىڭ ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلىشى بىز ئۈچۈن ھاقارەت ئىدى. ئۇنىڭ دۆلەت قۇرۇلغىندىن كىيىنكى ئشلىرىنى بىلدۇق ، كۈچۈكلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلدىغانلار كۆپرەك ئۇچۇر بىلەن تەمنلىساڭلار. ئاڭلىسىام بىر بالىسىمۇ، نەۋرىسىمۇ ئىشقىلىپ مۇشۇيەردە ئوقۇپتىكەن راست شۇنداقمۇ؟
بەت: [1] 2
: جاللات شىڭ شىسەينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى