birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 22:29:16

[ئېسىل كىنو] 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى

مەن ئادەتتە ئۇنداق - مۇنداق كىنولارنى كۆرمەيمەن، بولۇپمۇ رۇسلارنىڭ كىنولىرىنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن. ئەمما «Август. Восьмого» ناملىق بۇ كىنو مەن ئىلگىرى كۆرگەن «بەش كۈنلۈك ئۇرۇش»تىن كېيىنكى شۇ ئۇرۇشقا ئالاقىدار ئەڭ ياخشى كىنوكەن.


كىنو نامى: Август. Восьмого

ئۇيغۇرچە نامى: 8.8

خەنسوچە نامى: 八月八日

تىلى: ئورۇسچە

ۋەقەلىكى: بىزگە مەلۇمكى 2008 - يىلى ئۈستۈن ئاستانىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولۇۋاتقاندا، پۇتىن ۋاقىتسىز دۆلىتىگە كېتىپ قالدى. چۈنكى گىرۇزىيە بىلەن چېگرىداش ئوبلاست بولغان جەنۇبىي ئوسسېتىيەدە ئۇرۇش پارتلىدى.


بۇ ئۇرۇش ھەققىدە ئىشلەنگەن «5 Days of War» دېگەن كىنونى كۆرگەن بولغىيتڭلار ھەقىچان، بۇ قېتىمقى «Август. Восьмого» كىنو دەل شۇ ئۇرۇشتىكى بىر ئانا بىلەن بالىنىڭ ھېكايسى بولۇپ، كىنونىڭ تەسىرلىك ۋە جىددىي كۆرۈنۈشلىرىدىن ھوزۇرلىنشىڭىز ئۈچۈن ئورۇسچە بىلىشىڭىز ھاجەتسىز.

ئوسسېتلارغا مۇناسىۋەتلىك بۇ ئۇرۇشلاردىكى مەركىزى نۇقتا ئوسسېتلار بولۇپ، ئۇلار پارسلارنىڭ بىر تارمىقى. پىرىسلاۋىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان (مۇسۇلمانلىرى بەك ئاز) بولغاچقا، ئوسسېتلار دېگەن نام بىلەن پارسلاردىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ.


ئوسسېتلارنىڭ نوپۇسى 500 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئاساسلىقى شىمالىي ئوسسېتىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن جەنۇبىي ئوسسېتىيە ئوبلاستىدا ياشايدۇ.


كاۋكاۋزدىكى بۇ رايونلار چېچنىستانغا ئوخشاشلا ئورۇسىيەنىڭ يەنە بىر باش ئاغرىقىدۇر.


فىلىمنىڭ رەسىمى:






كۆكنۇر سۈزۈك نۇسخىسىنى شۈنلېيدىن چۈشۈرۈش ئادرېىسى:

thunder://QUFmdHA6Ly9keTEyNTpwaWFvaHVhQGR5MTI1LnBpYW9odWEuY29tOjc4MTUvJUU5JUEzJTk4JUU4JThBJUIxJUU3JTk0JUI1JUU1JUJEJUIxcGlhb2h1YS5jb20lRTUlODUlQUIlRTYlOUMlODglRTUlODUlQUIlRTYlOTclQTVCRCVFNCVCOCVBRCVFNSVBRCU5NzEyODAlRTklQUIlOTglRTYlQjglODUucm12Ylpa

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 22:39:45

ما كىنونى كۆرگەچ ما ئىتوتنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار ( يوللاي دېسەم بۇ خىل ھۆججەتنى قوللىمايدىكەن)


http://share.vrs.sohu.com/my/v.swf&topBar=1&id=18054415&autoplay=false

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 22:47:33

كىنومۇ، ئېتوتمۇ چىقمىدىغۇ؟

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 22:53:53

رەسىمىگە قاراپ تېخى كەلگۈسى تەسۋىرلەنگەن فانتازىيىلىك كىنو ئوخشايدۇ دەپ كۆرمەپتىكەنمەن ئۆتكەندە،كۆرۈپ باقسام بولامدۇ نېمە

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 23:00:46

رەسىم ئېچىلمىدى.كۆمىگەنلا كېنودەك قىلىدۇ ئىسمىدىن.


مائېتوتچى سۇنۋوكۇڭنىڭ ئاۋازىنى خېلى ئوخشىتىپ قويۇپتۇ \"\" .



ئاقسۇ دېگەن دېياردا،

ئالما سەرخىل بوپ كەتتى.

قېرىنداشلار باغ ئېلىپ،

كاۋا تەرمەس بوپ كەتتى................دەيدىغۇ \"\"






typography يوللانغان ۋاقتى 2012-5-21 00:16:36

ئالدىنقى قېتىم بىرسى يوللاپتىكەندۇق. ئۇرۇش بولسا قانداق قىلسىز دەپ يۈگرەپ كىرسەك مۇشۇ كىنو ئىكەندۇق{:92:}

Estami يوللانغان ۋاقتى 2012-5-21 08:30:27

مەن ياقتۇرۇغان كىنونىڭ بىرى . ئىشلىنىش ئۇسلۇبى جەھەتتە يېڭىچە بىر تۇيغۇ بېردىكەن . مەزمۇنمۇ ئوبدان .

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-21 09:39:16

بۇ فىلىمنى ئاق بۈركۈت تورى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئىشلىگەن، قېنى كىرىپ كۆرۈڭلار، دوللار يەتمىسە ئۇچۇر قىلارسىلەر، بېلەتنى ئېلىپ بېرىمەن

http://www.akburkut.com/eza/forum.php?mod=viewthread&tid=2950

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-5-21 09:54:04

بۇ كىنونى كۆرۈشنىڭ ئەڭ ئەپچىل ئۇسۇلى مۇنداق:



thunder://QUFmdHA6Ly9keTEyNTpwaWFvaHVhQGR5MTI1LnBpYW9odWEuY29tOjc4MTUvJUU5JUEzJTk4JUU4JThBJUIxJUU3JTk0JUI1JUU1JUJEJUIxcGlhb2h1YS5jb20lRTUlODUlQUIlRTYlOUMlODglRTUlODUlQUIlRTYlOTclQTVCRCVFNCVCOCVBRCVFNSVBRCU5NzEyODAlRTklQUIlOTglRTYlQjglODUucm12Ylpa


بۇ ئادرېسنى كۆچۈرىۋالىسىز-دە، ئاندىن تەدبىركارنىڭ تۇرخۇمارلار كۇلۇبىغا كىرىپ، بۇلۇت كىنوخانىسىنى ئاچىسىز. ئاندىن شۇ جايدىكى كىنو ئادرېسىنى چاپلاش رامكىسىغا شاققىدە چاپلايسىز، شۇنىڭ بىلەن بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ تاماشا كۆرگەندەك كۆرىسىز.


تەدبىركارنىڭ بۇلۇتخانىسى: http://www.torhumar.com/tools/xlvod

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-5-21 14:20:43

بۇ كىنونى كۆرگەنلەر تەسىراتىڭلارنى دەپ باقمامسىلەر دەيمەن؟! \"\"

karguli612 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-21 16:09:04

ماۋۇ تەدبىركارنىڭ بىلوگى نىمە دىگەن پەيزى،ئىشخانىلاردىكى كومپىيوتىرلانىڭ كىنو كۆرۇش ئىختىدارىنى چەكلىۋەتكەن،ماۋۇ يەرگە ئادرىسنى چاپىلىسام ۋاققىدە ئېچىلدى دىسە؟

رەخمەت يۇكسەل.

رەخمەت تەدبىركار.

turk_bag يوللانغان ۋاقتى 2012-5-21 19:43:06

\"\"

forever يوللانغان ۋاقتى 2012-5-21 20:35:32

بولىدىغان كىنو.مەن ئاق بۈركۈتتىن ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى كۆرگەنتىم.

http://www.akburkut.com/eza/forum.php?mod=viewthread&tid=2950

birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-5-21 22:31:19

9- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ كىنونى كۆرگەنلەر تەسىراتىڭلارنى دەپ باقمامسىلەر دەيمەن؟! \"\"

سىزگە ھېچ ئىنسان جاۋاب يازماپتۇ، يەنىلا مەن تەسىراتىمنى دەپ بېرەي.


1. ئاۋۇ رەسىمدە فانتازىيەلىك رەسىم بولغىنى بىلەن بۇ كىنو فانتازىيەلىك كىنو ئەمەس.


2. پۈتۈن كىنودا مەينەت كۆرۈنۈش چىقمايدۇ.

2008 - يىلى 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئاۋۇ ئايال، ئىسمى كاتيۇشا كەينىدە بىللە يۈگۈرۈۋاتقان ئوغلىنى ئاجرىشىپ كەتكەن ئېرى يەنى بالىنىڭ ئاتىسىغا ئەۋەتىدۇ. بالىنىڭ ئاتىسى جەنۇبىي ئوسسېتىيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىي بولۇپ (بەلكىم ئوسسېتلاردىن بولسا كېرەك)، بۇندىن بۇرۇن كاتيۇشاغا تېلېفون قىلىپ، بوۋاي بىلەن موماينىڭ نەۋرىسىنى كۆرگۈسى كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. بۇ چاغدا كاتيۇشا بىر يىگىت بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بالا سەل توسقۇنلۇق قىلىۋاتاتتى. شۇڭا كاۋكاز تاغلىرىنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن نەپەسلىنىپ كەلسۇن دەپ، بالىنى ئەۋەتىدۇ. كاتيۇشا ئۆيىگە قايتقاندا ئانىسى ئۇنىڭغا كايىدۇ، دەرھال بالىنى قايتۇرۇپ كەل، تېلېۋۇزۇر كۆرمىدىڭمۇ، كاۋكازدا ئۇرۇش بولغۇدەك دەپ ئەندىشىگە سالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەنە نۇرغۇن ئىشلار يۈز بېرىپ بولۇپ، كاتيۇشا ئەقلى-ھوشىنى يىغىپ، بالىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ئۆزى كاۋكازغا ماڭىدۇ. ئوسسېتىيەگە يېقىن ئايروپورتقا چۈشۈپ، مىڭ بىر تەسلىكتە بىر ئەبجاق ئاپتوبۇسقا چىقىپ، جەنۇبىي ئوسسېتىيەگە قاراپ يول ئالىدۇ.


دەل شۇ يولدا ئوسسېتىيە ئۇرۇشى پارتلايدۇ. راكىتادىن بىرى ئۇچۇپ كېلىپ، كاتيۇشا چىققان ئاپتوبۇسقا تېگىدۇ. ...................... بالىنىڭ ئاتىسى، بوۋىسى، مومىسى تاڭكا ئوقىدا ئۆلىدۇ. بالا ئۆزى يالغۇز ئانىسىنى ساقلايدۇ. ئانا سانسىزلىغان ئۇرۇش مەيدانلىرىدىن ئىككى مىڭ جاپادا ئۆتۈپ، بالىسىنى قۇتقۇزۇپ چىقىدۇ. بۇ جەرياندا كۆپ قېتىم يارىلىنىدۇ.

بۇ فىلىمنى ھەرىكەتلىك، ئۇرۇش، تەسىرلىك، مۇھەببەت.... فىلىملىرى قاتارىغا كىرگۈزۈشكە بولىدۇ.


بۇ فىلىمنىڭ كىشىنى جەلىپ قىلىدىغان يەنە ئۈچ ئالاھىدىلىكىمۇ بار:


1. خەلقئارالىق ئۇسلۇبتا ئىشلەنگەن. ئورۇسلار ئورۇسچە، ئوسسېتلار پارسىچە سۆزلەۋېرىدۇ. ھازىرقى مودا فىلىملەرنىڭ ئۇسلۇبى شۇنداققۇ...


2. سۈرەتكە ئېلىش ياكى كومپيوتېردا قوراشتۇرۇش (مونتاژلىق دەمدۇ) تېخنىكىسى ئالاھىدە يۇقىرى ئىكەن. جىددىي كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئۈنۈمى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ.


3. كىنودا چىققان كاۋكاز مەنزىرىلىرى ئىنتايىن گۈزەل، ئۇ يەردىكى ياپيېشىل يايلاق، سۈپسۈزۈك بۇلاق، كۆپكۆك تاغلار گويا ھازىرقى ناراتنى ئەسلەتسە، تاڭكا-زەمبىرەكلەرنىڭ ئاۋازى 60 يىل بۇرۇنقى ناراتنى ئەسلىتىدۇ.

بەت: [1]
: [ئېسىل كىنو] 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى