bilgyar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 16:55:31

ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىقتىسادىي قارىشى ئۈستىدە [كۆچۈرۈلمە]

تۆۋەندىكى 10سوئالنى ئوتتۇرغا قويدۇم ،تۆۋەندىكى سوئاللارغا كۆپچىلىك ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ جاۋاپ بەرسە بولىدۇ. جاۋاپ بىرىش بىلەن بىرگە مۇشۇ نوختىلاردا كۆپچىلىكنىڭمۇ ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۆمىد قىلمەن ،

ئەگەر كۆپچىلىك ‹ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئىقتىساد › دىگەن مەزمۇندا ئويلىغانلىرى بولسا ياكى مۇشۇ مەزمۇندا يېزىلغان ئەسەردە بولىشى كىرەك دەپ ئويلىغانلىرى بولسا دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قويغان بولسا بۇنىڭ ياردىمى بولغان بولاتتى ، ئۇندىن باشقا كۆپچىلىكنىڭ مۇشۇ مەزمۇنلاردا مىنى تىما ۋە ماتىرياللار بىلەن تەمىنلىشنى چىن دىلىمدىن ئۆمىد قىلمەن !   رەھمەت !!



سوئاللار :





1. سزنىڭ ھازېرقى كىرىم مەنبەيىڭىز نىمە ؟



2.سىزنىڭ ھازېرقى كىرىمىڭىز قانچىلىك ؟



3.سىز ھازېرقى كىرىمىڭىزدىن رازىمۇ ؟



4.سىزنىڭچە سىزنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۆزلىگەن نىشانغا يىتەلمەسلىكىڭىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانئاساسى سەۋەپنىمە ؟



5.سىزنىڭچە ھازېر ئايلىق كىرىمىڭىز قانچىلىك بولسا بولاتتى ؟(ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ جاۋاپ بىرىڭ )



6.سىزدە ئىقتىسادىي پىلان بارمۇ ؟



7.بەش يىلدىن كىيىن سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىدا قانداق سەۋيەگە يەتمەكچى ؟



8.سىز تۇرىۋاتقان رايۇندىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭئىقتىسادىي كىرىمى قەيەردىن كىلىدۇ ؟



9.سىز ‹ ماڭا پۇل تېپىپ تۇرمۇشۇمنى ئۆزگەرتىدىغان پۇرسەت كەلمەيۋاتىدۇ ›دەپ قارامسىز ؟



10.سىزنىڭچە ئەتراپىڭىزدىكى بېيىپ تۇرمۇشىنى باياشات ئۆتكۈزىۋاتقانلار نىمىشقا شۇنداق قىلالىغاندۇ ؟



ھازېرچە مۇشۇ ئون سوئالنى ئوتتۇرغا قويدۇم ، كۆپچىلىكنىڭ نەچچە مىنۇت ۋاقتىنى چىقىرىپ قويشىنى ھەم مۇشۇ تىمىدا ئويلىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن . باشقۇرغۇچىلار بۇ تىمىغا كۆڭۈل بۈلۈپ قويغان بولساڭلا ، رەھمەت !!



مەنبە:مىسرانىم

elqut يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 17:35:49

1منىڭ ھازىرقى كىرىم مەنبەيىم تىجارەت (گىرىم بۇيۇملىرىنى توپ سىتىش تىجارىتى قىلىمەن )

2مىنىڭ ھازىرقى كىرىمىم 10000يۋەن چىقىملىرىمنى چىقىرۋاتقاندا 4000يۋەن

3مەن ھازىرقى كىرىمىمدىن تازا رازى ئەمەس

4مەبلەغ كەمچىللىكى ۋە مۇنتىزىم (تىگىدىن ئۇزەمگە تەۋە بولغان )تىجارەت دۇكىنىمنىڭ يۇقلىقى

5مىنىڭ ھازىرقى تىجارەت كىرىمىم 15000ئايدا بولسا ھازىرچە كوڭلۆمدىكىدەك بولغان بۇلاتتى چۈنكى كەلگۇسىگە سوققان پىلانلىرىمغا كوپلەپ پۇل ۋە ئۇرۇن كىتىدۇ

6مىنىڭ ئىقتىسادى پىلانىم بار ئامما قەغەز يۈزىدە ئەمەس بەلكى كاللامغا قاچىلاقلىق

7بەش يىلدىن كىيىن اللاھ ئىشلىرىمنى ئۇڭۇشلۇق قىلسا ئىنشائاللاھ ئادەتتىكى شىركەتتىن بىرنى قۇرۇش ۋە كىچىك بولسىمۇ مىليۇنىرلار قاتارىغا كىرەلىسەم دەپ ئارزۇ قىلىمەن

8مەن تۇرۇۋاتقان يەردىكى كىشلەرنىڭ كىرىمى چوڭ جەھەتتىن دىھقانچىلىق كىچىك جەھەتتىن تىجاراتتىن كىلىدۇ ناھىمىز تىجارەتكە مەشھۇر ناھىلەردىن (توقسۇ ناھىسى)

9شۇنداقراق قارايمەن لىكىن پۇرسەت يوقمۇ ئەمەس

10پۇرسەتنى چىڭ تۇتالىغانلىقىدىن ۋە قارا قۇرساقلىقىدىن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ باي بولغانلار بەكمۇ ئاز ئەتراپىمدا ئامما ئۇلار بەكمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر ھالال ھارامنى ئىلغايدۇ قارا قۇرساق بايلارمۇ خىلى بار ئۇز مەنپەئەتى ئۈچۈ لەۋزىدىن يانىدىغان ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن اللاھ يامان كۇرگەن ۋە توسقان ئىشلارنى قىلىدىغانلار بەكمۇ كوپ مىسالى پارا بىرىپ باشقىلارنىڭ قۇلىدىكى ناننى تارتىۋالىدىغان ئىنشائاللاھ ىۇدايىم بۇيرۇسا اللاھ مىنى ئالدىنقى قاتاردىكى كىشىلەردىن بۇلۇشقا نىسىپ قىلسۇن

yawayibala يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 17:39:48

bilgyarنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

تۆۋەندىكى 10سوئالنى ئوتتۇرغا قويدۇم ،تۆۋەندىكى سوئاللارغا كۆپچىلىك ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ جاۋاپ بەرسە بولىدۇ. جاۋاپ بىرىش بىلەن بىرگە مۇشۇ نوختىلاردا كۆپچىلىكنىڭمۇ ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۆمىد قىلمەن ،

ئەگەر كۆپچىلىك ‹ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئىقتىساد › دىگەن مەزمۇندا ئويلىغانلىرى بولسا ياكى مۇشۇ مەزمۇندا يېزىلغان ئەسەردە بولىشى كىرەك دەپ ئويلىغانلىرى بولسا دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قويغان بولسا بۇنىڭ ياردىمى بولغان بولاتتى ، ئۇندىن باشقا كۆپچىلىكنىڭ مۇشۇ مەزمۇنلاردا مىنى تىما ۋە ماتىرياللار بىلەن تەمىنلىشنى چىن دىلىمدىن ئۆمىد قىلمەن !   رەھمەت !!



سوئاللار :





1. سزنىڭ ھازېرقى كىرىم مەنبەيىڭىز نىمە ؟



2.سىزنىڭ ھازېرقى كىرىمىڭىز قانچىلىك ؟



3.سىز ھازېرقى كىرىمىڭىزدىن رازىمۇ ؟



4.سىزنىڭچە سىزنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۆزلىگەن نىشانغا يىتەلمەسلىكىڭىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانئاساسى سەۋەپنىمە ؟



5.سىزنىڭچە ھازېر ئايلىق كىرىمىڭىز قانچىلىك بولسا بولاتتى ؟(ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ جاۋاپ بىرىڭ )



6.سىزدە ئىقتىسادىي پىلان بارمۇ ؟



7.بەش يىلدىن كىيىن سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىدا قانداق سەۋيەگە يەتمەكچى ؟



8.سىز تۇرىۋاتقان رايۇندىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭئىقتىسادىي كىرىمى قەيەردىن كىلىدۇ ؟



9.سىز ‹ ماڭا پۇل تېپىپ تۇرمۇشۇمنى ئۆزگەرتىدىغان پۇرسەت كەلمەيۋاتىدۇ ›دەپ قارامسىز ؟



10.سىزنىڭچە ئەتراپىڭىزدىكى بېيىپ تۇرمۇشىنى باياشات ئۆتكۈزىۋاتقانلار نىمىشقا شۇنداق قىلالىغاندۇ ؟



ھازېرچە مۇشۇ ئون سوئالنى ئوتتۇرغا قويدۇم ، كۆپچىلىكنىڭ نەچچە مىنۇت ۋاقتىنى چىقىرىپ قويشىنى ھەم مۇشۇ تىمىدا ئويلىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن . باشقۇرغۇچىلار بۇ تىمىغا كۆڭۈل بۈلۈپ قويغان بولساڭلا ، رەھمەت !!



مەنبە:مىسرانىم

جاۋاپلار

1 .ھازىرقى كىرىم مەنبەيىم مائاش

2. بۇ نى دىمىسەممۇ كۆپ قىسىم يولداشلار بىلىدۇ .

3. مەن قەتــــــــــــــــــــــــــــئى رازى ئەمەس .

4. سەۋپ بولسا ئىنتايىن كۆپ، مائاش تۈۋەن ، پولونىڭ باھاسى يۇقىرى دىگەندەك

5. مىنىڭ ئايلىق كىرىمىم 5000 كوي بولسا بۇلاتتى.

6. مەبلەغ يوق پىلان تۈزگەننىڭ نىمە پايدىسى .

7.بەش يىلدىن كېيىن دەپ بىرەي بۇنى .

8. بايلارنىڭ ھەممىسى تاشچى بىزنىڭ بۇ يەردە .

9. شۇ پەقەت پۇرسەت كەلمەيۋاتىدۇ .

10 . خۇدا بەگەن گەپ .

ئىقتىسادشۇناسلار بولسا پۇل تېپىشنىڭ يۇلىنى كۆرسىتىپ قويساڭلارچۇ ؟(\"\")

bilgyar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 18:02:53

ھەممەيلەن ياخشىراق ياشىساق، ناننىڭ يۇمشىقىنى يىسەك دەيدىكەنمىز...بۇ تېما مۇنازىرىسى ھەممىمىزگە ئەمەلىي نەپ، بولمىغاندا ئىدىيە سىلكىنىشىنى بولسىمۇ ئېلىپ كەلگۈسى.

Yolochi يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 18:32:55

ياشلارنىڭ ئىقتىسادىي قارىشىنى ئاڭلايدىكەنمىز دە؟

qutyar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 21:43:09

زادى مۇشۇ ھەقتە بىر پاراڭلىشىدىغان يەرگە يەتتى . خەنزۇلار 理财مالىيە باشقۇرۇش دەمدۇق بۇنى ، مۇشۇ ھەقتە بەك كۆپ ماتىرياللارنى كۆردۈم . لىكىن ئىقتىساد جەھەتتىكى بەلگىلىك ئاساسى چۈشەنچىگە ئىگە بولمىغاندىن كىيىنلا نۇرغۇن نەرسىلەر چۈشىنىكسىز قالىدىكەن . بولسا مۇشۇ تىمىدا تەپسىلى چۈشەنچە بىرىلسە .

خىزمەتكە چىققىلى بىر يېرىم يىل بوپتۇ ، ھازىر ئويلاپ باقسام مۇشۇ ئىقتىسادى پىلان دىگەن نەرسە بەك مۇھىمكەن . ئىقتىسادى پىلاننى ئۆز ئەھۋالىمىزغا ئاساسەن قانداق تۈزىمىز ، ئىشىنچە پۇلىمىزنى بانكىغا قويغاندىن باشقا يەنە قانداق ئۇسۇللار بىلەن كۆپەيتىشكە بولىدۇ . دىگەنلەر ھەققىدە بىشىدىن ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ تەجرىبىسىنى ئاڭلاپ باقساق بولاتتى .

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 21:53:42

1. مەن ھازىر ئىشسىز

2. مەن ئىشسىز بولغاندىكىن قالغان سۇئالغا جاۋاپ بەرمىسەممۇ بۇلا

hanjar01 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-21 08:27:38

1.ئاساسلىقى ئايلىق مائاش، ئۇنىڭدىن سىرىت كۈندە كەچلىكى ئاچقان دەرس تەكرارلاش سىنىپىدىن كىلىدىغان ئازغىنە كىرىم.

2.مائاش ۋە مۇكاپاتنى قوشقاندا 5000 دىن ئاشىدۇ، دەرس تەكرارلاش سىنىپىدىن 1200 ئەتراپىدا.

3.مائاشتىن ئاساسەن رازى، لېكىن دەرس تەكرارلاش سىنىپىدىن كېلىدىغان كىرىمدىن پەقەت رازى ئەمەس.

4.ئاساسلىق مەسىلە دەرس تەكرارلاش سىنىپىنى بىللە ئاچقان شېرىكلەرنىڭ ئەستايىدىل بولماسلىقى، مەسئۇلىيەتچان بولماسلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۆي ئىجارىسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىشى. باشقا يەرنى ئىجارىگە ئالاي دېسە مۇۋاپىق يەر يوق،قىممەت بولسىمۇ ئالماي ئامال يوق.

5.مېنىڭچە دەرس تەكرارلاش سىنىپىدىن كېلىدىغان ئايلىق كىرىم 4000 ئەتراپىدا بولسا بولاتتى. چۈنكى مەن ئۆزەم دەرس ئۆتەۋاتىقان ئوقۇغۇچىلاردىن ئايدا بۇنىڭدىن كۆپ ئوقۇش پۇلى يىغالايمەن. ئاي ئاخىرىغا بارغاندا شېرىكلەرگە بۆلۈپ بېرىمەن، ئۇلار پۇلنى يىغالمىدۇق دەپ ئىشىپ ئولتۇرىدۇ.

6.ئىقتىسادىي پىلان بار دېسەممۇ بولىدۇ، لېكىن مۇنتىزىم ئەمەس.

7.بەش يىلدىن كىيىن خۇدا بۇيرىسا ئازراق دەسمايە توپلاپ بىكار ۋاقىتلاردا سودا قىلىپ باققۇم بار.

8.مەن تۇرۇۋاتقان بۇيەر چوڭ شەھەرلەرگە يىراق بىر كان رايونى، ھەممە ئادەمنىڭ كىرىمى ئاساسەن مائاشتىن كىلىدۇ. شۇڭا ***مۇ ھەممە ئىشنى مائاشقا باغلاپ، ئۆزئالدىغا قانۇن-نىزام چىقىرىپ، بىر ئالاھىدە رايونغا ئايلاندۇرۋالدى. بۇ قانۇن-نىزاملارنى باشقىلار ئاڭلىسا دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ يەر باركەن دەپ ھەيران قالىدۇ. شۇڭا ئىزدىنىش ئەھلىنىڭ ھەيران قالماسلىقى ئۈچۈن بۇيەردە كۆپ سۆزلىمەي.

9.مەن ئۇنداق قارىمايمەن، پۇرسەت بار. لېكىن شۇنىڭغا چۇشلۇق شارائىت يوق.

10.مېنىڭ ئەتراپىمدا پۇلى كۆپ ئادەم شۇنداق جىق، ئۇلار مۇشۇ يەردە ئىشلەۋاتقىلى ئۇزۇن بولغان، ئاساسلىقى پۇلنى خەجلىمەي يىغىپ توپلاپ ھازىرقى ھالغا كەلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا قىمار ئويناپ، جازانىخورلۇق قىلىپ باي بولۇپ، بەزىدە خار بولۇپ يۈرگەنلەرمۇ نۇرغۇن.

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2012-5-21 09:13:47

8- سۇئالغا جاۋاپ : مەن تۇرۋاتقان مەھەلىدە كىشلەرنىڭ كىرىم مەنبەسى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى(دىباۋ)...

elwida يوللانغان ۋاقتى 2012-5-21 14:49:10

8- قەۋەتتىكى Kanjiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

8- سۇئالغا جاۋاپ : مەن تۇرۋاتقان مەھەلىدە كىشلەرنىڭ كىرىم مەنبەسى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى(دىباۋ)...





ئوخشاشكەن .

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 13:38:43

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 13:44:56

بەت: [1]
: ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىقتىسادىي قارىشى ئۈستىدە [كۆچۈرۈلمە]