alip يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 10:22:00

«بالا نەسىردىن ئەپەندى» نى كۆردۈڭلارمۇ؟

شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسسىدا بېرىلۋاتقان "بالا نەسىردىن ئەپەندى" نى دەسلەپتە چالا-بۇلا كۆرۈپلا ھەر ھالدا باشقا كارتونلارغا قارىغاندا ياخشىكەن دەپ ئويلىغانتىم، ئالدىنقى كۈنى قىزىم بىلەن ئىككى قىسىمنى تولۇق كۆردۈم. قارىسام بالا نەسىردىن ئەپەندى خەنزۇچە خەت يازىدىكەن، تاملاردىمۇ پۈتۈن خەنزۇچە خەت. يەنە تېخى ۋاڭ خوجايىن دەپ بىر خوجايىن بار ئىكەن.


يەنە تېخى نەسىردىن ئەپەندى ناننى ئېتىپ ئوينايدىكەن، ھەم پۈتۈن ناننى توخۇغا تاشلاپ بېرىدىكەن. بىز كىچىكىمزدىن باشلاپ ناننى بەك ئۇلۇغلايمىز، يولدا بىرەر پارچە قېتىپ كەتكەن ناننىڭ پارچىسى ئۇچىراپ قالسىمۇ ئاۋايلاپ ئېلىپ ئىگىزرەك بىرەر يەرگە ئېلىپ قويىمىز، دەسسىلىپ كەتمىسۇن دەپ. نەدىمۇ ناننى ئېتىپ، يۇملىتىپ ئوينايدىغان ئىش بار.


نەسىردىن ئەپەندى پۈتكۈل تۈركىي قەۋمنىڭ قىممەتلىك ئوبرازى، ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرى، ئۇنىڭ قەلبىمىزدىكى ئورنى بەك چوڭقۇر. شۇنداق ئوبرازغا زورلاپ خەنزۇچە خەتنى قىستۇرۇپ قويۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟


بۇ 3d كارتوننى ئىچكىردىكى بىر شىركەت ئىشلەپتۇ، ۋەقەلىكىنى ئەكبەر غۇلام يازغان شۇ ناملىق كىتابنى ئاساس قىلىپتۇ، ئۆرۈپ-ئادەت مەسلىھەتچىسىمۇ ئەكبەر غۇلام ئىكەن. ئىشلىگەن شىركەتقۇ ئۆزى بىلگەن يېزىقنى كىرگۈزۈپ ئىشلىسۇن، كىتاب يازغان، ئۆرۈپ-ئادەم مەسلىھەتچىلىكىنى قىلغان ئادەم نېمە ئىش قىلغاندۇ. ئىككى ئېغىز گېپىنى قىلماي.


قىسقىسى، بۇ كارتون ئۇيغۇر يېزىق مەدەنىيتى، ئۆرۈپ-ئادىتىنى كۆزگە ئىلماي ئىشلەنگەن ئەخلەت فىلىمكەن.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-21 17:51:17

يەنە بىر مەغلۇپ فىلىم ئىكەندە؟

مەن بالامغا كۆرسەتمەيمەي ھەم كۆرمەسلىك كېرەكلىكىنى، نېمىشقا كۆرسە بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرەي.

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 11:15:09

ماڭىغىمۇپەقەتلا ياقمىغان

umidwar99 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 11:18:34

مەنغۇ كۆرۈپمۇ باقماپتىمەن، لىكىن شۇنداقلا بولسا بالىلارغا كۆرسەتمەسلىك كىرەككەن.

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 11:23:38

مىنكاۋخەن ئەپەندىمكەندە بۇ \"\"

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 11:24:12

بۇمۇ نەسىردىن ئەپەندىمۇ «شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسىگەن» ئەسەرنىڭ بىرىكەندە\"\"

typography يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 11:35:21

ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيتىنى قوشۇپلا ئىشلىۋىتىپتۇ مەنمۇ بىر ئىككى قىسىم كۆرگەن.ھېيىت-ئايەم دەپ قارىسا پانۇس تۇرغان ئۇ بۇ يەرگە ئېسىغلىق.

ئاندىن بىزدە بايلارنىڭ سۈرى خېلى بار ئانداق خوتۇندىن قورقىدىغان ئىش يوق ئىدى. مانىڭدا سايماخۇن ئاۋۇ بۇرتلۇق بايچاقنى چىقرۋىتىپتۇ.مەسلىھەت بەرگۈچى ئۇيغۇرچە ئىسمى بار زات بۇلارنى كۆرۈپ بىر نەرسە دىمىگەندىمۇ؟ھەسەلدىن تېخى خەنزۇچە خەت ھاسىل قىلۋەتتى قاراپ تۇرسام. شۇ دەۋردىلا قوش تىل مائارىپى خېلى يۈكسەلگەن ئوخشايدۇ قارىغاندا.

farwana يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 11:40:32

ئىشقىلىپ باللا كۆرىدىغان شىياڭياڭ مىياڭياڭلاردىن مىڭ ياخشى

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 11:46:14

بۇنداق ئەنئەنىگە مۇخالىپ ئىشلار ئېلان .كىنۇلاردىمۇ ئاندى مۇندا كۆرۈلۈپ قالىدۇ ،

1.بىر كىنو بولدىغان ئۆزىمىز ئىشلىگەن شۇنىڭ بىر يىرىدە دەريانىڭ يۇقرى ئېقنىدا بىرەيلەن قولىنى شۇسا تۆۋەن ئېقىندا بىرەيلەن يۈزىنى يۇيۇپ سۇ ئىچەمدۇ ئەيتاۋۋۇر ،شۇنداغاراق ،تولۇق ئوتتۇردىكى ئەدىبىيات مۇئەللىم ‹نەدە بىزدە ئۇنداق ناچا ئىش بار ›دەپ قايناپ كەتكەن .

2.بىر ئىچىملىكنىڭ ئېلانىدا بىر كىچىك بالا دەرەخ كۆتىكى بىلەن يولنى توساپقويىدۇ، بىرەيلەن ماشىنىسى بىلەن يولدىن ئۆتەلەمەي ئىچملىكنى ئىچىپ كۆچلۈنۈپ دەرەخ ياغىچىنى سۆرەپ يول سىرتىغا چىقىرۋىتىپ ماشىنىسى ھەيدەپ كېتىپ ،كىچىك بالا ئات بىلەن قايتا ئۇ نەرسىنى يولغا چىقىرپ قويىدۇ ،

مۇشۇ ئېلاندىمۇ بەزىدە ئۆزەمنى ئاشۇرۋەتتىممۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن لىكىن زادى كاللامدىن ئۆتمەيدىغىنى بىزدە كىچىكىكمىزدىن ‹يولىدىكى كىچىكك تاشنىمۇ ئىلىۋەت› دەپ تەربىيە قىلىدىغان ئاتا-ئانىمىز ،لىكىن ما ئېلان باللىلارغا پۇل تىپىش ئۈچۈن مۇشۇنداق ئىشلاردىن يانما دىگەننى ئۈگەتكەندەك بولۇپ قالىمەن.



‹ناننى دەسسىسەڭ كۆزۈڭ قارغۇ بولۇپ قالىدۇ›دەپ قورقىتاتتى ئاپام.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 11:50:01

alipنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

بۇ 3d كارتوننى ئىچكىردىكى بىر شىركەت ئىشلەپتۇ، ۋەقەلىكىنى ئەكبەر غۇلام يازغان شۇ
ناملىق كىتابنى ئاساس قىلىپتۇ، ئۆرۈپ-ئادەت مەسلىھەتچىسىمۇ ئەكبەر غۇلام ئىكەن.
ئىشلىگەن شىركەتقۇ ئۆزى بىلگەن يېزىقنى كىرگۈزۈپ ئىشلىسۇن، كىتاب يازغان،
ئۆرۈپ-ئادەم مەسلىھەتچىلىكىنى قىلغان ئادەم نېمە ئىش قىلغاندۇ. ئىككى ئېغىز گېپىنى
قىلماي.



بۇ ئەكبەر غۇلام دېگەن ئادەم، پۇل ئۈچۈنلا ئەسەر يېزىپ، پۇل ئۈچۈنلا مەسلىھەتچىلىك قىلىدىغان، تازا نان قېپى ئادەممۇ نېمە؟

iztikin يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 11:54:23

قۇربان ھىيتتا پانۇس ئاسقان كۆرۈنۈشلىرىچۇ تېخى.............



بالا نەسىردىننىڭ ئاپتۇرى، ئۆرۈپ ئادەت مەسلىھەتچىسى يولداش ئەكبەر غۇلام ياشاپ كېتىڭ!........خو، يارايدۇ!،،، \"\"

sansara يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 12:11:00

alipنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسسىدا بېرىلۋاتقان \"بالا نەسىردىن ئەپەندى\" نى دەسلەپتە چالا-بۇلا كۆرۈپلا ھەر ھالدا باشقا كارتونلارغا قارىغاندا ياخشىكەن دەپ ئويلىغانتىم، ئالدىنقى كۈنى قىزىم بىلەن ئىككى قىسىمنى تولۇق كۆردۈم. قارىسام بالا نەسىردىن ئەپەندى خەنزۇچە خەت يازىدىكەن، تاملاردىمۇ پۈتۈن خەنزۇچە خەت. يەنە تېخى ۋاڭ خوجايىن دەپ بىر خوجايىن بار ئىكەن.


يەنە تېخى نەسىردىن ئەپەندى ناننى ئېتىپ ئوينايدىكەن، ھەم پۈتۈن ناننى توخۇغا تاشلاپ بېرىدىكەن. بىز كىچىكىمزدىن باشلاپ ناننى بەك ئۇلۇغلايمىز، يولدا بىرەر پارچە قېتىپ كەتكەن ناننىڭ پارچىسى ئۇچىراپ قالسىمۇ ئاۋايلاپ ئېلىپ ئىگىزرەك بىرەر يەرگە ئېلىپ قويىمىز، دەسسىلىپ كەتمىسۇن دەپ. نەدىمۇ ناننى ئېتىپ، يۇملىتىپ ئوينايدىغان ئىش بار.


نەسىردىن ئەپەندى پۈتكۈل تۈركىي قەۋمنىڭ قىممەتلىك ئوبرازى، ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرى، ئۇنىڭ قەلبىمىزدىكى ئورنى بەك چوڭقۇر. شۇنداق ئوبرازغا زورلاپ خەنزۇچە خەتنى قىستۇرۇپ قويۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟


بۇ 3d كارتوننى ئىچكىردىكى بىر شىركەت ئىشلەپتۇ، ۋەقەلىكىنى ئەكبەر غۇلام يازغان شۇ ناملىق كىتابنى ئاساس قىلىپتۇ، ئۆرۈپ-ئادەت مەسلىھەتچىسىمۇ ئەكبەر غۇلام ئىكەن. ئىشلىگەن شىركەتقۇ ئۆزى بىلگەن يېزىقنى كىرگۈزۈپ ئىشلىسۇن، كىتاب يازغان، ئۆرۈپ-ئادەم مەسلىھەتچىلىكىنى قىلغان ئادەم نېمە ئىش قىلغاندۇ. ئىككى ئېغىز گېپىنى قىلماي.


قىسقىسى، بۇ كارتون ئۇيغۇر يېزىق مەدەنىيتى، ئۆرۈپ-ئادىتىنى كۆزگە ئىلماي ئىشلەنگەن ئەخلەت فىلىمكەن.





يالقۇن روزىغا دەپ قويسىڭىز بوپتىكەن،ئەختەمكام ئەپەندىمنى شاشراق تەسۋىرلىسە قاخشاپ كەتكەن بۇ تەنقىتچى ئەپەندىمنى قوغدايدىغان نەخ سورۇندا بولماي قالغاندەك قىلىدۇ

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 12:27:43

ئاخشام نىمە بولدى شىنجاڭ تېلىۋېزىيىسىنى ئېچىپ قاپتىمەن،قارىسام شۇ فىلىم،ئېچىشىمغا باي نەدىردىن ئەپەندىمگە باش ئۇرغىلى تۇرۇپتۇ،بىر دەمدىن كېيىن ۋاڭ دەپ بىرى چىقىۋاتىدۇ،يەنە ھەممە چاسا يېزىق...

شۇ فىلىمنى يازغۇچى،مەسلىھەتچى،ئىشلىگۈچى،تارقاتقۇچى،تەرجىمە قىلغۇچى،يەنە ئۇچى،بۇچىلار بىلىپ تۇرۇپ قىلىۋاتقان ئىشىغا قاراپ قانالنى يۆتكىۋەتتىم...

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 14:16:01

مەنمۇ تېخى كۆرۈپ باقمىدىم. تېما ئېگىسى يازغاندەك راسىت شۇنداق بولسا... ھەي!!!. باشقا تۈركىي مىللەتلەر كۆرۈپ قالسىمۇ تازا سەتتە!

uyghur0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 14:23:39

مەنمۇ كۇرۇپ تازا ياقتۇرمدىم،خەنزۇچە خەتلەرنەگە قارسابار،كۇرۇپ توقسەنگە چىقتى..

mahammat يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 14:28:39

توردا بولسا يوللىۋەتمەسىلەر ،كۆرۈش پۇرسىتى يوقلار كۆرۈپ ئاندىن ئۆزى باھا بەرسۇن !!!

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 14:30:23

10- قەۋەتتىكى sansaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

alipنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسسىدا بېرىلۋاتقان \"بالا نەسىردىن ئەپەندى\" نى دەسلەپتە چالا-بۇلا كۆرۈپلا ھەر ھالدا باشقا كارتونلارغا قارىغاندا ياخشىكەن دەپ ئويلىغانتىم، ئالدىنقى كۈنى قىزىم بىلەن ئىككى قىسىمنى تولۇق كۆردۈم. قارىسام بالا نەسىردىن ئەپەندى خەنزۇچە خەت يازىدىكەن، تاملاردىمۇ پۈتۈن خەنزۇچە خەت. يەنە تېخى ۋاڭ خوجايىن دەپ بىر خوجايىن بار ئىكەن.


يەنە تېخى نەسىردىن ئەپەندى ناننى ئېتىپ ئوينايدىكەن، ھەم پۈتۈن ناننى توخۇغا تاشلاپ بېرىدىكەن. بىز كىچىكىمزدىن باشلاپ ناننى بەك ئۇلۇغلايمىز، يولدا بىرەر پارچە قېتىپ كەتكەن ناننىڭ پارچىسى ئۇچىراپ قالسىمۇ ئاۋايلاپ ئېلىپ ئىگىزرەك بىرەر يەرگە ئېلىپ قويىمىز، دەسسىلىپ كەتمىسۇن دەپ. نەدىمۇ ناننى ئېتىپ، يۇملىتىپ ئوينايدىغان ئىش بار.


نەسىردىن ئەپەندى پۈتكۈل تۈركىي قەۋمنىڭ قىممەتلىك ئوبرازى، ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرى، ئۇنىڭ قەلبىمىزدىكى ئورنى بەك چوڭقۇر. شۇنداق ئوبرازغا زورلاپ خەنزۇچە خەتنى قىستۇرۇپ قويۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟


بۇ 3d كارتوننى ئىچكىردىكى بىر شىركەت ئىشلەپتۇ، ۋەقەلىكىنى ئەكبەر غۇلام يازغان شۇ ناملىق كىتابنى ئاساس قىلىپتۇ، ئۆرۈپ-ئادەت مەسلىھەتچىسىمۇ ئەكبەر غۇلام ئىكەن. ئىشلىگەن شىركەتقۇ ئۆزى بىلگەن يېزىقنى كىرگۈزۈپ ئىشلىسۇن، كىتاب يازغان، ئۆرۈپ-ئادەم مەسلىھەتچىلىكىنى قىلغان ئادەم نېمە ئىش قىلغاندۇ. ئىككى ئېغىز گېپىنى قىلماي.


قىسقىسى، بۇ كارتون ئۇيغۇر يېزىق مەدەنىيتى، ئۆرۈپ-ئادىتىنى كۆزگە ئىلماي ئىشلەنگەن ئەخلەت فىلىمكەن.





يالقۇن روزىغا دەپ قويسىڭىز بوپتىكەن،ئەختەمكام ئەپەندىمنى شاشراق تەسۋىرلىسە قاخشاپ كەتكەن بۇ تەنقىتچى ئەپەندىمنى قوغدايدىغان نەخ سورۇندا بولماي قالغاندەك قىلىدۇ



يالقۇن روزى بىلەن تونۇشلۇقۇم يوقكەن، ئىككىڭلار بىر شەھەردە بولغاندىكىن يولدا ياكى سورۇنلاردا ئۇچىراپ قالسا توردا مانداق دىيىشۋاتىدۇ.... دەپ دەپ باقامسىز يا.

erdoghan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 14:45:01

راستلا شۇنداق ئىشلىگەن بولسا ( مەن كۆرمەپتىمەن ) بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە سالغان ھارامتاماقلارغا لەنەتلەر بولسۇن !

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 15:37:27

ھېلىقى خوتوننىڭ ئىسمى نېمىتتى.....

خوتۇنلاردىن بىر تىپ چىقتى دېسەك، ئەر خەقتىنمۇ چىقىپتۇ مانا \"\"

guzaltarim يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 16:19:38

مەن كۆرسەممۇ تازا دېققەت قىلماپتىمەن . ئاخشاملىققا تازا دېققەت قىلىپ كۆرۈپ باقايچۇ.
بەت: [1] 2 3
: «بالا نەسىردىن ئەپەندى» نى كۆردۈڭلارمۇ؟