ئۈمىدكە تولغان مەدەتچى قىزلار
ئۈمىدكە تولغان مەدەتچى قىزلار
ــــــ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە مەكتىپى ساغلاملىق - گۈزەللىك گىمناستىكىسى كوماندىسىنى زىيارەت
( ‹‹ شىنجاڭ تەنتەربىيىسى ›› ژۇرنىلى 2011-يىل 6-سان )
مەدەتچى قىزلارنىڭ CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسى سەھنىلىرىدە ئوينىغان ئۇسۇللىرى كىشىلەرنى مۇسابىقىگە ئوخشاشلا ھۇزۇرلاندۇرىدۇ . ئۇلار CBA بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنىڭ مەيدانلىرىنى لەرزىگە سېلىپ يېڭىچە تەنتەربىيە مەدەنىيىتىنى ياراتقان ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ جۇشقۇن روھقا تولغان ياشلىق ئارمانلىرىنى بۇ كەسىپكە بېغىشلىغان . بىراق ، ئوتقاشتەك لاۋۇلداپ يانمىسا بولمايدىغان ھالەتنى جۇشقۇن كەيپىياتقا تولدۇرۇپ تاماشىبىنلارغا روھىي ئوزۇق ، ئەزىمەتلەرگە شىجائەت ئاتا قىلىش ھەرگىز ئاسان ئەمەس .
ياڭ جىڭ بولسا ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە مەكتىپى ساغلاملىق - گۈزەللىك گىمناستىكا كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى ، ئۇ بۇ كەسىپنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدۇ ، ئۇ ساغلاملىق گۈزەللىك ھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا ئەجىرگە لايىق نۇرغۇن شان - شەرەپكە ئېرىشكەن بولسىمۇ ، يېڭىلىق ئىچىدە پەرۋاز قىلىۋاتقان CBA مەدەتچىلەر كوماندىسىدىكى تەرەققىياتىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ . ئۇ مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ ئىلگىرى مەدەتچىلەر ناھايىتى ئاددىي شەكىلدىلا ئويۇن كۆرسىتەتتى ، ھازىر بۇنىڭ تەسىرى تېخىمۇ كېڭەيدى . كوماندىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت يۇقىرى سەۋىيەدىكى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش ، نەق مەيداندىكى شۇنداقلا تېلېۋىزور ئالدىدىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش بۇ مەدەتچىلەر ئۇسسۇلىنىڭ نېگىزلىك مەقسىتىگە ئايلاندى . ››
ياڭ جىڭ ۋە مەدەتچى قىزلار كوماندىسى تەرەققىيات داۋامىدا يېڭىلىقلارنى يارىتىپ ، چەت ئەل ئۇسسۇللىرىغا ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنى ئۆزگىچە مۇزىكا تەڭكەش قىلىپ تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى زور دەرىجىدە تارتالايدىغان دەرىجىگە يەتتى . ھېسسىيات بىلەن ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرۈپ باشقىلارغا زوق بېغىشلاش ھەرگىز ئاسانغا چۈشمەيدۇ ، لېكىن ئادەم ئىزچىل تىرىشىدىغانلا بولسا ، چوقۇم ئۇنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ . مەدەتچى قىزلار ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6:30دە ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردىن شەھەرلىك تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ مەشىق زالىغا كېلىپ ، ئۈچ سائەتلىك مەشىققە كىرىشىپ كېتىدۇ . بەزىدە بىر قىسىم ھەرىكەتلەرنى يۈز قېتىم ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق مەشىق قىلىدۇ ، كىشىلەر تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەن چاغلاردا ئاندىن ئۆيلىرىگە قايتىدۇ . ئۇلار بۇنداق تۇرمۇشقا ئاللىقاچان كۆنۈپ كەتكەچكە ، ھەممىسى بۇ پۇرسەتنى قەدىرلەيدۇ . ئۇلار بۇ كوماندا ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەڭ زور تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىدۇ ، ئۇلار ھازىر ئۇيۇشۇپ بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلاندى . بۇنداق ھېسسىيات بەكمۇ قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ .
مەدەتچىلەر كوماندىسىغا قاتناشقىنىغا ئۈچ يىل بولغان ما جىڭ مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ مەيلى تېخنىكا جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئويۇن كۆرسىتىشتە بولسۇن ، بۇ يىل مەن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم ، مەدەتچىلەر كوماندىسىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ئېشىپ ، ھەممىمىز ئوخشاش بىر نىشان ئۈچۈن ئاتلاندۇق . ››
‹‹ مەدەتچى قىزلار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزنى پەخىرلىك ھېس قىلغاندىن باشقا ، يەنە زىممىمىزگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىنىڭ تېخىمۇ مۇھىملىقىنى ھېس قىلماقتىمىز . ئىلگىرى ئۇلاردا ئاممىۋىي سورۇنلاردا ئېگىز - پەس ۋارقىراپ سۆزلەيدىغان ناچار ئادەتلەر بار ئىدى ، ھازىر ئۇلار ئۆزىگىلا ۋەكىللىك قىلماستىن ، بەلكى شىنجاڭ خەلقىگە ، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوبرازىغا ۋە تەنتەربىيە روھىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقلىرىنى تونۇپ يەتتى ، ئۆزلىرىگە بولغان تەلەپنىمۇ ئاشۇردى . ››
47- قەۋەتتىكى elwidaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شۆلگەي ئېقىتاي دىگەنما ؟
ئۈزىڭىزگە ئوخشىتىۋاتامسىز؟


باشقىلىرى يوقمۇ




سىڭلىمنىڭ سىنىپىدا بەك چىرايلىق بىر (تۇڭگان) قىز بار ئىدى، شۇنىمۇ ئۈرۈمچىدە بىر قانچە يەردىن مودىللىققا دەمدۇ، ياكى مۇشۇنداق مەدەتچى قىز دەمدۇ ئىشقىلىپ «پىگورا، چىراينى دەسمىي قىلىپ قىلىدىغان بىر خىزمەتكە» يۇقىرى مائاش بىلەن تەكلىپ قىپتىكەن، قىزنىڭ تۈزۈك ئوقىمىغان ئانىسى جېنىدا، بۇنداق 吃青春饭 ياشلىق باھارنى دەسمىي قىلىپ جان باقىدىغان خىزمەتلەرنىڭ ئسىتىقبالى يوق. سەن مەكتەپتىكى ئوقۇشۇڭنى ياخشى ئوقۇ، سېستىرا بول دەپ قىزنى توسۇپ قويۇپتۇ.
بۇ قىزلارغا ئىچىم ئاغرىدى. ئوتتۇردىكى قىزچاقبەكمۇ چىرايلىقكەن،










يەنىلا مۇنداق مەدەتچىلەر نوچى

9- قەۋەتتىكى _Imkanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يەنىلا مۇنداق مەدەتچىلەر نوچى
ما مەدەتچىلەر قىززىق ئىكەن ئوڭ تەرەپتىكى داڭلىق ناخشچىمىز ئابدۇللا ئابدۇرىھىممۇ نىمە ؟
ما تۆتەيلەننىڭ رەسمدىكى تۇرىقىمۇ بىر يۇمۇر ئىكەن ،
ps تە ئىشلىگەن رەسىمدەك قىلىدۇ. لېكىن ياخشى ئىشلەپتۇ. نەزەر(قىزلارغا ئەمەس تېمىغا) گەپ ئائىلەتەربىيەسىدە ،خوشنىمىزنىڭ ئوغلى خەنزۇچىدا ئوقۇيتتى ، خەنزۇئوقۇغۇچىلارتولۇق ئورۇنۇپ يۈرگەن قىزلار توغۇرلۇق سوراپتۇ ، بۇ يىگىت ئۇلاردىن « چېچىغلىق تۇرغان كەمپۈتلەردىن يىيىش ئۈچۈن پۇختا ئورالغان ، پاسكىنىلىق يۇقۇش ئېھتىمالىئالدىن ئېلىنغان كەمپۈتنى تاللامسەن ياكى قىپيالىڭاچ ئورالمىغان كەمپۈتنى يىيىشكەتاللامسەن ؟ » دەپسوراپتۇ بۇ خەنزۇئوقۇغۇچىلارغىمۇ ناھايىتى ئورۇنلۇق تۇيۇلۇپتۇ .ئەمما بىزنىڭبىر قىسىم تەربىيەكۆرمىگەن مەدىنىيەتسىز خەلقىمىزى ھەقىقەتەنبەك ئەخمەق .