چوكامۇزدىمۇ چاتاق بار ئىكەن
چوكامۇزدىمۇ چاتاق بار ئىكەن
چوكامۇزنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانى كىشىنى قاتتىق ئۈمۈدسىزلەندۈردى.
يازنىڭ يېقىنلاپ كېلىشى بىلەن چوكامۇز نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يازدىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىغا ئايلىنىپ قالدى. چوكامۇز گەرچە كىچىك نەرسە بولسىمۇ، ئۇنى خاتىرجەم ئىستېمال قىلغىلى بولامدۇ؟
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ مۇخبىر چىڭداۋ چېنچېن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىگە يوشۇرۇن تەكشۈرۈشكە كىرىپ، چوكامۇزنىڭ ماتېرىياللىرىدىن تارتىپ ئىشلەپ چىقىرىشنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىغىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
ئەسلىدە كىچىككىنە بىرتال چوكامۇزنىڭ تەركىبىدە ئون نەچچە خىل تەم تەڭشىگۈچى خۇرۇچ ماتىرياللىرى بار ئىكەن. ئوخشاش بولمىغان تەمدىكى چوكامۇزلارنى تەڭشەشكە ئاساسلىقى مۇئەتتەر ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، يېشىل پۇرچاق ۋە قىزىل پۇرچاق تەملىك چوكامۇزلارنىڭ تەركىبىدە بىرتالمۇ پۇرچاق يوق ئىكەن.
مۇخبىر ھەرخىل چوكامۇزلارنىڭ ماتېرياللىرىنىڭ پەقەتلا ھەرخىل تۈردىكى مۇئەتتەر ۋە رەڭ پىگمېنتلىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بۆلجۈرگەن تەملىك مۇزقايماق كۇمىلىچى تەركىبىدىلا 20 خىلدىن ئارتۇق ماتېرىيال بولۇپ، ئارىسىدىكى 11 خىل ماتېرىيال تەم تەڭشىگۈچى خۇرۇچ ئىكەن.
مۇخبىر يەنە ئىككى توننىلىق ماتېرىيال تەركىبىگە پەقەتلا 25 كىلوگىراملىق مايلىق سۈت پاراشوكى قوشۇلغانلىقىنى، مەھسۇلاتنىڭ تەمىنى كۈچەيتىش ئۈچۈم يەنە بىر كىلو سۈت جەۋھىرى قوشقانلىقىنى كۆرگەن.
ئوخشاشلا يەنە بىر تۈردىكى شاكىلات تەملىك چوكامۇزنىڭ ماتىريالىغىمۇ پەقەتلا بىر كىلو 800گىرام شاكىلات جەۋھىرى قوشۇلۇپ، ئىككى توننىلىق شاكىلات تەملىك چوكامۇزنىڭ ماتىريالى تەييارلىنىپ چىققان.
مۇخبىر يېشىل پۇرچاق ۋە قىزىل پۇرچاق تەملىك چوكامۇزلارنىڭ تەركىبىدە پەقەت ئىككى خىل تەمدىكى مۇئەتتەرنىلا كۆرگەن. ئەكسىچە بىرمۇ پۇرچاق كۆرمىگەن.
چېنچېن يېمەكلىك شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئۇلارنىڭ شىركىتىنىڭ ئىشلەپ چىقارغان كونا چوكامۇزلىرىنىڭ بازاردىكى ئىگىلەش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ئىكەن. بىراق مۇخبىرنىڭ مەخپىي تەكشۈرۈش جەريانىدا ئىگىلىشىچە، زاۋۇتتىكى ئىشچىلار قولى بىلەنلا ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بارىدىكەن ھەمدە يەرگە چۈشۈپ كەتكەن چوكامۇزلارنىمۇ يەردىن ئېلىپلا داۋاملىق قوشۇپ ئىشلىتىۋېرىدىكەن. مۇخبىرنى ھەممىدىن ھەيران قالدۇرغىنى، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا شاللىۋېتىلگەن چوكامۇز ماتىرياللىرى زاۋۇت تەرىپىدىن يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، چوڭ تىپتىكى دۈملەش ئېلىپ بېرىلىپ ئېرىتىلگەندىن كېيىن ئىشچىلار بۇ ئېرىتمىلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئورالما قاپ خالتىلىرى ۋە يىلىملىق نەيچىلەرنىڭ ھەممىسىنى يوغان سۈزگۈچ بىلەن سۈزۈپ چىقىرىۋالغان. مەشغۇلات جەريانى كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۈرىدۇ.
مەنبە: finance.qq.com
يوللانغان ۋاقىت: 2012-05-18
★★★★★
http://www.nur.cn/news/2012/05/68552.shtml
★★★★★
ما تېمىنى ئوقۇمۇدۇم، مۇشۇنداق نەرسىلەرنى قاتۇرۇش ئۈچۈن شۇ جانىۋارنىڭ بىر نىمىسى قۇشۇلغان بىر نىمىنى ئىشلىتىدىغانلىغى مەلۇم! ئىنەكتىن بىرنى بېقىپلا لېكىن ھە! تۇفى مۇناپىقلار! ئەخلەت ....ئەخلەت.....ھۇ ئىنساپسىزلار.... كىچىك ۋاقىتلاردا بىزنىڭ مەھەللىگە ۋەلسپىت كەينىگە قىلىن يۇتقانغا يۇگەلگەن قەغەز ساندۇقنى باغلىۋالغان خەنزۇ خۇتۇننىڭ چۇكا مۇزىنى ھەجەپ يەيتتۇق ،،،دانىسى بەش تىيىن ئىدى ،،،،،ھازىر ھەممە دۇكاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزى ئىشىلىگەن مارژۇننى ساتىدىغان بۇلوپ كەتتى (ئاۋرال،ئىزھار ،شەبنەم ماركىلىق مارژۇنلار بەك تەملىك ) دائىم شۇنى ئىلىپ بىرىمەن نەۋرە -چەۋرەمگە ....

چوكا مۇزدا مەسلە يوق، سۈت پاراشوكىدا مەسىلە يوق، ئىچىملىكتە مەسىلە يوق.
سۇ بېشىدىن لاي.
بۇلغانمىغان نىمە بار؟ ئېيتىڭلارچۇ ئۇ نىمە؟كىم تاپالىسا مۇكاپات بار.
بۇ تېپىشماق بەك تەس ئەمما.................. نۆۋەتتە ئىشقا ساق-سالامەت بېرىپ، كەچتە ئۆيىمىزنى تېپىپ كېلەلىگىنىمىزنىڭ ئۆزى چوڭ ئۇتۇق ئوخشايدۇ ... بىزنىڭ شەھەردە ئېلى قايماقلىق مارۇژنىخانىسى دەپ بىر دۇكان بار،بەك قىممەت بولسىمۇ،شۇ يەردە 15-20كۈندە،ياز ۋاقىتلىرى كىرىپ يەپ قويىمەن،لېكىن،چوكا مۇزنى 3يىلدىن بۇيان يەپ باقمىدىم

7- قەۋەتتىكى Aqilghinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇلغانمىغان نىمە بار؟ ئېيتىڭلارچۇ ئۇ نىمە؟
كىم تاپالىسا مۇكاپات بار.
بۇ تېپىشماق بەك تەس ئەمما..................
ئىچىملىكتىن دېسىڭىز ئەڭ ياخشىسى يەنىلا يەرلىك قادى(دۇغ)غا يەتمەيدۇ! بۇلغانمىغان ھېچنىمە قالمىدى


7- قەۋەتتىكى Aqilghinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇلغانمىغان نىمە بار؟ ئېيتىڭلارچۇ ئۇ نىمە؟
كىم تاپالىسا مۇكاپات بار.
بۇ تېپىشماق بەك تەس ئەمما..................
نان بۇلغانمىغان ھېچنىمە قالىدى مېنىڭچە ...
بۇلارنى بايقاش پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى......
ھازىر كۆپ كىشىلەر ( كۆتتۈمنى بۆرە يېسە يېسۇن، كۆزۈم كۆرمىسۇن) دەيدىغان بولۇپ كەتتى

14- قەۋەتتىكى turikizatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
7- قەۋەتتىكى Aqilghinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇلغانمىغان نىمە بار؟ ئېيتىڭلارچۇ ئۇ نىمە؟
كىم تاپالىسا مۇكاپات بار.
بۇ تېپىشماق بەك تەس ئەمما..................
نان
بىر چاغدا نانغا سوپۇن پاراشوگى قوشىدىكەن، شۇنداق قىلسا شۇنداق كۆپۈپ ئوخشارمىش دەيدىغان گەپلەر بولۇنغان
كېيىن ئۇ ناۋايلارنى بىر تەرەپ قىلدىغۇ دەيمەن....
14- قەۋەتتىكى turikizatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
7- قەۋەتتىكى Aqilghinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇلغانمىغان نىمە بار؟ ئېيتىڭلارچۇ ئۇ نىمە؟
كىم تاپالىسا مۇكاپات بار.
بۇ تېپىشماق بەك تەس ئەمما..................
نان
نانغا سالغان خېمىرتۇرۇچتا مەسىلە چىققان بىر چاغلاردا
11- قەۋەتتىكى foreverنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
7- قەۋەتتىكى Aqilghinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇلغانمىغان نىمە بار؟ ئېيتىڭلارچۇ ئۇ نىمە؟
كىم تاپالىسا مۇكاپات بار.
بۇ تېپىشماق بەك تەس ئەمما..................
ئىچىملىكتىن دېسىڭىز ئەڭ ياخشىسى يەنىلا يەرلىك قادى(دۇغ)غا يەتمەيدۇ!
yurtumizdin chiqqan yerlik mehsulatlar, ozimiz kilghan yimekliklar nisbeten bulghanmighan .Emma ixletkan matiryallarning bulghanmighanlighigha bir nime diyix haqiqatan qiyin. بۇ تىپتىكى خەۋەرلەرنىڭ كۆپىيىشى، خەنسۇلارنىڭمۇ يىمەكلىك تازلىقىغا دېققەت قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى.
ئۆتكەندىكى 明胶 نىڭ خەۋىرىدىن كېيىن، بىزنىڭ ئىشخانىدىكى بىرەيلەن كوچىدا ماڭغاچ ئىككى خەنسونىڭ مانداق دىيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپتۇ: «维族人再坏也不会把食品弄成咋样,以后到清镇餐厅去吃饭好了» مۇشۇنداق دەيمىش.
چىدىماي تۇرۇپ بىر يەرلىرىدىن قايىل بولىدىكەن يەنە.
بەت:
[1]
2