tvman يوللانغان ۋاقتى 2012-5-19 13:19:20

ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە XJTV

8-قېتىملىق جۇڭگۇ مەدىنىيەت مەھسۇلاتلىرى خەلقىئارلىق كۆرگەزمە يېغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى يىقىندا شېنجېندا ئۆتكۈزۈلگەن ،خەۋەرلەردىن كۆرشىمىزچە تۈنجى كۈنى شىنجاڭ كۆرگەزمە ئۆمىكى 25مىليارد 262مىلىيۇن قىممىتىدە توختام ئىمزالىغان ،بۇنىڭ ئىچىدە XJTVبېيجىڭدىكى بىر مەدىنىيەت شىركىتى بىلەن 30 چىسىملىق بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئۈستىدە قىممىتى 40 مىلىيۇنغا يەتكەن توختام ئىمزالىغان ، مانا بۇ بىز كۈندە كۆرىدىغانXJTVدىكى ئەخلەت تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ كىلىش مەنبەسىدىن بىرى,ماتىرياللاردا خاتىرىلىنشىچە 2007-يىلى3-قىتىملىق يەرمەنكىدە XJTVھەربىرىسى 6 مىلىيۇندىن 4دانە توختامغا قول قويغانبۇلار 《大漠狱警》、滴血的阳光》、《风中的青树》、《知青园》دىگەن فىلىملەر ئىكەنلىكى مەلۇم ،تېخىمۇ ئىلگىرلىسەك2006-يىلى 2-قېتىملىق يەرمەنكىدە XJTV‹نەسىردىن ئەپەندىم ھەققىدە يېڭى قىسسە›《阿凡提新传》توغرىسىدا شېنجىن دىكى بىر شىركەت بىلەن توختام ئىمزالىغانلىقى مەلۇمكۆرگەنلەر بۇ توغرىسىدا ئۇچۇر بەرسە،مەن كۆرۈپ باقمىغان ياكى كۆرگەن بولساممۇ ئېسىمدە قالمىغان بولىشى مومكىن ، كۆرۋىلىشقا بولدۇكى XJTVيىلدىن يىلغا خانىسى سەككىزدىن كەم بولمىغان پۇلغا ھەرخىل تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئىشلەپ بىزگە سۇنىۋىتىپتۇ ،ئالدىنقى قېتىمغا سېلىشتۇرغاندا بىر قىسمۇ بىرمىليۇندىن ئارتۇق پۇلغا توختىغان بۇ تېلېۋىزىيە تىياترى ئادەمنى تولىمۇ قىززىقتۇرىدۇخەۋەرلەردە 《歌海情天》دەپ ئېلىنغان بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى زادى شۇنىڭغا لايىقمۇ كۆرگەندە بىلىمىز ياكى بىلمەي ئۆتۈپ كېتىمىز، خوش ھەرقىېتىملىق ئالتۇن ۋاقىتتا قويلىدىغان ئېلاننىڭ ئەڭ قىممىتى 1000يۇندىن 2000يۇەنگىچە (30سىكۇنتلۇق ئېلاننىڭ بىر قېتىم قويلىشى) يەنە بۇنىڭغا مەركەزدىن بىردىنغان مەخسۇس مەبلەغنى قوشقاندا (چۈنكى شىنجاڭ ،شىزاڭ ،ئىچكى مۇڭغۇل قاتارلىق يەرلىك مىللەت ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ سۈنئىي ھەمرا تېلېىۋىزىيە قاناللىرى مەركەزدىن ئاممىۋى خاراكتىرلىك يەنى 公益性دەپ بىكىتىلگەن بۇدىگەنلىك راسخۇتنى مەركەزدىن چىقىرىمىز دىگەنلىكتۇر )XJTVنىڭ پۇلى كەم ئەمەس ،بوپتۇ ھەر يىلى ئىچكىرىدىكى شىركەتلەر بىلەن مەيلى قانچىلىك توختام ئىمزالىسا ئىمزالىسۇن بەرىبىر بىز ئۇنى كۆرمەيمەيمىز كۆرمىز دىسەك CCTVنىڭ ۋا باشقا ئۆلىكلەرنىڭ نادىر قاناللىرى تەييار ،ئەمما بىز گە كىرىكى ھەقىقى ئۇيغۇر تۇرمۇشى ئەكىس ئەتكەن ،شىنجاڭنىڭ ھەقىقى مەدىنىيتى تەسۋىرلەنگەن ،تېلېزىيە فىلىملىرى ۋە كىنولىرى ، بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كىرەككىبۇندىن بۇرۇن ئىشلەنگەن ۋە تېلېۋىزوردا قويۇلغان مىللىي مەدىنىيەت سۈيئىستىمال قىلىنغان ، رىياللىققا زىت بولغان ئاتالمىش ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭ تۇرمۇشى ئەكىس ئەتكەن فىلىملەرنىڭ ئىشلەنگىنىدىن ئىشلەنمىگىنى تۈزۈك ، بىزگە ئۆزىمىزنىڭ فىلىمى كىرەك ئۆزىمىزنىڭ مەدىنىيتى كىرەك ،باشقا مەدىنيەتتىكى كىشلەرنىڭ،مەدىنىيتىمىزنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەرنىڭ بىزھەققىدە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ھەققىدە فىلىم ئىشلىگەندە مەدىنىيەتكە ئۆرۈپ ئادەتكە ھۆرمەت قىلىشىنى ھەرقانداق بىر مۇددئا ئۈچۈن مەدىنىيتىمىزنى ،ئۆرۈپ ئادىتىمىزنى ئاستىن ئۈستىن قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلىش بىزنىڭ ھوقۇقىمىز ، گەپكە قايتىپ كەلسەك XJTV نىڭ پۇلى شۈنچە كۆپ مەركەزدىن بىردىغان مەبلەغمۇ شۇنچە كۆپ تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭمۇتلەق كۆپ نوپوسىنى ئىگەللەيدىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇيغۈرلارنىڭ مەنىۋىى ئېھتىياجى ئۈچۈن ئۇيغۇر تۇرمۇشى مەدىنىيتى ئەكىس ئەتكەن فىلىملەرگە مەبلەغ سالمايدۇ ، ھېچكىم شىنجاڭنىڭ فىلىم ئىشلەش جەھەتتە مەيلىي تېخنىكا مەيلى ئۈسكىنە مەيلى ئىختىساسلىقلار جەھەتتە بولسۇن قالاق دىيەلمەيدۇ ،شۇنداق دىگۈچىلەر ئاۋال مەبلەغنى سېلىپ توختامنى تۈزۈپفىلىم پۈتكەندە خەلق ئۇنىڭغا باھا بەرگەندە گېپىنى قىلسا بولىدۇ ، 30 قىسىملىق فىلىمغا 40مىلىيۇن مەبلەغ سالغان XJTVنىڭ رەھبەرلىرىگە شۇنداق دىگۈم كىلىۋاتىدۇ ،بىر مىلىيۇن مەبلەغ بىلەن 10 مىلىيۇن خەلق خوش بولىدۇ ، سىلەر بۇنى بىلەمسىلەر ؟ لىكىن شۇ پۇلنى قانداق ئىشلىتىشتىكى مەسلە ، ھەرقانداق ئادەمدە مەنىۋى ئېھتىياج بولىدۇ ،ماختاڭ دىسە ئۇيغۇرلار سەنئەت خۇمار ،سەنەتكە ھېرىسمەن دەپ ماختايسىلەر ،ھەرقىتىمقى يەرمەنكىدە ئۆمەكلەرنى تەشكىللەپ ئۇسۇل ئوينىتىپ بۇ خەلقنىڭ سەنئەت خۇمار ئىكەنلىكىنىباشقىلارغا بىلدۈرگۈڭلار كىلىپ كىتىدۇ ،مۇشۇ سەنئەت خۇمار خەلقنىڭ قانداق سەنئەتكە ئېھتىياجى بارلىقىنى ئويلاشقا ۋاختىڭلار يوقمۇ ؟! توختىماي قويلىۋاتقان تېلېۋىزوردا ئۇيغۈلار ئۆزلىرىئىشلىگەن ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى ئەكىس ئەتكەن فىلىملەرگە نېمە ئۈچۈن ئورۇن يوق؟ (داۋامى بار)
مەنبە:tvman

kashgarli يوللانغان ۋاقتى 2012-5-21 17:23:07

ناھايىتى ئېسىل يازما بولۇپتۇ، بۇ پىكىرنى بېرىدىغان يەر بولسا بەرگەن بولساق ياخشى بولاتتى. تورداشلار دېگەندەك، ھازىرلا بىر تەرەپ قىلمىسىمۇ ھېچ بولمىغاندا ئويلىشىپ باقاتتى. ئانىمۇ بالا يىغلىمىسا ئىمىزگە سالمايدۇ.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-19 21:29:53

ھەق گەپنى قىلىپسىز، ئەلئىچىدە ئىشلەنگەن كىنولارنىڭ سەرخىللىرىنى سېتىۋىلىپ، تېلۋىزوردا تارقاتقان بولسىمۇ، ئەلئىچى كىنوچىلىقىغا ئاز تولا ئىلھام بولۇپ، تەرەققىياتىمىزغا پايدىسى زور بولۇپ قالاتتى.

كىچىك چاغلىرىمىزدا ئۇيغۇرچە كىنولار خىلى يامانئەمەس، قويىلاتتى، ئاشۇ «يىتىم قىزنىڭ مۇھەببىتى»مۇ تېلۋىزوردا ساپ ئۇيغۇرچە قويۇلغان ئىدى، ئەمما ئۇ چاغدا بۇ كىنونى ئانچە ياقتۇرماپتىكەنمىز، ياقتۇرماسلىقىمىز شۇ چاغلاردا شۇنداق يۇقۇرى تەلەپلەرنى قويالايدىغان چاغلىرىمىز بولسا كېرەك. بۇ كىنوغا بېرىلگەن ھازىرقى باھالارغا قاراپ، ئەينى چاغدىكى ھالىتىمىزنى يامان ئەمەسكەن دەپ قالدىم، ئەينى چاغلاردا تېلېىۋىزوردىكى نۇمۇرلار ھەپتىنىڭ يېرىمىدە دېگىدەك ئۆزىمىزنىڭ كىنولىرى ياكى تىلۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە ياكى دىراممىلىرى، ھىچ بولمىغاندا ناخشا ئۇسۇللىرى بولاتتى. ئەپسۇس، ھازىر بىزنىڭ تېلۋىزورلىرىمىز ئۇيغۇرچە پۇراقتىكى كىنولارنى ئۇنتۇلۇپلا كەتتى.

eldos يوللانغان ۋاقتى 2012-5-19 22:12:08

يازمىڭىزنى ئوقۇپ ئىنتايىن مەمنۇن بولدۇم . ئەكىلىڭە قولىڭىزنى .....   

مەن ئادەتتە ئۇيغۇرچە قاناللاردىكى تىلۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرمىگىلى بەك ئۇزاق بولۇپ كەتتى ( ئومۇمەن تىلىۋىزور كۆرسەم CCTV نىڭ خەۋەر قانىلى بىلەن ئىقتىساد قانىلىنى كۆرۈپ قويىمەن) . ھەم شىنجاڭدا ئىشلەنگەن تىلۋىزىيە تىياتىرلىرىنىمۇ كۆرمەيمەن . چۈنكى سىياسىي پۇراق بەك كۈچلۈك . سىز دىگەندەك ئاشۇ ئىچكىرىنىڭ شىركەتلىرىگە بەرگەن پۇلنى شىنجاڭدىكى شىركەتلەرگە بەرسە ، بىزدىنمۇ ھۆرىيەتكە ئوخشاش شىركەتلەر چىقىپ تىلىۋىزىيە تىياتىرى ئىشلىسە نىمىدىگەن ياخشى . بىزنىڭ ئارتىسلىرىمىزمۇ ئىنتايىن نوچى . ئىشىنىمەنكى ئاشۇنداق بولىدىغان بولسا ، شىركەتلىرىمىزنىڭ ۋە ئارتىسلىرىمىزنىڭ ئىنتايىن نادىر فىلىملەرنى خەلقىمىزگە سۇنالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن . دۆلەتنىڭ تەشۋىقات سىياسەتلىرىگە مۇغالىپ كەلمىگەن ئاساستا ، ساپ ئۇيغۇر تۇرمۇشى ئەكس ئەتكەن تىلىۋىزىيە فىلىملىرىنى كۆرگەن بولساق نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى .



بىلىمەن ، ئەمما بۇ ئارزۇلىرىمىز ، پەقەت مۇنبەر يۈزىدىلا ئارمان بولۇپ قالىدۇ......

adil1933 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-19 22:19:51

يازمىڭىزدىن ئاجايىپ خوش بولدۇم.كۆپىنچىمىز مۇشۇ سەۋەپ تۈپەيلى تېلىۋىزوردىن بىزار بولدۇق.

adil1933 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-19 22:19:59

يازمىڭىزدىن ئاجايىپ خوش بولدۇم.كۆپىنچىمىز مۇشۇ سەۋەپ تۈپەيلى تېلىۋىزوردىن بىزار بولدۇق.

adil1933 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-19 22:20:06

يازمىڭىزدىن ئاجايىپ خوش بولدۇم.كۆپىنچىمىز مۇشۇ سەۋەپ تۈپەيلى تېلىۋىزوردىن بىزار بولدۇق.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-19 22:20:43

ماڭىمۇ ئىككى-ئۈچ يىل بوپتۇ تېلىۋېزىيە تىياتىرى كۆرمىگىلى، ۋاقىت پۇل ئىسراپچىلىقى، خەۋەرنغۇ كۇرۇپ قۇيمىز ئەمدى.

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2012-5-19 22:23:32

ھەق گەپنى قىلىپسىز .شج ت ۋ نىڭ قىسىملىقلىرى خەلقنى بىزار قىلىپ تېلىۋىزوردىن يىراقلاشتۇرۇپ پۈتۈنلەي تۈركىيەنىڭ قىسىملىقلىرىغا يۈزلەندۈرىۋەتتى .دېمىسىمۇ ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ كۆرگەنگە چۈشلۇق بىر نىمە چىقمىسا ،كەشكىچە يىگەن ئىشكەن سىيگەن چىشقاننىڭ گېپىنى قىلىدىغان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ يېزا تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەخلەت فىلىملەر قويىلىۋەرسە كىمنىڭ رايى قالىدۇ .

qal_kush يوللانغان ۋاقتى 2012-5-19 22:41:01

ئېلاننى ئويلىسا تېلۋىزوركۆرگۈسى كەلمەيدۇ```!

iztikin يوللانغان ۋاقتى 2012-5-19 23:03:41

شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ رەھبەرلىرى ئۇشبۇ تېمىڭىزنى كۆرگەن بولسا بەكمۇ ياخشى بولار ئىدى. ئەڭ بولمىغاندىمۇ ئازراق بولسىمۇ ئويلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

ئەڭ قىسقىسى ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى ئاپتۇنۇمىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزگۈچى مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان تېلېۋىزىيە يەرلىك مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى كېرەك ئىدى. بولسا ئۆزىگە خاس ئۆزگىچە تېلېۋىزىيە مەدەنىيىتىنى ياراتسا بولاتتى. كۆرۈرمەنلەر بىلەن ئارىلىقنى يىقىنلاشتۇرۇپ، ئاممىدىن كۆپرەك پىكىر ئېلىپ، دەۋر ئىسلاھىتىغا ماسلاشقان ھالدا تەرەققىي قىلسا بولاتتى.بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇلۇغ داھىي ماۋجۇشى دىگەندە ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش چاقىرىقىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن.



ئەگەر ش ج ت ۋ نىڭ ئۇشبۇ يازمىلارغا كۆرسە، پەقەتلا شۇنداق تەكلىپ بېرەتتىم : 1- قاناللىرىڭلار قايسى مىللەت تىلدا كۆرسىتىلگەن بولسا شۇ مىللەتنىڭ يىزىقىدا قانال بەلگىسىگە يانداش قىلىپ قانال نامىنى يازساڭلار ، يەنى ئۇيغۇرچە قانىلىغا شىنجاڭ سۈنئىي ھەمرا قانىلى، دېگەندەك.

2- قانال بەلگەڭلارنى بەكمۇ تولا ئالماشتۇرۇپ كەتتىڭلار، بۇ قېتىمقى ئۆزگەرتكىنىڭلار شىنجاڭ تېلېۋىزىيسى قۇرۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بېرىقى ئەڭ كۆرۈمسىز، ئەڭ ئاددى، ئەڭ ئوبرازلىق بولمىغان بىر قېتىملىقى بولۇپ قاپتۇ. ھەم بەلگە بارغانسىرى كىچىكلەپ كېتىپتۇ. شۇڭا ئويلىشىپ باقساڭلار ئەڭ بۇرۇنقىسى ياكى ئىككىنچىسىنى قايتا ئىشلىتىشكە بولامدىكىن.............




JasurBay يوللانغان ۋاقتى 2012-5-19 23:20:44

تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ توردىك ئالاقىلىشش ئۇسۇلى ياكى پىكىر ساندۇقى دىگەندەك ئورۇنلارغا مۇشۇ ھەقتە پىكىرنى توختىماي بىرىپ تۇرساق بولىدۇ،بەلكىم پات يىقىندا ئەمىلىيلەشمىسىمۇ ھەرھالدا مۇنبەرلەردە قۇرۇق سۆزلەپ ئولتۇرغاندىن ياخشى....

ablajan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 06:42:24

ئۇيغۇر تېلۋىزىيە ئىشلىرى باشقىلارنىڭ ئىدىيسىنى تەشۋىق قىلىش ئۇچۇن قۇرۇلغان ئەمەس بولغىيتى؟!قاچان قارسا شۇ چەتنىڭ بەزى بىزنىڭ ئادىتىمىزگە زىت بولغان ئىدىيلەرنى ئەكىس ئەتكەن ئەخلەت فىلىملەر!ئەمەليەتتە تېلۋىزىيەمۇ خەلىقىمىزنى تەربىيلەش،يېتەكلەپ مېڭىش رولنى ئوينىشى،كۆپرەك ئۇيغۇرچە پۇراقنى ئەكىس ئەتتۇرشى كېرەك ئىدى،ئىنشا ئاللاھ تېلۋىزىيە ئىشلىرىمىزدا بىر قاتار ئىسلاھاتلار بارلىققا كەلگەن بولسا بولاتتى.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 09:04:39

شۇنداق ئوبدان گەپلەر بولۇپتۇ \"\"

ھازىر مۇنبەرلەردىكى جامائەت پىكىرىگىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدۇ. دېيشكە تېگىشلىك گەپلەر دېيلسە، كۆپرەك تورداشلار بۇنىڭغا ئىشتىراك قىلسا، تەلىيمىز كەپقالسا بىرەر باشلىقنىڭ قۇلىقىغا يېتشى سەۋەبلىك ئازتولا ئويلىنىشقا سەۋەب بولالىشى مۇمكىن. بۇ تېما ئاخىرلاشقاندا، تۈمەن قايتىدىن «شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىغا ئوچۇق خەت» يېزىپ، تەڭرىتاغ مۇنبىرى بىلەن ئىزدىنىشتا ئېلان قىلسىمۇ بولىدۇ. توردىكى تېما، ئىنكاسلارنىڭ خۇلاسىسى ياكى بېلەت تاشلاش تېمىسىنىڭ نەتىجىسى دىگەنلەرنى قوشۇپ، تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پىكىر ساندۇقىغا خەت يېزىپ بېقىشقىمۇ بولىدۇ.

توغرا، بۇ تېما يارىغانلار «ئەلا»نى دەسسەپ قويۇڭلار.

farwana يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 10:35:46

مەنغۇ ھېلىقى بىر تالاي مەبلەغ سېلىپ ئىشلىگەن ‹‹ مۇقام بىلەن ئۆتكەن ھايات ››دېگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى بىر ئىككى قىسىملا كۆرۈپ بېقىپ ئاخىرىنى كۆرۈشكە كۆزۈم يەتمىدى ، يۇمۇر كۆرگەن سىياقتا بىر نەچچە قىسىم كۆرۈپتىمەن .

ئۆتكەنلەردە تۇرپاندا يەنە بىر ‹ قۇربانجان › مۇ ‹ ئانارخان › مۇ ئىشقىلىپ بىر كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلەۋاتىدۇ دەۋاتىتى ، ئۇمۇ بىر يۇمۇر ھەقىچان\"\"

Tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 10:57:39

شۇڭا دەيمەن تېلىۋېزوردا ئېلان بەرگىچە ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردە ئېلان بېرڭلار.

mahammat يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 11:12:47

10- قەۋەتتىكى JasurBayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ توردىك ئالاقىلىشش ئۇسۇلى ياكى پىكىر ساندۇقى دىگەندەك ئورۇنلارغا مۇشۇ ھەقتە پىكىرنى توختىماي بىرىپ تۇرساق بولىدۇ،بەلكىم پات يىقىندا ئەمىلىيلەشمىسىمۇ ھەرھالدا مۇنبەرلەردە قۇرۇق سۆزلەپ ئولتۇرغاندىن ياخشى....



ما گەپ ياخشى بوپتۇ !!بولسا مۇشۇ تېلىۋىيە ئىستانسىلىرىنىڭ ئالاقىلىش ئىلخەت ئادرىسى قاتارلىقلارنى قالدۇرۋەتمەمسىلەر !!!!

gherip يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 11:13:47

بۇ تېمىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنىڭ ئازلىقىدىن بۇ تېمىنى xjtv رەھبەرلىرى كۆرسىمۇ ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمىگۈدەك!!! \"\"

tvman يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 14:05:33

داۋامى...

بۇ قېتىمقى بەلگە ئۆزگەرتىشتىن XJTVنىڭ سەرخىل قاناللار قاتارىغا ئۆتۈش ئۈچۈن تېرشىۋاتقانلىقىنى كۆرۋىلىش تەس ئەمەس ،ئەمما ئىچكىردىكى قايناپ كېتىۋاتقان سۈنئىي ھەمرا قاناللىرىغا يېتىش ئۈچۈن XJTVگە يەنە ئالتە تاغ بولىشى مومكىن ، ئاددىيسى خاراكتىر جەھەتتە ئوخشىماسلىق يەنى شىنجاڭ قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلارنىڭ سۈنئىي ھەمرا تېلېۋىزىيلىرى ھەرۋاقىت مىللەت ئىتپاقلىقىنى، پارتىيەنىڭ ئاۋازى ۋە ھەرخىل سىياسى شۇئارلارنى يەتكۈزۈش بىلەن ئاۋارەئەلۋەتتە بۇ بۈگۈنكى جۇڭگۇ TVقاناللىرىنىڭ باش ۋەزىپىسى،لىكىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى قايناپ كەتكەن سۈنئىي ھەمرا قاناللىرى ئاللىقاچان‹ تارقىتىش بىلەن ئىشلەشنى ئايرىش› دەۋرىگە كىلىپ تېلېىۋىزىيە ئىستانىسى تارقىتىشقا مەسئۇل جەمىيەتتىكى بىڭسى بار شىركەت بولسا ئىشلەشكە مەسئۇل بولۇشتەك بۈگۈنكى ھالەتنى شەكىللەندۈردى شۇڭا ئىچكىرىنىڭ داڭلىق پىروگىراممىلىرىنى كۆرسىڭىز ھازىر خۇنەن تېلېۋىزىيسىدە كۆرگەن رىياسەتچىنى يەنە بىر قانال يۆتكەپ جېجىياڭ تېلېۋىزىيسىدە كۆرشىڭىز ھەيران قالارلىق ئەمەس ،ھەم ئۇلار ئاللىقاچان ئۆز- ئۆزىنى بېقىشدەۋرىگە قەدەم بېسىپ بولدى ، ھەريىلى نۇرغۇنلىغان پۇل خەجىلەپ كۆرۈرۈمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن نادىر تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە پىروگىراممىلارنى ئىشلىمىسە ، كۆرۈرمەنلەر ئۈچۈن قانال يۆتكەش ئوبۇرنىغا كىرىشتىنمۇ ئاسان بولۇپ كەتكەن بۇ جەمىيەتتە ، تاماق قاچىسىدىن قۇرۇق قالىدىغان گەپ . ئەمدى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ يېزا قىشلاقلىرىغىچە تارقالغان شىنجاڭ سۈنئىي ھەمرا قاناللىرى ئەلۋەتتە مۇشۇ زىمىندىكى كۆرۈرمەنلەر ئارقىلىق پۈت دەسسەپ تۇرالايدۇ ، ھازىرچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى 1- قانىلى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى 2- قانىلىدىيارمىزغا ئەڭ كەڭ تارقالغان يەرلىك تېلېۋىزىيە قانىلى ھېساپلىنىدۇ تىلى خەنزۇچە بولغان 1-قانالغا شۇ قانالنىڭ كۆرۈرمەنلىرى بولغان شۇ تىلدىكى كىشىلەر قانداق تەلەپ قويسا ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشى ،ئەمما تىلى ئۇيغۇرچە بولغان XJTV-2قانىلىغا ئۇيغۇر تىل -يېزىقىنى ئىشلىتىغان ھەرقانداق كىشىنىڭ قانال ۋە پىروگىرامما توغرىسىدا پىكىر تەكلىپ بىرىش ھوقۇقى بولىشى ئەقەللى قائىدە ، چۈنكى TVدىگەن بۇ نەرسە دۆلەتنىڭ ھۆكىمەتنىڭ ئەمىر مەرۇپلىرىنى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئەڭ چوڭ ۋەزىپىسى شۇ قانالنى كۆرگۈچىلەرگە مەنىۋى زوق ئاتاقىلىش ،مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيتىشتىن ئىبارەتتۈر نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى يىزا قىشلاقلارغا ماكانلاشقان بۇ دىيار كىشىلىرىنىڭ ئىچكىرىدىكىدەك ھېچ بولمىسا شەھەردىكىلەردەك ئۆزى خالىغان قانالنى كۆرۈش شارائېتى تېخى كەلمىگەن بولغاچقا ئۇزۇن بادرىدىن بىرنى تىكلەپ ئۈستىگە مانتا قازنىڭ ئىچىدىكى قاسىقىنى بىكىتىپ قويسا TVدا چىقىدىغىنى ئىككى ياكى ئۈچ قانال ئەلۋەتتە ئۇلار مەركەز بىرنجى قانىلى ۋە XJTV-1،XJTV-2،دىن ئىبارەت ،دىمەك تىل يىزىققا ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىغانلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللىشى شۇنداقلا بىردىن بىر تاللىشىXJTV-2،ئەمما دائىم بۇنداق بولىۋەرمەيدۇ ،بۇرۇن ئۆگزىگە قازان بىكىتسە (سۈنئىي ھەمرا تېلۋىزىيسىنى قوبۇللىغۇچ) ساقچىلار يىغىۋالاتتى ،ھازىر ئەھۋالدىن قارىغاندا يىغمايدىغان چىغى نۇرغۇن يەردە شۇ نەرسىنى كۆردۈم،ئۈنى بىكىتسە بەلكىم تاللاش دائېرىسى كېڭىيشى موكىن. گەپنى يىغقاندا كىشىلەرنىڭ مەدىنىيەتكە بولغان تەلىپى سىلەر ئويلىغاندەك تۆۋەن ئەمەس ، بولۇپمۇ بىزگە كىرىكى ئۆزىمىزنىڭ مەنىيتى ئەكىس ئەتكەن تېلېۋىزىيە فىلىملىرىمومكىن بولسا ئاشۇ ھەر يىلى سېلىۋاتقان نۇرغۇن مەبلەغنىڭ ئىنتايىن ئاز بىرقىسىمىنى ئۆزىمىز نىڭ دىيارىدا ئىشلەنگەن ئۆزىمىزنىڭ مەدنىيتى ھەقىقىي ئەكىس ئەتكەن ، مەدىنىيتىمىزنى ھەقىقىي چۈشنىدىغان كىشىلەرئىشلىگەن فىلىملەرگە مەبلەغ سېلىپ قويساڭلار ، نۇرغۇن كۆرۈرمەنلەر سىلەردىن ئالەمچە خوش بولغان بولاتتى .

guzaltarim يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 16:15:24

مەن مۇشۇ باشقا مىللەتلەر بىلەن ئارلاش ئىشلىگەن فىلملەرنى قەتئى ياقتۇرمايمەن .شۇڭا......؟؟؟
بەت: [1] 2
: ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە XJTV