چېلسى vs بايرىن
20-ماي سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 0:45 مىنۇت ئۆتكەندە ياۋرۇپا ئۇزغانلىق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئوينىلىدۇ. بۇ ھەل قىلغۇچنى گىرمانىيە زەردارى بايرىن بىلەن ئېنگىلاند زەردارى چېلسى ئوينايدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتتە مۇسابىقە مىيۇنخىندىكىبايرىننىڭ مەيدانىئاللىئانىز ئۆتكۈزىلىدىغانلىقى ئۈچۈن نەتىجە بايرىنغا پايدىلىق دەپ قارالماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە چېلسى تەرەپتىن كاپىتان تېرىى قىزىل كارتا سەۋەپلىك مەيدانغا چۈشەلمەيدۇ. ئىۋان، رامىرېس، مېرىلېس ئۈچى يېغىلىپ قالغان سېرىق كارتا سەۋەپلىك مەيدانغا چۈشمەيدۇ. چېلسى ئېغىر سىناققا دۇچ كەلدى. بايرىن تەرەپتىنمۇ باستۇبېر، گۇستاۋ، ئالابا ئۈچى يىغىلىپ قالغان سېرىق كارتا سەۋەپلىك مەيدانغا چۈشەلمەيدۇ. شۇڭا ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا چىقىمدار دىيىشكە بولىدۇ. چېلسى تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا چېلسىنىڭ بۇ يىلقى بىرلەشمىدىكى نەتىجىسى دىگەندەك ياخشى ئەمەس. يەنە بىرلەشمىدە 2003- يىلى ئابلاباي چېلسىنى قولغان ئالغاندىن بۇيانقى ئەڭ ناچار بولغان نەتىجە 6-لىككە ئېرىشتى. ئەگەر چېلسى كىلەر يىللىق ئۇزغانلىق بىلىتىگە ئېرىشىمەن دەيدىكەن ئەتە كەچتىكى بۇ مۇسابىقىدە چۇقۇم غەلبە قىلىشى كېرەك. بولمىسا ئىتتىپاق ئويناشقا توغرا كېلىدۇ. پورتۇگالىيىلىك ياش تېرىنېر بوئاسنىڭ سىتراتىگىيسى چېلسدا ياخشى ئۈنۈم بەرمىدى. بوئاس ئىشتىن بوشىتىلىپ ۋاقىتلىق تېرىنېر بو لغان دىماتىئو چېلسىنى يىتەكلەپ گەرچە بىرلەشمىدە ئالدىنقى تۆتنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرەلمىگەن بولسىمۇ لېكىن لىۋېرپولنى بىرگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن يىڭىپ چېلسىنى ئېنگىلاند ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلىقىغا ئېرىشتۈردى.شۇنداقلا ئۇزغانلىقتا ناپولى، بېنفىيكا ، بارسىلونا قاتارلىق كۈچلۈك رەقىپلېرىنى يىڭىپ ھەل قىلغۇچقا ئېلىپ كىردى. نۆۋەتتە دىماتىئونىڭ ئۈنۈملۈك تەشكىللىشى بىلەن چېلسى بۇرۇنقى مورىنىئو دەۋرىدىكى ھەيۋىسىنى نامايان قىلماقتا.
ھازىر چېلسى تېرىنېرى دىماتىئو دىروگبا بىلەن توررېستىن ئىبارەت ئىككى ئالدى ئوتتۇرا ھۇجۇمچىنى تەڭ مەيدانغا چۈشۈرۈشنى پىلانلىدى. گەرچە دىروگبا بىلەن توررېس بىللە مەيدانغا چۈشكەن 5 مەيدان مۇسابىقە ۋە ياكى كېيىن ئالمىشىپ مەيدانغا چۈشۈپ بىللە تاماملىغان 19 مەيدان مۇسابىقە بولسۇن دىروگبا بىلەن توررېس بىرمۇ توپ ئۇرالمىغان. لېكىن دىماتىئو ھازىر ئېغىر پۇتبولچى كىرىزىسىغا دۇچ كەلدى. بۇ يىل توختام مۇددىتى توشقان دىروگبانىڭ يىقىنقى ئىپادىسى قالتىس دىيىشكە بولىدۇ. دىروگبا ئىنىقلا بۇ قىتىمقى بايرىن بىلەن بولغان مۇسابىقىنىڭ بەلگىلىنىپ بولۇنغان ھۇجۇمچىسى. دىماتىئونىڭ 4231 سەپ شەكلى بويىچە دىروگبا ئالدى ھۇجۇم ئوينايدۇ. ماتا دىروگبانىڭ كەينىدە ھۇجۇم تەشكىللەش رولىنى ئوينايدۇ. كالوۋ سول ھۇجۇم ئوينىشى مۇمكىن. ئوڭ تەرەپ ھۇجۇم ئورنىنى مالودا، سىتۇرىچ، توررېس، لەمپارد تالىشىپ قالىدۇ. مالودا بىلەكبورن بىلەن بولغان مۇسابىقىدە يارلاندى. سىتۇرىچ دىماتىئونىڭ ئىشەنچىدىن قالغىلى خېلى بولدى. لەمپارد مىكېل بىلەن ئوتتۇرا مەيدان ئوينىشى مۇمكىن. توررېس ئېھتىمال ئوڭ ھۇجۇم ئورنىنى ئېلىشى مۇمكىن. توررېسىنىڭ يىقىنقى ئىپادىسىمۇ يامان ئەمەس. بۇ پەسىلدە18 قىتىم ياردەمچى ھۇجۇم تەشكىللىدى. ئۇزغانلىق يېرىم ھەل قىلغۇچتا بارسىلونغا ھەل قىلغۇچ بىر توپ ئۇردى. بىرلەشمىدە يارىشىملىق قالپاقتىنمۇ بىرنى كىيىۋالدى. دىماتىئونىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى ئارقا ھويلا. لېكىن بۈگۈنكى خوش خەۋەرگە قارىغاندا لۇيىس %100 ساقايغان. كاخلمۇ كوللىكتىپ مەشققە قاتناشقان دىمەك چېلسىنىڭ تۆت كىشىلىك مۇستەھكەم مۇداپىئەسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىن ئۈمۈد چوڭ. مىنىڭچە ئوتتۇرا مۇداپىئەدە كاخىل بىلەن داۋىد لۇيس، سول بېكتە ئاشىلى كول، ئوڭ تەرەپتە بوسىڭۋا تۇرىدۇ. ئوتتۇرا مەيداننى مىكېل بىلەن لەمپارد ئوينايدۇ. ماتا دىروگبانىڭ كەينىدە ھۇجۇم تەشكىللەيدۇ. ئوڭ سول ھۇجۇمدا توررېس بىلەن كالوۋ دىروگبا بىلەن ماسلىشىدۇ. بۇنداقتا ئاساسلىق مۇداپىئەچىلېرىدىن ئايرىلغان بايرىنغا چېلسى خېلى كۈچكۈك بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ.
بايرىن تەرەپتىن ئېلىپ ئيتقاندا ئۆز ئارا تۇتاش ئورۇندىكى ئۈچ ئەزانىڭ مەيدانغا چۈشەلمەسلىكى سەۋەبىدىن ئۇچرىغان زىيان چېلسىنىڭ ئىككى مۇداپىئە، ئىككى ئوتتۇرا مەيدان تۆت ئادىمى ئۇچرىغان زىياندىن قىلىشمايدۇ. تېخى نەچچە كۈن ئالدىدا گىرمانىيە لوڭقىسىدا سېرىق ھەرە قۇشۇنى دورتموندقا بەشكە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرغاندىن كېيىن كىشىلەر بايرىننىڭ مۇداپىئەسىدىن قاتتىق ئەنسىرمەكتە. ئەلۋەتتە بايرىن گومىس، رېبىرى، روبىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ناھايتىمۇ مۇنەۋۋەر بولغان ھۇجۇم سىپىغا ئىگە.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قىتىمقى مۇسابىقە بايرىننىڭ مەيدانىدا ئۆتۈزۈلىدىغان بولغاچقا بىرلەشمىدە ئىككىنچى، گىرمانىيە لوڭقىسىدا ئىككىنچى بولغان بايرىن قانداقلا بولمىسۇن بۇداقى لوڭقىنى كۆتۈرۈپ مەستانىلېرىغا يۈز كەلمىسە بولمايدۇ. بىر يىل ئۈچ لوڭقىنى سىلاپ قويۇپ ئېرىشەلمىسە بايرىن ئۈچۈن ناھايتىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ.
ئاخىرىدا چېلسىنىڭ ئادىل بولغان مۇسابىقە ئارقىلىق بىزگە ئۇنتۇلغۇسىز بىر غەلبە ئاتا قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئۇزغانلىق تەشۋىقات فىلىمى
ئارىئاننى بويسۇندۇرىمىز
ئالغا كۆك ئارمىيە. بۇ بىز كۈتكەن ۋاقىت
چىمپىيونلۇق كۈرەش نىشانىمىز!
چېلسىنىڭ ئۇزغانلىق سەپىرىدىكى ئون ئېسىل توپ
تارىختىكى ئۇزغانلىقتىكى ئون ئېسىل توپ
چېلسى چېلسى چېلسى
چېلسى ئۇزغۇن بولسا بولاتتى
ياۋرۇپادىكى زەردار كۇلۇپلار دىسە ھەر قېتىم نامى چىقىدىغان تۇرۇپ بىرمۇ قېتىم قۇلاق كۈتۈرۈپ باقماپتۇ
بايرىندىكى رىبېرى بىلەن روبىن دىگەن ئىككى ۋەھشىي گۇيلاركەن ئىشقىلىپ
بۇ مەيدان مۇسابىقە قالقان يامانمۇ نەيزىمۇ دەيدىغان مۇسابىقە بولىشى مومكىن.
ئەمما چېلسىنىڭ پۇلات قالقىنىدىكى ئاساسلىق ئەزالار مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىكەن.ئەكسىچە بولغىنىدا ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىدەك توپ سېلىش مۇسابىقىسى بولۇپ قېلىشىمۇ مومكىن.
كىيىنكىسىنى كۈتىۋاتىمەن مۇشۇ ئۇزغۇنلۇقنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى كۆرۈش خوش ياقماي قالىدۇ ئادەمگە. 2006-يىلىدىن كىيىن پەقەت 2008 ۋە 2010 ئىككى قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ بېقىپتىمەن. بولمىسا شاللاش مۇسابىقىلىرىنى خېلى تولۇق كۆرۈپ قويىمەن، بولۇپمۇ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرىنى چالا قويماي. بۈگۈنكى بۇ ئۇزغانلىق بەزى پۇتبولچىلار ئۈچۈن ئۆمرىدە بىر قىتىملا كېلىدىغان پۇرسەت، شۇڭا بۇ مۇسابىقىنىڭ بۇ يىلقى ئەڭ قىزىغان كۇلۇبلار مۇسابىقىسى بولۇپ قېلىشى ئىنىق. بۇ يىلقى يېرىم ھەل قىلغۇچ بەك قىزىدى. مىسسى، رونالدو، كاكا ئۇرالمىغان نۇقتا توپ. دىروگبانىڭ تەبرىكلىشى، ئاشىلى كولنىڭ ۋارتار ئالدىدىن تىپىپ چىقىرۋەتكەن توپى، توررېسنىڭ يەنە بىر قىتىم ۋالدىسنى ئالداپ توپ ئۇرۇشى، مادرىد بىلەن بارسانىڭ تەڭلا شاللىنىشى....ئىشقىلىپ چېلسى بىلەن بايرىن ئۆزىنىڭ ئەڭ ئېسىل ئىپادىسى بىلەن مۇشۇ باسقۇچقا كەلدى ھەم ئەڭ ئېسىل ئىپادىسى بىلەن بۈگۈن كەچلىك جەڭگە ئاتلىنىدۇ...كۆرۈپ قويۇڭلار ئۆمۈرلۈك ئېسىڭلاردىن چىقمىغۇدەك بىر مەيدان مۇسابىقە بولۇپ قالىدۇ..چېلسىغا ئۇتۇق تىلەيمەن. ف .س بايان مۇنشېىننىڭ گېرمان لىگاسىدىكى نەتىجىسى بايانلىقلارنى رازى قىلالمىدى، ئىنشائاللاھ ف. س چېلسىنى يېڭىپ گۇناسىنى يۇيار ! ئىنشائاللاھ دىگىنىڭىزنىڭ تەتۈرسىچە بولغاي تەقسىر... مۇسابىقە كۆرىدىغانلار مۇسابىقە ۋاقتىدا ماۋۇ تېمىغا كىرىپ ئۇنى بۇنى جىجاپ قويۇشنى ئۇنتىماڭلار جۇمۇ
يالغۇز مۇسابىقە كۆرۈش خوشاقمايدىكەن زىيالى چېلسىغا ئاخىرى قايىل بوپسىز-دە...
چېلسى ئالسا بولاتتى لوڭقىنى. بولمىسا كىلەر يىللىق ئۇزغانلىقنىڭ قىزىقى قالمايدۇ... ھەنىمە بولسا ھەپتە ئاخىرىغائورۇنلاشتۇرۇپتۇ بۇ مۇسابىقىنى، خاتىرجەم كۆرىدىغان گەپ ئەمدى.
مېنىڭچىمۇ چېلسى ئالسا بولاتتى لوڭقىنى. زىيالى ئۇخلاڭ ئەمدى. ياپۇن ۋاقتى بويىچە تاڭ يورۇغانغىراق توغرا كىلەمىكىن مۇسابىقە ۋاقتى. ئۇخلاپ قالىدىغان ئىش بولمىسۇن يەنە ھە... چىلىسى ئۇتقىدەك،6 ئاياق لورا شۇنداق دەيدۇ. مەن چېلسىنىڭ ئۇتىۋېلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. بۈگۈن لامپارد پارتلايدۇ. 2004-2005 يىلى چېلسى بىلەن بايرىن ئۇزغانلىقتا تۇتۇشقاندا لەمپارد ئىككى توپ ئۇرغان. بۈگۈنمۇ ئېچىلىپ كەتسە ياخشى بولاتتى. دىروگبا بىلەن ماتامۇ بار تېخى. دىروگبا چۇقۇم توپ ئۇرىدۇ بۈگۈن...
مەن بولساممۇ كۆرۈش ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قوياي
http://www.azhibo.com/zhibo/cctv5/cntv.html
بەك سەت ئۇيقۇم كەپكەتتى باشلاندى. ساڭا ئۇتۇق تىلەيمەن چېلسى! دىماتىئو توررېسنى چۈشۈردىغان بولدىمۇ نىمە...بەك ئېچىلالمايدىغۇ بۇلار... دىروگبا، لەمپارد، ئاشلى كوللارنىڭ ئۆمرىدە بىرەر قېتىم بولسىمۇ يوغان قۇلاقنى ئېلىشىغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن بۈگۈن مۇسابىقىنى كۆرگەن بولدۇم.بايرىن ئەمدى بىر توپ كىرگۈزگەندە چېلسىنىڭ ياندۇرۇپلا بىر توپ ئۇرالايدىغانلىقىنى تۇيغانتىم.ئىسل! دىروگبا يارايدۇ.
بۈگۈن ماۋۇ تىمىنى ئاچقۇچە ھەجەپ بېشىمنى ئاغرىتتى سىنانىڭ فىلىمنى چىكىپ قويمىسىمۇ ئاپتۇماتىك قويىلىۋالىدىغان ئىلانلىرى.
دېيىشىۋالغاندەكلام ، ئۇيقۇنى ئېچىۋەتتى مانا .