بۇ پەسىللىك NBA مۇسابىقىسى ھەققىدە پىكىرلىشىپ باقامدۇق!!![كۆچۈرۈلمە]
گەرچە بۇ پەسىللىك يەنى 2011-2012-يىللىق مۇسابىقە پەسلى توپچىلار ۋە
كۇلۇبلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى زىددىيەت تۈپەيلىدىن 1ئايدەك ۋاقىت
كېچىكىپ باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن كۆرۈلۈش نىسبىتى ۋە مۇسابىقە كەيپىياتى
ئاساسى جەھەتتىن باشقا پەسىللەردىكىدەك قىزغىن بولغان. نەچچە ئايلىق قەتئى
تىركىشىش ئارقىلىق شەرق، غەرپ تەرەپتىكى 8 كۈچلۈك كوماندا تاللىنىپ چىقتى.
غەرپ ۋە شەرقتىكى 8 كۈچلۈك كوماندا ئەھۋاللىرى ۋە ئۇلارنىڭ 18-چىسلاغىچە بولغان مۇسابىقە ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:
مەن ئۆزەم لوس ئانژىلىس كۆللۈكلەر كۇماندىسىنىڭ مەستانىسى. بىراق
قېرىشقاندەك بۇ كۇماندىنىڭ بۇ پەسىللىك مۇسابىقە ئوينىشى دېگەندەك
كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس. 8 كۈچلۈككە كىرىشتە ئالتۇن قازغۇچىلار كۇماندىسى بىلەن
7 مەيدان ئويناپ ئاران تەستە 4-3 نەتىجە بىلەن يەڭدى. بىراق 8 كۈچلۈككە
كىرگەندىن كېيىن چاقماق كۇماندىسى بىلەن تۇتۇشتى. ھازىرغىچە ئىككى مەيدان
ئوينىدى ئىككىلىسىدە يېڭىلدى. ئەمدى ئەتە ئەتتىگەن ئۆزىنىڭ مەيدانىدا
چاقماق كۇماندىسىنى كۈتۈۋالىدۇ.
يەنە بىر مەيداندا ئات تاقىسى كۇماندىسى تېز كىمە كۇماندىسىنى 2مەيدان يەڭدى.
شەرق تەرەپتىكى كۇماندىلاردىن بولسا كىلتىكلار كۇماندىسى بىلەن 76 كىشى
كۇماندىسى 2-1 بولدى. پىيادىلىكلەر بىلەن ئوت كۇماندىسىمۇ 2-1 بىر بولدى.
دېمەك بۇ پەسىللىك مۇسابىقىمۇ تازا قىززىيدىغان چىراي.
ئالدىنقى قىشلىق پەسىللىك مۇسابىقىدە ئات تاقىسى كۇماندىسى كۆللۈكلەر
كۇماندىسىنى يېڭىپ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسىگە كىرگەن ئىدى. بۇ قېتىم
ئەگەر كۆللۈكلەر كۇماندىسى كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىلەرنى ياخشى ئويناپ
چاقماق كۇماندىسىنى يەڭسە، ئات تاقىسى كۇماندىسىدىن ئۆچىنى ئالغۇدەك پۇرسەت
چىقىدۇ.
لېكىن 2010-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىپادىسى ئالامەت پەيزى بولغان بۇ كۆللۈكلەرنىڭ.
مەن كۆللۈكلەر كوماندىسى بىلەن ئوت كوماندىسنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . مەن ئۈچۈن كىرسۇن كىرمىسۇن بەرىبىر



دۇرانت دېگەن ياۋايى گۇينىڭ كوماندىسى كوبېلارنى يولىغا سېلىپ قويىدىغان ئوخشىمامدۇ {:92:} مەن Allen Iverson چېكىنگەندىن بېرى مۇسابىقە كۆرۈپمۇ باقمىدىم. مەن بىردىنبىر ياقتۇرىدىغان ۋاسكېتبولچى شۇ ئىدى. كۆللۈكلەرنىڭ ئىپادىسى سەل ناچار تۇرىدۇ بۇ يىل، كوبې بىلەن جەيسۇر بۇلتۇرقىدەك ماسلىۋالمايۋاتىدۇ. لوس-ئانژىلىس كوماندىسى بۈگۈن بىر مەيدان ئوكلاخاما چاقماقنى يەڭدى. كوبى 36 نۇمۇر،يارايدۇ.
فىلادىلفىيە كوماندىسى بوستۇننى ئۇتۇپ ئومومى نەتىجىنى 2:2 قىپتۇ، ئالدىنقى يىللىرى شەرقىتىكى ئۆلەرمەن 76 كىشى كوماندىسى بۇ يىل بىر ئىش تېرىيدىغان چىراي. مايئامىدىكى جېمۇس، ۋېيد دىگەنلەر شاش ئوينىسا بولاتتى، بوش بىرىنجى مەيدان يارىلىنىپ چىقالمىغاندىن كىيىنلا ئارقىمۇ-ئارقا ئىككى مەيدان ئۇتتۇرىۋەتتى. مايئامى كوماندىسى بۇ يىل چىمپيون بولالمىسا ئۇلارغا بۇندىن كىيىن پۇرسەت يوق بولىشى مومكىن. بۇندىن كىيىنكى NBAسەھنىسى كېۋىن دۇرېنت، روس، گېرىففىن دىگەن ياش بىر ئەۋلاد چولپانلارغا تەۋە بولۇپ كىتىش ئىھتىماللىق يۇقىرى.
6- قەۋەتتىكى nasinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
لوس-ئانژىلىس كوماندىسى بۈگۈن بىر مەيدان ئوكلاخاما چاقماقنى يەڭدى. كوبى 36 نۇمۇر،يارايدۇ.
فىلادىلفىيە كوماندىسى بوستۇننى ئۇتۇپ ئومومى نەتىجىنى 2:2 قىپتۇ، ئالدىنقى يىللىرى شەرقىتىكى ئۆلەرمەن 76 كىشى كوماندىسى بۇ يىل بىر ئىش تېرىيدىغان چىراي. مايئامىدىكى جېمۇس، ۋېيد دىگەنلەر شاش ئوينىسا بولاتتى، بوش بىرىنجى مەيدان يارىلىنىپ چىقالمىغاندىن كىيىنلا ئارقىمۇ-ئارقا ئىككى مەيدان ئۇتتۇرىۋەتتى. مايئامى كوماندىسى بۇ يىل چىمپيون بولالمىسا ئۇلارغا بۇندىن كىيىن پۇرسەت يوق بولىشى مومكىن. بۇندىن كىيىنكى NBAسەھنىسى كېۋىن دۇرېنت، روس، گېرىففىن دىگەن ياش بىر ئەۋلاد چولپانلارغا تەۋە بولۇپ كىتىش ئىھتىماللىق يۇقىرى.
پەرىزىڭىز توغرا. چولپانلار ئاساسەن ئۆزىنىڭ دەۋرىنى يارىتىپ بولدى. كوبىنىڭمۇ بۇ يىل ياشتا چۇڭايغانلىقى بىلىنىپ تۇرۇپتۇ. بۇرۇنقىدەك شاش ئوينىيالمايۋاتىدۇ. مايئامى كۇماندىسىمۇ ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالماي مەستانىلەرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويغىلىۋاتىدۇ.
نېمىسىنى ياقتۇرىدىغانسىلەر شۇ سېسىق كۆلنىڭ. بىر كوبىغا پالاقشىپ يۈگۈرەپ بېرىشتىن باشقىنى ئۇقمىسا باشقىلىرى. مەن كۆللۈلەردە ئوينىغان بولسام كوبى بىلەن كۈندە ئۇرۇشاتتىم.
8- قەۋەتتىكى lutpullaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
نېمىسىنى ياقتۇرىدىغانسىلەر شۇ سېسىق كۆلنىڭ. بىر كوبىغا پالاقشىپ يۈگۈرەپ بېرىشتىن باشقىنى ئۇقمىسا باشقىلىرى. مەن كۆللۈلەردە ئوينىغان بولسام كوبى بىلەن كۈندە ئۇرۇشاتتىم.
ھەر كاللىدا ھەر خىيال دېگەن شۇ. سىز ياقتۇرمىسىڭىز باشقىلار ياقتۇرىدۇ. سىز ياقتۇرمىغاندىكىنلا ئۇنى ھاقارەت قىلسىڭىز بولمايدۇ. كۆللۈكلەرگە زادى كوبى بولمىسا باشقىلىرى بىكار. بۇ پەسىللىك مۇسابىقە بۇنى تېخىمۇ ئىسپاتلىدى.
شۇنداق قىلىپ LA نىمۇ ئۇزىتىپ قويدۇق. ئوكلاخاما چاقماق بىلەن سان-ئانتىنىئو كوماندىسى غەرپنىڭ چىمپيونلىقىنى تالىشىدىغان بولدى. دورەنت بىلەن ۋېست بروك ئىككى ياش چولپاننى يادرو قىلغان چاقماق كوماندىسى پىشقەدەم ئەزالارنى ئاساس قىلغان LA نى ئۇزاتقاندىن كىيىن، تېخىمۇ پىشقەدەم ئەزالاردىن تەركىپ تاپقان سان-ئانتىنىئو كوماندىسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. بۇ پىشقانلىق،تەمكىنلىك، تەجرىبىلىكبىلەن ياشلىق، شاشلىق، جۇشقۇنلۇقنىڭ جېڭىدە قايسى تەرەپ غەلبە قىلار؟ ئىشقىلىپ مۇسابىقىنىڭ قىززىشىدا گەپ يوق. كۆللۈكلەر دەم ئالغىلى كەتتى. مەن تېخى بۇ تەرەپتىن كۆللۈكلەر چىقسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئات تاقىسى كۇماندىسى چىقسا، ئىككىسى تۇتۇشۇپ كۆللۈكلەر ئالدىنقى پەسىللىك مۇسابىقىدىكى ئۆچىنى چىقىرىۋالامدىكىن دېسەم، بۇلار مۇددەتىن بۇرۇن خوشلاشتى. ھېچقاچان نامى چىقمىغان چاقماق كۇماندىسى ئەجەپ يامغۇردىن كېيىنكى بىختەكلا چىقتى-دېسە. يەنىلا ياشلىق-شاشلىقكەن.
غەرپنىڭ چىمپيۇنلۇقىنى تالىشىش كۈرىشى 28-چېسلا باشلىنىدۇ. شەرقتىكىلەر تېخىچە ئاياغلاشتۇرۇپ بۇلالمىدى. كىلتىكلار بىر يەڭسە ئۇتاتتى. مەيئامى ئوت كۇماندىسى تەڭلىشىپ تۇرىۋاتىدۇ. ئىشقىلىپ بۇ پەسىللىك مۇسابىقىمۇ يامان ئەمەس قىززىيدىغان چىراي.