شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن ھوررا !!!!
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! پۇتبول ھەۋەسكارلىرى !
جوڭگۇ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ، شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايۇنلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار ئويۇشتۇرغانجۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ ب دەرجىلىك كوماندىلار بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ مۇسابىقە رايۇنىنىڭئېلان ۋااكالەتچىىكى ۋە مۇسابىقە بىلىتىنى سېتىپ چىقىرىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى شىنجاڭ لۇتۇن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ئۈستىگە ئالدى. مۇناسىۋەتلىك توختام ۋە رەسمىيەتلەر پۇتكەندىن كېيىن بۇگۈن 17-ماي رەسمىي بىلەت سېتىش ۋە ئېلان ئورۇنلىرىغا خېرىدار چاقىرىش باشلاندى.بۇ پۇتبول ھەۋەسكارلىرى شۇنداقلا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى كارخانىلار ئۈچۈن بىر قېتىملىق تېپىلغۇسىز پۇرسەت . 35مىڭ كىشلىك ھاياجان ، 35 مىڭ كىشلىكسەھنە سىزنى كۈتمەكتە. 22-ماي ئاپتونۇم رايۇنلۇق تەنتەربىيە مەركىزىدە كۆرۈشەيلى!!!!!
22-ماي مۇسابىقىلىشىدىغان كوماندىلار :شىنجاڭ كوماندىسى - بېيجىڭ سەنگاۋكوماندىسى
ھازىر بىلەت سېتىش نوقتىسى تەسىس قىلىنغان ئورۇنلار : دۆڭكۆۋرۈك بازىرى ئالدى . يەنئەن يولى ئارمان تاللا بازىرى ئالدى.ئالتۇن بۇلاق سودا سارىيى ئالدى.
خەلقئارا چوڭ بازارCHEYMES تۈركىيە كېيىملىرى مەخسۇس سېتىش دۇككىنى .
ئىزچىلارتەنتەربىيە كىيىم -كىچەك ئاياق سېتىش دۇككىنى ( يەنئەن يولى ئاقساراي مىھمانخانىسى يېنىدا ) تېلفون 13999978754
ئۈرۈمچى تىنىچلىق يولى دانا مېھمانخانىسىتۇرسۇنجان .
ئۈرۈمچى بۇلاق كىتابخانىسى ( يەنئەن يولى نوغاي مەسچىت ئۇدۇلىدا)
ئۈرۈمچى پىدا كىتابخانىسى ( تەجىرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ يېنىدا. )
ئۈرۈمچى ئۈمىد ئۇچۇر مۇلازىمەت مەركىزى ( ئۈچتاش بىكەت )
باباخان تېز تاماقخانىسى ( يەنئەن يولىدا )
بېلەت سېتىش نوقتىسى تەسىس قىلماقچى بولغانلار13999156411،0991-2866610 نومۇرلار بىلەن ئالاقىلەشسەڭلار تەپسىلىي ئەھۋاللارنى بىلەلەيسىلەر.
كوللىكتىپ بىلەت سېتىۋالماقچى بولغانلار13899996411بىلەن ئالاقىلاشقايسىلەر .
پۇتبول مەيدانىغا ئېلان قويماقچى ، بىلەت يۈزىگە ئېلان باستۇرماقچى ، تاماشىبىنلار سۇپىسىغا ئېلان قويماقچى بولغانلاركونكىرىت ئىشلارنى 13999156411 ياكى 13899996411 بىلەن ئالاقىلاشقايسىلەر .
بېلەت باھاسى : 20 يۈەن، 30يۈەن ، (ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن 10 يۈەن)
كامالىي ئېھتىرام بىلەن :
شىنجاڭ لۇتۇن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
لۇتۇن دىمەك ۋاقىت دىمەكتۇر ،
ۋاقىت دىمەك ھايات دىمەكتۇر .
ئىزدىنىش تورىدىكى بارىدىغان ئەزىزلەر كوللېكتىپ بېلەت سېتىۋالساق، لۇتۇن شىركىتىمۇ ئەڭ ياخشى ئورۇننىڭ بېلىتىنى تەمىنلەپ بەرسە {:92:} ، قانداق دەيسىلەر كۆپچىلىك؟!
ياشىن تورىدىن بېلەت سېتىۋالماقچى بولغانلار ئەمدى بىۋاسىتە لۇتۇن شىركىتىدىن سېتىۋېلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى ئەرگۇڭ تەنتەربىيە سارىيىدا شىنجاڭ پۇتبول كۇماندىسى بىلەن تىيەنجىن پۇتبول كۇماندىسى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە ئۇيغۇر توپ ھەۋەسكارلىرى سانىنىڭ كۆپلىكى، ئاجايىپ قىزغىن، جۇشقۇنلىقى، مەدەنىيلىكى، پۇتبول ۋە ئۆز توپچىلىرىغا بولغان قايناق مۇھەببىتى بىلەن تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر مەنزىرىنى ھاسىل قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى (بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى «35 مىڭ كىشىلىك ھاياجان...» دېگەن يازمىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ).
5-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە، ئۈرۈمچى ئەرگۇڭ تەنتەربىيە سارىيىدا شىنجاڭ پۇتبول كۇماندىسى بىلەن بېيجىڭ پۇتبول كۇماندىسى ئوتتۇرىسىدا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلمەكچى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ 2 كۇماندا جۇڭگو ب دەرجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك 2 كۇماندا بولۇپ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ شىنجاڭ پۇتبول كۇماندىسى ئەزالىرىنىڭ يۇرتىدا ئۆتكۈزۈلىشى، شىنجاڭلىق پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ مەدەت ئامىلى قاتارلىق سەۋەبلەرگە كۆرە ئىنتايىن كەسكىن مۇسابىقە بولۇپ، مەيدان ھەقىقى «ئالۋاستى مەيدان» غا ئايلىنىشى مۇمكىن.
ئەمما بىر ئەپسۇسلۇق يېرى، بۇ قېتىمقى مۇسابقىنىڭ ئالدىنقى قېتىمقىدەك ھەپتىنىڭ ئاخىرىغا ھەمدە ھەقسىز ئورۇنلاشتۇرۇلماستىن، سەيشەنبە كۈنىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇپ، ھەقلىق بېلەت بىلەن مەيدانغا كىرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تۈپەيلى، مەدەت بەرگۈچى توپ مەستانىلىرى سانىنىڭ ئالدىنقى قېتىمقىدىن زور دەرىجىدە ئازلاپ كېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
شۇ ۋەجىدىن مەن تورداشلاردىن ئىزدىنىش مەدەت گۇرۇپپسى تەشكىللەپ، پۇتبول ئوغلانلىرىمىزغا مەدەت بېرىپ، غەيرىتىگە غەيرەت قوشۇشنى تەكلىپ قىلىمەن. ئەگەر سىز ئۇيغۇر پۇتبول ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ توپ ماھارىتىدىن زوق ئالماقنى ۋە ئۇلارغا روھىي مەدەت بېرىپ، ماغدۇرىغا ماغدۇر قوشۇشنى خالىسىڭىز بۇ سەپكە قوشۇلۇڭ!
تەپسىلاتنى ئىزدىنىش شىركىتى بىلەن لۇتۇن شىركىتى كېڭشىپ، تورداشلارغا ئېنىق بىر ئىپادە بىلدۈرسە، دېگەن ئۈمىدتمەن.
لۇتۇن شىركىتى توپ مەستانىلىرى ۋە شىنجاڭ كوماندىسىغا مەدەت بەرگۈچىلەرنى قوللاش يۈزىسىدىن ئوخشاش رەڭدىكى كىيىم ( ھۇررا گورۇپپىسى ) تەشكىل قىلغۇچىلارنى ھەقسىز ئورۇن بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھۇررا گورۇپپىسىدىكىلەر چوقۇم ئوخشاش رەڭدە كېيىنىشى ، بىر باشقۇرغۇچىغا بويسۇنۇشى ، كوللىكتىپ مەيدانغا كىرىشى ۋە بىر يەردە ئولتۇرۇشى كېرەك . گورۇپپا ئەزالىرى 18دىن كەم بولمىسۇن.
ھۆرمەت بىلەن :شىنجاڭ لۇتۇن خەلىقئارا سودا چەكلىكشىركىتى ئىزدىنىشتىكىلەر ھەقسىز كىرمەيلى بولدى.
بېلەت سېتىۋېلىپ گۇرۇپپا بولۇپ كىرەيلى، لۇتۇن شىركىتى ئەڭ ياخشى ئورۇن بىلەن تەمىنلىگەن بولسا! ئاسىيا كىندىكى تورىدىن كۆرۈشۈمچە، لۇتۇن شىركىتى 4000 كىشىلىك بېلەتنى 70 مىڭ يۈەنگە سېتىۋاپتۇ. مانا بۇ پۇتبولچىلىقىمىزنى ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن قوللاش جۈملىسىدىن بولۇشى مۇمكىن. @goodluck
goodluck@
ئىزدىنىش مەدەت گۇرۇپپىسىنى سىز ماسلاشتۇرغۇچى بولۇپ، بىر تەشكىللىۋەتمەمسىز. سانىمىز 18 دىن ئېشىپ كەتسە، لۇتۇن شىركىتى تەمىنلىگەن ئوبدان يەردە ئولتۇرۇپ، ھۇررا دەپ تەڭ توۋلىشىپ، يىگىتلىرىمىزگە مەدەت بېرىپ كېلەيلى!
7- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
@goodluck
goodluck@
ئىزدىنىش مەدەت گۇرۇپپىسىنى سىز ماسلاشتۇرغۇچى بولۇپ، بىر تەشكىللىۋەتمەمسىز. سانىمىز 18 دىن ئېشىپ كەتسە، لۇتۇن شىركىتى تەمىنلىگەن ئوبدان يەردە ئولتۇرۇپ، ھۇررا دەپ تەڭ توۋلىشىپ، يىگىتلىرىمىزگە مەدەت بېرىپ كېلەيلى!
بىز بىرقانچەيلەنغۇ مەسلىھەتلىشىپ قويغان، يەنە باشقا ئاغىنىلەرنى قوشساق بۇ سان بىريەرگە بارىدۇ، مەن باللا بىلەن بىر ئالاقىلىشاي.
7- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
@goodluck
goodluck@
ئىزدىنىش مەدەت گۇرۇپپىسىنى سىز ماسلاشتۇرغۇچى بولۇپ، بىر تەشكىللىۋەتمەمسىز. سانىمىز 18 دىن ئېشىپ كەتسە، لۇتۇن شىركىتى تەمىنلىگەن ئوبدان يەردە ئولتۇرۇپ، ھۇررا دەپ تەڭ توۋلىشىپ، يىگىتلىرىمىزگە مەدەت بېرىپ كېلەيلى!
ماڭا زاكاس قىلغان بىلەتمۇ 10 دىن ئاشىدۇ ،شۇلارنى قوششاق 18 دىن ئىشىپ كىتىدىكەن ،مەنمۇ لۇتۇن شىركىتى تەمىنلىگەن بىلەتتىن ئالاي
نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان «پۇتبول!پۇتبول» دەپ زار بولدۇق، مانا ئەمدى ئىتالىيىنىڭ مەيدانلىرىدىن قېلىشمىغۇدەك بىر پۇتبول مەيدانىمىز بوپتۇ. بىر ئايدا ناھىيىتى 40 سوم كېتىدىكەن، بىكارغا كىرمەي بىلەت ئېلىپ كىرىڭلار، پۇل بولمىسا قۇرۇق ئۇررا توۋلىغانغا ئۇيغۇرنىڭ پۇتبولى تەرەققى قىلىپ كەتمەيدۇ. بىزدىىنمۇ مىليون مۇئاشلىق پۇتبول چولپانلىرىنىڭ چىقىشىنى، جاھاننى زىل-زىلىگە سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بىزنىڭ قەشقەردە قىزىيتتى ئەسلى پۇتبول، ئالاھىدە رايون قۇرۇپ بېرىدىغانلار ئالدى بىلەن راۋرۇس بىر پۇتبول سارىيى سېلىپ بەرسە بولاتتى... بولسا ئىزدىنىش كېيىم لايىھە مۇسابىقىسى ئورۇنلاشتۇرسا.ئەڭ ياخشى چىققان كىيىمنى باستۇرۇپ ئولاش چولاش كىرسەك ياخشى بۇلاتتى مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ 5- قانالىدا قويغان پۇتبول كېچىلىگى پىروگراممىسىدىكى بەزى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ كۈزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى...
يۈكسەلباينىڭ ئوغلىنى بېشىغا مىندۈرۈپ توۋلىغان ھالىتى بەك پەيزى چىقىپتۇ. ئوغلۇڭلارمۇ جان جەھلى بىلەن ھۇررا توۋلاپتۇ جۇمۇ
12- قەۋەتتىكى tangriqutنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ 5- قانالىدا قويغان پۇتبول كېچىلىگى پىروگراممىسىدىكى بەزى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ كۈزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى...
يۈكسەلباينىڭ ئوغلىنى بېشىغا مىندۈرۈپ توۋلىغان ھالىتى بەك پەيزى چىقىپتۇ. ئوغلۇڭلارمۇ جان جەھلى بىلەن ھۇررا توۋلاپتۇ جۇمۇ
دادىسىنى دورىمىسا بولامدۇ؟!-دېسىلە.
![\"\"](\"http://bbs.izdinix.com/static/image/smiley/qqnew/13.gif\")
![\"\"](\"http://bbs.izdinix.com/static/image/smiley/qqnew/20.gif\")
13- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
12- قەۋەتتىكى tangriqutنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ 5- قانالىدا قويغان پۇتبول كېچىلىگى پىروگراممىسىدىكى بەزى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ كۈزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى...
يۈكسەلباينىڭ ئوغلىنى بېشىغا مىندۈرۈپ توۋلىغان ھالىتى بەك پەيزى چىقىپتۇ. ئوغلۇڭلارمۇ جان جەھلى بىلەن ھۇررا توۋلاپتۇ جۇمۇ
دادىسىنى دورىمىسا بولامدۇ؟!-دېسىلە.![]()
مەن قارىسام قورقۇپ يىغلاپ كەتكەن چىرايغۇ ئوغلۇڭلا
![\"\"](\"http://bbs.izdinix.com/static/image/smiley/qqnew/13.gif\")
ئا تۈرۈلگەن قۇشۇمىسى بىلەن چىڭقالغان چېكە تومۇرلىرىنى كۆرمەپلىدە؟! {:92:} ما تېمىدا پۇتبۇلچىلارغا مەدەت بىرىمىزمۇ يا ئوغۇللىرىمىزنى ماختايمىزمۇ
![\"\"](\"images/face/qq/002.gif\")
مەنمۇ ئۈرۈمچىدە بولغان بولسام ئىككى دولامغا بىردىن ئىككىنى، بېشىمغا يەنە بىر ئوغلۇمنى مىندۈرۈپ تۇرۇپ 4 ئەركەك ۋەھشىي توۋلىشىپ بىرەتتۇق ھۇرراااا دېگەننى... ئوغۇللىرىم ئۆيدە توۋلاپ چۇقۇراشسا قۇلاقنى پاڭ قىلىۋېتىدۇ
![\"\"](\"http://www.izdinix.com/plugins/emoticons/44.gif\")
ھەر قېتىم ھېلىقى ئۇكىمىزنىڭ مۇسابىقىدا ئۇتالماي كۆرۈرمەنلەرگە يۈز كىلەلمەيدىغانلىغىنى بىلدۈرۈپ يىغلىغىنىدا بوغۇزۇمغا بىر نىمە كەپلەشكەندەك بۇلۇپ كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى!
![\"\"](\"images/face/qq/014.gif\"/)
فىلىم گەرچە قىسقا بولسىمۇ ، بۈگۈنكى تاراتقۇلاردىن كۆردۈمكى، پۈتۈن جۇڭگودىكى پۇتبول مەستانىلىرىنى تەسىرلەندۈرۈپتۇ!
يۈكسەلباي چىققان كۆرۈنۈشكىمۇ نۇرغۇن مەزمۇنلار يۈغۇرۇلغانلىغىنى ھىس قىلدىم.
ب دەرىجىگە نىسبەتەن كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشى بولىدۇ 22-چىسلادىكى مۇسابىقە. شىنجاڭ يەڭسە بىرىنچى دەرىجىلىك ئورنىنى مۇقىملايدۇ. يىڭىلىپ قالسا 2-ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ. 3- ئورۇنغا چۈشىشىمۇ مۇمكىن تېخى. شۇڭا كۆپچىلىك قاتتىق مەدەت بېرەيلى...