oghuzyar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-17 19:16:53

يازدا قارىداپ كېتىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ[تەرجىمە]

كونىلار «ئاقلىق كۆرۈمسىزلىكنى يېپىپ كېتىدۇ» دەپ ئېيتقان، مەيلى كىم بولسۇن تېرىسىنىڭ ئاپئاق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. قەدىمىي جۇڭيى تېبابىتىدە مۇنداق دەپ ئېيتىلغان: ئەگەر تېرىڭىزنى ئاق بولۇشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز، يېمەك – ئىچمەكنى خىللاشقا دىققەت قىلىش زۆرۈر.

پىژغىرىم ياز كۈنلىرى يېتىپ كەلدى. گۈزەللىكنى سۆيگۈچى تەن ئىگىسى تېرىسىنىڭ كۆيۈپ قارىداپ كېتىشىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى، ئەگەر قارىداپ كەتمەسلىكنى ئويلىسىڭىز، يېمەك – ئىچمەككە جەزمەن دىققەت قىلىڭ. بەزى يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بولمايدۇ، بولمىسا تېرىڭىز قارىداپ كېتىشى مۇمكىن.

1. نۇر سېزىمچانلىق كۈچلۈك كۆكتاتلار

نۇر سېزىمچانلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر تېرىنى ئاسانلا قارىدىتىۋېتىدۇ، چۇنكى ئۇلارنىڭ تەركىبىدە مول مىقداردا مىس، تۆمۈر، سىنىك قاتارلىق مېتال ئېلېمنىتلار بار، بۇ مېتال ئېلېمنىتلار بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا قارا پىگمېنتلارنى ھاسل قىلىدىغان تيروسيىل، تىروزىنازا قاتارلىق ماددىلارنىڭ سانى ۋە ئاكتىپلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېسە، تېرە تېخىمۇ ئوڭايلا ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ، تېرە قارىداپ قالىدۇ ياكى داغ ھاسىل بولۇپ قالىدۇ، شۇڭلاشقا تاتلىقياڭيۇ، ياڭيۇ، پالەك، كۈدە، كەرەپشە، يۇمغاقسۈت، ئاق تۇرۇپ، پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك. بۇ كۆكتاتلار داغ بولۇپ قېلىشقا ئامراق تېرىدە تېخىمۇ ئاسانلا داغ پەيدا قىلىدۇ.

ئادەتتە، ئاچچىق ۋە ئالاھىدە پۇراق تارقىتىدىغان كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسى نۇر سېزىمچانلىق تۈرىدىكى كۆكتاتلارغا تەۋە.

2. كۈچلۈك كسىلاتالىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر

ئىشقارلىق يېمەكلىكلەر ۋە كىسلاتالىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى: تەڭپۇڭلۇق بولسا تەبئىيەت دۇنياسىدىكى ئەڭ گۈزەل ۋە ئەڭ ساغلام بولغان ھالەت. يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىشمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، ساغلام بولغان ئادەم بەدىنىدىكى خىلىتلار ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتتە بولىدۇ، ئادەتتە كىسلاتالىق يېمەكلىكلەر بىلەن ئىشقارلىق يېمەكلىكلەر تەڭپۇڭسىز بولسا، قان سۇيۇقلۇقى كىسلاتالىققا مايىل بولۇپ، ئادەم بەدىنىدە ھەر خىل بىنورماللىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېرە رەڭ پىگمېنتلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سەۋزە، پالەك، سۆسۈن تۇرۇپ، قىشىلىق موگۇ، قارا قېرىنقۇلاق قاتارلىق كۆكتاتلار داغ بولۇشقا مايىل تېرىدە تېخىمۇ ئاسانلا داغ ھاسىل قىلىدۇ.

ئادەتتە كىسلاتالىق يېمەكلىكلەر بىلەن ئىشقارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى قان سۇيۇقلۇقنى كىسلاتالىققا مايىل قىلىپ، ئادەم بەدىنىدە ھەر خىل بىنورماللىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېرىدە داغ پىگمىنتلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

3. قېنىق رەڭلىك، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر

قېنىق رەڭلىك يېمەكلىكلەر سۆسۈن گۈرۈچ، قارا پۇرچاق، كۆك پۇرچان، قىزىل سۇ ياڭىقى، قارا كۈنجۈت، ياڭاق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاساسلىق يېمەكلىكلەردىن قارا سۆڭەكلىك توخۇ، كالا – قوي گۆشى، يىراق شەرق تاشپاقىسى، قېنىق گۆشلۈك بېلىق تۈرى، دېڭىز ئادەمگىياھى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرگە نۇرغۇن كىشىلەر ئامراق، مايدا پىشۇرۇلغان خۇشپۇراق، ئاچچىق، تەملىك يېمەكلىكلەرنى يېگەندىن كېيىن، زىيىنى چوڭ بولىدۇ. مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، ئاسان سەمىرىپ كېتىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى مول مىقداردىكى ئوكسىدلار تېرىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. شۇڭلاشقا ئىمكانقەدەر ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك، ئەگەر پەقەت چىداپ تۇرالمىغاندا، ئىستېمال قىلىشتىن ئىلگىرى تەركىبىدە ۋېتامىن E بولغان يېمەكلىكلەرنى تولۇقلاش ئارقىلىق، تېرنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. مەسىلەن، چاقما كاۋا، بانان، پالەك، سەۋزە، يىرىك بۇغداي بولكىسى، يەر ياڭىقى، كۈنجۈت، توپانلىق گۈرۈچ قاتارلىقلار.

ئەسكەرتىش: سۈت، تۇخۇم، دۇفۇ، بېلىق تۈرىدىكى سۇس راڭلىك يېمەكلىكلەر ئاسانلا قارا رەڭ پىگمېنتىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، شۇنداقلا ئىچكى ئەزالارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىدۇ.


ئالىمجان نەسىردىن تەرجىمىسى



yapraq يوللانغان ۋاقتى 2012-5-17 23:07:55

يەيدىغان يېمەكلىكلەرنى ئاساسەن يېمەڭلا دەپتىغۇ \"\" . دېمەك يەنىلا  نان بىلەن قايناقسۇ  ياخشى دېمەكچىكەن.....






zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-18 08:17:05

دېمەك بىر ياز بەسەيتاڭ بىلەن موما يېسەك بولغىدەك، ئوغۇللارغۇ قورقمايمىز قارىداپ كېتىشتىن، بىراق قىزلارغا تەس بولغىدەك. ‹‹ئاقنىڭ سەتى يوق، قارىنىڭ چىرايلىقى›› ئەمەسمۇ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-5-18 09:00:45

مەنغۇ ئەنسىرىمەيمەن  {:92:}

Axunjan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-18 09:06:43


3- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنغۇ ئەنسىرىمەيمەن \"\"



\"قېرى كالا پىچاقتىن قورقماپتۇ\".


-خەلق ماقالى.




america يوللانغان ۋاقتى 2012-5-18 09:39:20

قانداق بولسا بولىۋەرمەمدۇ؟

ئاق ئادەم قارىدىسىمۇ بەك قارىداپ كەتمەيدۇ، ئاق ئادەم قارىداپ كەتكەندەك قارىداپ كېتىدۇ،ساغلام چىراي بولۇپ قالىدۇ، قارا ئادەم بەرىبىر قارا، مەيلىكەينى مىڭ سۈركىۋالسىمۇ، تېگىدىىكى قارىلىقى تېشىدىكى ئاق مايدىن كۆكىرىپ كەتكەندەك كۆرسىتىدۇ. ئاپتاپ دېگەن ئادەمگە پايدا قىلىدۇ، ئىشەنمىسىڭىز ئاپتاپتا ئىككى سائەت پىيادە مېڭىپ سىناپ بېقىڭ...

قارىداپ كەتمەيمەن دەپ سايىدىلا يۈرسىڭىز بېلىڭىزنىڭ تۈۋىنىگە سۈيقاش بارمايدۇ، 40 كىرمەي لەشتەك ساڭگىلاپ كېسەلچان بولۇپ قالىسىز. كۈن نۇرى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتىكى خاسىيەتلىك دورا. شۇڭىمۇ چەتئەللىكلەر ئۆزىنى ئاپتاپقا سېلىشنى ھەرقانداق ئىشتىن مۇھىم بىلىدۇ.

نەدىكى ئاقماس گەپلەرنى تېپىپ يازىدىكەن مۇشۇ بالىلار...

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-18 10:04:59

ئۇنداقتا قايسى تاماقنى يېمەسلىك كېرەك؟  قايسى تاماقنى يېيىش كېرەك؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-5-18 10:07:24

ئاق بولسا چىرايلىق بولامدا؟ \"\"

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-5-18 10:15:26

4- قەۋەتتىكى Axunjanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


3- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنغۇ ئەنسىرىمەيمەن \"\"



\"قېرى كالا پىچاقتىن قورقماپتۇ\".


-خەلق ماقالى.






مەندەك چاپچىپ تۇرغان تايچاقتەك بىرىنى، قېرى كالىغا ئوخشاتقىنىڭىز قاملاشماپتۇ مۆھتەرەم تورداش ئاشۇنجان\"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-5-18 10:31:19

8- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4- قەۋەتتىكى Axunjanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


3- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنغۇ ئەنسىرىمەيمەن \"\"



\"قېرى كالا پىچاقتىن قورقماپتۇ\".


-خەلق ماقالى.






مەندەك چاپچىپ تۇرغان تايچاقتەك بىرىنى، قېرى كالىغا ئوخشاتقىنىڭىز قاملاشماپتۇ مۆھتەرەم تورداش ئاشۇنجان\"\"

شۇ ئاداشنىڭ ئىسمىنى قانداق ئاتايدىغانغا ئۇمۇملاشتى راسىت؟


بەزىلەر ئاخۇنجان دىسە ئاچچىقى قىلىدىكەن داۋاتقان


ئاشۇنجان دىگىنى نىمە دىگىنىكەن ئەمدى



jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-18 10:51:31

ئوغۇل بالا دىگەن قارامتۇلراق بولغىنى ياخشى ،،،،  {:92:}    {:92:}    {:92:}    {:92:}

tvman يوللانغان ۋاقتى 2012-5-18 11:02:50

مەنغۇ تاشقورغاندا 5 يىللىق قارىداشنى قارىداپ بولدۇم \"\"

ئەسلىدىنمۇ ئاق ئەمەستىم \"\"

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-5-18 11:43:29

11- قەۋەتتىكى tvmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنغۇ تاشقورغاندا 5 يىللىق قارىداشنى قارىداپ بولدۇم \"\"

ئەسلىدىنمۇ ئاق ئەمەستىم \"\"



باش سۈرىتىڭلىنىڭ تەگلىكىدەكما؟\"\"

Axunjan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-18 14:00:47

9- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

8- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4- قەۋەتتىكى Axunjanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


3- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنغۇ ئەنسىرىمەيمەن \"\"



\"قېرى كالا پىچاقتىن قورقماپتۇ\".


-خەلق ماقالى.






مەندەك چاپچىپ تۇرغان تايچاقتەك بىرىنى، قېرى كالىغا ئوخشاتقىنىڭىز قاملاشماپتۇ مۆھتەرەم تورداش ئاشۇنجان\"\"

شۇ ئاداشنىڭ ئىسمىنى قانداق ئاتايدىغانغا ئۇمۇملاشتى راسىت؟


بەزىلەر ئاخۇنجان دىسە ئاچچىقى قىلىدىكەن داۋاتقان


ئاشۇنجان دىگىنى نىمە دىگىنىكەن ئەمدى





زىيالى بۇرادەر، ئىسمىمنىڭ ئاخۇنجان ئىكەنلىكى كۈندەك روشەن. گۇدلۇك، پىنھان ن ن ن ن، ززىىللتتاارر...قاتارلىق قىزىقچىلارنىڭ چاقچىقى ئۇ.


\"ئاشۇنجان\" دەپ ئىسىم بولماسلىقىنى خوككايدۇ خەلقىمۇ بىلسە كېرەك.\"\"

oghuzyar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-18 15:58:46


5- قەۋەتتىكى americaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قانداق بولسا بولىۋەرمەمدۇ؟

ئاق ئادەم قارىدىسىمۇ بەك قارىداپ كەتمەيدۇ، ئاق ئادەم قارىداپ كەتكەندەك قارىداپ كېتىدۇ،ساغلام چىراي بولۇپ قالىدۇ، قارا ئادەم بەرىبىر قارا، مەيلىكەينى مىڭ سۈركىۋالسىمۇ، تېگىدىىكى قارىلىقى تېشىدىكى ئاق مايدىن كۆكىرىپ كەتكەندەك كۆرسىتىدۇ. ئاپتاپ دېگەن ئادەمگە پايدا قىلىدۇ، ئىشەنمىسىڭىز ئاپتاپتا ئىككى سائەت پىيادە مېڭىپ سىناپ بېقىڭ...

قارىداپ كەتمەيمەن دەپ سايىدىلا يۈرسىڭىز بېلىڭىزنىڭ تۈۋىنىگە سۈيقاش بارمايدۇ، 40 كىرمەي لەشتەك ساڭگىلاپ كېسەلچان بولۇپ قالىسىز. كۈن نۇرى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتىكى خاسىيەتلىك دورا. شۇڭىمۇ چەتئەللىكلەر ئۆزىنى ئاپتاپقا سېلىشنى ھەرقانداق ئىشتىن مۇھىم بىلىدۇ.

نەدىكى ئاقماس گەپلەرنى تېپىپ يازىدىكەن مۇشۇ بالىلار...



سىزنى ھېچكىم سايىدا يۈرۈڭ دېگىنى يوق ، ئاپتاپنىڭمۇ پايدا قىلىدىغان زىيان قىلىدىغان تەرىپى بار، كۈچلۈك ئاپتاپتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرغاندا تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ، پېگمېنت ھۈجەيرىلىرىنىڭ نورمال ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەر نەرسىنىڭ پايدا-زىيىننى بىلىپ قويغانغا يەتمەيدۇ،


تېما  ئاقمايدىغان بىلىنگەن بولسا ئاقىدىغان يەرگە بېرىپ ئاپتاپ سۇنسىڭىز بولىۋېرىدۇ.


tvman يوللانغان ۋاقتى 2012-5-19 11:20:58

12- قەۋەتتىكى birzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

11- قەۋەتتىكى tvmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنغۇ تاشقورغاندا 5 يىللىق قارىداشنى قارىداپ بولدۇم  

ئەسلىدىنمۇ ئاق ئەمەستىم \"\"



باش سۈرىتىڭلىنىڭ تەگلىكىدەكما؟\"\"

ئۇنچىۋالا ئەمەس ئاۋۇ جورجى كىلونىنىڭ تېرىسىدەك دىسەك توغرا بولىدۇ باش سۈرتۈمدىكى\"\"

america يوللانغان ۋاقتى 2012-5-19 14:42:42

سىزنى ھېچكىم سايىدا يۈرۈڭ دېگىنى يوق ، ئاپتاپنىڭمۇ پايدا قىلىدىغان زىيان قىلىدىغان تەرىپى بار، كۈچلۈك ئاپتاپتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرغاندا تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ، پېگمېنت ھۈجەيرىلىرىنىڭ نورمال ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەر نەرسىنىڭ پايدا-زىيىننى بىلىپ قويغانغا يەتمەيدۇ،



تېما  ئاقمايدىغان بىلىنگەن بولسا ئاقىدىغان يەرگە بېرىپ ئاپتاپ سۇنسىڭىز بولىۋېرىدۇ.



____________________________

ماقۇلە...خاپىبومماڭ...
بەت: [1]
: يازدا قارىداپ كېتىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ[تەرجىمە]