malchi يوللانغان ۋاقتى 2012-5-17 15:20:13

شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە ئەھۋالى (5-ئاينىڭ 17-كۈنى)


جۇڭگو ب دەرجىلىك كۇلۇپلار بىرلەشمىسى 5-ئايلانما مۇسابىقىسدە بىزنىڭ ئەزمەتلىرىمىز خېبىدا مېھمان ھالاتتە بىر مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.


مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن بىزنىڭ باللارخىلى كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغىغان ئوخشايدۇ .مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىزنىڭ كوماندىمىز چەكلەنگەن رايۇن ئەتراپىدا بىر ئىختىيارى توپ پۇرستى يارتىدۇ ،ھەم بۇ توپنى 2 -نومۇرلۇق ئەزمىتىمىز ئۈسۈپ كىرگۈزۈپ ۋاقتىنچە 1-0 ئۈستىنلىكنى ئىگەللەپتۇ،كيىنىكى مەيدان باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي بۇلۇڭ توپ پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ 10 -نومۇرلۇق كاپىتان بۇ توپنىمۇ ئۈسۈپ كىرگۈزۈپ 2-0 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يىڭىپتۇ.


شۇنداق قىلىپ شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى شىمالى رايۇندا 3 مەيدان يىڭىپ 2 مەيدان تەڭلىشىپ ۋاقتىنچە بىرىنجى ئورۇندا .

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-5-17 16:02:15

ئاۋۇ رەسىم ئۇلارنىڭ مەشىق قىلىۋاتقان ۋاقتىمۇ ياكى خېبىدىكى مۇسابېقە مەيدانىمۇ؟ نىمانداق بىرمۇ ئادەم يوق مەيدان ئۇ؟

malchi يوللانغان ۋاقتى 2012-5-17 16:22:54

1- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاۋۇ رەسىم ئۇلارنىڭ مەشىق قىلىۋاتقان ۋاقتىمۇ ياكى خېبىدىكى مۇسابېقە مەيدانىمۇ؟ نىمانداق بىرمۇ ئادەم يوق مەيدان ئۇ؟

مەيداندا بىزنىڭ ھۇرراچىلاردىن 60 چە ،قارشى تەرەپنىڭ 200 چە مەستانىلىرى با ئوخشايدۇ

turk_bag يوللانغان ۋاقتى 2012-5-17 16:22:55

ياشا ئوغلانلىرىمىز !!!!    ھۇررا

sabi1130 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-17 16:30:41

نىمىدىگەن ياخشى ......ھەجەپ ھاياجانلىنىپ كىتىۋاتىمەن ئەزىمەتلىرىمىزگە ۋە ئۇلارنى تەربىلىگەن ئاتىسىغا ۋە باشقىلارغا رەھمەت ....ئاللاھ خالىسا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈڭلار!!!!!!سىلەردىن ھەممىمىز پەخىرلىنىمىز ۋە قۇلىمىزدىن كىلىشىچە ياردەمدە بولىمىز ھەم قوللاپ قۇۋەتلەيمىز......................بىز ھەر قاچان سىلەرگە مەدەت تىلەيمىز تېخىمۇ ئېچىلىپ ئويناڭلار!!!

malchi يوللانغان ۋاقتى 2012-5-17 16:37:46

بىرىنجى توپى چۈشكەندە ساما ئويناپ تەبىرىكلەپتۇ تىخى\"\"

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-5-17 17:01:41

ھۇ شەررە باتۇرلىرىم! ئاتاڭلارغا بارىكاللا ...

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2012-5-17 17:16:59

6- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھۇ شەررە باتۇرلىرىم! ئاتاڭلارغا بارىكاللا ...

سىزنى ،بالىڭزنى كۆردۈمغۇ يۈكسەلكا.....

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-5-17 17:18:37

ئاشۇ ئىككى توپنى ئەرگوڭدا كىرگۈزگەن بولسا، قانچە خوش بولاپ كېتە بولغىيتۇق \"\"

zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-17 18:06:49

شىنجاڭ كۇماندىسى ئا دەرجىلىك مۇسابىقىگە چىقىشتىن ئۇمۇد بارمۇ قانداق،،،،؟ \"\"

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-5-17 18:34:31

تېخى بىرمۇ توپ كەتكۈزمىدى. ئۈمۈد چوڭ جۇمۇ.... \"\"

zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-17 18:42:22


10- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تېخى بىرمۇ توپ كەتكۈزمىدى. ئۈمۈد چوڭ جۇمۇ.... \"\"


--ئەگەر شىنجاڭ كۇماندىسنىڭ نەتجىسى بەك ياخشى بۇلوپ كەتسە ئىچكىرىدىكى تۇپ تىپىۋاتقان بالىلارنىڭ بۇ كولوپقا قايتىپ كىلىشى ئىھتىماللىقى بارمۇ؟؟بۇ كۇماندىنىڭ ئىقتىسادى ئۇلارنى تەكلىپ قىلىشقا يار بىرەمدۇ؟


kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-5-17 19:03:22

شىنجاڭ كوماندىسىنى تەشكىللىگەن خەيتاڭ(تاشئالما) شىركىتىنىڭ پىلانىدىمۇ كۇلۇبنى بۇ يىل ئا دەرىجىگە ئۆرلىتىش ئاندىن يەنە بىر ئىككى يىلغىچە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىگە ئۆرلەش. لېكىن شىركەتنىڭ مەبلىغى دەرىجىدىن تاشقىرىدا پۇت تىرەپ تۇرۇشقا ھازىرچە چىقىش قىلمايدۇ، پەقەت بىزنىڭ توپچىلار ئۆزىنىڭ ئەڭ ئېسىل ئىپادىسى بىلەن مۇشۇ كۇلۇبنىڭ ئاساسى گەۋدىسى بۇلۇپ تۇرالىسا شىركەتكە بەك بىسىم چۈشۈپ كەتمەيدۇ. ھازىر دەرىجىدىن تاشقىرىدا گۇاڭجۇ خېڭدا، شاڭخەي شېنخۇا كۇلۇبلېرى سالغان مەبلەغ ئاللىبۇرۇن 200 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. شىنجاڭ كوماندىسى ئامال بار ئۆزىمىزدىكى تالانت ئىگىلېرىنى بايقاپ سىرتتىن كېلىدىغان قىممەت باھالىق توپچىلارغا ئېسىلىۋالمىسا كېيىنچە چۇقۇم پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ..ھازىر پۇتبول ساھاسىدە پۇت دەسسەپ تۇرالىغىدەك بىر كۇلۇپنىڭ قۇرۇلىشى بىز ئۈچۈن ئالەمچە خوشاللىق. ئىچكىرىدىكى بالىلارنىڭ قايتىپ كېلىش كەلمەسلىكى ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۆز تاللىشىغا باغلىق بولىدۇ. ئىچكىرىدە تەرەققى قىلىش پۇرسىتى كۆپ، مائاشىمۇ يۇقۇرى. مەسلەنسىگە خېڭدا كۇلۇبىدا توپ تەپكۈچىلەر بىر مەيدان ئاساسلىق مەيدانغا چۈشسە 100 مىڭ يۇەن مەيدانغا چىقىش ھەققى ئالىدۇ. توپ ئۇرسا يەنە ئايرىم ھەق ئالىدۇ...شىنجاڭ كوماندىسى ئەزىمەتلېرىمىزنىڭ تىرىشچانلىق ۋە بىزنىڭ قوللىشىمىز ئاستىدا ياخشى تەرەققىياتقا ئېرىشكۈسى. بىلىشىمىزچە شىركەتمۇ كۇلۇب توغرىسىدا خېلى ئىنىق تەرەققىيات نىشانى پىلانلىغان ئوخشايدۇ. شىركەتنىڭ ھازىرىقى ئىقتىسادىدىن قارىغاندا 200 مىليون ئەتراپىدا مەبلىغى بار ئوخشايدۇ. شىركەت تەرەققىياتى ياخشى بولسا كۇلۇبنى قوللاش دەرىجىسىمۇ ياخشى بولىدۇ دە. ھازىرچە ئىچكىرىدىكى بالىلارنىڭ يۇقۇرى مائاشىغا چىقىش قىلىپ بولالماسمىكىن...

zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-17 19:07:51


12- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شىنجاڭ كوماندىسىنى تەشكىللىگەن خەيتاڭ(تاشئالما) شىركىتىنىڭ پىلانىدىمۇ كۇلۇبنى بۇ يىل ئا دەرىجىگە ئۆرلىتىش ئاندىن يەنە بىر ئىككى يىلغىچە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىگە ئۆرلەش.


---رەھمەت چۇشەنچە بەرگىنىڭىزگە ،،،خەيتاڭ كۇماندىسنىڭ قۇرۇلغىنى شىنجاڭ پۇتبۇل ئىشىلىرى ئۇچۇن كاتتا خۇشاللىق ئىشى بۇلدى ،،ئاللا خالىسا ئەزىمەتلىرىرمىز ياخشى نەتجىە ئالسا مەبلەغ مەسلىسىمۇ ئاسانلا ھەل بۇلوپ كىتەتتى،،،




ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-5-17 20:05:54

توپ تىپىدىغان ماڭقا شۇملاردىن تۇنۇشۇڭلار بولسا دەپ قويۇڭلارچۇ \"\"

يۇقىر ئۆرلەيدىغانغا پۇل يوق ئۇتتۇرۇپ بەر دەپ تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالسىمۇ چوقۇم ئۇتسۇن.چوقۇم كۆزگە كۆرىنىپ چوڭ كۇلۇپلاردا توپ تەپسۇن.بولمىسا ئىككى يىلدىن كىيىن كوماندا يوق بولسا تەكلىماكاندىكى قاتناش يوق يېزىدا تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچى بولغاچ ساماۋەرگە ئوت قالاپ چۈشلۈك چايغا سۇ قاينىتىدۇ \"\"



بىر غەيرەت قىلىڭلارچۇ ئۇكىلىرىم

پۇلنىڭ ئامالى ھامان بولىدۇ.

چوقۇم ئۈزۈپ چىقىڭلار

ئۈزەڭلەرنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن

سىلەردىن كىيىن چىقىدىغان چىقماقچى بولغان پۇتبولنى يۈرىكىدە سۈيىدىغان ئىنىلىرىڭلار ئۈچۈن

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-5-17 20:15:20

ئەڭ يىڭى ئەھۋالى


تەرتىپى، كوماندا،مۇسابىقە سانى،يەڭگىنى،تەڭلەشكىنى،يىڭىلگنى،كىرگەزگەن توپ،كەتۈرگەن توپ،ئۈستۈن توپ سانى،نومۇرى

1.شىنجاڭ 5 3 2 0 4 0 4 11

2.بىيجىڭ يىتوڭ 5 3 1 1 9 3 6 10

3.چىڭخەي سېنكى 5 3 1 1 8 2 6 10

4.خېبىي جوڭجى 4 3 1 0 6 1 5 10

5.بېيجىڭ ياشلار 4 2 2 0 7 2 5 8

6.شاڭخەي جوڭباڭ 5 2 2 1 5 3 2 8

;;;;;;;;;;;;

بىزگە ئاساسلىق تەھتىت ئالدىنقى تۆتىكەن ،

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-5-17 20:21:19

14- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



سىلەردىن كىيىن چىقىدىغان چىقماقچى بولغان پۇتبولنى يۈرىكىدە سۈيىدىغان ئىنىلىرىڭلار ئۈچۈن



بۈگۈنكى ‹پۇتبۇل كىچىلىكى›پىرىگىرامىسىدا پۇتبۇلچىلىرىمىزنىڭ زىيارىتىدە مۇشۇنداقىراق گەپ قىپتۇ.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-5-17 20:23:52

بىزنىڭ باللار توپ يوقاتمىغان بىلەن سالغان توپ سانى بەكلا ئازغۇ

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-5-17 20:26:05

16- قەۋەتتىكى bughra-oghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

14- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



سىلەردىن كىيىن چىقىدىغان چىقماقچى بولغان پۇتبولنى يۈرىكىدە سۈيىدىغان ئىنىلىرىڭلار ئۈچۈن



بۈگۈنكى ‹پۇتبۇل كىچىلىكى›پىرىگىرامىسىدا پۇتبۇلچىلىرىمىزنىڭ زىيارىتىدە مۇشۇنداقىراق گەپ قىپتۇ.



مەن ئۇ پىروگىرامىنى كۆرمىدىم


شۇڭا مەن ئۇلاردىن كۈچۈرمىدىم جۇمۇ\"\"


koqahawiri1 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-17 20:31:33

شىنجاڭ غەربى دىيار ئوقەتچىلىك گورۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلىغى ئىككى يۈز ئوتتۇز مىليۇن. 20مىڭ مو يىرى (6مىڭ مو يىرى شەھەر قۇرۇلۇش دائىرىسىدە) يىللىق ئومۇمى سىتىش كىرىمى 419مىلىيون ئىكەن. دىمەك ئەمىلى كۈچىنى تۆۋەن مۆلچەرلىگىلى بولمايدىكەن.
بەت: [1] 2
: شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە ئەھۋالى (5-ئاينىڭ 17-كۈنى)