mudirtiwip يوللانغان ۋاقتى 2012-5-17 06:37:07

ئۇيغۇر تىبابىتى نەزىريە ئاساسلىرىدىن سۇئال جاۋاپ[تېخنىكا]

- ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى دىگەن نىمە؟


قەدىمقى ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلەر داۋامىدا ئىشلەپچىقىرىش كۆروشى ۋە تۇرمۇش كەچۇرۇش شارائىتى، جىسمانى سالامەتلىكنى قوغداپ نەسىلنى داۋام قىلىش ئۇچۇن ھەر خىل كىسەللىك ئاپەتلىرى بىلەن كۆرەش قىلىش جەريانىدا ھاسىل قىلغان ئەمىلى تەجىربىللىرىنىڭ ئىلمى يەكۇنى -ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى دىيلىدۇ.ئۇ ئۇيغۇر مىللى مەدنىيىتىدىكى بىر چاقناپ تۇرغان گۇھەر .


2- ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى يازما شەكىلدە قاچاندىن بىرى پەيدا بولغان ؟


ئىنسانىيەت پەيدا بولغاندىن تارتىپ تىبابەت تەڭلا پەيدا بولغان لىكىن ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى يازما شەكىلدە مەيدانغا كەلگىنى 2500 يىلدىن ئاشتى.


3- ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ ماھىتى نىمە ؟


     ئىنسانلارنىڭ تەبىئى مىزاجىنى ئاساس قىلغان ھالدا تەبىئى دورا ئوسۇملۇكلەر ۋە شىپالىق تەبىئەت جىسىملىرى بىلەن كىسەل داۋالاش ۋە  كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كەسپىدىن ئىبارەت .


4-ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى ئاساسى نەزىريەلىرى ئىلىمى نېمىنى ئۈگۈتىدىغان  پەن؟


ئۇيغۇرتىبابەتچىلىكى ئاساسى نەزىريىلىرى ئىلىمى- ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ تارىخىي،ماھىيىتى،ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكى،ئىجتىمائىي ئورنى،تەرەققىي قىلىش جەريانى ھەمدە ئۇنىڭ تارىخىي تۆھپىللىرى،باشقا تىبابەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ تۈپ قائىدە-قانۇنىيەتلىرىنى،كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى،ئالامىتى ۋە ئالدىنى ئىلىش،داۋالاش ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.


5- ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ تارىخى


ئۇيغۇر تىببى – دورىگەرلىك ئىلمى ۋەتەن تىببى دورىگەرلىك ئىلمى غەزىنىسىنىڭ موھىم تەركىۋى قىسمى. ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلىقلىرنىڭ قىرىنداش مىللەتلەر بىلەن بىرگە ئۇزۇندىن بۇيان كىسەللىكلەرگە قارشى قىلغان كورەشلىرىنىڭ ئومومى يەكۇنى.


ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقى مول مەدىنىيەت قىممەتلىك مەدىنىي مىراسلارغا ئىگە قەدىمىي بىر مىللەت. ظذ، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخى جەريانى ۋە كىشىلىك جەمىيەتتنىڭ ھەرقايسى دەۋىرلىرىدە ۋەتىنىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلىقلىرى بىلەن بىرگە كورەش قىلىپ،تۇرلۇك- تۇمەن ماددى ۋە مەنىۋى بايلىقلار جۇملىدىن ئىلىم –پەن،ھونەر – سەنئەت ساھاسىدە ئاجايىپ كەشپىياتلارنى يارتىپ،جوڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ پارلاق مەدىنىيەت غەزىنىسىنى بەرپا قىلىشتا ھەم ئاسىيا مەدىنىيتىنى ئىلگىرى سۇرۇشتە ئوزىگە موناسىپ شانلىق توھپىلەرنى قوشقان.


ئۇيغۇر تىبابەتچىلكى،ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. ئۇ ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقلىرىنىڭ جۇملدىن ئۇلار ئارىسىدىن يىتىشىپ چىققان ئەنچى ، ئاتاساغۇن ، تىۋىپ ۋە دورىگەرلەرنىڭ سان – ساناقسىز ۋاستىلىق ياكى ۋاستىسىز ، موۋەپپىقىيەتلىك ياكى موۋەپپىقىيەتسىز تىببى تەجىربىلىرى ، دورىگەرلىك  ئىقتىدارلىرىنىڭ توپلىنىشى ، رەتلىنىشى ،ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا يىزىپ قالدۇرلىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ۋە راۋاجلانغان . دىمەك ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ،ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كورىشى ،


ئىلمى تەجىربە ۋە تۇرلۇك ئاغرىق سىلاقلارغا قارتا ئىلىپ بارغان كورەشلىرى جەريانىدا يەكۇنلىگەن ئىلمى يەكۇنى . ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىببى - دورىگەرلىك ئىلمىنىڭ  قىسقىچە  ئاتىلىشى.


ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەتلىك مەدىنى مىراسلىرىنىڭ بىرى بولوپ،ظذ، ئوزىنىڭ ئۇزۇن تارىخى جەريانىدا ئەجداتلىرىمىزنىڭ غەربى زىمىدىن ئىبارەت بۇ بىپايان كەڭ زىمىندا ياشاپ،ئوسوپ، كوپىيشىدە ئاساسلىق رول ئويناشتىن تاشقىرى ھەر مىللەت خەلىقلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى ساقلاش،كىسەللىكلەرنىڭ  ئالدىنى ئىلىش، داۋالاش جەھەتتە زور توھپىلەرنى كورسەتكەن.


مىلادى 5- ئەسىردىلا،ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىپەلىك يىزىق قوللاغانلىق جەھەتتە كوپ تارىخى يازما ۋە ماددى پاكىتلار بار. يىزىق بولسا بىر مىللەتنىڭ مەدىنىيتىنى ئولچەشنىڭ موھىم بىر ئولچىمى.تىل تەرەققە قىلىپ موئەييەن بىر  باسقۇچقا يەتكەندە ئاندىن يىزىق پەيدا بولىدو.


ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى 2500 يىلدىن ئارتۇق تارىقخا ئىگە بولوش بىلەن دۇنياغا مەشھور. بۇھەقتە مەملىكىتىمىزنىڭ يازما خاتىرلىرى،قىزىپ ئىلىنغان ئارخىلوگىيەلىك ماددى مەنبەلەر ۋە شىنجاڭدىن چەتئەللەرگە ئىلىپ كىتىلگەن يازما ماتىرياللاردا :بىرلىن،لوندون،موسكىۋا ، لىلىنگىراد ، توكيو،پارىژ قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ تارىخى موزىيلىرىدا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىككە ئائىت نورغون ماتىرياللار ساقلانماقتا.بۇلارنىڭ بەزىلىرى تەرجىمە قىلىنىپ ئىلان قىلىنغان بولسىمو،خىلى كوپ قىسمى تىخى تەرجىمە قىلىنىپ ئىلان قىلىنمىدى.


ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى،ئادەم بەدىننىڭ بىر پۇتۇنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەش بىلەن بىرگە،تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ھاياتلىقغا دائىم، زىچ تەسىر قىلىپ تۇرىدىغانلىغىنى ئالاھىدە كورسىتىدو. كەڭ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ توت چوڭ ماددا (ئاناسىر ئەربەئە) يەنى ئوت، ھاۋا، سۇ ، تۇپراقتىن تەشكىل تاپقانلىغى،تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئۇلار زىدىيتىنىڭ نەتىجىسىدە تەرەققى قىلىدىغانلىقى ھەمدە تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئىنسانلارنىڭمو ئۇلارنىڭ دائىملىق تەسىردە بولىدىغانلىغى، ئۇلارسىز ماددىلارنىڭ يىتىلمەيدىغانلىقى، ھاياتلىق بولمايدىغانلىقىنى كورسىتىدو. توت ئاناسىر ئوخشىمىغان توت خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە ماددا بولوپ، ئوت قۇرۇرق ئىسسىق؛ سۇ ھول سوغوق؛ تۇپراق، قۇرۇق سوغوق؛ھاۋا ھول ئىسسىق بولىدو. ئۇلار بىر- بىرگە زىت شۇنىڭدەك بىر-بىرىنى تەقەززا قىلىدو.


6- ئۇيغۇر تىبابەت نەزىرىيە ئاساسلىرى قانچە قىسىمغا بولۇنىدۇ؟


(1) تارىخى قىسمى


   (2)  تىببى ئەخلاق قىسمى


(3) ئۈمۇرى تەبىئە ئىلمى


(4) ساقلىق – ساقلاش ئىلمى


(5) كىسەللىكلەر ئىلمى


(6) كىسەللىك سەۋەپلىرى ئىلمى


(7) كىسەللىك بەلگۇ – ئالامەتلىرى ئىلمى


(8) ئەمىلى داۋالاش نەزىرىيە ئىلمى


7- مەمىلىكتىمىز تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىنغان تىبابەتلەرقايسى؟

       مەمىلىكتىمىز تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىنغان تىبابەتلەر  --   جۇڭيى تىبابىيتى، ئۇيغۇر  تىبابىتى، مۇڭغۇل تىبابىتى، زاڭزۇ تىبابىتى دەيزۇ   تىبابىتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .


(2009-يىلى  دولەت ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنى جۇڭيى تىبابىتى بىلەن تەڭ دەرجىگە كۇتۇردى.)


8-ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگىنىڭ  ئالاھىدىكى ۋە ئەۋزەللىگى


ئۇيغۇر تىبابىتى ئاساسەن ئىككى ئىشنى نەزەردە تۇتىدۇ


(1) ساقلارنىڭ ساقلىغىنى ساقلاش يەنى ئادەملەرنىڭ تەن سالامەتلىكىنى ئاسىراش،ھەرخىل كېسەل ۋە خېيىم خەتەرلەردىن ساقلاش ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۈچۈن ھاياتىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدا قانداق ئىشلارغا رائىيە قىلىش لازىملىغىنى،قانداق كېسەلگە يولۇقۇش ئىھتىمالى بارلىغىنى مۆلچەرلەپ ئۇنىڭ ئالدىنى ئىلىش.


(2) كېسەلنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە داۋالاش.ئادەم بەدىنىدە كېسەل پەيدا بولغاندا، ئۇنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى ياكى يۇشۇرۇن دەۋىرى، ئىككىنچى باسقۇچى،ئۈچۈنچى باسقۇچى(بۆھران )،تۆتىنچى باسقۇچىدا يەنى ساقايغاندىن كىيىن رائىيە قىلىدىغان شەرتلەرنى چىڭ تۇتۇش.


9-ئۈمۈرى تەبىئىييە دىگەن نىمە؟ ئۈمۈرى تەبىئىييە ئىلىمى دىگەن نىمە؟


ئۈمۈرى تەبىئىييە-ئىنسان بەدىننىڭ تەبىئىي تۈزۈلىشى ۋە ياشىشى ئۈچۈن زۆرۇر بولغان ئامىلدىن ئىبارەتتۇر.


ئۈمۈرى تەبىئىييە ئىلىمى-ھاياتلىق بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولغان ھاياتلىق ئامىللىرى ئۈستىدە چۈشەنچە بىرىدىغان ھەم شۇ ئامىللار ئۈستىدە تەتقىقات ئىلىپ بارىدىغان ئىلىمدۇر.


(داۋامى بار)

بەت: [1]
: ئۇيغۇر تىبابىتى نەزىريە ئاساسلىرىدىن سۇئال جاۋاپ[تېخنىكا]