vmid219 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 21:35:57

بالام ئۈچۈن مەسلىھەت بەرسەڭلار

    بالام ئىككى ياشتىن ئاشتى، ھەممە گەپنى دىيەلەيدىغان بولغان، يەنە كېلىپ بەك پىششىق گەپ قىلاتتى. نەچچە كۈن بولدى،  نىمە بولدىكىن، بەك كېكەچلەپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ نورمال ئىشمۇ، بالىلار يېڭى تىلى چىققاندا ئەسلى شۇنداق بولامدۇ؟ياكى سوغۇقى ئېشىپ كەتتىمۇ ۋە ياكى بىرەر كېسەللىك بارمۇ؟(خۇدايىم ساقلىسۇن). بىلەلمەي بەك بېشىمىز قېتىپ كېتىۋاتىدۇ. تەجرىبىسى بارلار بىر مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 22:10:31

سوغۇقى ئېشىپ كەتكەن بولسا،

بىرەر ئىشتىن قاتتىق قورۇققان بولسا،

ئىرسىيەت بولسا كىكەچلىشى مۇمكىن.

ياخشىسى دوختۇرغا بىر كۆرۈنۈپ بېقىڭ!

yasin17 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 22:23:45

ئەنسىرىمەڭ، داۋاسى بار. http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=46888

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 22:26:05

مېنىڭ تىلىم 5ياشقا كىرگەندە ھەقىقىي چىقىپتىكەن،ئانا دېگەن گەپنىمۇ 5ياشقا كىرگۈچە،دېيەلمەپتىكەنمەن،يېشى 100ياشقا بارغان مومام تىلنى تارتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق،داۋالاش ئېلىپ بېرىپتىكەن.ئۇسۇلنى بىلگەن بولسام،سىزگە دەپ بېرەركەنمەن.بالىنىڭ بەك سوغى ئېشىپ كەتسىمۇ،شۇنداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. \"\"

adwokat يوللانغان ۋاقتى 2012-5-17 00:16:58

سوغۇقى ئېشىپ كەتسە شۇنداق بولارمىش، بۇ جەھەتتە ئامال قىلىپ بېقىڭ.

ئاندىن، ئەتراپىڭىزلاردا، بالا بىلەن كۆپرەك مەلەك بولىدىغانلار ئىچىدە ئاشۇنداق كېكەچلەيدىغانلار بارمۇ؟ كۆزىتىپ بېقىڭ. بولسا، بالىنى ئۇنداقلاردىن ۋاقتىنچە يېراق تۇتۇش كېرەكمىكىن.

بۇ ياشلىق بالىلارنى «گەپ قىلالىدى»، دەپلا، كۆپ سۆزلەتمەسلىك، گەپكە زورلىماسلىق، بولۇپمۇ، زۇرۇقۇپ ئۆگەتمەسلىك كېرەك. ئويۇن ئىچىدە بولغىنى ياخشى. بالا سۆزلىگەندە، تولۇق، ئالدىرىماي سۆزلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇڭ، لېكىن، قورقۇتۇش بولمىسۇن. مەلۇم مەزگىل كۆزىتىپ، ياخشىلىنىش بولمىسا، بالا بىلەن ھەمزۇۋان دوختۇرغا (دېمەكچى، بالىڭىزنىڭ تىلى ئۇيغۇرچە چىققان بولسا، ئۇيغۇر دوختۇرغا) كۆرسىتىشنى چوقۇم ئويلىشىڭ.

ئاللا بىزگە سالامەت ئاتا قىلغان پەرزەنتلەرنى يەنە سالامەت قاتارغا قوشۇشقا نىسىپ قىلسۇن.

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-5-17 09:26:07

مۇشۇ باھانىدە تېببىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تورداشلاردىن سورايدىغىنىم، بىزدە بالىنىڭ دۈمبىسىگە ئۇرسا كېكەچ بولۇپ قالىدۇ دەيدىغان ئېيتىم بار( باشقا يەردە قانداقكىن، كۇچاردا شۇنداق). مۇشۇنىڭ ئىلمىي ئاساسىينى ھازىرقى زامان تېببىي ئىلىم نۇقتىسىدىن قانداق چۈشەندۈرۈش مۇمكىن؟ دۈمبە قىسمىغا تارقالغان ئۆپكە، كاناي، تاڭلاي، دىماق، بۇرۇن قاتارلىق تاۋۇش چىقىرىشقا قاتنىشىدىغان ئەزالارنىڭ نېرۋىلىرى زەخملىنىدۇ، دەپمۇ؟ بۇنداق دېيىشىمدە بىر ماتېرىيالدا  بويۇن ئومۇرتقىسىغا كۆمۈرچەك ئۆسۈش ئېغىرلاشسا زىققا، نەپەس يولى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپتۇ.   بۇنى مەن بويۇنغا ئۆسكەن كۆمۈرچەك يۇلۇننى بويلاپ تارالغان گەجگە، دۈمبە قىسمىدىكى نېرىپلارنى باسقانلىقتىن شۇنداق كېسەللىكلەر كۆرۈلگەن ،دەپ چۈشەندىم.

ئەمدىكى ئۈمىدىم، مۇشۇ خەلق ئارىسىدىكى دۈمبىسىگە بەك ئۇرسا كېكەچ ياكى گاچا بولۇپ قالىدۇ، دەيدىغان كۆز قاراشلار ھەققىدە بىلىدىغانلار بولسا ئورتاقلاشساق، بۇ جەھەتتە تەتقىقات تېمىسى ئىزدەۋاتقان دوكتۇر ياكى تەتقىقاتچىلار بولسا بىزدىكى مۇشۇ كۆز قاراشنى ئىلمىي كۆز قاراشلار بويىچە دەلىللەپ باقسا ياكى ئۆزىنىڭ كەسپىي ساھەدىكى بىر تارماق تەتقىقات يۆنۈلۈشى قىلسا مېنىڭچە چوقۇم بەلگىلىك ئەھمىيىتى بار دەپ ئويلايمەن. چۈنكى بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تېبابەت ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئەمەلىيىتىمىز، تەجىرىبىمىز ئائىلىلەرگىچە سىڭىپ ئاۋام ئارىسىدىكى بىر ئەقەللىي ياشاش ساۋادىغا، بالا بېقىش ئىلمىگە، ساغلام ياشاشتىكى زۆرۈر ئىقتىدارلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان . شۇڭا بولمايدۇ، يامان بولىدۇ، دېگەن پەرھىز، چەكلىمە، تەقىپ قىلىشلارغا كۆپ ھاللاردا مۇھىم ئىلمىي قاراش، تەجرىبە-ساۋاقلار، ئاچقۇچلۇق يەكۈن-خۇلاسىلەر، پايدىلىق تېببىي ھېكمەتلەر سىڭگەن، دەپ قارايمەن.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2012-5-17 09:54:16

ئۈكــــــەم ! تۇرپـــانغا ئەكەپچــــــــــۇ! ئىســسىختـــــا بىر، مايلىۋاتسىڭىز چۇ ساقىيىپ كېتىدۇ. جۈجەملە پىشكەتتـــــــــى، كەپ يىگەش بالىڭىزنى قوي مىېيىدا مايلاپ ساقايتىۋىلىڭ جۇمۇ!!!!!!!

turkex يوللانغان ۋاقتى 2012-5-17 14:48:06

مېنىڭ ئوغلۇم ئۈچ يېرىم ياشقا كېردى ..بەكلا ئىچ مىجەز ئانىسىدىن باشقا ئادەمگە ئۇنىمايدۇ..مەن تىجارەت ئىشى بىلەن كۈندۈزلىرى بىللە بولالمايمەن...مەن گەپ قىلساممۇ تەستە جاۋپ قايتۇرىدۇ..ئاۋازى بەكلا بوش ..ئادەتتە ئويدە ئانىسى بولسا گەپ سۆزلىرى جايدا ....تىلى ئانچە راۋان ئەمەس..يەسلىگە بەرسەم تۈزىلىپ قالارمىكىن دەپ يەسلىگىمۇ بەردىم .. ئۇ يەردىكى ئىپادىسى ئانچە ياخشى ئەمەس...يەسلىدىمۇ ئانام يوقكەن . مېنى ئۆيگە ئاپرىۋەت دەپ يىغلاپ تۇرىۋالامىش..

كۆپچىلىك مۇشۇنىڭغا بىر مەسلىھەت بىرىپ باقمامسىلە...

\"\"  \"\"  \"\"

vmid219 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-17 20:18:20

6- قەۋەتتىكى hoopeeloverنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۈكــــــەم ! تۇرپـــانغا ئەكەپچــــــــــۇ! ئىســسىختـــــا بىر، مايلىۋاتسىڭىز چۇ ساقىيىپ كېتىدۇ. جۈجەملە پىشكەتتـــــــــى، كەپ يىگەش بالىڭىزنى قوي مىېيىدا مايلاپ ساقايتىۋىلىڭ جۇمۇ!!!!!!!

ۋاي ئاكا، شۇ بالامنى تۇرپاندىن ئەكەگىلى ئەمدى 10 كۈن بولدى، جۈجەم سوق كەگەنمىكىن دەۋاتىمەن. \"غويا ئاچچىق، جۈجەم تاتلىق\"  دەپ يۈرۈيدۇ بالام، مەنمۇ تۇرپانلىق قاراڭ. شۇ ئوت ئىسسىقنىڭ ئىچىدە چوڭ بولغانمەن.
بەت: [1]
: بالام ئۈچۈن مەسلىھەت بەرسەڭلار