بۇ رىۋايەت ئەمەس …
داۋامىغا تەشنامىز،،،،
بۈگۈن ئەتىگەندە يولغا چىقىپ شىخەنزىنىڭ جەنۇبى تاغلىرىغا كىرىپ ئايلىنىپ كەلدىم،قايتاشىمدا ماناس دەرياسىغا كەلگەندە مىللى ئارمىيىمىزنى ئىلىخان تۆرىنى ئەخمەتجان قاسىمىنى گېنىرال سوپاخۇننى ئابدۇكېرىم ئابباسوف يەنە تالايلىغان جاسۇس مۇناپىقلارنى خىيال قىلىپ ئاشۇ دەريا بويىدا ئۆتمۈشكە ئاشۇ ئۇرۇش يىللىرىغا قايتىشنى شۇنداق ئارزۇ قىلىپ كەتتىم
مىللەت ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن ئامىن دىيالوگدىكى ‹‹ راپورت›› سۆزىنى ئەينى ئالغىنىڭىز ياخشى چىقىپتۇ لىكىن سىزنىڭ تىلىڭىزغا ئۆزگەرگەندە يەنىلا ‹‹ مەلۇمات بىرىمىز›› دەپ ئالسىڭىز ياخشى.
داۋامىنى ساقلايمىز. شائىريازغان ھىكايىكەندە داۋامنى تىزرەك يوللىغايسىز.



ئۇشبۇ خاتىرىدىكى قۇرلارنى ئوقۇۋاتقىنىڭىزدا ئىختىيارسىز كۆزىڭىزگە ياش ئالىسىز.
بۇ ماقالە ‹‹ ئىلى دەرياسى ›› ژورنىلىنىڭ 2- سانىغا بېسىلغان.
مۇنبەرداشلارنىڭ ئوقۇپ كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
شائىر ئابلەت ئابدۇللا ئاكىمىزنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەم. مويسىپىتلىق دەۋردىكى قەلىمىنىڭ تىخىمۇ زىيادە بولۇشىغا تىلەكداشمىز!
ھەر بىر سان ژورنالدا كۆڭۈللەرگە مەلھەم بولغۇچى نادىر ئەسەرلەرنى بىزگە يەتكۈزىۋاتقان ‹‹ ئىلى دەرياسى ›› تەھرىراتىدىكى ئەلسۆيەر مىھنەتكەشلەرگە كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمىز. خەتكۈچ..... داۋامىغا تەشنا بىز ئاشۇ ئەركىنلىك ئۈچۈن جەڭ قىلغان جەڭچىلىرىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولغاي ئامىن !!!!!!!!!!!!!! ئىككىنچى باب
ئۇلار خۇددى يايلاقتىكى غەزەبكە كەلگەن بۆرىلەردەك چەبدەسلىك بىلەن كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە ئۆزىنى قورشاۋدىن قۇتۇلدۇرۇپ، بىپايان قۇملۇقتا كۆزدىن غايىب بولدى.
ـ ب. ئا. لاۋزېنىپ: ” قىرىق بىرىنچى”
ـ باندىتلار!!!
جەڭچىلەر باندىتلارنىڭ كەلگەنلىكى توغرىسىدا بىر – بىرىگە خەۋەر بەرگۈچە دەھشەتلىك ئوق يامغۇرىنىڭ ئاستىدا قالدى. مۇۋەققەت پولك كوماندىرى مايۇر سالاھىدىن سىدىقوف ۋە كاپىتان تايچىمانلار پولك بايرىقىنى لەپىلدىتىپ، ئۆلەر – تىرىلىشىگە قارىماي، دەھشەتلىك قېچىۋاتقان جەڭچىلەرىگە ۋارقىراۋاتاتتى:
ـ قاچماڭلار، قاچماڭلار، قايتىڭلار!…
ۋىژىلداۋاتقان ئوقلار، يىقىلىۋاتقان ئادەملەر، ئاتلار ۋە باشقا گۈلدۈر – غالاپلار ئارىسىدا بۇ بۇيرۇق ھېچكىمنىڭ قۇلىقىغا كىرمەيتتى. جەڭچىلەر ئۆز جېنى بىلەنلا قالغانىدى. تاغدىن قار كۆچكىنىدەك يوپۇرۇلۇپ چۈشكەن ئۈچ – تۆت يۈزدەك قۇيرۇچۇقنىڭ ” چاقا باي! “، ” يا مۇھەممە! ” دېگەن دەھشەتلىك ئورانى جىرا ئىچىنى چاڭ كەلتۈرۋەتكەنىدى. مايۇر سالاھىدىن ۋە كاپىتان تايچىمان ئەھۋالنى كۆزىتىپ، چۈشەنگەندىن كېيىن، ئاخىرى توختىماي ئېتىشىپ، ئەجەللىك قورشاۋنىڭ جەنۇبىي تەرىپىنى بۆسۈپ چىقىپ كەتتى. پولكتىكى ئىككى يۈز نەپەردەك كوماندىر ـ جەڭچىدىن پەقەت ئون سەككىزىمىزلا بۇ دەھشەتلىك قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپ كېتەلىدۇق. قۇلىقىمىز تۈۋىدە يارىدار بولغان جەڭچىلىرىمىزنىڭ : “” مېنى ئېتىۋېتىڭلار، قېرىنداشلار!… ” دېگەن ئىچىنىشلىق نالە – زارى ئاڭلىنىپ تۇردى، ئۇلارنى قۇتقۇزۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى…
بىزنىڭ بىر يۈز سەكسەن ئىككى نەپەر قاۋۇل جەڭچىمىز، ئاتلار ۋە بىر ماشىنا ئوزۇق – تۈلۈك، قورال – ياراق، پولكنىڭ بىر يىللىق مائاشى ھەتتا پولك بايرىقىمۇ قۇيرۇچۇقلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا قالدى. جەڭچىلەر ئاشۇ ئۆز تېنىنى يۇيۇۋاتقان سۈپسۈزۈك تاغ سۈيىدە، يېشىل قىرغاقتىكى غىلتاڭ تاشلار ئارىسىدا، چىمەنلىكلەردە، تىكەنلىك قارىقات، زىرىق تۈۋىلىرىدە، ئۆلگەن ئاتلار ئارىسىدا سۇنايلىنىپ يېتىپ قالدى. ئۇلار ماڭا ئوخشاش ياش، نۆۋەر يىگىتلەر ئىدى. ( مەن ئۇ چاغدا تېخى يىگىرمىگە كىرمىگەن يىگىت ئىدىم ) ئاتا – ئانىسى، قوۋمى – قېرىنداشلىرى ھەتتا سۆيگەن قىزلىرى ئۇلارنىڭ ساق – سالامەت قايتىپ كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتاتتى. ئۇلا غۇلجا، جىڭ، شىخۇ ۋە دۆربىلجىن، چۆچەكلەرنى ئازاد قىلىشتىكى دەھشەتلىك جەڭلەردىن ئامان چىققان ئەزىمەتلەر ئىدى.
ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ غايىلىرى، شېرىن ئارزۇ – ئارمانلىرى بار ئىدى… ئۇلار تاغ – دالانى تىتىرەتكەن، ئاسمان – زىمىننى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىپ پىرقىرتىۋەتكەن، يىلاندەك دەھشەتلىك ۋىژىلدىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ بۇ ئۆمرىدە كۆرمىگەن راغ – جىرا ئارىسىدا سۈپسۈزۈك تاغ سۈيىنى، يېشىل چىمەنلىكنى قېنى بىلەن قىپقىزىل رەڭگە بوياپ يېتىشاتتى…
قورشاۋنى بۆسۈپ چىققان قالدۇق قىسىم قۇرۇق تاغقا چىقتى. سۇمۇ، نانمۇ يوق ئىدى. ئوزۇق – تۈلۈك ماشىنىدا قالغان. جەڭچىلەر تىللىشاتتى، ۋارقىرىشاتتى، غەزەپلىنەتتى، ئاندا – ساندا ئۇچراپ قالغان باندىتلار بىلەن ئېتىشاتتى. روھى چۈشكەن مۇۋەققەت پولك كوماندىرى مايۇر سالاھىدىن جەڭچىلەرنىڭ تاپا – تەنىسىگە چىدىماي ۋارقىرايتتى:
ـ مېنى ئېتىۋىتىڭلار، ئېتىۋىتىڭلار، ھەممە ئەيىب مەندە!…
مەن ئۇنىڭغا ھومىيىپ ئاچچىقىم بىلەن دېدىم.
ـ سەن پولكقا جاۋاب قىلىشىڭ كېرەك!…
مەن پولكنىڭ سىياسىي باشقارما باشلىقى ئىدىم. ئۇنىڭغا مۇنداق ئاچچىقلىنىشىمدىمۇ مەلۇم ئاساس بار ئىدى:
بۇ 1947 – يىل سېنتەبىرنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئىدى. ئوسمان پۈتۈن ئالتاي ۋىلايىتىنى تىزگىنلىۋالغان، ھەممە يەردە قۇيرۇچۇقلار تىمىسقىلاپ يۈرۈشەتتى. ئالتايدىن ئىككى سىۋەز ( ھەربىي ئالاقىچى ) كەلدى. بىزنى ساربۇلاققا يۆتكەلسۇن دەپتۇ، بۇيرۇق بويىچە بىز ئىككى يۈز نەپەر كوماندىر – جەڭچى ماشىنىدا ئوزۇق – تۈلۈك، قورال – ياراق ۋە پولكنىڭ مائاشىنى ئىلىپ ساربۇلاققا قاراپ يولغا چىقتۇق. ئىككى سوتكا ماڭغان بولساقمۇ بارار – تۇرار يېرىمىزنىڭ تايىنى بولماي، نىشانسىز ئادىشىپ قالدۇق. كوماندىرلار بىزگە يول باشلاپ كېتىۋاتقان قاناپىيە دېگەن پولك ئىمامىدىن گۇمانلىنىپ قالدى. ئۇلار ئۇنى بىر خادا تاشنىڭ قىسىلچىقىغا ئاپىرىپ، سوراققا تارتقانىدى، ئۇ ئىقرار قىلدى، ئۇ مىللىي ئارمىيىدىن ئۆزگەرگەن باندىت ئىدى. قاناپىيەگە ئوخشاش مۇشۇنداق خائىنلار مىللىي ئارمىيە قىسىملىرىنى نۇرغۇن تالاپەتكە ئۇچرىتىۋەتكەنىدى. پولكىمىزنىڭ سابىق سىياسىي كومىسسارى پودپولكوۋنىك يۈسۈپچان ياسىنوفمۇ جانكىرەينىڭ خائىنلىقى تۈپەيلى قورشاۋغا چۈشۈپ قالغان ۋە كېيىن ئېتىپ تاشلانغانىدى. ( تەپسىلاتىغا قىززىقسىڭىز ” ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى” نىڭ 16 – سانىغا قاراڭ )
پولك ئىمامى خائىن قاناپىيە ھازىرمۇ بىزنى ئەجەل سىرتىمىقى ئىچىگە باشلاپ ماڭغانىدى. ھېلىمۇ ياخشى تۇيۇپ قالدۇق. قاناپىيەنى باغلاپ، ئاتقا تېڭىپ ئىلىپ ماڭدۇق. شارقىراپ بۇژغۇن چارىتىپ، يېيىلىپ ئەركىن ئىقىۋاتقان تاغ سۈيى ۋە تاغ قاپتاللىرىدا قىزىل قارىغاي، ئاق قىيىن، ئارچا – چېتەنلەر ئۆسكەن مەنزىرىسى گۈزەل ئالتاي لاگىرىغا كەلگەندە، كوماندىر سالاھىدىن قىسىمنى دەم ئېلىشقا قويۇۋەتتى. ھېرىپ – چارچاپ، تەرلەپ كەتكەن جەڭچىلەر بۇيرۇقنى ئاڭلاپ، ” ئۇھ ” دېيىشتى – دە، ئاتلىرىدىن چۈشۈپ، ئۆزلىرىنى سۇغا ئېتىشتى…
يىراقتىكى ئاق ئۆي ئالدىدا بىر ئات باغلاقلىق تۇراتتى. مەن بۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ، ” بۇ ئاتنى ئېنىقلاپ كۆرەيلى ” دېۋىدىم، كوماندىر سالاھىدىن قۇلاق تۇتمىدى، ئۇرۇشتا كىچىككىنە بىر ئىشتىمۇ بىخودلۇق قىلىشقا بولمايتتى. چۈنكى ئۇ جانغا بېرىپ تاقىلاتتى، مەن چىگىشۇردا ۋاقتىمدا رازۋېدكا قىسمىدا ئىشلىگەنىدىم. شۇڭا ھەممە نەرسىگە گۇمان بىلەن قارايتتىم. گۇمانىم توغرا چىقتى. ئات يوقاپ كەتتى، مەن جىددىيلىشىپ ئەھۋالنى ئېيتقىلى سالاھىدىننىڭ ئالدىغا كېتىۋاتاتتىم، تاغدىن ئوران – چوقان بىلەن قار كۆچكەندەك چۈشۈۋاتقان قۇيرۇچۇقلارنىڭ دەھشەتلىك ئوقى ۋىژىلداپ كېلىپ، سۇدا يۇيۇنىۋاتقانلارنى، قىرغاقتا تۇرغانلارنى، دەم ئېلىپ چىمەنلىكتە سۇنايلىنىپ ياقانلارنى پات – پاراق قىلىۋەتتى. جەڭچىلەرنىڭ بىر قىسمى مىلتىق – ئاپتۇماتلىرىنى ئېلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قالدى. ئوقلار پوجاڭزىدەك پاراسلاپ، جىرا ئىچىنى چاڭ كەلتۈرۋەتتى. بايىقى دەھشەتلىك قېچىش شۇ تۈپەيلى بولغانىدى. مەن كوماندىر سالاھىدىنغا ئاچچىقلىنىپ: ” سەن پولكقا جاۋاب قىلىسەن! ” دېگىنىم شۇ ۋەجىدىن ئىدى. مايۇر سالاھىدىننىڭ ئېگىز، ئۇزۇنتۇرا بەستى ۋىجىكلەپ كەتكەندەك، قوشۇقتەك كىچىك، قارا قۇمچاق يۈزى كۆمۈردەك قارىداپ كەتكەنىدى…
يازما داۋامى بىلوگىمغا يوللىنىش بىلەن بىرگە مۇنبەرگىمۇ تەڭ يوللىنىدۇ «ئىلى دەرياسى»ژورنىلىنىڭ مۇشۇ يىللىق قايسى بىرسانىدا كۆرگەنتىم بۇنى،بەك ياخشى يېزىلغان ئەسلىمە. مۇشۇ ئۈچ ۋىلايەت ۋاقتىدىكى ئۇرۇشنى كومپىيۇتېر ئويۇنى ھېچ بولمىسا CG كىنو ئىشلىسە ئالامەت ئىش بولاتتى-دە. ئويۇننى ئويناپ ئاخىرىغا كەلگەندە ماناس دەرياسىنىڭ بويىدا توختاپلا ئويۇننىڭ نەتىجىسى چىقماي تۈگەپ كەتسە ئوينىغۇچى مائۇسنى ئېكرانغا ئۇرۇپ چېقىۋېتىشى مۇمكىن....

ئەسلىمىنىڭ داۋامىنى ساقلاۋاتىمىز.
13- قەۋەتتىكى kuchtunggurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
«ئىلى دەرياسى»ژورنىلىنىڭ مۇشۇ يىللىق قايسى بىرسانىدا كۆرگەنتىم بۇنى،بەك ياخشى يېزىلغان ئەسلىمە.
قايسى ژورناللىقى ئېنىقلىنىپ كەتسە، سېتىۋىلىپ ساقلاپ قويغۇلۇقكەن.
«ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 2012-يىللىق 2-سانىغا بېسىلغانكەن. شاھماتتىكى پىچكا،قاسساپ پىچىغى ئالدىدىكى تىتىرەپ تۇرغان قوي ،ئوراپ تۇرسىمۇ يەنە ئۇسىدىغان بىدە .......ھەي ئۇيغۇر ....ھەي ئۈچىنچى باب
پايانسىز كەتكەن چۆل – سەھرادىن باشقا ھېچنەرسە كۆزگە چېلىقمايتتى. بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلاشلىرى ئۇزاقتىن قۇلىقىغا ئاڭلىناتتى. ئۇنىڭ قورققىنىدىن كۆزلىرى جامدەك ئېچىلدى.
ـ جېك لوندون: “ ھاياتقا مۇھەببەت “
كەچ كىردى، ئەتراپ قاراڭغۇلاشتى، ئاچلىق قىيناشقا باشلىدى. تۈنۈگۈندىن بېرى تۈزۈكرەك تاماقلىنالمىغانىدۇق. قىسىم چېچىلىپ كەتتى، قاراڭغۇدا ئادەملىرىمىز قورقۇپ بۆلۈنۈپ كەتتى…
مەن ئۇدۇللا چۆلگە كىرىپ كېتىپتىمەن. بىر يەرلەرگە بېرىپ، ئۆزۈمنى توختىتىپ بەلگە ئوقى ئاتتىم، جاۋاب بولمىدى. كېتىۋاتىمەن، نەگە كېتىۋاتقىنىمنى بىلمەيمەن. قاراڭغۇدا ئەتراپنىمۇ ئىلغا قىلالمايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ماڭا ناتونۇش، يات يەرلەر ئىدى. ئات تۇيىقى يۇمشاق تېگەتتى. تۇيىقى ئاستىدا بىر نېمە شىلدىرلايتتى. قۇم بولسا كېرەك. ۋاقىت نەگە باردى؟ ئاي يوق، قاراڭغۇ ئاسماندا يولتۇزلار پىلدىر – پىلدىر قىلىپ سۇس نۇر چېچىپ تۇراتتى. ئاسماننىڭ شىمالىي يانتۇلۇقىدا چۆمۈچ يولتۇزى كۆرۈندى، ئېھتىمال، تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغاندۇ، مەن توختىماي ئاشۇ يولتۇزنى بويلاپ ماڭدىم. ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق باستى، سۇداندىكى ئاخىرقى بىر تامچە سۇنىمۇ ئىچىپ بولغانىدىم. ئاخىرى بىر تۆپىلىكتە ئاتتىن چۈشتۈم، چارچىدىم. ئاتمۇ چارچىغانىدى، چەكسىز چۆل – دالادا غانجۇغامدىكى ھەربىي شىنىل، ئەدىياللىرىمنى ئېلىپ ئۆزۈمگە ئورۇن سالدىم، ئاتنى پۇتۇمغا باغلىدىم – دە، شىنىلنى يېپىنىپ ياتتىم…
ئاچلىقتىن ئۈچەيلىرىم تولغىناتتى، ئېچىشاتتى. كېچە ئاسمىنىغا قاراپ ئۇيقۇم كەلمەيتتى. بەزىدە كۆزۈم ئىلىنىپ قالاتتى – دە، ھايال ئۆتمەي يەنە ئويغىنىپ كېتەتتىم، قايسى چاغدا ئۇخلاپ قالدىم، بىلمىدىم…
ئەتىسى تاڭ يۇرۇغاندا ئۈستۈمدىكى قۇملارنى سىلكىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئاسماندا شامال پۈركىۋەتكەن خىلمۇ – خىل بۇلۇت پارچىلىرى ئاستا لەيلەپ يۈرۈشەتتى. كۆز ئالدىمدا قۇمساڭغۇ، ئېگىز – پەس تۆپىلىكلەر، ئۇپۇق سىزىقىغا قەدەر سوزۇلۇپ ياتقان چەكسىز چۆل ھومىيىپ ياتاتتى. ئۇنىڭدا گۈل – گىياھ، دەل – دەرەخ، چاتقاللاردىن ئەسەر يوق ئىدى. پەقەت ئۇ يەر – بۇ يەردە پاكار ئۆسكەن سوك – سوك، يانتاق، ئادراسمان، بۆز تىكەن، يىكەن ۋە قىزىل يۇلغۇنلارلا كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بۇ قورقۇنچلىق چۆل خۇددى دەم تارتىدىغان ئەجدىھادەك ھۇۋلاپ ياتاتتى. ئارىلاپ ئۇرۇلۇۋاتقان شامالدا پاكار قۇم بارىخانلىرى ئۈستىدىكى بوش قۇملار سىيرىلىپ تۆۋەنگە ئېقىۋاتاتتى.
چاي قاينىتىشقا، ناشتا قىلىشقا ھېچنەرسە يوق ئىدى. سومكامنى قېقىشتۇرۇپ، سۇخارنىڭ ئاخىرقى ئۇۋاقلىرىنى ئاغزىمغا سېلىپ، ناشتا قىلدىم – دە، ئاتقا مىندىم. بىر مەنزىلگە يېتىۋىلىشىم زۆرۈر ئىدى. ئۇ يەردە بەلكى قىسىمنى ئۇچرىتىپ قالارمەن!…
يولدا قۇيرۇچۇقلارنىڭ ئۇچراپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ھەربىي كىيىملىرىمنى سېلىۋەتتىم. ئۇنى تۈگۈنچەك قىلىپ، ئاتقا غانجۇغىلاپ چۆل ئىچىگە كىرىپ كەتتىم…
يەنە بىر سوتكا ئوتتى، تۇرۇپ قالغان يامغۇر سۇلىرىنى ئىچتىم، بىر يىلاننى قوغلاپ يۈرۈپ تۇتۇپ يېدىم. خەنجىرىم بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى، قۇيرۇقىنى كېسىۋەتتىم – دە، تېرىسىنى شىلىۋەتتىم. ئاچكۆزلۈك بىلەن بىر باشتىن قېزا يىگەندەك چايناپ يىدىم، تەمىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەلمىدىم. ھەرھالدا ماغدۇرۇمغا كەلگەندەك بولدۇم – دە، يەنە ئاتنى مىنىپ يولغا چۈشتۈم. يەنە كەچ كىردى، تاڭ ئاتتى. بۇ تاقىر چۆل مېنى پىرقىرىتىپ قويۇۋەتمەيۋاتاتتى، ئۈچ سوتكا…
ئاچلىقتىن بېشىم قېـيىپ، كۆزۈم قاراڭغۇلاشقاندەك، قورساقلىرىم چاپلىشىپ قالغاندەك بولدى، كالپۇكلىرىم گەز – گەز بولۇپ، تىللىرىم قۇرۇپ كەتتى. ئات ئۈستىدە ئېڭىشىپ ئولتۇرۋېلىپ، ئۇنى مەيلىگە قويۇۋەتتىم. ئاچ قالغان بۇ جانىۋارمۇ يولدا توختاپ – توختاپ ئۇچرىغان چۆل ئۆسۈملۈكلىرىنى ئاچكۆزلۈك بىلەن يالمايتتى. ئاشۇ ئات يەۋاتقان ئۆسۈملۈكلەر ئارىسىدىن مەن يەيدىغان بىرەر نەرسە ئۇچراپ قالارمۇ دەپ، ئاتتىن چۈشۈپ كۆزۈمنى تۆت تەرەپكە ئاتتىم. ئۇلارنىڭ يوپۇرماقلىرىنى، غوللىرىنى، بەزىلىرىنىڭ يىلتىزلىرىنى تاتىلاشتۇرۇپ چىقىرىپ ئاغزىمغا سېلىپ چايناپ باقتىم، ئۇلار قېرىق، بەزىلىرى ئاچچىق، زەھەرلىك ئىدى. كۆڭلۈم ئېلىشىپ ھۆ قىلىۋەتتىم. تىل ۋە تاڭلايلىرىم ئېچىشىپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ يەنە بەزىلىرىنى غەيرەت بىلەن چايناپ – چايناپ يۈتۈۋەتتىم…
ئالدىمدىلا بىر كەسلەنچۈكنىڭ پارقىراپ تۇرغان كۆزىنى كۆرۈپ قالدىم، قاچتى. چۆل كەسلەنچۈكىنىڭ دورا ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم. ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ئاتتىم، قېچىپ كەتتى، شەپكەمنى ئاتتىم، ئۇ شەپكەمنىڭ ئىچىدىن يەنە قېچىپ كەتتى. قوغلىدىم، يېتىشىۋالدىم، يەنە قېچىپ كەتتى، ئاخىرى ئۇنىڭغا يەنە يېتىشىۋالدىم – دە، ئۆزۈمنى ئاتتىم، يۈزلىرىم تىلىنىپ كەتتى، ناھايتى تەستە گەۋدەمنى كۆتۈرۈپ ئاستىمغا قارىدىم، كەسلەنچۈك مەيدەمنىڭ ئاستىدا مىجىلىپ ياتاتتى. زورىغا ئوڭدامغا ئۆرۈلدۈم…
تۈنۈگۈنكىدەك ئاسماندا يەنە بىر توپ ئۆردەك ئۇچۇپ كېتىۋاتاتتى، ئۇلار ناھايتى پەس، بېشىمنىڭ ئۈستىدىلا دېگۈدەك ئۇچۇپ كېتىۋاتاتتى. مىلتىقىم بىلەن ئۇلارنى ئوڭايلا ئېتىۋالغىلى بولاتتى. بىراق، تۈنۈگۈنمۇ ئۇلارنى نىشانغا ئېلىپ تەپكىنى بېسىش ۋاقتىدا مىلتىقتا بىر تاللا ئوق بارلىقى ئېسىمگە كېلىپ، ئۇنى جان ھەلقۇمغا كەلگەندە ئىشلىتىمەن دەپ ئويلىغانىدىم. ئۆردەكلەر ئۇچۇپ كەتتى…
كەچكە تارتىپ يامغۇر سىمىلداشقا باشلىدى. چۆل كېچىسى سوۋۇپ كەتتى. قارامتۇل، كۈلرەڭ ئاسمان سۈرلۈك كۆرۈنەتتى. جىمجىت، ۋەھىمىلىك چۆل، قارا ئاسمان… ئادەمنى يەيتتى. كېتىۋاتىمەن، قانچىلىك يول يۈردۈم، بىلمەيمەن. قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى. ئۈستى– بېشىم پۈتۈنلەي ھۆل بولۇپ كەتتى، توڭلاشقا باشلىدىم، ئەمدى يول مېڭىشقا ھالىم قالمىغانىدى. بىر يوغان تاش تۈۋىگە بېرىپ، ئاتتىن چۈشتۈم. ئاتنى تاشقا باغلاپ دالدا قىلدىم. ئەدىيال ۋە شىنىلىم ھۆل بولۇپ كېتىپتۇ. ئەدىيالنى تاشقا ئارتىپ دالدا قىلدىم – دە، شىنىلنى كىيىپ ئولتۇردۇم. ئاچلىق قىيناپ ئەقلىمنى يەۋاتاتتى.
ماغدۇرسىزلىنىپ، نۇرسىزلىنىپ كەتكەن كۆزلىرىمگە ئاجايىپ شېرىن تائاملارنىڭ سۆرىتى كېلىۋالدى. ھوشۇمنى يوقىتىۋاتاتتىم…
بۇ چۆلدىن چىقالماي بېشىم تۆرەپ قالغان، نەگە بېرىپ نەدە تۇرۇشۇمنىمۇ بىلەلمەي قالغانىدىم. يامغۇرلۇق، قاپقاراڭغۇ ئاشۇ دەھشەتلىك تەنھا كېچىدە چۆل مېنى سىقىپ گېلىمنى بۇغۇۋاتقاندەك سېزىلەتتى. ئىچ – ئىچىمدىن بىر پىغان ئۆرلەيتتى، ئۋسەدەپ يىغلىدىم. پۈتۈن بەدەن – بەدەنلىرىم لاغىلداپ، سىلكىنىپ شىنىلىم ئۈستۈمدىن چۈشۈپ كەتتى. ياشلىرىم يامغۇر تامچىلىرى بىلەن ئارىلىشىپ كەتتى… ئاشۇ ھالەتتە، تاشقا يۆلەنگەن بويىچە قاچان ئۇخلاپ قالدىم، بىلمىدىم…
يەنە تاڭ ئاتتى، ئاسمان سۈزۈلگەن، شەرقتە قوياش پارقىراپ چىقىۋاتاتتى. پۈتۈن بەدىنىم لايدەك ئېزىلىپ كەتكەن، ئۈگە – ئۈگىلىرىم ئۇيۇشۇپ تۆمۈردەك قېتىپ قالغانىدى. غەيرىتىمگە ئېلىپ پۇت – قوللىرىمنى ھەرىكەتلەندۈردۈم. گىمناستىكا ئوينىدىم، قانلىرىم قىزىدى. ئەمما ماغدۇرسىز ئىدىم. قورسىقىم يەنە سانجىشقا، ئاچلىق قىيناشقا باشلىدى. يەنە يولغا چۈشتۈم…
ئاھ، چۈچۈكبۇيا!… چۈچۈكبۇيىنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنى ئاتتىن ئاتتىم. خەنجىرىم بىلەن كولاپ چىقاردىم، چاينىدىم، يېدىم. ئاشۇ ئەتراپتا چۈچۈكبۇيا ئىزدەپ پىرقىراپ يۈردۈم. تاپتىم، يېدىم، شۈمدۈم…
بۇ چۆلدىن چاپسانراق چىقىۋىلىشنىلا ئويلايتتىم. ئەمما چىقالمايۋاتاتتىم، يەنە ماڭدىم، ماڭا – ماڭا تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ چەكسىز قۇملۇق ئىچىگە كېرىپ كەتتىم. ئالتاينىڭ سوغۇق قىرو پەسلى كىرگەنىدى. ئەتىگەنلىكى ئەتراپنى ئاپئاق قىرو قاپلاپ كېتەتتى. سوغۇق شامال مۇزدەك قۇم بارخانلىرى ئۈستىدە پىرقىرايتتى. قۇملار تۆۋەنگە ئۇچاتتى. ئۇلار بەزىدە يىلاندەك ۋىژىلدىشاتتى. ئالدىدا ۋە ئەتراپتا سۇس قۇم تۇمانلىرى ھاسىل بولاتتى. قۇملار ئاتنىڭ كۆزىگە كىرىپ كېتەتتى. ئاتنىڭ ئايىغى ئاستىدىكى قۇم سىيرىلىپ ئاتنى ئىلگىرلەتمەيتتى. ئاتتىن چۈشتۈم، ئەمما نېمە قىلىشىمنى، قانداق مېڭىشىمنى بىلمەيتتىم. بۇ چەكسىز قۇملۇقتىن چىقىپ كېتىشكە كۆزۈم يەتمەيتتى. بىر قۇم بارخىنىدىن جاننى تىكىپ مىڭ تەستە ھالقىسام، ئالدىمدا يەنە يېڭى قۇم بارخانلىرى ھومىيىپ قاراپ تۇراتتى. ئۇلار بىر – بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئايىغى چىقمايدىغاندەك كۆرۈنەتتى…
قۇملۇقتىن چىقىپ كېتىشكە كۆزۈم يەتمەيۋاتاتتى. بىر ئەپلىك ئورۇننى تېپىپ، ئاتنى يالىڭاچلاپ قويىۋەتتىم. ئاتنىڭ دۈمبىسى قىپقىزىل گۆش بولۇپ كەتكەنىدى. ئوڭدامغا ياتتىم، تۇردۇم، ئويلىدىم، ئاخىرى شامال ئۇچۇرۇپ كەلگەن بىر تاختايغا كۆزۈم چۈشتى. مەن ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزگەن، ئۆلۈۋېلىشنى قارار قىلغاندىم. تاختاينى ئالدىم – دە، ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ قىسقىچە تارىخىنى يازدىم:
” پودپۇرۇچىك نىزامۇف قاسىمجان. قۇبۇقسار ئاتلىق ئەسكەرلەر 2 – پولكىنىڭ سىياسىي باشقارما باشلىقى، 19 ياش، ئاداشتىم، ئۆزۈمنى – ئۆزۈم ئېتىۋەتتىم!… “
تاختاينى قۇمغا سانجىدىم. چەكسىز قۇملۇققا قارىدىم. قۇرقۇنچلۇق قۇملۇق يەتتە باشلىق يالماۋۇزدەك مېنى دەم تارتىۋاتاتتى. ئېتىم كۆرۈنمەيتتى. ئۇ قورساق غىمىدە يىراققا كەتكەن بولسا كېرەك. بۇ ئەتراپت ئۇنىڭ ئېغىزىغا چىققۇدەك ئوت – چۆپمۇ يوق ئىدى. بۇ چەكسىز قۇم دېڭىزىغا قارىغانسېرى روھىم چۈشۈپ ئۆلۈم مېنى چىللايتتى. كەچكى شەپەق قىزىل قاندەك كۆرۈنەتتى، بۇ سائەت، بۇ دەقىقىدە ماڭا ئۈمىد بېغىشلايدىغان ھېچ نەرسە يوق ئىدى: ” ماڭا ئۆلۈمدىن باشقا يول قالماپتۇ!… “
ئۆمىلەپ يۈرۈپ ئورۇننى سالدىم. ھەممە تەييارلىق پۈتكەنىدى. ” خەيـر دۇنيا، خەيـر ئەزىز قېرىنداشلار، خەيـر ئانا ۋەتەن!… ” ئېسىمدە مىلتىقتا پەقەت بىر تاللا ئوق قالغان. ئۇ بايا مېنىڭ ئەجىلىمگە ئاتالغانىكەن، ئاشۇ بىر تال ئوق!…
مىلتىقنى قولۇمغا ئالدىم. خېلىغىچە قوللىرىم جالاقلاپ تىتىرەپ تۇردى. مۇنداق ئەھۋالدا مىلتىقنى قانداقمۇ ئاتقىلى بولسۇن. ئۆزۈمنى توختاتتىم. قوللىرىمنىڭ تىتىرىشىمۇ بېسىلدى. جەھلىم قېتىپ، مىلتىقنى مەيدەمگە تىرىدىم، يەنە چۆلگە قارىدىم:
چۆل بىردىنلا ياپيېشىل يايلاققا ئايلاندى. ئۇ يەردە چىرايى قازاقلارغا ئوخشايدىغان قىزىل، دۈگلەك يۈزلۈك، مېھرىبان دادام جەدە ئېتىنى مىنىپ ئەتراپتا ئايلىنىپ يۈرەتتى. ” دادا!، جېنىم دادا!… “
مەن ئانامن بىلمەيتتىم. ئانام مېنى تۇغقاندا تۇغۇت ئۈستىدە كېتىپ قالغانىكەن، مېنى سىپىرەم مومام باققانىكەن… دادامنى ” نىزام يىلىقچى ” دېيىشەتتى. ئۇ يىل بويى مەھەللىدىكىلەرنىڭ يىلقىسىنى باقاتتى. ماڭا بەش يېشىمدىلا ئات مىنىشنى ئۆگەتكەن، مەن ئاتلارنى باشقۇرغۇدەك بولغىنىمدا ئۇ مېنى تاشلاپ ئانامنىڭ يېنىغا كېتىپ قالغانىدى…
مەن باشقىلار بىلەن بىللە يىلقا باقتىم، ئوقۇدۇم، بىز يىلقىلارنى يازدا توغرىسۇ يايلىقىدا، قىشتا قاراسۇدا باقاتتۇق. بەزىدە ئاغىنىلىرىم بىلەن بىللە ئېدىرلاردا كېچىلىرى ئات بېقىپ چىقاتتۇق. كېچە گۇلخان يېقىپ، چۆچەك ئېيتىشاتتۇق. قىزىلچا، ياڭيىۇلارنى قوقاسقا كۆمۈپ پىشۇرۇپ يېيىشەتتۇق، چاقچاقلىشاتتۇق، ناخشا ئېيتىشاتتۇق:
جانىم بوز ئات، خانىم بوز ئات،
بوينۇڭنى ئۇزات.
بۈگۈن كېچە يار قېشىغا،
يەتكۈزگىن بوز ئات.
بۇ ئاشۇ چاغلاردا ئېيتقان ناخشىلار ئىدى. ھازىر بىردىنلا ئېسىمگە كېلىپ قالدى. يۈرىكىم ئېزىلىپ كەتتى، يىغلىۋەتتىم…
كېيىن غۇلجىغا كىرىپ ھارۋىكەشلىك قىلدىم، توپىدەڭدىكى خۇڭ دېما دېگەن تۇڭگانغا ئىشلىدىم. ئۇ تۇڭگان ئەپىيۇن ساتاتتى. كېيىن خەنزۇ بازىرىدىكى ليۇڭ خۇا دېگەن مانجۇنىڭ خادىك ھارۋىسىنى بىر قىش ھەيدىدىم.
1944 – يىلى غۇلجىدا مەخپىي ئازادلىق تەشكىلاتى قۇرۇلدى. پارتىزان بولدۇم، كېيىن مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى بولۇپ ئۇرۇشلارغا قاتناشتىم. مانا ھازىر بۇ قۇملۇقتا…
كۆز ئالدىمغا يەنە دەھشەتلىك قۇملۇق، خەيـر، ياشلىق ھاياتىم، جەڭچى ھاياتىم!… كوجۇكقا باشمالتىقىمنى تىقتىم، كۆزۈمنى يۇمدۇم، باستىم!…
پۈتۈن گەۋدەم تىتىرەپ كەتتى. ھوشۇم يوقالدى. بىر ئازدىن كېيىن كۆزۈمنى ئاستا ئاچتىم، سۇنايلىنىپ ئوڭدا يېتىپتىمەن، بىشىمدا كۆك ئاسمان، تىرىك ئىكەنمەن. يەنى بايىقى قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈش: چەكسىز قۇم دېڭىزى، ھالاكەت دېڭىزى…
مىلتىق ئېتىلماپتۇ، ئوق نەمدىشىپ قالغانىكەن. مىلتىقنى پىرقىرىتىپ تاشلىۋەتتىم – دە، سۇنايلىنىپ ئۆلۈكتەك ئۇخلاپ كەتتىم…
چۈش كۆرۈپتىمەن: ” بالام، تۇرغىن!… ” دادامنىڭ ئاۋازى. چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. تاڭ سۈزۈلۈپ قاپتۇ. توۋا، بېشىمدا ئاق بوز ئېتىم چاپچاىپ تۇرۇپتۇ. ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئاتنىڭ بوينىنى چىڭ قۇچاقلاپ ئېسىلىپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم. ئۆپكەم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالدى: ” ھەي جانىۋار، ئەي ئەقىللىق بوز ئېتىم، قانىتىم، مەندىن ئايرىلغۇڭ كەلمىدىمۇ؟ مېنىڭ ۋاپادار تۇلپارىم! مەن قانداق قىلاي، بۇ چۆلدىن قانداق چىقىپ كېتەي!… قانداق قىلىمىز؟!… ” ئات مېنىڭ گىپىمنى چۈشەنگەندەك بېشىنى سىلكىپ – سىلكىپ تۇراتتى. ئېغىزدۇرۇقنى چاينايتتى. توۋا، ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ياش تامچىلىرى لىغىرلاپ تۇراتتى. ئۇمۇ يىغلاۋاتاتتى…
بۇ قەدىردان بوز ئېتىم ماڭا چىگىشۈردىكى جەڭدە ئولجىغا چۈشكەنىدى. ئۇ چاغدا چىگىشۈردىكى گومىنداڭ قىسىملىرى ئىككى ماشىنا قومۇشقا ئوت قويۇۋېتىپ، ئالدىراپ – تېنەپ بەدەر قاچقانىدى. ئېگەر – توقۇملۇق مۇشۇ بوز ئات كۆيۈۋاتقان ماشىنا يېنىدا ئايلىنىپ يۈرەتى. مەن ئۇنى بىر قورۇغا سولىۋېلىپ قۇتۇلدۇرۋالغانىدىم. شۇندىن بۇيان ئۇ مەن بىلەن كېچە – كۈندۈز بىللە ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتاتتى.
ئېتىم چاپچىپ، پۇشقۇرۇپ جايىدا تۇرالماي قالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى يىراقتا كۆرۈنۈپ تۇرغان قۇمتاغقاتىكىلگەن، بۇرۇن چاناقلىرى كېرىلگەن، نەپسى تېزلەشكەن ئىدى.
ئۇ بىر نېمىنى سەزگەندەك قىلاتتى. مەن ئۇنى ئىگەرلەپ قويۇۋەتتىم. ئۇنى مىنىشكە ماغدۇرۇم يەتمەيتتى. قۇيرۇقىغا ئېسىلىۋالدىم…
شىمالدىن جەنۇپقا سوزۇلۇپ، بىر – بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن قۇم بارخانلىرى تاغ چوققىلىرىدەك كۆرۈنەتتى. ئاتنىڭ قۇيرۇقىنى قولۇمغا مەھكەم يۆگەپ، ئايىغىم ئاستىدىكى سىيرىلىپ تۇرغان قۇمنى دەسسەپ – مۈدۈرۈپ، دەلدەڭشىپ، سەنتۈرۈلۈپ ماڭدىم. ئات مېنى قۇمتاغنىڭ يانباغرى بىلەن ئېلىپ ماڭدى. يانباغرىدا قۇملار ئايىغىم ئاستىدا سىيرىلىپ ئۆرە تۇرغۇزمايتتى، ھېلىدىن – ھېلىغا يىقىلاتتىم، يەنە تۇراتتىم، يەنە يىقىلاتتىم. بەزىدە سىيرىلىپ چۈشكەن قۇمغا كۆمۈلۈپ قالاتتىم، ئات توختاپ قالاتتى، يەنە كۈچىنىپ ئۆرە بولاتتىم – دە، يەنە ئىككى قەدەممېڭىپلا ئوق تەگكەن جەڭچىدەك دومىلاپ چۈشەتتىم. يەنە تۇراتتىم، يەنە دومۇلايتتىم…
ئاخىرى ھالسىزلىنىپ تۇرالماي قالدىم. قەدىردان بوز ئېتىم قارا تەرگە چۆمۈپ كەتسىمۇ، ئەڭ ئاخىرقى كۈچى بىلەن مېنى سىلىق قۇمدا چانا سۆرىگەندەك ناھايتى تەستە پۇشۇلداپ سۆرەپ ئېلىپ ماڭدى. ئۇ ئازراقلا مېڭىپ توختاپ قالاتتى، دېمىنى ئېلىۋىلىپ، يەنە ماڭاتتى. يەنە توختايتتى. ھاسىرايتتى، ماڭاتتى…
قۇمتاغنىڭ چوققىسىغا چىقتۇق. مەن دۈم ياتقان ھالەتتە بېشىمنى كۆتۈرۈپ، ئۆز كۆزۈمگە ئىشەنمىگەن ھالدا يىغلىۋەتتىم. زەئىپ ئاۋازىم ئۆزۈمگە بىلىنەر – بىلىنمەس ئارانلا ئاڭلاندى :
ــ بۇرۇلتوقاي!… تۆتىنچى باب
” قازاقتار كۆكپەردى( ئوغلاقنى ) كۆرگەندە دۈنيەنى ۇمىتىپ كەتەدى. ” ــ بىر قازاق اقىنىنان.
ھوشۇمغا كەلسەم تال بىلەن توقۇلغان ئۆيدە يېتىپتىمەن. بۇ ئۆيگە قاچان، قانداق كېلىپ قالدىم، بىلەلمىدىم. قۇمتاغنىڭ ئۈستىگە چىققىنىم غۇۋا ئىسىمدە. كېيىن نېمە بولدى، بىلمىدىم. بېشىغا قارا دۇخاۋىدىن تىكىلگەن تۆت بۈرجەك دوپپا كىيىۋالغان، قىزىل يۈزلۈك، ئاپئاق، ئۇزۇن ساقاللىق بوۋاي ۋە خىلمۇ – خىل كىيىم – كېچەك كىيىشىۋالغان قازاق ئاياللىرى غەلىتە بىر نېمىنى كۆرۈشۈۋاتقاندەك ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇشاتتى. مېنىڭ ھوشۇمغا كەلگىنىمنى كۆرۈپ، بەزىلىرى كۈلۈمسىرەشتى، ھىجايدى، … ” وي باي قۇدا ياي!… ” دېيىشىپ ئاللاغا ھەمدۇسانا ئېيىتىشتى…
مېنىڭ چاچ – ساقاللىرىم ئۆسۈپ كەتكەن، قۇرۇق ئۇستىخان بولۇپ قالغان. رەڭگىرويىم ياۋا ئادەمگىلا ئوخشاپ قالغان، ئاۋازىممۇ ناھايتى زەئىپ، بوش چىقاتتى. ئۇلار ماڭا سۈت ئىچكۈزۈشتى، كېيىن چاي ۋە نان بىرىشتى، قورسىقىم تويغان بولسىمۇ ، كۆزۈم داستىخاندىكى يېمەكلىكلەرگە تويمايۋاتاتتى، مەن ياتقىچە دەستىخان يىغىلمىدى، ئۇلار مېنىڭ ئاچ قالغىنىمنى بىلگەنىدى…
بۇ ئەھمەد ئىمام دېگەن ئاقساقالنىڭ ئۆيى ئىكەن. ئۇلار مېنى ئاشۇ قۇمتاغدا ھوشۇمدىن كەتكەن چېغىمدا كۆرۈپ قىلىپ بۇ ئۆيگە ئىلىپ كەلگەنىكەن.
ئەھمەد ئىمام بامدات نامىزىغا تاھارەت ئېلىپ، مەسچىتكە ماڭىدىغان چېغىدا مەن ئۇنىڭغا بىر ھەربىي ئەدىيال ۋە تەكىيىمنى بەردىم ۋە ئۇنىڭدىن :
ـ ئاقساقال، مەسچىتكە چىققاندا ماڭا بىر دوئا قىلىپ قويۇڭ! ـ دېدىم.
بوۋاي مەسچىتكە چىقىپ كەتتى. خېلىدىن كېيىن ئۇ مەسچىتتىن كىرىپ:
ـ يىگىت، ئاللادىن ئامانلىقىڭنى تىلەپ دۇئا قىلىپ يالۋۇردۇم، ئۆزۈڭگە كەلدىڭ، بۇ يەرگە تىنەپ كىلىپ قاپسەن، تىز يوقال!…
ـ بىھۇدە ئۆلۈپ كېتىسەن، بۇ ئەتىراپنىڭ ھەممىسىدە باتۇرنىڭ ئادەملىرى بار، بىزنى بالاغا قويما! ـ دېدى ۋە ماڭا ئازراق نان، قۇرۇت ھازىرلاپ بەردى. ئاياللار كۆز يېشى قىلىشتى. ئەھمەد ئىماممۇ :” بالام، ئىھتىيات قىل! ” دەپ ئاتقا ئۆزى مىندۈرۈپ قويدى. مەن يولغا چۈشتۈم بىراق قاياققا بىرىشىمنى بىلمەيتتىم. بۇ ئەتراپتا مەن باش تىققۇدەك، خاتىرجەم ئارام ئالغۇدەك بىرەر پاناھگاھ يوق ئىدى. تۆت ئەتراپىم باندىت – قۇيرۇچۇق. مەن خۇددى قەپەسكە چۈشۈپ قالغان بۆرە ئىدىم. ” تەۋەككۈل! ” دەپ ئاتنىڭ بىشىنى ئارتقا بۇرىدىم. تېخى ئۈچ – تۆت ئۆيدىن ئۇزىمىغانىدىم، قەيەردىن چىققىنىنى بىلەلمەي قالدىم. ئۈچ باندىت ئالدىمنى تۇرۇۋالدى:
ـ كىمسەن، نەگە بارىسەن ؟
ـ قارا ئىرتىشقا بارىمەن! ـ دېدىم مەن.
ـ تىلىڭنى تارت! ـ ئۇلار غەزەبلىنىپ قامچىسىنى كۆزۈمگە تەڭلەشتى، ـ ھەممىسىنى باتۇر ئىگىلىدى.
ئۇلار مېنى ئارىغا ئىلىپ يالاپ ماڭدى ۋە ھاسناقىن دېگەن بىر ئاقساقالنىڭ ئاۋۇلىغا ئاپاردى. ھاسناقىن ئارانلا جېنى قالغان قېرى ئادەم ئىكەن. بايىقىلارنىڭ بىرى ئۇنىڭ كۈيئوغلى ئىكەن.
ئۆيگە كىردۇق، ئۇلار ھاسناقىنغا مېنى تاپشۇرۇپ قويۇپ چىقىپ كىتىشتى. ئۆيدە بىر نەچچە ئايال بار ئىدى. ئۇلار چاي راسلاشتى. مەن بوۋاي بىلەن چاي ئىچىشكە ئەمدىلا ئولتۇرغانىدىم، سىرتتا جېدەل باشلىنىپ كەتتى. ئۇلار ۋارقىرىشاتتى، تىللىشاتتى، ھۆركىرىشەتتى… ” گۈم! … ” تۇيۇقسىز ئاڭلانغان ئوق ئاۋازى ھەممىمىزنى تىتىرىتىۋەتتى، ئارقىدىن بىرسىنىڭ ئېيىقتەك سەت ۋارقىرىغىنى ئاڭلاندى. ھەممىمىز چۆچۈپ ئىشىككە تىكىلدۇق. بوۋاي چىقىپ كەتتى. باندىتلار مېنىڭ ئېتىمنى ۋە مىلتىقىمنى بۆلۈشەلمەي، قاتتىق جىدەل قىلىشىپ ئاخىرىدا جان ئاچچقىدا بىرسىنى ئېتىپ قويۇشۇپتۇ…
ئىككى باندىت ئۆيگە بوراندەك كىردى، ئۇلارنىڭ كۆزىگە قان تولغان، ئەلپازى ناھايتى قورقۇنچلۇق ئىدى. پاناق بۇرۇن، كۆزلىرى قىيسىق بىرى قەھرى بىلەن ماڭا ۋارقىرىدى:
ـ ھەممە بالانى تىرىغان سەن! چىق بۇياققا، قانغا قان ئالىمىز! ئۇلار ئۆينىڭ .ئىچىدە مېنى تارتىشتۇرۇپ، سۆرەپ، قىل ئارقاندا باغلاشتى ۋە ئىشىك ئالدىغا ئاچىقىپ، ئۆينىڭ ئارقىسىغا سۆرەپ ئېلىپ بېرىشتى. قىبلىگە قارىتىپ ئولتۇرغۇزۇشتى. مەن نېمە بولۇۋاتقىنىنى ئاڭقىرالماي گاراڭ بولۇپ قالدىم، پەقەت پىچاقنىڭ نېمىگىدۇر بىر نېمىگە ” شىرت – شىرت ” قىلىپ تېگىۋاتقان ئاۋازى قۇلىقىمغا كىرىۋاتاتتى. ” ھە، ئۇلار پىچاق بىلەۋاتقان ئوخشايدۇ، ئۇلار مېنى قويدەك سويماقچى ئىكەن – دە، توۋا!!… “
” شىرت – شىرت ” قىلغان ئاۋاز توختاپ قالدى. نېمە بولدىكىنا… كىمدۇر بىرسىنىڭ قوپال قولى مۈرەمنى تۇتتى. ئۇ مېنى باسماقچى بولۇۋاتاتتى. نەق شۇ چاغدا خۇددى ھاۋا تۇيۇقسىز گۈلدۈرلەپ كەتكەندەك: ” ئوي باي قۇداي، ئۆلتۈرمەڭلار ئۇنى، ئۆلتۈرمەڭلار، ئۇ گۇناھسىز!… ” دېگەن دەھشەتلىك چىرقىرىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ يۈگۈرۈپ كەلگەن ئىككى كېلىنچەك پىچاققا ئېسىلدى. جاللاتلار تەمتىرەپ قالدى. بىرى يىنىدىكى كالا پوقىغا تېيلىپ ئوڭدىسىغا چۈشتى. پىچاق تۇتقىنى بولسا ئالدىراپ پىچىقىنى غىلىپىغا سالدى:
ـ كېرەك يوق، بۈگۈن بولمىسا ئىرتە يەنە كۈن بار، قانغا قان ئالماي قويمايمىز! ـ دېدى – دە، ئاتلىرىنى مىنىشىپ يوقالدى…
ئاياللار مېنى ئۆيگە ئىلىپ كىردى. كەچتە تاماق يەۋاتقاندا بوۋاي ھاسناقىن ماڭا دېدى:
ـ بالام، سېنى بىر كېچە ئاران ساقلىيالايمەن، ئەتە نېمە بولۇشۇڭنى بىلمەيمەن، خۇدا بىلىدۇ…
ياتار ۋاقتى بولغاندا بوۋاي مېنى باشلاپ چىقىپ تېرىق خامىنىغا ئېلىپ كەلدى ۋە پاخال ئاستىغا ياتقۇزدى. ئۆزى مېنىڭ ئۈستۈمدە ياتتى. سەھەردە چۈش كۆرۈپتىمەن: دادام ” بالام، قوپ، نامىزىڭنى ئوقۇغىن!” دەۋاتقۇدەك، ماڭا ئاق ئىشتان، ئاق كۆڭلەك ئېلىپ كەپتۇ، چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. تاڭ ئېتىپتۇ.
ئەتىگەنلىك چايغا ئولتۇرغانىدۇق. ئۆي ئەتراپىدا ئاتلارنىڭ دۈكۈرلىگەن تۇياق ئاۋازى ئاڭلاندى. چۆچۈپ كەتتىم، يەنە ئەنسىزلىك باشلاندى. بۈگۈن تەقدىرىم قانداق بولاركىن، ئۇلار مېنى نېمە قىلاركىن؟ ئېتىۋىتەرمۇ، بوغۇزلىۋېتەرمۇ؟ باغلاپ ئېلىپ كىتەرمۇ؟!… قۇرقۇنچتا گىلىمدىن ھېچنەرسە ئۆتمىدى. تۇياقلارنىڭ دۈكۈرلىشىگە قارىغاندا ئاتلار كۆپ ئىدى. ئىشىك تۈۋىدىلا بىر باندىتنىڭ غەزەپلىك ۋارقىرىغىنى ئاڭلاندى:
ـ ھاي سارت. چىق بۇياققا !
بوۋاي ماڭا قارىدى، ئۇنىڭ قورۇق باسقان سوزۇنچاق ئەتسىز يۈزىدە بىچارىلىك، ئېچىنىش ۋە غەمكىنلىك ئەكىس ئەتتى. سارغۇچ بادامسىمان كۆزلىرى مۇڭغا تولدى. قىسقا چار ساقىلى تىتىرەپ كەتتى. ئاياللارنىڭ قورقۇنچتىن كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى، ھەممىنىڭ كۆزى مەندە ئىدى. ئورنۇمدىن ئاستا تۇردۇم، ئۆز – ئۆزۈمگە غەيرەت بەردىم: ” مەن ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسىنىڭ جەڭچىسى. ۋەتەن ئۈچۈن جەڭگە كىردىم، ماڭا ئوخشاش نى يىگىتلەر قۇربان بولۇپ كەتتىغۇ، دوستۇم پودپولكوۋنىك يۈسۈپچابمۇ ( يۈسۈپچان ياسىنوف ) قۇربان بولۇپ كەتتىغۇ… ئۇلارنىڭ ئالدىدا مەن نېمە؟ چىقسام چىقتىم، قولۇڭدىن كەلگىنىنى قىلىش باندىتلار!… “
ئىش مەن ئويلىغاندەك بولمىدى، ئۇلار مېنى باغلاپ بوغۇزلىمىدى، يا مىلتىق بىلەن ئاتمىدى يا قىلىچ بىلەن چاپمىدى. ئۆيدىن چىقىشىم بىلەن 50 ~ 60 تەك ئاتلىق قازاققا كۆزۈم چۈشتى. ئۇلار چاپچىپ، ئويناقشىپ، تىزگىن سىيرىپ تۇرغان ئاتلىرى ئۈستىدە ھەيۋە بىلەن قاراپ تۇرۇشاتتى. مەن ئۇلارنىڭ كىيىم – كېچىكىدىكى بەزى بەلگىلەرگە قاراپ، ئۇلارنىڭ يىرىمىنىڭ ئالتاينىڭ يەرلىك قەبىلىسى كېرەي، يەنە بىرلىرىنىڭ قازاقنىڭ چىنئەل دېگەن قەبىلىسى ئىكەنلىكىنى پەملىدىم. بۇ ئىككى قەبىلە ئادەملىرى مېنى نېمە قىلماقچىكىنا؟…
مېنىڭ پۇت – قوللىرىمنى مىدىرلىماس قىلىپ، قاتمۇ – قات، چەمبەرچاس باغلاشتى. ئاندىن بىرى مېنى يەردىن يۇلۇۋېلىپ، ئۈزەڭگىسىنى كۆتۈرۈپ، تېقىمىغا چىڭ بېسىۋالدى – دە، توپنى يېرىپ چىقىشقا ئېتىنى دېۋىتتى، ئۇلار مېنى ئوغلاق قىلىپ تارتىشقا باشلىغانىدى…”
مەن سابىق كاپىتانغا ھەيران بولۇپ تىكىلدىم:
ـ نېمە دەيسىزوي قاسىمجان ئاكا، ئوغلاق قىلىپ تارتتى؟!…
ـ ھە، ئوغلاق قىلىپ تارتتى ،ـ قاسىمجان ئاكا ھەيران قالغان چىرايىمغا قاراپ جىددى تەلەپپۇزدا ئېيىتتى،ـ راست، ئىشەنمەيۋاتىسىز – ھە، بۇ رىۋايەت ئەمەس، چۆچەك ئەمەس، نەق بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار. قازاقلارنىڭ ئوغلاق تارتىش ( كۆكپەر ) خۇمارى تۇتۇپ كەتكەن چېغى، ئۇرۇشتا ئوغلاق تارتالماي ئولجىغا چۈشكەن مېنى تارتىشتى. بۇ ئىككى قەبىلە كىشىلىرى شەرتلەشكەنىكەن. كىم مېنى تارتىپ كەتسە، ئولجا شۇنىڭ ئىكەن.
بىر قازاق ئاقىنى ( شائىرى ): ” قازاقلار كۆكپەرنى ( ئوغلاق تارتىشنى ) كۆرگەندە دۇنيانى ئۇنتۇپ قالىدۇ ” دېگەنىدى. دېگەندەك ئۇلار مىنى ئوغلاق قىلىپ تارتىشقاندا دۇنيانى ئۇنتۇپ قىلىشتى. ئۇلار ئايغايلاپ، ۋارقىرىشىپ، تەرلەپ – پىشىپ، قولۇمدىن، پۇتۇمدىن تارتىشاتتى. بەزىلىرى بىشىمنى تۇتۇۋالاتتى. بەزىدە ئات ئاستىغا چۈشۈپ كېتەتتىم. كۆزۈم قاراڭغۇلىشاتتى، ئاستا – ئاستا ھوشۇمدىن كەتتىم…
بىر چاغدا ھوشۇمغا كەلسەم، بىر قۇم دۆۋىسىنىڭ ئۈستىدە، يوغان، قىزىل يۇلغۇن تۈۋىدە يېتىپتىمەن. قازاقلار مېنى تارتا – تارتا مۇشۇ قۇم دۆۋىسىگە تاشلاپ قويۇپتۇ. ھېرىپ، تەرلەپ ھالىدىن كەتكەن بۇ ” ئوغلاقچىلار ” ئاتلىرىنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتۇپ ئەتراپىمدا ماڭا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ” تارتايلى! ” دېيىشىۋاتىدۇ، بەزىلىرى ” بولدى قىلايلى، ئولجىنى ئېلىپ كېتەيلى! ” دېيىشىۋاتىدۇ.
شۇ چاغدا يىراقتىن قاراگىر ئات مىنگەن بىرسىنىڭ كىلىۋاتقىنى كۆرۈندى. ئۇ ئېيىقتەك يوغان، دىقماق، قارا قۇمچاق قازاق ئىدى. ئۇنى كۆرۈپ قازاقلارنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىشتى. ” ئەھمەد باتۇر، ئەھمەد باتۇر! “ دېيىشىپ كېتىشتى ئۇلار.
ئەھمەد باتۇر كەلدى. ئۇ توپقا سۈرلۈك نەزەر تاشلاپ:
ـ ئولجاڭلار قېنى؟ ـ دېۋىدى، مېنى كۆرسىتىشتى.
ئەھمەد باتۇر قاراگىر ئاتنى يېنىمغا ئەكېلىپ توختاتتى – دە، مېنى يۇلغۇن تۈۋىدىن توشقاننى يۇلغاندەك يۇلۇۋىلىپ، ئاتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ، بىر ئۆيگە ئېلىپ كەلدى.
ئەھمەد باتۇرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۆيدىن ئاقسېرىق، قىرىق ياشلاردىكى ئوتتۇرا بويلۇق ئايال چېقىۋىدى، ئەھمەد باتۇر مېنى يەرگە قويۇپ:
ـ بۇنى ياخشى كۈتۈڭلار، ساقلاڭلار! ـ دېدى.
مېنى يېشىشتى، پۇت – قوللىرىم كۈيۈشۈپ كېتىپتۇ. ئۆيگە ئېلىپ كىرىشتى. ئۆيدە بىر نەچچە قورال تىكلەكلىك تۇرۇپتۇ. ئەھمەد باتۇرنىڭ ئادەملىرى ئۇ قوراللارنى دەررۇ ئېلىپ كېتىشتى. مەن بۇ ئۆيگە تۇتقۇن بولدۇم، لېكىن راستىمنى ئېيتقاندا مەن ئويلىمىغان، كۈتۈلمىگەن ھالدا تەلەيلىك، ئەركىن تۇتقۇن بولدۇم!…
بەت:
[1]
2