arislan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 19:35:48

ئاشىقلىق (ئىشقى) كېسىلى


ئۈرۈمچىگە كىلىپ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىلمى توغرىسىدىكى كىتاب ئامبىرىغا كىلىپ قالدىم. چەكتىن ئاشقان ئاشىقلىق نورمال ئەھۋال ئوخشايدۇ دەپ ئويلىسام ئەمەلىيەتتە كېسەلكەن. بۇ  ھەقتىكى ماتىرىيالنى كۆرۈپ سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىش نېيىتىدە يوللىدىم.



ئاشىقلىق (ئىشقى) كېسىلى



ئابدۇلھىمىت يۈسۈپ ھاجى


       ئەبۇ ئەلى ئىبىنسىنا ئىشىق كېسەللىكى ئۈستىدە بىرىنچى بولۇپ تەجرىبە ئېلىپ بارغان. ھەكىم مۇھەمەد ئەزەمخان «ئىكسىرى ئەزەم» ناملىق كېتابىدا ئىشقى كېسىلىنى روھىي كېسەللىكلەر قاتارىدا ئالاھىدە تونۇشتۇرغان.


     ئىشىق، ئارزۇ ھەۋەس، ئۈمىد قاتارلىق روھىي خۇسۇسىيەتلەر ھەر قانداق ئىنساندا تەبئىي مەۋجۇت بىر خىل يۈكسەك مەنىۋىي ھايات بولۇپ، ئىنساننىڭ ھاياتلىق يولىدا ئالغا ئىنتىلىشى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتقا قىزىقىشى، جانلىق ۋە جانسىز نەرسىلەرگە ھەۋەس قىلىشى، ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىشى، ماددىي ۋە مەنىۋىي مەدەنىيەتتە كامالەت مەرتىۋىسىگە يېتىشى، ئىلىم- پەن، ھۈنەر- سانائەتلەرگە تۈرتكە بولىدىغان ئاساسىي كۈچ، شۇنداقلا ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەرگە قارىتا ئىشقى- مۇھەببەت، قىزىقىش ۋە ئۈمىدۋارلىقتىن ئىبارەت.


     دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن سەمىمىي تېرىشچانلىق، ھاياتقا قارىتا ئۈمىدۋارلىق، ۋەتەن، مىللەتكە قارىتا پىداكارلىق روھ، مېھرى- مۇھەببەت، شەخسىي ھاياتقا قارىتا چەكسىز ئۈمىد بىلەن ياشىماي، پەقەت شەھۋانىي تۇرمۇش ئۈچۈنلا ياشاشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان ئىنسانلار ئىنسانىي سۈپەتتىن مەھرۇم قالغان جانلىق جەسەتلەر ياكى ھېسسىياتسىز ماشىنا ئادەملەردىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئەلۋەتتە.


     ئىشقى توغرىسىدا، ئىنسانىيەت تارىخىدا يۇلتۇزدەك پارقىراپ تۇرىدىغان قەدىمقى ئالىملاردىن سوقرا، ئەپلاتون، ئەرەستۇ، فارابى، ئىبىنسىنا، ناۋايى، فۇزۇلى، جالالىدىن رۇمى، ئابدۇراخمان جامى، تەجەللى، ئىبىنسىنا، ناۋايى، فۇزۇلى، جالالىدىن رۇمى، ئابدۇراخمان جامى، تەجەللى، ئىقبال… قاتارلىق روھىيات ئالىملىرىنىڭ يازغان ئەسەرلىرى ھازىرمۇ ئۆز ئەھمىيىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە ھەم ھازىرقى پىسخىلوگىيە ئىلمىنىڭ مەنبەسى بولماقتا.  بىز بۇ يەردە ئىشىق پەلسەپىسى توغرۇلۇق سۆزلىمەيمىز. ئەمما شۇ ئىشىقنىڭ بىر خىل تارماق كۆرۈنۈشى بولغان بىر ئىنساننىڭ يەنە بىر ئىنسانغا ئاشىق بولۇپ قېلىشى، كۆيۈپ قېلىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئۇنىڭ بەدىنىدە پەيدا بولىدىغان كېسەللىك ھالىتى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.


     ئالامىتى: بۇنداق ئىشق ياش ئوغۇل- قىزلار ئارىسىدا كۆپرەك ئۇچرايدۇ. قان مىجەز، ئەسەبىي مىزاجلار ئۇنىڭغا مايىل كېلىدۇ. بىر- بىرىگە ئاشىق بولۇپ مۇھەببەت باغلىغاندىن كېيىن، كىچە- كۈندۈز خىيالى شۇنىڭ بىلەن بولۇپ قالىدۇ.  مەشۇقى گۈزەل بولسۇن ياكى بولمىسۇن ئۇنىڭ پۈتۈن قىياپىتى، سۆز ۋە ھەرىكىتى ئاشىقىغا ياخشى ۋە گۈزەل كۆرۈنىدۇ. ئىشقى- مۇھەببەت ھېسسىياتى كۈچىيىپ كەتسە، جۇنۇنلۇق دەرىجىسىگە ئېلىپ بارىدۇ. بەزىلەرنىڭ ئوقۇش، ئۆگىنىش ۋە خىزمىتىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، چىرايى سارغىيىدۇ. بىكاردىن – بىكار ئەسەبىيلىشىپ قالىدۇ. ئاشىق ئۆزىنىڭ ئىشقىنى بەكمۇ مەخپىي تۇتىدۇ. بولۇپمۇ قىزلار مەخپىي تۇتىدۇ. ئاشىقىنىڭ نامى، خەۋىرىنى ئاڭلىسا، جانلىنىپ ئۆزلىگىدىن خۇشاللىنىپ كېتىدۇ ۋە چىرايى قىزىرىپ خىجالەت تارتقاندەك بولۇپ قالىدۇ. ياشلاردا ئۇچرايدىغان بۇنداق ئەھۋالنى ۋاقتىدا بايقاپ ئالدى ئېلىنمىسا جىسمانىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن چېكىنىپ، ھەرخىل كېسەللىكلەرگە ئۇچراپ كېتىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە بىر- بىرىگە  كۆيۈپ قېلىش، ئۆز – ئارا ساختا مۇھەببەت باغلاش ئىشلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشى كۆپ زىيانلىق بولۇپ، ئوقۇشنى ئوبدان ئۆزلەشتۈرەلمەيدۇ. ئىمتاھاندىن ئۆتەلمەي قالىدۇ.


     داۋالاش: ئىشىقنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى مۇمكىن قەدەر ھالال يول بىلەن مەشۇقى ۋەسلىگە يېتىشتىن ئىبارەت. ئەگەر مۇمكىن بولسا تەربىيە بېرىش ۋە تەسەللىي بېرىش لازىم. ئەگەر ئاشىق ئاقىل بولسا دوستلارنىڭ نەسىھەتلىرى بىلەن تۈزۈلۈپ قالىدۇ. ئۇخلاتقۇچى ۋە تىنىچلاندۇرغۇچى دورىلارمۇ پايدا قىلىدۇ. مەسىلەن: خەمىرى خەشخاش، ھالۋايى بادام، مۇپەررىھى ياقۇتى، شارابى سەندەل، شارابى رەيھان، بەرشىشا، پۇلۇنىيا، ئۇخلاتقۇچى، تىنىچلاندۇرغۇچى دورىلار پايدا قىلىدۇ. ھېساب، ماتېماتىكا، پەلسەپە قاتارلىق ئىلمىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشمۇ پايدىلىق.


تېببىي جەۋھەر تور بېكىتىدىن


ئۇيغۇر تېبابىتى روھىي ۋە ئەسەبىي كېسەللىكلەر ئىلمى ناملىق كېتاب


kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 04:19:34

كېچىسى ئۇخلىماسلىق، كۈندۈزى بىقارارلىق ئىشىقلىقنىڭ ئىپادىسى دەپتىكەن كونىلار. قىسسەسۇل ئەنبىيادا كۆرگەندەك قىلىمەن بۇ گەپنى...

elwida يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 08:20:43

بىر كۈرۈپلا ئاشىق بۇلۇشمۇ ،

ياشلىقتىكى ساراڭلىق ئىكەن .

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 13:26:54

،،،ئەگەر شۇنداق بولسا ئۇيغۇر ياشلىرنىڭ ئىچىدە بەك كۆپكەن بۇنداق كىسەل. مىنىڭچە داۋالاش ئۇسسۇلى ھازىر كار قىلمايدىغۇ دەيمەن . جانابى ئاللاھ كۆڭلىگە ھىدايەت بەمىسە بىكا   {:92:}    {:92:}

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 13:46:40

ئۆلىمالارمۇ ئاشىقلىقنى بىر خىل كېسەل دەپ قارايدۇ .

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 13:59:44

ماۋۇ تىمىنى كۆرۈپ ziyali@ خۇشال بولۇپ كەتكەندۇ ھە، مەن ئۆمرۈمدە ئۇنداق كېسەل بۇلۇپ باققان بەندە ئەمەس دەپ.

ufofly يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 15:37:41

لېكىن مۇھەببەت ئوتىنىمۇ  خۇدا  سالىدىغاندۇ؟بولمىسا بىرسى بىرسىگە بىكاردىن بىكار كۆيۈپ قالامدۇ؟

zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 15:50:05

ئىشقى يوق يوق ئىشەك، دەردى يوق كىسەك.

matu يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 16:17:08

بۇ دىگەن بولالايدىغان ئادەم بولىدىغان كىسەل، خەنزۇلاردا بەك ئاز كۆرۈلىدۇ.

izdinixazasi يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 16:21:34

ئاپلا ، ياش ۋاقىتلاردا مۇشۇ كېسەلنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالماي قېرغاندا دەردىنى تارتىۋاتىمەن  \"\"

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 19:47:18

بۇ كېسەللىكنىڭ ئەڭ نوچى دورىسى : شەربىتى ۋېسال ھالالى ئىكەن \"\"

tahirbeg يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 19:59:30

شۇڭا بۇرۇن بالاغەتكە يەتكەندە گاچچىدە تويىنى قىلىپ قويىتى، بۇرۇنقى زامانلاردا بولسام ئىككى بالىنىڭ دادىسى بوپ بولىدىغان ئوغاۋالا مەن  \"\"

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 22:38:25

10- قەۋەتتىكى birzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ كېسەللىكنىڭ ئەڭ نوچى دورىسى : شەربىتى ۋېسال ھالالى ئىكەن \"\"



بۇ ئىنتايىن ياخشى دورا ھەرقانداق ئىشىق كىسىلى بارئادەمگە پايدا قىلىدۇ


ماڭىمۇ مۇشۇ دورا پايدا قىلغان ھازىر شۇنداق ياخشى ساقىيىپ قالدىم


كىچىسى شۇنداق خاتىرجەم كۇندۇزى ھەم خاتىرجەم خىزمىتىمنى قىلىمەن  ئىسسىق ئىشىم تەييار


كىيمىم شۇنداق پاكىز  


شۇڭا تەۋسىيە مۇنداق كىسىلى بار كىشىلەر دەرھال بىرزات ھەكىم تەۋسىيە قىلغان دورىنى دەرھال ئىشلىتىڭلار

بەت: [1]
: ئاشىقلىق (ئىشقى) كېسىلى