radio يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 19:07:35

مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى توغرىسىدا بىۋاستە ئاڭلىتىش

مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزسىدىن ئىستانسىمىز 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر پروگراممىسىدا «يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى نەتىجە، يېڭى ئۈمىد» دېگەن تېمىدا بىۋاستە ئاڭلىتىش بېرىدۇ. 16- ماي ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر پروگراممىسىدا «باھاردىكى جۇشقۇن روھ» دېگەن 2 - قىسمى ئاڭلىتىلىدۇ.
مەنبە:شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 02:19:52

ئاڭلىتىش بەرسىڭىز، ھە، خوپ!

كۆرىۋاتىمىز «يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى نەتىجە، يېڭى ئۈمىد» لەرنى!

urdek يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 07:29:53

قېنى رادىو ئاۋازى؟18 ژىل بوپتىكەن رادىو ئاڭلىمىغىلى.ئاڭلاي دىسەم ھىچ يەردە ئاۋاز يوق.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 07:38:51

يەنە شۇ «ئانداق گۈللەندۈرىمىز، مۇنداق تەرەققىي قىلدۇرىمىز» دەيدىغان قۇرۇق گەپلەر.

ئاشۇ ئىشلارنى بولغاندا، «بولدى» دىمىسە، مىڭ دىگەن بىلەن بىكار!

snake يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 07:49:30

ماڭا تاراتقۇلاردىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزغا ئائىت ئېسىل خەۋەرلەر بەك زىيان قىلىدۇ .

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 08:07:44

ئەتىگەن رادىئونى ئاچسام بىر ئاداش مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن تاكسى ھەيدەپ باي بولۇپ قالدىم ، ئايدا 3000 يۈەن تېپىپ 2000 نى بانكىغا قويىۋاتىمەن دىگەن تېمىدا سۆزلەۋېتىپتۇ(تاكسى ماشىنىنى ئاسانلا قولغا ئالغاننىڭ گېپى بار ، ئاخىرىنى ئاڭلاپ قاپتىمەن) . بەلكىم «مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى » بەزىلەرگە نەپ ئېلىپ كەلگەن ئوخشايدۇ.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 08:17:43

نەچچە  يىل  بۇرۇن  300سومغا  بىر قوي  كېلىدىغان ،ھازىر 300 سومغا  بىر قوي  پۇتىمۇ  كەلمەيدۇ    {:107:}  بولمىسا  تاغلاردا  مىغ-مىغ  قوي  ئوتلاپ  يۈرۈيدۇ، بۇ  قويلار  نەگە  كېتىۋاتىدىكىن  تاڭ ؟!  {:107:}

nur يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 08:21:02

مەركەز شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى ئىچىلغاندىن كېيىن ماڭا ئىلىپ كەلگەن تەسىرى شۇنداق ياخشى بولدى.تاس قىلىۋاتىمەن يىلدا بىر ئوقۇيدىغان روزى ھېىت نامىزىدا دۇئا قىلغىلى.

شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى ئىچىلىشتىن ئىلگىرى قەشقەردە تاكسى باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 150-180 مىڭغىچە بولىۋاتاتتى.يىغىن ئىچىلىپلا توختىماي ئۆسۈپ ھازىر 450مىڭغا يەتتى.يىغىندىن بۇرۇن ئۆي ئالاي دىسەم تىجارەتتە سەل قېيىنچىلىق بوپ قىلىپ توختاپ تۇراي دەپ ئويلىغان.يىغىندىن  ئىلگىرى شەھەرنىڭ ئەڭ مەركەزلىك يىرىنىڭ باھاسى 2500/m2 ئەتراپىدا بولىۋاتقان ئىدى.يىغىن ئىچىلىپلا بۇ باھا تاس قالدى ئۈچ ھەسسە قاتلىنىپ كەتكىلى.شۇ يىغىننىڭ بەرىكىتىدىن ھازىرغىچە ئۆي ئالالماي ئولتادىم.

ھەنىمە بولسا خوتۇننى بولسىمۇ بالدۇر ئىلىۋاپتىكەنمەن.كىچىكتۈرگەن بولسام ئالتۇن ئۆسۈپ خوتۇننىمۇ تاغاردا بىر پۇلغا ئالاتتىمكەن.

كىمگە نەپ ئىلىپ كەلگىنىنى زادى بىلگىلى بولمىدى بۇ نەس يىغىننىڭ

elwida يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 08:24:57

6- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نەچچە يىل بۇرۇن 300سومغا بىر قوي كېلىدىغان ،ھازىر 300 سومغا بىر قوي پۇتىمۇ كەلمەيدۇ \"\" بولمىسا تاغلاردا مىغ-مىغ قوي ئوتلاپ يۈرۈيدۇ، بۇ قويلار نەگە كېتىۋاتىدىكىن تاڭ ؟! \"\"






ھۈكۈمەت نىمىشقا ئىقتىسادنى كونتىرول قىلمايدىغاندۇ ؟  ئويلىسام ئويلىسام ھېچ كاللامدىن ئۆتمەيدۇ . ئەجىبا پۇل مۇشۇنداق پاخاللىشىپ كەتسە ياخشىمىدۇ جۇڭنەنخەيدىكىلەرگە . جان باقماق تەسلىشىپ كەتتى .



yulghun0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 08:32:07

ماڭا خىلى بىر يىللار بولۇپ قالدى،،رادىئو تىلۋىزىيە دىگەن نەرسىلەردىن يىراق..

مۇشۇ ئىشخانىدىكى تور بولسىلا يىتىپ ئاشىدۇ... \"\"

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 08:48:03

ئالتۇن ۋاقىت پاتىمە دوختۇرنىڭ بولۇپ كەتكىنى پەقەتلا قاملاشمىدى.

yolyol يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 08:49:52

مۇش تاراتقۇلاردىن مەركەزنىڭ رادىئوسىنىلا بەزىدە ئاڭلاپ قويىمەن .

ھەممە رىياسەتچىلەرنىڭ تىلى يېقىشلىق ، ئۆزىمىزگە خاس ، مىللىيچە ،تۇرمۇشىمىزغا يېقىن .

بولۇپمۇ ھەركۈنى ئەتىگەندە جاھاننى ساياھەت قىلدۇرىدىغان بالىنىڭ  \"\"  \"\"

ئاخشىمى ئەدەبىيىتىمىزدىكى نادىر رومانلار .  

تۈگىمەس سىياسەت ئاڭلاپ يىرىپ كەتكەن كۆڭۈللىرىمگە ئارام بېرىدۇ .

nuzgum يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 09:20:18

شىنجاڭ رادىئوسى ئۈرۈمچى رادىئوسىغا،مەركەز رادىئوسىغا يەتمەيدۇ...پىروگىراممىلىرىنىڭ پەقەت تاينى يوق....

بۇ يەردىكى ئىشچى خىزمەتچىلەر ئالۋاڭ ئۈچۈنلا ئىشلەمدىكىن دەپ قالىمەن..مۇشۇنداق مېڭىۋەسە..بەش يىلدىن كىيىن شىنجاڭ تەينى ئاڭلايدىغان ئەدەم قالمايدۇ...

cartoon يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 09:21:54

\"\"

holmis1 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 10:00:10

شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن مەن ھېس قىلغان ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش ئىشقا ئورۇنلىشالمايۋاتقان بىر قىسىم سىتودىنتلار ئىشقا ئورۇنلاشتى ، باشقا بىزگە پايدىلىق قانداق ئۆزگىرىش بولغىنىنى ھېس قىلمىدىم .

JasurBay يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 11:00:19

13- قەۋەتتىكى cartoonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

\"\"




جىڭ گەپ بوپتۇ.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 12:05:47

2009 دىكى ژىغىننىڭ خەۋىرىمۇ، يېڭى ژىغىن ئېچىلدىمۇ؟

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 12:56:26

مۇشۇ يىغىن ئىچىلغاندن كىيىن ماڭغا بىرىنچى بوپ چىلىققان ئىش ،،شەھرىمىزدىكى بىكا تەلەپلەرنىڭ ھەممىنى يىغىپ

مىنبىڭ ،چڭگۇن  قىلدى ،،ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ،،قانۇنسىز قۇرلۇشلارنىچ ىقىش ،،،،ئۈچچاقلىق توك سىكىلىتنى توسۇپ تەكشۈرۈش ،،جۈملىدىن ھۆكىمىتىمىزنىڭ قولىغا قول پۇتىغا پۇت بولدى ،،تۇرمىشىمىز نى تەرتىپلىك ،،بىخەتەر خاتىرجەم قىلىپ بەردى .  {:92:}    {:92:}    {:92:}

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 14:35:32

8- قەۋەتتىكى elwidaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھۈكۈمەت نىمىشقا ئىقتىسادنى كونتىرول قىلمايدىغاندۇ ؟  ئويلىسام ئويلىسام ھېچ كاللامدىن ئۆتمەيدۇ . ئەجىبا پۇل مۇشۇنداق پاخاللىشىپ كەتسە ياخشىمىدۇ جۇڭنەنخەيدىكىلەرگە . جان باقماق تەسلىشىپ كەتتى .



زۇڭلى سايلىغاندا،پىشقان ،كەسىپتە ئۇتۇق قازانغان، ئىقتىساد كەسىپىدە مەخسۇس ئۇقۇغان،سىياسىئۇنلۇقتىن ئاز-تولا خەۋىرى بار ئادەمنى سايلىمىسا،مۇشۇنداق پۇل پاخاللىقى كېپ چىقىدىغان گەپكەن،جۇرۇڭجى بار چاغدا ئۇنداق ئەمەستى بولمىسا،مال باھاسى بەك تەڭپۇڭ ئىدى....






Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 14:36:48

شىنجاڭ يىغىنى ئاچقۇچە،ئاقسۇ يىغىنى ئاچسىچۇ \"\"
بەت: [1] 2
: مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى توغرىسىدا بىۋاستە ئاڭلىتىش