radio يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 18:53:00

شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى

شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى 1949- يىلى12- ئاينىڭ1- كۈنى قۇرۇلغان، ئۇنىۋېرسال چاستوتا 2007- يىلى4- ئاينىڭ20- كۈنى ئەسلىدىكى خەۋەرلەر بۆلۈمى بىلەن مەخسۇس پروگراممىلار بۆلۈمىنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا قۇرۇلغان، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە يېرىنى تولۇق قاپلىغان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى  بىردىن- بىر ئۇيغۇرچە نوپۇزلۇق ئاخبارات تارقىتىش ۋاستىسى. ھازىر «شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى» دېگەن نامنى قوللانماقتا.
ئۇنىۋېرسال چاستوتا «خەۋەر پروگراممىلىرىنى باشلامچى، مەخسۇس پروگراممىلار بىلەن سەنئەت پروگراممىلىرىنى تايانچ » قىلغان ئۇنىۋېرسال چاستوتا بولۇپ، كۈنىگە 18 سائەت 30 مېنۇت ئاڭلىتىش بېرىدۇ.  ھازىر ئۇنىۋېرسال چاستوتىدا 52 مۇخبىر، مۇھەررىر، دېكتور، رىياسەتچى بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 500 دىن ئارتۇق ئىختىيارىي مۇخبىرلار قوشۇنى بار.
چاستوتا قارمىقىدا  مۇخبىرلار بۆلىمى، تەھرىر-تەرجىمانلار بۆلىمى، كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيىسى پروگراممىسى، بۆلىمى مەخسۇس پروگرامما -سەنئەت پروگراممىسى بۆلىمى ، دېكتورلار بۆلىمى  قاتارلىق ئالتە بۆلۈم پىلانلاش بۆلىمى تەسىس قىلىنغان.  
نۆۋەتتە، ئۇنىۋېرسال چاستوتىدا ئۆزىمىز باشقۇرىدىغان  «ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر»،«چۈشلۈك خەۋەرلەر»،« ئاپتونوم رايونىمىزدىكى رادىيو ئىستانسىلىرى ۋە رادىيو ئۇزۇللىرى ئۇلاپ ئاڭلىتىدىغان خەۋەرلەر پروگراممىسى»،«كەچلىك خەۋەرلەر» ۋە «جاھاندىكى ئىشلار» قاتارلىق بەش خەۋەرلەر پروگراممىسى؛ «خەيرلىك سەھەر»،  «كەسپ ئىستىلى قىزىق لېنىيىسى»،  «ئادەم ۋە قانۇن»، «بۈگۈنكى يېزىلىرىمىزدا»، «قاتناش قىزىق لېنىيىسى»، «ياشلىق مىلودىيىسى»، «سىرداشلار كۇلۇبى»، «ئىقتىساد كۆزنىكى»، «يەكشەنبىلىك سۆھبەت» قاتارلىق توققۇز ئىجتىمائىي تەربىيە، مۇلازىمەت، ئىقتىساد، سۆھبەت تىپىدىكى پروگرامما؛ «تەڭرىتاغ ناۋاسى»،«گۈلدەستە»،« ئىقلىم كۈيلىرى»، «ئۈزۈلمەس كۈيلەر»، «ئەدەبىي ئاڭلىتىش»، «رادىيو دىرامىسى» قاتارلىق ئالتە ئەدەبىيات - سەنئەت پروگراممىسى بار بولۇپ، ئوخشىمىغان ياش، ئوخشىمىغان كەسپتىكى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلمەكتە.ئاڭلىغۇچىلار قىززىق لېنىيىلىك تېلېفون ۋە ئىستانسىمىزنىڭ ئۇچۇر سۇپىسى ئارقىلىق پروگراممىلارغا بىۋاستە قاتنىشالايدۇ،ئىستانسىمىزنىڭ تورى ۋە باشقا تورلار ئارقىلىق ئاڭلىيالايدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇنىۋېرسال چاستوتا پروگرامما سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، مەزمۇنىنى بېيىتىش، ئەمەلىيەتكە، ئاممىغا، تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىزچىل كۈچ سەرپ قىلىپ، پروگراممىلارنىڭ ئاڭلاشچانلىقىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى .2011 - يىلى 1- ئاينىڭ 1 - كۈنى ئۇيغۇرچە «كەسىپ ئىستىلى قىززىق لېنىيىسى» پروگراممىسى رەسمىي يولغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇ ربەكرى،  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى خۇ ۋېي، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تېلىۋالدى ئابدۇرېشىت قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى  پروگراممىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پروگراممىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرسۈتۈپ بەردى. «كەسىپ ئىستىلى قىززىق لىنىيىسى» دەسلەپ ھەپتىدە بىر قېتىم ئاڭلىتىش بەرگەن بولسا، 5 - ئايغا كەلگەندە ھەپتىدە ئىككى قېتىمغا، 8 - ئايدىن باشلاپ ھەپتىدە ئۈچ قېتىمغا كۆپەيتىلدى، ھەمدە يىل ئاخىرىدا تولۇق تەييارلىق قىلىنىپ، 2012 - يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ھەپتىدە بەش قېتىمغا كۆپەيتىلدى. بۇ بىر يىل جەريانىدا بۇ پروگرامما ئۆزىنىڭ نازرەتچىلىك، كۆۋرۈكلۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى ھەمدە  ئامما ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان كوزۇر پروگراممىغا ئايلاندى.  2011 - يىلى  5 - ئايدا  ئۇنىۋېرسال چاستوتا  يەنە پروگراممىلارغا قارىتا چوڭ تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، ئاڭلاش نىسبىتى تۈۋەن ياكى ھازىرقى دەۋر تەرەققىياتىغا ماس كەلمەيدىغان بىر قىسىم پروگراممىلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يېڭىدىن «قاتناش قىززىق لېنىيىسى »، «ئىقلىم كۈيلىرى»، «ياشلىق مىلودىيىسى» قاتارلىق پروگراممىلارنى تەسىس قىلدى. بۇ پروگراممىلارغا ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئىنكاسى ئىنتايىن ياخشى بولماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا ،  «ئەدەبىي  ئاڭلىتىش»، «رادىيو درامىسى»، «سىرداشلار كولۇبى»، «جاھاندىكى ئىشلار» پروگراممىلىرىنىڭ ئاڭلىتىلىش ۋاقتىنى تەڭشەپ، پروگراممىلارنىڭ قۇرۇلمىسىنى  ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئاڭلاش ئادىتىگە تېخىمۇ لايىقلاشتۇردى. «بۈگۈنكى يېزىلىرىمىزدا»، «ئادەم ۋە قانۇن»، «گۈلدەستە»، «تەڭرىتاغ ناۋاسى» قاتارلىق پروگراممىلاردا قىززىق لېنىيە تېلىفۇنى ئېچىۋېتىلىپ رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىۋاستە پروگراممىغا قاتناشتۇرلۇپ، ئاڭلىغۇچىلارغا نەپ بىرىپلا قالماستىن ئاڭلىغۇچىلار بىلەن بولغان ئارلىقمۇ يېقىنلاشتۇرۇلدى. 2012- يىلى 2- ئاينىڭ 15- كۈنى يەنە ئىستانسىدىكى 10 چاستوتا ئىچىدە تۇنجى بولۇپ «ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر» پروگراممىسىنى بىۋاستە ئاڭلىتىشقا ئۆزگەرتىپ،خەۋەرلەرنىڭ تېزلىكىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە باشقا چاستوتىلارغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى .
ئۇنىۋېرسال چاستوتا  يەنە نۇرغۇن شەرەپلەرگە ئېرىشتى. نۇرغۇن ئاخبارات ئەسەرلىرى ۋە پروگراممىلار شىنجاڭ ئاخبارات مۇكاپاتى ،شىنجاڭ رادىيو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن باشقا ،1999-يىلىدىن بۇيان جەمئىي 130دىن ئارتۇق ئەسەر جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە مۇنەۋۋەر ئاخبارات ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 1-، 2-، 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 2011-يىلى چاستوتىنىڭ باش نازاراەتچىسى ئابدۇرېشىت  تۇرام مەملىكەت بويىچە «مۇنەۋۋەر ئاخبارات خىزمەتچىسى» بولۇپ باھالىنىپ، بېيجىڭغا بېرىپ مۇكاپاتلىنىپ، چاستوتىغا ،جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ئاخباراتچىلارغا شەرەپ كەلتۈردى.
مەنبە:شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى

snake يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 07:45:13

رادىئودىكى ئالامشۇمۇل نەتىجىلەرنى خەۋەر قىلىدىغان ئېسىل ، تۇتاملىق گەپلەر تۈگىگەندە ئاندىن ئاڭلايمەن .

cartoon يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 09:17:47







mening bu temiga beridigan jawabim muxu





\"\"


alip يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 09:32:14

رادىئو ئىستانسسىدا پۈتۈنلەي كىسەل چىرمىۋالغان، پۇلغا دۈم چۈشكەن كىشىلەر ئىشلەمدىكى دەيمەن.

بىر خىل دورىنى جىنسى كېسەلگىمۇ پايدا قىلىدۇ، ئاشقازانغىمۇ پايدا قىلىدۇ، ئۆپكىگىمۇ پايدا قىلىدۇ ئاڭلىتىۋېرىدىكەن. ئاۋۇ دوختۇر خوتۇننىڭ زۇۋانىنىڭ سەتلىكى. دورىنى ماختاۋاتقاندا تېلفون قىلىپ ماختاپ قويسا بىرەر قاپ دورىنى بىكارغا بېرىدىكەن، دوراڭلار پايدا قىلمىدى دەپ گەپنىڭ ئاخىرنى دەپ بولغۇچە تېلفوننى ئۈزۋېتىدىكەن.



كارتون ئەپەندىنىڭ ھەجىيۋى رەسىمى ناھايتى ماس كەپتۇ.

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 10:53:40



xjtv9 ۋە رادىيو قاناللىرىنىڭ پىكىر- تەكلىپ يىغىشنى مەقسەت قىلىپ يوللىغان بارلىق يازمىلىرىغا داڭقان پۇتى گەپ قىلغان ھۆھتىرەم ئەزىزلەر ھوشۇڭلارنى يىغىپ يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىپ گەپ قىلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. مەيلى كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئەسلى سۇئالغا مۇناسىۋەتسىز گەپ قىلغان، سېسىق گەپ، تەنە گەپ قىلغان، ئورۇنسىز جېدەل تېرىغانلارنىڭ ئىنكاسى تازىلاش بىلەن بىرگە سالقىنداشقا يوللاپ قويىۋېرىمەن، خاپا بولۇشمىغايلا.

@radio پايدىلىق دەپ قارالغان پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە قانالنىڭ ئەل- خەلققە ھەقىقىي نەپ بېرىدىغان رەڭدار سەھىپىلەردىن كۆپلەپ يارىتىشنى ئۈمۈد قىلىمىز...

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 11:05:49

5- قەۋەتتىكى tumarisنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

       

xjtv9 ۋە رادىيو قاناللىرىنىڭ پىكىر- تەكلىپ يىغىشنى مەقسەت قىلىپ يوللىغان بارلىق يازمىلىرىغا داڭقان پۇتى گەپ قىلغان ھۆھتىرەم ئەزىزلەر ھوشۇڭلارنى يىغىپ يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىپ گەپ قىلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. مەيلى كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئەسلى سۇئالغا مۇناسىۋەتسىز گەپ قىلغان، سېسىق گەپ، تەنە گەپ قىلغان، ئورۇنسىز جېدەل تېرىغانلارنىڭ ئىنكاسى تازىلاش بىلەن بىرگە سالقىنداشقا يوللاپ قويىۋېرىمەن، خاپا بولۇشمىغايلا.

@radio پايدىلىق دەپ قارالغان پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە قانالنىڭ ئەل- خەلققە ھەقىقىي نەپ بېرىدىغان رەڭدار سەھىپىلەردىن كۆپلەپ يارىتىشنى ئۈمۈد قىلىمىز...  

پىكىر-تەكلىپ يىغىشنى مەقسەت قىلىپتىكەن پىكىر-تەكلىپ بەردۇق. ياققىنى ياقتى، ياقمىغنى بولمايدىكەن دېدۇق.  بىرنى بىر دەيدىكەنمىز، ماختاش تاما قىلىپ تېما يوللانغان بولسا ئۆزلەنىڭ دىگىنىدەك بولسۇن.

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 11:13:35

@alip تەكلىپ ئالغۇسى بارلار ماختاشنى تاما قىلغان بولسا تەكلىپ- پىكىر يىغىمىز دەپ ئاتايىن بۇ يەردە تېما ئېچىپ ئولتۇرماس ئىدى. بىزدە بار ئەقىل خەقتىمۇ بار ... مەن ئۈستىدىكى ئىنكاستا گەپ دائىرىسىنى ئەسكەرتتىم. ھەق سۆزلەشتە سىلكىشلەپ، نوقۇشلاپ، دۈشكەللەپ، تىللىمىساقمۇ گەپ قىلالايدىغاندىمىز؟ پىكىر- تەكلىپ ئۆز جايىدا بولسۇن. ھەممنىڭ مەقسىتى بولسىمۇ پەقەت بىرلا، سىز ۋە باشقا ئوقۇمۇشلۇقلار بۇنى چۈشەنمىگۈدەك يەردە ئەمەسقۇ؟

seyshenba يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 12:01:48

FM

قىسقا دولقۇن ئاڭلىتىشىدا سىللەرنىڭ شىنجاڭ سەنئەت رادىيو ئىستانىسىڭلارقەشقەرنىڭ بىر قىسىم  ناھيىلىرىدەچىقمايدۇ!

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-5-17 10:52:57

باشقىلارنى يەنى ئىگىسى يوقلارنى سىلكىسەك بولىدىغاندەك تۇيغۇ بەردى ماڭا.

تۇمارىس خاپا بولماي مېنىمۇ قانىتىڭىز ئاستىغا ئېلىپ قويسىڭىز، «بۇندىن كېيىن كىم تىللىسا سالقىنداشقا چىقىرىپ قويىمەن» دەپ، مېنى تىللاۋاتقىلى كۆپ يىل بولدى بۇ گۇيلار...



مەن ئىزدىنىش مۇنبىرى بىلەن باشتا تونۇشقان، كېيىن نۇرغۇن مۇنبەرگە ئەزا بولغان، پاراڭ سالغان بولساممۇ ئاخىرى يەنە ئىزدىنىش بىلەن قالدىم، سەۋەبى نېمە؟ بۇ يەرنىڭ پىكىر قىلىش ئەندىزىسى ماڭا ياقىدۇ...



دېموكراتىيە بىلەن دىكتاتۇرىنىڭ بىر ئانچە كۆزگە چېلىقمايدىغان پەرقى بار، دېموكراتىيىدە بىر ئىشنى قىلسا جازاسىنى بېرىدۇ، قىلمىسا ئوشۇق گەپ يوق، «نوچى بولساڭ پالان ئىشنى قىلىپ باققىنا» دەپ بۆبۆ قىلىدىغىنى بولسا دىكتاتۇرا، بۇنى جەۋلان بەك ئوبدان چۈشىنەمتىكىن دەيمەن.



@tumaris
بەت: [1]
: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى